مۇسۇلمانلار
ئاياللارنىڭ زىبۇزىننەت تاقىشى 1

ئاياللارنىڭ زىبۇزىننەت تاقىشى

 زىبۇزىننەت تاقاش

دىنىمىز ئاياللارنىڭ زىبۇزىننەت تاقىشىغا يول قويىدۇ. قۇرئان كەرىمدە 43ـ سۈرە زۇخرۇفنىڭ 18ـ ئايىتىدە قىزلارنىڭ ئادەتتە زىبۇزىننەت ئىچىدە چوڭ بولىدىغانلىقى بايان قىلىنىدۇ.

 ھەدىس كىتابلىرىنىڭ مۇناسىۋەتلىك يەرلىرىدە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ توي قىلماقچى بولغان بىر ساھابىسىىغا «بىر تال ئۈزۈك بولسىمۇ ئايالىڭغا تويلۇق بەرگىن»[1] دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ. يەنە ھەدىس كىتابلىرىدا مەشھۇر ئىفكى (ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھاغا چاپلانغان بوھتان) ۋەقەسىگە ئانىمىز ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ بوينىدىكى قىلادەسى (بۇلاپكىسى)نىڭ چۈشۈپ قالغانلىقىنىڭ سەۋەبچى بولغانلىقى رىۋايەت قىلىنىدۇ[2].

شۇنىڭ ئۈچۈن قىز – ئاياللار ئۆز ئۆرپ ـ ئادەتلىرى بويىچە زىبۇزىننەت تاقىسا، 24 – سۈرە نۇرنىڭ 31 ـ ئايىتىنىڭ مەزمۇنى بويىچە يۈزى ۋە قولىدىن باشقا يەرلىرىنى قېلىن ۋە كەڭ كىيىملەرنى كىيىش، بېشىغا ياغلىق ئارتىش ئارقىلىق يۆگىسە، ئەۋرەت يەرلىرى بىلەن يۆگەلگەن زىبۇزىننەتلىرى يۆگەلگەن پېتى قالسا، ۋە «تاشقى زىننەتلىرى» كۆرۈنۈپ تۇرسا ئۇلارغا بىر گۇناھ بولمايدۇ.

 لېكىن بىر قىز (ئايال)نىڭ زىبۇزىننەتلىرى زاكات كېلىش ئۆلچىمىگە يەتسە يەنى بىر ئايالنىڭ ئالتۇندىن ياسالغان زىننەت بۇيۇملىرىنىڭ توپلام مىقدارى 85 گرام ئالتۇنغا تەڭ كەلسە ئۇ نەرسىلەرنىڭ زاكىتىنى ئايرىشى لازىم. بۇ كىتابنىڭ «زاكات» بۆلۈمىدە بۇ مەسىلە بايان قىلىندى.

بۇنىڭغا ئاساسەن ئاتا – ئانىلارنىڭ، قىز بالىلىرىنىڭ قۇلىقىنى تەشتۈرۈپ قويۇشى ياخشى ئىش (مۇستەھەپ) تۇر. ئۇلارغا كېچىكىدىن باشلاپ ئالتۇندىن، كۈمۈشتىن ۋە باشقا قىممەتلىك تاشلاردىن ياسالغان زىننەت بۇيۇملىرىدىن ئېلىپ بېرىشلىرى ياخشى ئىشتۇر.

[1] بۇخارى، «نىكاھ»، 6، 32، 35، 37، 40، 44، 50، 51، «ۋاكالەت»، 9، «فەزائىلىل قۇرئان»، 21، 22، «لىباس»، 49؛ مۇسلىم، «نىكاھ»، 76؛ مۇۋەتتا، «نىكاھ»، 8؛ ئەبۇ داۋۇد، «نىكاھ»، 31؛ تىرمىزى،  «نىكاھ»، 22؛ نەسەئى، «نىكاھ»، 62.

[2] قاراڭ: بۇخارى، «شەھادات»، 15، «مەغازى»، 36؛ مۇسلىم، «تەۋبە»، 56.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر