مۇسۇلمانلار
زاكات بېرىلىدىغان كىشى ۋە ئورۇنلار 1

زاكات بېرىلىدىغان كىشى ۋە ئورۇنلار

زاكات بېرىلىدىغان كىشى ۋە ئورۇنلار

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

﴿إِنَّمَا ٱلصَّدَقَٰتُ لِلۡفُقَرَآءِ وَٱلۡمَسَٰكِينِ وَٱلۡعَٰمِلِينَ عَلَيۡهَا وَٱلۡمُؤَلَّفَةِ قُلُوبُهُمۡ وَفِي ٱلرِّقَابِ وَٱلۡغَٰرِمِينَ وَفِي سَبِيلِ ٱللَّهِ وَٱبۡنِ ٱلسَّبِيلِۖ فَرِيضَةٗ مِّنَ ٱللَّهِۗ وَٱللَّهُ عَلِيمٌ حَكِيمٞ  ٦٠﴾

«سەدىقىلەر[1] پەقەت پېقىرلەرگە، يوقسۇللارغا، سەدىقە خادىملىرىغا ۋە قەلبلىرى ئىسلامغا مايىل قىلىنىدىغانلارغا بېرىلىدۇ. شۇنىڭدەك، قۇللارنى ئازاد قىلىش ۋە قەرزدارلارنى قەرزدىن قۇتقۇزۇش ئۈچۈن، ئاللاھنىڭ يولى ۋە يولۇچىلار ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ. بۇ ئاللاھ تەرىپىدىن پەرز قىلىندى. ئاللاھ بىلگۈچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر»[2].

بۇ ئايەتتە زاكات بېرىشكە بولىدىغان كىشى ۋە ئورۇنلار تەپسىلىي زىكىر قىلىنغان بولۇپ، ئۇلار تۆۋەندىكىچە:

1.     پېقىر

مېلى ئۆزىنىڭ ئېھتىياجىنى ۋە بېقىشى كېرەك بولغان كىشىلەرنىڭ ئېھتىياجىنى قامداشقا يەتمەيدىغان كىشى پېقىر ھېسابلىنىدۇ. زاكات بېرىش ئۆلچىمىگە يەتكۈدەك مېلى بولسىمۇ بۇنداق كىشى يەنىلا پېقىر ھېسابلىنىدۇ.

2.     مىسكىن

مىسكىن ئۆزىنىڭ ئېھتىياجىنى قامدىغۇدەك مال تاپالمايدىغان، سەدىقىمۇ بېرىلمەيدىغان ۋە ئىنسانلاردىن بىر نەرسىمۇ تىلىمەيدىغان كىشىدۇر.

3.     زاكات خادىملىرى

باي بولسۇن، نامرات بولسۇن دۆلەت تەرىپىدىن زاكات يىغىشقا مەسئۇل قىلىنغان خادىملارغا زاكات بېرىلىدۇ، شۇنداقلا ئۇلارغا زاكاتتىن ئىش ھەققى بېرىلىدۇ.

4.     ئىسلامغا مايىل قىلىش مەقسەت قىلىنغان كىشىلەر

دىللىرىنى ئىسلامغا مايىل قىلىش كۆزدە تۇتۇلغانلارغا زاكات بېرىلىدۇ. يەنى ئۆزىنىڭ ئېتىقادى ئاجىز، لېكىن قەۋمىنىڭ ئىچىدە سۆزى ئۆتىدىغان كىشىلەرگە، ئۆزىنىڭ ياكى قەۋمىنىڭ ئىمان ئېيتىشى كۆزدە تۇتۇلغان كاپىرلارغا دۆلەت زاكاتتىن بىر فوند ئايرىپ ئۇلارغا تارقاتسا بولىدۇ.

5.     قۇل ئازاد قىلىش

 قۇللارنى قۇللۇقتىن، ئەسىرلەرنى ئەسىرلىكتىن قۇتقۇزۇش ئۈچۈن زاكاتتىن بىر فوند ئايرىلىدۇ ۋە بۇ يولدا سەرپ قىلىنىدۇ.

6.     قەرزدارلار

شەرىئەتتە گۇناھ ھېسابلانمايدىغان بىر ئىش ئارقىلىق قەرزدار بولۇپ قالغان مۇسۇلمانلارنى قەرزدىن قۇتقۇزۇش ئۈچۈن زاكاتتىن بىر فوند ئايرىلىدۇ ۋە ئۇنىڭغا سەرپ قىلىنىدۇ.

7.     ئاللاھنىڭ يولى

زاكاتتىن بىر فوند ئايرىلىپ ئاللاھنىڭ رازىلىقىغا يەتكۈزىدىغان ھەرقانداق يولغا سەرپ قىلىنىدۇ.

8.     يولۇچى

ئۆز ۋەتىنىدە باي بولسىمۇ، بارغان يېرىدە ياكى يول ئۈستىدە موھتاج بولۇپ قالغانلار ئۈچۈن سەرپ قىلىنىدۇ. شۇنىڭدەك، بۇ فوند يولۇچىلارنىڭ قىيىنچىلىقلىرىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن سەرپ قىلىنىدۇ.

[1] «سەدىقىلەر» دېگەن كەلىمە بۇ يەردە پەرز بولغان سەدىقىلەرنى (يەنى زاكاتلارنى) ئىپادىلەيدۇ. چۈنكى ئايەتنىڭ داۋامىدا بۇ سەدىقىلەر بېرىلىدىغان كىشى ۋە ئورۇنلار ئېنىق بەلگىلەنگەن.

[2] 9 – سۈرە تەۋبە، 60 – ئايەت.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر