مۇسۇلمانلار
ئۆمرە 1

ئۆمرە

1.     ھۆكمى

يۇقىرىدا زىكىر قىلىنغاندەك، ھەرەمدە قىلىنىدىغان ئىبادەتلەرنىڭ بىرى ئۆمرىدۇر، ئۆمرە نەپلە ئىبادەت بولۇپ، ئۇنىڭ مۇئەييەن ۋاقتى يوقتۇر.

ئاللاھ تائالانىڭ «كىم ھەج قىلسا ياكى ئۆمرە قىلسا»[1] دېگەن مەنىدىكى سۆزى ئۆمرىنىڭ يولغا قويۇلغانلىقىغا دالالەت قىلسا، «ھەجنى ۋە ئۆمرىنى ئاللاھ ئۈچۈن تاماملاڭلار»[2] دېگەن مەنىدىكى سۆزى باشلاپ بولغان ئۆمرىنى تاماملاشنىڭ لازىملىقىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ، «كىمكى ھەجگىچىلىك ئۆمرە بىلەن پايدىلانسا»[3] دېگەن مەنىدىكى سۆزى بولسا، ھەجنىڭ سەپىرىدە ئايرىم بىر ئۆمرە قىلىۋېلىشنىڭ ئەۋزەل ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەيدۇ.

2.     ئالاھىدىلىكى

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «بىر ئۆمرە ئىككىنچى ئۆمرىگە قەدەر سادىر بولغان گۇناھلارغا كەففارەت بولىدۇ، توغرا رەۋىشتە قىلىنغان ھەجنىڭ مۇكاپاتى پەقەتلا جەننەتتۇر»[4].

رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «رامىزاندا قىلىنغان بىر ئۆمرە بىر ھەجگە تەڭ كېلىدۇ»[5].

3.     ئەركانلىرى

ئۆمرىنىڭ تۆت ئەركانى بار:

  • ئېھرام باغلاش
  • تاۋاپ قىلىش
  • سەئىي قىلىش
  • چاچنى چۈشۈرتۈش ياكى كەستۈرۈش.

ئۆمرە قىلماقچى بولغان كىشى يىلنىڭ ھەرقانداق بىر كۈنىدە ئۆمرىگە نىيەت قىلىپ مىقاتقا كېلىدۇ، شۇنداقلا ئېھرام باغلايدۇ ۋە لەببەيكە ئوقۇپ ھەرەم مەسچىتىگە كىرىدۇ، كەبىنى تاۋاپ قىلىدۇ، ئاندىن سەفا – مەرۋەنىڭ ئارىسىدا سەئىي قىلىدۇ، ئاندىن چېچىنى چۈشۈرتۈپ ياكى كەستۈرۈپ ئېھرامدىن چىقىدۇ. مانا بۇ ئۆمرىدۇر.

ئۆمرىگە ئېھرام باغلاش ھەجگە ئېھرام باغلاش بىلەن ئوخشاشتۇر. ئۆمرىنىڭ تاۋاپ ۋە سەئيىسى ھەجنىڭ تاۋاپ ۋە سەئيىسى بىلەن ئوخشاشتۇر. ھەجگە ئېھرام باغلىغان كىشى ئۈچۈن چەكلەنگەن ئىشلارنىڭ ھەممىسى ئۆمرىگە ئېھرام باغلىغان كىشى ئۈچۈنمۇ چەكلىنىدۇ.

مەنبە: ئەنەس ئالىم، لازىملىق دىنى ئىلىملەر، 1 – جىلد، 172 – 173- بەتلەر.

[1] قاراڭ: 2 – سۈرە بەقەرە، 158 – ئايەت.

[2] قاراڭ: 2 – سۈرە بەقەرە، 196 – ئايەت.

[3] قاراڭ: 2 – سۈرە بەقەرە، 196 – ئايەت.

[4] بۇخارى، «ئۇمرە»، 1؛ مۇسلىم، «ھەج»، 437؛ تىرمىزى، «ھەج»، 90؛ نەسەئى، «مەناسىك»، 3، 5؛ ئىبنى ماجە، «مەناسىك»، 3؛ مۇۋەتتا، «ھەج»، 65.

[5] بۇخارى، «ئۇمرە»، 4، «جەزائۇسسەيد»، 26؛ مۇسلىم، «ھەج»، 222؛ نەسەئى، «سىيام»، 6.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر