مۇسۇلمانلار
كىيىنىشنىڭ شەرتلىرى 1

كىيىنىشنىڭ شەرتلىرى

     كىيىنىشنىڭ شەرتلىرى

  • كۇفرىنىڭ سىمۋولى بولغان كىيىملەرنى كىيىشكە بولمايدۇ. چۈنكى ئاللاھ تائالا بىرقانچە ئايەتتە كافىرلارغا ئوخشىۋېلىشتىن توسىدۇ[1]. بۇ ئوخشىۋېلىش ئومۇمىي بولۇپ ئۇلارغا خاس بولغان كىيىمنى كىيىش بىلەن ئۇلارغا ئوخشىۋېلىشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كىمكى باشقا بىر قەۋمگە (مىللەتكە) ئوخشىۋالىدىكەن، ئۇ شۇ قەۋمنىڭ قاتارىدىن بولۇپ كېتىدۇ»[2].
  • ئاياللار ئەرەنچە، ئەرلەر ئايالچە كىيىنسە بولمايدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

﴿وَلَا تَتَمَنَّوۡاْ مَا فَضَّلَ ٱللَّهُ بِهِۦ بَعۡضَكُمۡ عَلَىٰ بَعۡضٖۚ لِّلرِّجَالِ نَصِيبٞ مِّمَّا ٱكۡتَسَبُواْۖ وَلِلنِّسَآءِ نَصِيبٞ مِّمَّا ٱكۡتَسَبۡنَۚ وَسۡأَلُواْ ٱللَّهَ مِن فَضۡلِهِۦٓۚ إِنَّ ٱللَّهَ كَانَ بِكُلِّ شَيۡءٍ عَلِيمٗا  ٣٢﴾

«ئاللاھ بەزىڭلارنى بەزىڭلاردىن پەرقلەندۈرۈشكە ۋاسىتە قىلغان نەرسىنى ئارزۇ قىلماڭلار. ئەرلەرگە ئۆز قىلمىشلىرىدىن نېسىۋە بار، ئاياللارغىمۇ ئۆز قىلمىشلىرىدىن نېسىۋە بار. ئاللاھتىن ئۆز پەزلىدىن ئاتا قىلىشىنى تىلەڭلار. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ھەر نەرسىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر»[3].

بۇ ئايەتنىڭ مەنىسى:

ئاللاھ تائالا بەزىڭلارغا ئىلىم – بىلىم، ئىززەت – ئېتىبار، مال – مۈلۈك ۋە بالا – چاقا قاتارلىق نېمەتلەرنى بەرگەن بولسا، بۇ نېمەتلەر بېرىلمىگەن كىشىلەر، بېرىلگەن كىشىلەرگە ھەسەت قىلمىسۇن، ئۇلارنىڭ ئىلكىدىكى مەزكۇر ئىلاھىي نېمەتلەرگە كۆز تىكمىسۇن، ئۇلارنىڭ يوق بولۇشىنى ئارزۇ قىلمىسۇن. ئاللاھ سىلەرنىڭ بەزىڭلارنى ئەر، بەزىڭلارنى ئايال قىلىپ ياراتقان ۋە ھەر بىرىڭلارغا ئايرىم – ئايرىم ئالاھىدىلىكلەر ئاتا قىلغان. ئەر ئايالنىڭ، ئايال ئەرنىڭ ئالاھىدىلىكىنى ئارزۇ قىلمىسۇن[4]، ھەر جىنس ئۆز ئالاھىدىلىكىگە قانائەت قىلسۇن، باشقىسىنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ھەۋەسلەنمىسۇن.

ئەر ئايالغا، ئايال ئەرگە سۆز – ھەرىكەت، يۈرۈش  – تۇرۇش ۋە كىيىم – كېچەكتە ئوخشىۋالسا ئۇنىڭدىكى ئالاھىدىلىكنى ئارزۇ قىلغان بولىدۇ.

«رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام ئەرلەرگە ئوخشىۋالغۇچى ئاياللارغا، ئاياللارغا ئوخشىۋالغۇچى ئەرلەرگە لەنەت ئېيتقان»[5].

  • ھەددىن زىيادە قىممەت باھالىق كىيىملەرنى كىيىشكە بولمايدۇ. بۇ بىر تەرەپتىن ئىسراپ[6]، يەنە بىر تەرەپتىن تەكەببۇرلۇق بولىدۇ[7].
  • ناتوغرا خەت يېزىلغان ياكى ھارام رەسىم چۈشۈرۈلگەن كىيىملەرنى كىيىشكە بولمايدۇ. مەسىلەن: ئەر – ئاياللارنىڭ يېرىم يالىڭاچ رەسىملىرى چۈشۈرۈلگەن ياكى باتىل دىنلارنىڭ سىمۋوللىرىنىڭ ۋە ياكى ھايۋانلارنىڭ رەسىملىرى چۈشۈرۈلگەن، يامانلىققا دەۋەت قىلىدىغان خەتلەر يېزىلغان كىيىملەرنى كىيمەسلىك كېرەك[8].
  • تار ئىشتان، ھەددىدىن زىيادە ئېگىز پاشنىلىق ئاياغدەك بەدەنگە ئەزىيەت بېرىدىغان كىيىملەرنى كىيىشتىن ساقلىنىش لازىم. چۈنكى بەدەن ئاللاھنىڭ ئامانىتى، ئۇنىڭغا ئەزىيەت يەتكۈزۈشكە بولمايدۇ. رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «زىيان سېلىشقا ۋە زىيان تارتىشقا بولمايدۇ»[9].
  • ئەرلەر يىپەك كىيىم كىيمەسلىكى لازىم[10].

دىنىمىز ئەنە شۇ شەرتلەرگە رىئايە قىلغان ھالدا كىيىنىشكە بۇيرۇيدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بۈگۈن دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن ھەرەمگە كەلگەن ۋە رەڭگارەڭ مىللەتلەردىن تەركىب تاپقان مۇسۇلمانلار مەككە – مەدىنىدە ئېھرامنىڭ سىرتىدا ھەر خىل قىياپەتلەر بىلەن يۈرۈيدۇ. لېكىن ھېچبىرىنىڭ ئەۋرەت يەرلىرى ئېچىلىپ قالغىنى يوق. دېمەككى، دىنىمىز يۆگىلىشى كېرەك بولغان يەرلەرنى كۆرسىتىپ بەرگەن، كىيىنىشتە بەزى شەرتلەرنى قويغان، لېكىن كىيىمنىڭ نۇسخا ۋە پاسونلىرىنى ئىنسانلارنىڭ ئۆرپ – ئادىتى ۋە زوقىغا قويغان.

مەنبە: ئەنەس ئالىم، لازىملىق دىنى ئىلىملەر، 1 – جىلد، 226 – 229- بەتلەر.

[1] قاراڭ: 3 – سۈرە ئال ئىمران، 105 – ئايەت؛ 4 – سۈرە نىسا، 104 – ئايەت؛ 8 – سۈرە ئەنفال، 21 – ۋە 48 – ئايەتلەر؛ 16 – سۈرە نەھل، 92 – ئايەت؛ 30 – سۈرە رۇم، 31 – ئايەت.

[2]  ئەبۇ داۋۇد،  «لىباس»، 5.

[3] 4 – سۈرە نىسا، 32 – ئايەت.

[4] 4 – سۈرە نىسا، 34 – ئايەتنىڭ بىرىنچى ئىزاھاتىغا قاراڭ.

[5] بۇخارى، «لىباس»، 61؛ تىرمىزى، «ئەدەب»، 34؛ ئىبنى ماجە، «نىكاھ»، 22.

[6] قاراڭ: 25 – سۈرە فۇرقان، 62 – ئايەت.

[7] رىۋايەت قىلىنىشىچە، رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام: «قىيامەت كۈنى ئاللاھ تائالا گەپ قىلمايدىغان، قارىمايدىغان، پاكلىمايدىغان ۋە ئەلەملىك ئازابقا دۇچار قىلىدىغان ئۈچ كىشى بار» دېگەن ۋە ئۇلارنىڭ بىرىنى: «كىيىمىنى تەكەببۇرلۇق قىلىش ئۈچۈن يەرگە قەدەر ئۇزارتقان كىشى» دەپ تونۇشتۇرغان (مۇسلىم، «ئىمان»، 171؛ ئەبۇ داۋۇد،  «لىباس»، 28؛ تىرمىزى، «سىھىر»، 5؛ نەسەئى، «سىھىر»، 5).

[8] چۈنكى بۇ يامانلىقنىڭ يېيىلىشىغا ياردەملەشكەنلىك بولىدۇ.

[9]  ئىبنى ماجە، «ئەھكام»، 17؛ ئەھمەد، مۇسنەد، 5: 55 – 56؛ مۇۋەتتا، «ئەقدىيە»، 31.

[10] قۇرئان كەرىمدە 43 ـ سۈرە زۇخرۇفنىڭ 18ـ  ئايىتىدە قىزلارنىڭ ئادەتتە زىبۇزىننەت ئىچىدە چوڭ بولىدىغانلىقى بايان قىلىنىدۇ. رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام زىبۇزىننەت بۇيۇملىرىنىڭ ئەڭ ئاساسلىقىنى تەشكىل قىلىدىغان ئالتۇن بىلەن يىپەكنىڭ ئەرلەرگە ھارام قىلىنغانلىقىنى بايان قىلىدۇ. مۇناسىۋەتلىك ھەدىسلەر: بۇخارى، «لىباس»، 25؛ مۇسلىم، «لىباس ۋە زىننەت»، 4؛ ئەبۇ داۋۇد، «ئەشرىبەت»، 18؛ تىرمىزى،  «ئەبۋابۇل لىباس»، 1؛ نەسەئى، «زىينەت»، 40؛ ئەھمەد، مۇسنەد، 1: 253.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر