مۇسۇلمانلار
قۇرئان ۋە سۈننەتتە ياغلىق مەسىلىسى 1

قۇرئان ۋە سۈننەتتە ياغلىق مەسىلىسى

 ياغلىق

بىزنى بىر ئەر ۋە بىر ئايالدىن ياراتقان[1] ئاللاھقا ھەمدۇسانالار بولسۇن. ياخشى ئاقىۋەت ئاللاھ تائالانىڭ غەزەپ ۋە ئازابىدىن ساقلىنىش يولىدا ماڭغان ئەر – ئايال (تەقۋادار)لارغا بولسۇن[2]. ئاللاھ تەرىپىدىن ئەر – ئايال پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە ئەلچى قىلىپ ئەۋەتىلگەن[3] ئاخىرقى پەيغەمبەر مۇھەممەد[4]نىڭ شەنى ئۇلۇغ، دەرىجىسى ئۈستۈن بولسۇن[5]. ئاللاھ ئۇ پەيغەمبەرنىڭ ئائىلە – تەۋەلىرىگە رەھمەت ۋە بەرىكەت ياغدۇرسۇن[6]، ئەر – ئايال ئەسھابىلىرىدىن ۋە قىيامەتكىچە ئۇنىڭغا ئەگەشكەن ئەر – ئاياللاردىن رازى بولسۇن[7].

جانلىقلار ئالىمىنىڭ ئىنسان تۈرى ئەر ۋە ئايال دەپ ئىككى جىنسقا ئايرىلىدۇ[8]. ئىسلام دىنىنىڭ دۇنيادا ئاللاھقا بەندە، رەسۇلۇللاھقا ئۇممەت بولۇپ ياشاش تەكلىپى ھەر ئىككى جىنسقا ئوخشاش قارىتىلىدۇ[9]. بۇ تەكلىپنى قوبۇل قىلغان[10] ۋە ئۇنىڭ تەلىپى بويىچە ياشىغان كىشى ئەر بولسۇن، ئايال بولسۇن ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا مۇكاپاتقا ئېرىشىدۇ[11].

ئاللاھقا بەندە بولۇش ئاللاھ قاچان، قەيەردە، قانداق ئىش قىلىشقا بۇيرۇغان بولسا، ئۇنى ئەستايىدىللىق بىلەن قىلىش[12]، رەسۇلۇللاھقا ئۇممەت بولۇش بولسا، ياشاش شەكلىدە رەسۇلۇللاھنى ئۈلگە قىلىش دېمەكتۇر[13].

ئاللاھ تائالا نۇرغۇنلىغان ساھەدە ھەر ئىككى جىنسقا ئوخشاش ئەمرلەر چۈشۈرگەن ۋە ئوخشاش چەكلىمىلەر قويغان[14] بولسىمۇ بەزى ساھەلەردە ئۇلارنىڭ تەبىئىتىگە ماس ھالدا ھەر بىرىگە خۇسۇسىي ۋەزىپىلەر يۈكلىگەن. مەسىلەن: بالىلارنى ئېمىتىش ۋەزىپىسى ئاياللارغا، بالىلارنىڭ ۋە ئانىلارنىڭ ماددىي ئېھتىياجىنى قامداش ۋەزىپىسى ئەرلەرگە يۈكلەنگەن[15]. ئائىلىنى بېقىش مەجبۇرىيىتى ئەرلەرگە، ئائىلىنىڭ ئامانەتدارلىق مەسئۇلىيىتى ئاياللارغا تاپشۇرۇلغان[16].

جۈملىدىن ھەر ئىككى جىنس نامەھرەمگە تىكىلىپ قاراشتىن ئوخشاشلا مەنئى قىلىنغان، ئىپپەتلىرىنى ساقلاشقا ئوخشاشلا بۇيرۇلغان. لېكىن بۇ ساھەدە ئاياللار ئەرلەردىن ئايرىم ھالدا زىننەتلىرىنى ئاشكارىلاشتىن مەنئى قىلىنغان. باش، بويۇن ۋە گاللىرىنى يۆگەشكە بۇيرۇلغان[17].

ئاياللار ئەرلەر بىلەن ئورتاق بولغان ئىلاھى ئەمر – پەرمانلارغا تولۇق بويسۇنغاندىن سىرت، ئۆزلىرىگە چۈشۈرۈلگەن مەزكۇر خۇسۇسىي ئەمر – پەرمانلارغىمۇ بويسۇنغاندا ئاللاھقا بەندە بولغان بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئومۇمىي ۋە خۇسۇسىي ۋەزىپىلىرىنى تونۇشى ۋە ئادا قىلىشى كېرەك، بولمىسا ئۇلار تولۇق مۇسۇلمان بولغان بولمايدۇ[18].

ئاللاھنىڭ ئەمر – پەرمانلىرىنى ئۆگىنىش ۋە ئۆگىتىش ئەر بولسۇن، ئايال بولسۇن ھەر مۇسۇلماننىڭ ۋەزىپىسىدۇر، چۈنكى مۇسۇلمانلار بىر – بىرىگە مەسئۇل، ھەممىسى بىرلىكتە ئىسلامغا مەسئۇل[19]. ئىسلامنىڭ گۈللىنىشى ۋە يۈكسىلىشى، مۇسۇلمانلارنىڭ توغرا ئەقىدە، سالىھ ئەمەل، گۈزەل ئەخلاق ۋە دۇرۇس مۇئامىلە ئۈستىدە بولۇپ ئاللاھنىڭ رەھمىتىگە لايىق بولۇشى[20] ئەنە شۇ تەلىم – تەربىيەگە باغلىقتۇر[21]

1.     ئايال كىشىنىڭ پۈتۈن بەدىنى ئەۋرەتتۇر

مۇئمىن ئاياللارنىڭ نامەھرەم كۆرۈپ قېلىش ئېھتىمالى بولغان جايلاردا ئۈستلىرىگە كەڭ ۋە قېلىن كىيىملەرنى كىيىش بىلەن پۈتۈن بەدەنلىرىنى باشتىن – ئاخىر يۆگىشى، ئەگەر ئۇ كىيىملەر بويۇنلىرىدىن تارتىپ يۆگەيدىغان پاسوندا بولسا، باشلىرىغا چوڭ ياغلىقلارنى ئارتىش بىلەن باش، بويۇن ۋە كۆكسىلىرىنى يۆگەشلىرى پەرزدۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

﴿يَٰٓأَيُّهَا ٱلنَّبِيُّ قُل لِّأَزۡوَٰجِكَ وَبَنَاتِكَ وَنِسَآءِ ٱلۡمُؤۡمِنِينَ يُدۡنِينَ عَلَيۡهِنَّ مِن جَلَٰبِيبِهِنَّۚ ذَٰلِكَ أَدۡنَىٰٓ أَن يُعۡرَفۡنَ فَلَا يُؤۡذَيۡنَۗ وَكَانَ ٱللَّهُ غَفُورٗا رَّحِيمٗا  ٥٩﴾

«ئى نەبىي! ئاياللىرىڭغا، قىزلىرىڭغا ۋە مۇئمىنلارنىڭ ئاياللىرىغا ئېيتقىن: سىرتقا چىققاندا ئۈستىلىرىگە چوڭ كىيىملىرىنى كىيىۋالسۇن. بۇ ئۇلارنىڭ تونۇلۇپ رەنجىتىلمەسلىكىگە ئەڭ يېقىندۇر. ئاللاھ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، كۆپ ئىنئام قىلغۇچىدۇر»[22].‏

بۇ ئايەتتىكى يۇدنىينە ئەلەيھىننە ﴿يُدْنِينَ عَلَيْهِنَّ﴾ ئۆزىدىن ئىلگىرى كەلگەن ۋە بۇيرۇق پېئىلى بولغان قۇل ﴿قُلْ﴾نىڭ جاۋابىدۇر. بۇ پېئىلنىڭ بېشىغا بۇيرۇق لامى تەقدىر قىلىنىپ ئۆز ئالدىغا لاملىق بۇيرۇق پېئىلى بولۇشىنى ئوتتۇرىغا قويغانلارمۇ بار[23].

بۇ پېئىل مەيلى ئۆزىنىڭ بېشىدىكى قۇل ﴿قُلْنىڭ جاۋابى بولسۇن، مەيلى ئۆز ئالدىغا بۇيرۇق پېئىلى بولسۇن مەنىسى ئۆزگەرمەيدۇ، يەنى بۇ پېئىل كەسكىن بۇيرۇقنى ئىپادىلەيدۇ. بۇ پېئىل «يېقىنلاشتۇرماق» دېگەن مەنىدىكى ئىدنا «إدناء» سۆز تومۇرىدىن تۈرلەنگەن بولۇپ، «پەردىنى چۈشۈرۈۋەتمەك، پەردىنى ساڭگىلاتماق، پەردىنى قويۇۋەتمەك» دېگەن مەنىلەرنى ئىپادىلەيدىغان سەدل (سدل) ياكى ئىرخائـ (إرخاء) مەنىسىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغانلىقى ئۈچۈن مەپئۇلى (ھەرىكەت ئوبيېكتى – تولدۇرغۇچىسى)نىڭ بېشىغا ئەلا ﴿على ھەرپى كەلگەن[24].  

مىن جەلابىبىھىننە ﴿مِن جَلَابِيبِهِنَّ﴾ دىكى مىن ﴿مِن تەبئىز ﴿تبعيض ئۈچۈن، يەنى ئۆزىنىڭ كەينىدىن كەلگەن نەرسىنىڭ بەزىسىنىڭ مەقسەت قىلىنغانلىقىنى ئىپادىلەش ئۈچۈندۇر[25]. جەلابىيب ﴿جَلَابِيب بولسا، جىلباب «جِلْبَاب»نىڭ كۆپلۈكى بولۇپ، جىلباب لۇغەتتە بەدەننىڭ ھەممىنى يۆگەيدىغان كىيىم، كۆڭلەك، پۈركەنجە، يېپىنچا، باش بىلەن كۆكسىنى يۆگەيدىغان كىيىم، ياغلىق،  دېگەن مەنىلەرنى ئىپادىلەيدۇ[26]. ھىننە ﴿هِنَّ ئۈچىنچى شەخس مۇئەننەس كۆپلۈك ئالماش بولۇپ جەلابىبنىڭ ئېنىقلىغۇچىسىدۇر.

ئەللامە زەمەخشەرى ئۆزىنىڭ «كەششاف» ناملىق تەپسىرىدە جىلبابنى، خىمار (ياغلىق) دىن كەڭ، رىدادىن كىچىك بىر تۈرلۈك كىيىم بولۇپ ئايال كىشى ئۇنىڭ بىلەن بېشىنى يۆگەيدۇ، قالغان قىسمىنى كۆكرەكلىرىنىڭ ئۈستىگە قويۇپ بېرىدۇ دەپ چۈشەندۈرىدۇ[27].

بۇنىڭغا ئاساسەن ئايەتنىڭ ﴿يُدْنِينَ عَلَيْهِنَّ مِنْ جَلَابِيبِهِنَّ دېگەن قىسمىنىڭ مەنىسى مۇنداق بولىدۇ:

«مۇئمىن ئاياللار پۈركەنچىلىرى بىلەن بەدەنلىرىنى ئورىۋالسۇن»، «مۇئمىن ئاياللار ئۈستىلىرىگە چوڭ كىيىملىرىنى كىيىۋالسۇن ۋە تۈگمىلىرىنى ئېتىپ ئۇلارنى ئۆزلىرىگە يېقىنلاشتۇرسۇن، باشلىرىغا چوڭ ياغلىقلىرىنى ئارتىپ ئەتراپىنى تۆۋەن تەرىپىگە قويۇۋېتىش ئارقىلىق پۈتۈن بەدەنلىرىنى يۆگىسۇن».

بۇ ئايەتنىڭ مەزمۇنى ئايال كىشىنىڭ بەدىنىنى يۆگەشنىڭ پەرز ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. لېكىن يۆگەيدىغان كىيىمنىڭ پاسونى توغرۇلۇق بىرەر بەلگىلىمە قويمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ ئايەتكە ئاساسەن يۆگەش بەدەننى باشتىن – ئاخىر يۆگەيدىغان شەكىلدىكى بىر كىيىمنى كىيىش ئارقىلىقمۇ ئەمەلگە ئاشىدۇ، بويۇننىڭ ئاستى قىسمىنى يۆگەيدىغان شەكىلدىكى بىر كىيىمنى كىيىش بىلەن بىرگە باشقا ئايرىم بىر ياغلىق ئارتىش بىلەنمۇ ئەمەلگە ئاشىدۇ.

2.     ئايال كىشىنىڭ يۈزى ئەۋرەت ئەمەستۇر

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

﴿… وَلَا يُبۡدِينَ زِينَتَهُنَّ إِلَّا مَا ظَهَرَ مِنۡهَاۖ وَلۡيَضۡرِبۡنَ بِخُمُرِهِنَّ عَلَىٰ جُيُوبِهِنَّۖ …  ٣١﴾

«مۇئمىن ئاياللار زىننەتلىرىنى ئاشكارىلىمىسۇن – ئۇ زىننەتلەرنىڭ ئوچۇق بولغان قىسمى مۇستەسنا -. ياغلىقلىرى بىلەن بويۇن ۋە كۆكسلىرىنى ياپسۇن»[28].

ئاللاھ تائالانىڭ بۇ سۆزى ئۈچ جۈملىدىن تەركىب تاپىدۇ:

  • چەكلەش پېئىلى.
  • ئىستىسنا جۈملىسى.
  • بۇيرۇق پېئىلى.

بىرىنچى جۈملە: ﴿وَلَا يُبْدِينَ زِينَتَهُنَّ

ۋەلا يۇبدىينە ﴿وَلَا يُبْدِينَ بۇ ئاشكارا قىلماق دېگەن مەنىدىكى ئۆتۈملۈك مەسدەر بولغان ئىبدا «إبداء»دىن تۈرلەنگەن بولۇشسىز پېئىلىدۇر، فائىلى (ئىگىسى) مۇئەننەس كۆپلۈك ئالماش بولغان «نۇن»دۇر. مەنىسى: «مۇئمىن ئاياللار ئاشكارا قىلمىسۇن» دېگەن بولىدۇ.

﴿زِينَتَهُنَّ زىينەت ئۈچىنچى شەخس مۇئەننەس كۆپلۈك ئالمىشى بىلەن بىرىككەن ئىزافەتلىك بىرىكمىدۇر. تەپسىرلەردە بۇ ئايەتتىكى «زىننەت» توغرىسىدا مۇنداق ئىككى تۈرلۈك كۆز قاراش بار: بىرى ئايال كىشىنىڭ پۈتۈن بەدىنى، يەنە بىرى ئايال كىشىنىڭ زىننەت بۇيۇملىرى[29]. «زىننەت»نىڭ مەنىسى نېمە بولسا بولسۇن ئاللاھ تائالا بۇ يەردە ئاياللارنى ئۇنى ئاشكارا قىلىشتىن توسىدۇ. ئايەتنىڭ بۇ قىسمىنىڭ مەنىسى 33 – سۈرە ئەھزابنىڭ 59 – ئايىتىنىڭ مەنىسى بىلەن ئوخشاشتۇر.

ئىككىنچى جۈملە: ﴿إِلَّا مَا ظَهَرَ مِنْهَا

بۇ ئىستىسنا جۈملىسى بولۇپ، باشتا مۇئمىن ئاياللار ئاشكارا قىلىشتىن چەكلەنگەن ئومۇمىي زىننەتنىڭ ئىچىدىن ئىستىسنا قىلىنغان قىسمىنى ئىپادىلەيدۇ. يەنى بۇ جۈملە مۇئمىن ئاياللارنىڭ ئۆز زىننەتلىرىدىن ئاشكارا بولغان قىسمىنى ئاشكارا قىلىشتىن چەكلەنمىگەنلىكىنى ئىپادىلەيدۇ.

ئۈچىنچى جۈملە: ﴿وَلْيَضْرِبْنَ بِخُمُرِهِنَّ عَلَى جُيُوبِهِنَّ

بۇ جۈملىنىڭ مەنىسىنى ئوبدان چۈشىنىش ئۈچۈن مۇھىم نۇقتىلىرى ئۈستىدە توختىلىمىز:

  • ﴿وَلْيَضْرِبْنَ

بۇ بىر نەرسىنى يەنە بىر نەرسىنىڭ ئۈستىگە شىددەت بىلەن چۈشۈرمەك، قاتتىق قويماق ۋە تېز تاشلىماق دېگەن مەنىنى ئىپادىلەيدىغان دەرب «ضَرْب» مەسدىرىدىن[30] تۈرلەنگەن لاملىق بۇيرۇق پېئىلىدۇر، فائىلى (ئىگىسى) مۇئەننەس كۆپلۈك ئالماش بولغان «نۇن»دۇر. مەنىسى: «مۇئمىن ئاياللار تاشلىسۇن، قويۇپ بەرسۇن» دېگەن بولىدۇ.

  • ﴿بخُمُرِهِنَّ

﴿ب﴾ ھەرپى توغرىسىدا ئىككى ئېھتىمال ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ: بىرى ئارتۇق بولۇشى، يەنە بىرى «بەزىسى» دېگەن مەنىنى ئىپادىلىشى[31]. بىزچە بۇ «ب» ھەرپى بەزىسى دېگەن مەنىنى ئىپادىلەيدۇ. چۈنكى ئاللاھنىڭ كالامىدا ئارتۇق نەرسە يوق!

خۇمۇر ﴿خُمُر خىمار «خِمَار»نىڭ كۆپلۈكىدۇر. خىمار يېپىش، يۆگەش، ئۈستىنى ئېتىش دېگەن مەنىلەرنى ئىپادىلەيدىغان خەمر «خَمْر» سۆز تومۇرىدىن تۈرلەنگەن ئىسىم بولۇپ مەنىسى ياغلىق، لېچەك، رومال دېگەن بولىدۇ. ئەرەبچىدە ئەقىلنى يۆگەيدىغان نەرسە (مەست قىلغۇچى نەرسە) خەمر، باشنى يۆگەيدىغان نەرسە (رەخت پارچىسى) خىمار دەپ ئاتىلىدۇ[32].

ھىننە ﴿هِنَّ ئۈچىنچى شەخس مۇئەننەس كۆپلۈك ئالمىشى بولۇپ، خۇمۇرنىڭ ئېنىقلىغۇچىسىدۇر (مۇدافۇ ئىلەيھىدۇر). بۇ تەركىبدە خۇمۇر شاخلانما ئىسىم بولمىغانلىقى ئۈچۈن ئېنىقلانغۇچى (مۇداف) بىلەن ئېنىقلىغۇچى (مۇدافۇ ئىلەيھ) ئارىسىدىكى مۇناسىۋەت مەنىۋىدۇر، يەنى بۇ يەردە ھىننە ئېنىقسىز ئىسىم بولغان خۇمۇر بىلەن بىرىكىپ ئۇنى ئېنىق ھالەتكە كەلتۈرگەن، چۈنكى ھىننە ئالماشتۇر، ئالماشلار ئېنىق ئىسىمدۇر، خۇمۇر ئېنىقسىز ئىسىمدۇر. نەتىجىدە «ياغلىقلار» «ياغلىقلىرى» بولىدۇ. بۇ سىنتاكسىس قائىدىلىرى يۇقىرىدا زىكىر قىلىنغان «جەلابىبىھىننە»دە ۋە بۇنىڭدىن كېيىن زىكىر قىلىنىدىغان «جۇيۇبىھىننە»دە ئەينەن كۈچكە ئىگىدۇر.

  • ﴿عَلَى جُيُوبهِنَّ﴾

ئەلا ﴿عَلَى ئۈستىگە، غا، كە، گە دېگەن مەنىلەرنى ئىپادىلەيدۇ. بۇ كەلىمە جۇيۇبىھىننە ﴿جُيُوبِهِنَّنىڭ بېشىدا كېلىپ بۇيرۇق پېئىلىنىڭ مەنىسىنى تەكىتلەيدۇ.

جۇيۇب ﴿جُيُوب جەيب «جيب»نىڭ كۆپلۈكى بولۇپ جەيب «جيب»، كىيىمنىڭ ئۈستى تەرىپىدىكى ئوچۇق يەرنى (يەنى كىيىمنى كىيگەندە باشنى چىقىرىدىغان ئوچۇق يەرنى) كۆرسىتىدۇ. بۇ يەردە جەيبدىن ئۇنىڭ ئورنى بولغان بويۇن، گەدەن، گال، كۆكرەكنىڭ ئۈستى تەرىپى قاتارلىق يەرلەر مەقسەت قىلىنىدۇ[33]. ئىستىلىستىكىدا بۇ ئۇسۇل «زىكىر مەھەل، ئىرادە ھال» دەپ ئاتىلىدۇ. ھىننە ﴿هِنَّ ئۈچىنچى شەخس مۇئەننەس كۆپلۈك ئالمىشى بولۇپ، جۇيۇبنىڭ ئېنىقلىغۇچىسىدۇر (مۇدافۇ ئىلەيھىدۇر).

پۈتۈن بۇلارغا ئاساسەن ئاللاھ تائالانىڭ يۇقىرىدىكى ﴿وَلْيَضْرِبْنَ بِخُمُرِهِنَّ عَلَى جُيُوبِهِنَّ دېگەن سۆزىنىڭ مەنىسى مۇنداق بولىدۇ: «مۇئمىن ئاياللار ياغلىقلار دەپ ئاتىلىدىغان رەخت پارچىلىرىنى باشلىرىغا ئارتىش ئارقىلىق ئۇلارنى ‹ياغلىقلىرى› ھالىتىگە كەلتۈرسۇن، ئاندىن ئۇ ياغلىقلىرىنىڭ بەزىسى بولغان ئەتراپىنى ياقىلىرىنىڭ ئۈستىگە يەنى بويۇن، گەدەن، گال ۋە كۆكرەك قاتارلىق جايلىرىنىڭ ئۈستىگە قويۇپ بەرسۇن» دېگەن بولىدۇ.

مۇناسىۋەتلىك بىر ھەدىس تۆۋەندىكىچە:

ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:

«شۈبھىسىزكى، قىز بالا بالاغەتكە يەتسە ئۇنىڭ يۈزى ۋە ئىككى قولىدىن باشقا يەرلىرىنىڭ كۆرۈنۈشى توغرا بولمايدۇ»[34].

مۇپەسسىرلەر بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: «جاھىلىيەت ئاياللىرى ياغلىقلىرىنى ئارقىسىدىن چېگەتتى، ئۇلارنىڭ ياقىلىرى ئالدىدا ئىدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ گاللىرى ۋە بۇلاپكىلىرى ئوچۇق قالاتتى، بۇ ئايەت بىلەن ئۇلار ياغلىقلىرىنى ياقىلىرىنىڭ ئۈستىگە تاشلاشقا بۇيرۇلدى. بۇ بۇيرۇق ئۇلارنىڭ بويۇنلىرىنى، گەدەنلىرىنى، چاچلىرىنى، قۇلاقلىرىدىكى زىننەتلىرىنى، گاللىرىنى ۋە گاللىرىنىڭ ئەتراپىنى يۆگىشى ئۈچۈن ئىدى»[35].

خۇلاسە

24 – سۈرە نۇرنىڭ 31 – ئايىتى 33 – سۈرە ئەھزابنىڭ 59 – ئايىتىنى تەپسىر قىلىدۇ. يەنى ئەھزاب سۈرىسىنىڭ 59 – ئايىتى ئاياللارنى يۈزلىرىنىمۇ يۆگەشكە بۇيرۇمايدۇ.

5 – سۈرە مائىدەنىڭ 6 – ئايىتىدە ﴿فاغْسِلُواْ وُجُوهَكُمْ يۈزۈڭلارنى يۇيۇڭلار﴾ دېيىلىدۇ، ئاندىن ﴿وَامْسَحُواْ بِرُؤُوسِكُمْ – بېشىڭلارغا مەسىھ قىلىڭلار﴾ دېيىلىدۇ. دېمەككى، يۈز باشنى، باش يۈزنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ. يەنى 24 – سۈرە نۇرنىڭ 31 – ئايىتىدە مۇئمىن ئاياللارنىڭ باشلىرىغا چوڭ بىر ياغلىق ئارتىش ئارقىلىق باش، بويۇن، گەدەن، گال ۋە كۆكس قاتارلىق يەرلىرىنى يۆگەشكە ئەمر قىلىنىشى ئۇلارنىڭ يۈزلىرىنىمۇ يۆگەشلىرىنىڭ لازىملىقىنى ئىپادىلىمەيدۇ.

[1] قاراڭ: 49 – سۈرە ھۇجۇرات، 13 – ئايەت.

[2] قاراڭ: 7 – سۈرە ئەئراف، 128 – ئايەت؛ 11 – سۈرە ھۇد، 49 – ئايەت؛ 20 – سۈرە تاھا، 132 – ئايەت؛ 28 – سۈرە قەسەس، 83 – ئايەت.

[3] قاراڭ: 7 – سۈرە ئەئراف، 158 – ئايەت؛ 34 – سۈرە سەبەئـ، 28 – ئايەت؛ 21 – سۈرە ئەنبىيا، 107 – ئايەت.

[4] قاراڭ: 33 – سۈرە ئەھزاب، 40 – ئايەت.

[5] قاراڭ: 33 – سۈرە ئەھزاب، 56 – ئايەت.

[6] قاراڭ: 33 – سۈرە ئەھزاب، 33 – ئايەت.

[7] قاراڭ: 9 – سۈرە تەۋبە، 100 – ئايەت.

[8] قاراڭ: 4 – سۈرە نىسا، 1 – ئايەت.

[9] قاراڭ: 2 – سۈرە بەقەرە، 21 – ئايەت؛ 3 – سۈرە ئال ئىمران، 32 – ۋە 132 – ئايەتلەر؛ 4 – سۈرە نىسا، 59 – ئايەت؛ 5 – سۈرە مائىدە، 92 – ئايەت؛ 8 – سۈرە ئەنفال، 20 – ۋە 46 – ئايەتلەر؛ 24 – سۈرە نۇر، 54 – ۋە 56 – ئايەتلەر؛ 47 – سۈرە مۇھەممەد، 33 – ئايەت؛ 58 – سۈرە مۇجادەلە، 13 – ئايەت؛ 64 – سۈرە تەغابۇن، 12 – ئايەت.       

[10] ئىمان ئېيتقان (4 – سۈرە نىسا، 136 – ئايەت)، پۈتكۈل ئىبادىتىم، ھاياتىم ۋە ماماتىم ئاللاھ ئۈچۈن، دېگەن ئېتىقاددا بولغان (6 – سۈرە ئەنئام، 162 – ئايەت).

[11] قاراڭ: 4 – سۈرە نىسا، 124 – ئايەت؛ 9 – سۈرە تەۋبە، 72 – ئايەت؛ 16 – سۈرە نەھل، 97 – ئايەت؛ 40 – سۈرە غافىر، 40 – ئايەت؛ 48 – سۈرە فەتىھ، 5 – ئايەت؛ 57 – سۈرە ھەدىد، 12 – ئايەت.

[12] قاراڭ: 6 – سۈرە ئەنئام، 151 ~ 153 – ئايەتلەر؛ 17 – سۈرە ئىسرا، 22 ~ 39 – ئايەتلەر؛ 22 – سۈرە ھەج، 77 – ئايەت؛ 25 – سۈرە فۇرقان، 63 ~ 77 – ئايەتلەر؛ 39 – سۈرە زۇمەر، 10 – ۋە 16 – ئايەتلەر.

[13] قاراڭ: 33 – سۈرە ئەھزاب، 21 – ئايەت، 58 – سۈرە مۇجادەلە، 5 – ۋە 20 – ئايەتلەر.

[14] ئىمان ئاساسلىرى، ئىسلام ئەركانلىرى، ئەخلاق پېرىنسىپلىرى ۋە مۇئامىلە ئەھكاملىرى ھەر ئىككىسىگە ئوخشاش يۈكلەنگەن. 9 – سۈرە تەۋبە، 71 – ئايەت؛ 33 – سۈرە ئەھزاب، 35 – ئايەت.

[15] قاراڭ: 2 – سۈرە بەقەرە، 233 – ئايەت.

[16] قاراڭ: 4 – سۈرە نىسا، 34 – ئايەت.

[17] قاراڭ: 24 – سۈرە نۇر، 30 ~ 31 – ئايەتلەر.

[18] قاراڭ: 2 – سۈرە بەقەرە، 208 – ئايەت.

[19] قاراڭ: 3 – سۈرە ئال ئىمران، 104 -، 110 – ۋە 114 – ئايەتلەر؛ 9 – سۈرە تەۋبە، 71 – ۋە 112 – ئايەتلەر؛ 22 – سۈرە ھەج، 41 – ئايەت؛ 103 – سۈرە ئەسىر، 1 ~ 3 – ئايەتلەر.

[20] قاراڭ: 7 – سۈرە ئەئراف، 56 – ئايەت.

[21] دىنىمىز ئىسلامدا ياخشىلىققا بۇيرۇش، يامانلىقتىن توسۇش، ھەقنى ۋە ھەق يولىدا سەۋرچان بولۇشنى تەۋسىيە قىلىشىش قاتارلىقلارنىڭ پەرز بولۇشىنىڭ ھېكمىتى مانا بۇدۇر.

[22] 33 – سۈرە ئەھزاب، 59 – ئايەت.

[23] قاراڭ: مۇھىيىددىن دەرۋىش، ئىئرابۇل قۇرئان ۋە بەيانۇھۇ، 4 – باسما (سۈرىيە: دارۇل ئىرشاد، ھ 1415 / م 1995)، 8: 45.

[24] قاراڭ: شەيخ ھۈسنەين مۇھەممەد مەخلۇف، سەفۋەتۇلبايان لىمەئانىلقۇرئان (قاھىرە: دارۇش شۇرۇق، 1404/1984)، 537.

[25] جارۇللاھ ئەبۇلقاسىم مەھمۇد ئىبنى ئۆمەر زەمەخشەرى، كەششاف، 3 – باسما (بېيرۇت: دارۇل كىتابىل ئەرەبى، ھ 1407 / م 1987)، 3: 559 – 560؛ ناسىرۇددىن ئەبۇ سەئىد ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر ئىبنى مۇھەممەد شىرازى بەيداۋى، ئەنۋارۇتتەنزىل ۋە ئەسرارۇتتەئۋىل، تەھقىقلىغۇچى: مۇھەممەد ئابدۇراھمان مارئاشلى (بېيرۇت: دارۇ ئىھيائىت تۇراسىل ئەرەبى، 1418/ 1997)،  4: 238.

[26] ئىسفاھانى، «دنا»، 1: 318 – 319؛ ئىبن مەنزۇر، «دنا»،  14: 271.

[27] زەمەخشەرى، كەششاف، 3: 559.

[28] 24 – سۈرە نۇر، 31 – ئايەت.

[29] فەخرۇددىن رازى، تەفسىرۇل كەبىير،  3: 229 .

[30] راغىب ئىسفەھانى، «ضرب»، 1: 505.

[31] قاراڭ: مۇھيىددىن دەرۋىش، ئىئرابۇل قۇرئان ۋە بەيانۇھۇ، 6: 595.

[32] قاراڭ: ئىبنى فارىس، «خمر»، 2: 215 – 217؛ راغىب ئىسفەھانى، «خمر»، 298 – 299؛ ئىبنى مەنزۇر، «خمر»، 4: 254.

[33] قاراڭ: مەخلۇف، سەفۋەتۇلبايان لىمەئانىلقۇرئان،  451.

[34] ئەبۇ داۋۇد، «لىباس»، 34.

[35] فەخرۇددىن رازىي، تەپسىرى كەبىر، 8: 364.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر