مۇسۇلمانلار
قوشنا ھەققى 1

قوشنا ھەققى

 قوشنا ھەققى

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

﴿وَٱعۡبُدُواْ ٱللَّهَ وَلَا تُشۡرِكُواْ بِهِۦ شَيۡئًاۖ وَبِٱلۡوَٰلِدَيۡنِ إِحۡسَٰنٗا وَبِذِي ٱلۡقُرۡبَىٰ وَٱلۡيَتَٰمَىٰ وَٱلۡمَسَٰكِينِ وَٱلۡجَارِ ذِي ٱلۡقُرۡبَىٰ وَٱلۡجَارِ ٱلۡجُنُبِ وَٱلصَّاحِبِ بِٱلۡجَنۢبِ وَٱبۡنِ ٱلسَّبِيلِ وَمَا مَلَكَتۡ أَيۡمَٰنُكُمۡۗ إِنَّ ٱللَّهَ لَا يُحِبُّ مَن كَانَ مُخۡتَالٗا فَخُورًا  ٣٦﴾

«ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار، ئاللاھقا ھېچ نەرسىنى شېرىك قىلماڭلار. ئاتا – ئاناڭلارغا ياخشىلىق قىلىڭلار. ئۇرۇق – تۇغقانلىرىڭلارغا، يېتىملەرگە، مىسكىنلەرگە، يېقىن قوشناڭلارغا، يىراق قوشناڭلارغا، يېنىڭلاردىكى ھەمراھىڭلارغا، يولۇچىلارغا ۋە قول ئاستىڭلاردىكىلەرگىمۇ ياخشىلىق قىلىڭلار. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ھاكاۋۇرنى ۋە مەنمەنچىنى ياخشى كۆرمەيدۇ»[1].

مۇناسىۋەتلىك ھەدىسلەر:

  • ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:

 «جىبرىئىل ماڭا قوشنىغا ياخشىلىق قىلىشنى تەۋسىيە قىلىۋەرگەچكە، قوشنىلارنى بىر – بىرىگە مىراسخور قىلامدىغاندۇ دەپ ئويلاپ قالدىم»[2].

 مەن رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالامغا: ئى رەسۇلۇللاھ! مېنىڭ ئىككى قوشنام بار. ئالدى بىلەن ئۇ ئىككىسىنىڭ قايسىسىغا سوۋغا بەرسەم بولار؟ دېدىم، ئۇ: «ئىشىكى ساڭا يېقىنراق بولغىنىغا دېدى»[3].

  • ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:

 «ئاللاھ تائالا بىلەن قەسەمكى، كامىل مۇئمىن بولغان بولمايدۇ، ئاللاھ تائالا بىلەن قەسەمكى، كامىل مۇئمىن بولغان بولمايدۇ، ئاللاھ تائالا بىلەن قەسەمكى، كامىل مۇئمىن بولغان بولمايدۇ» دېگەن ئىدى، بىرەيلەن، ئى رەسۇلۇللاھ! كىم كامىل مۇئمىن بولمايدۇ؟ دەپ سورىدى، ئۇ: «قوشنىلىرىغا زىيان – زەخمەت يەتكۈزۈشتىن ئۆزىنى ساقلىمىغان ئادەم» دېدى[4].

 «ئى مۇسۇلمان ئاياللار! قوشناڭلارغا قوينىڭ پاچىقى چاغلىق نەرسە بولسىمۇ ئاز كۆرمەي سۇنۇڭلار»[5]. «كىشى ئۆزىنىڭ تېمىغا قوشنىسىنىڭ ياغاچ قويۇۋېلىشىنى توسمىسۇن»[6]. «كىمكى ئاللاھ تائالاغا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىشىنىدىكەن، قوشنىسىغا ئەزىيەت يەتكۈزمىسۇن»[7].

[1] 44 – سۈرە نىسا، 36 – ئايەت.

[2] بۇخارى، «ئەدەب»، 28؛ مۇسلىم، «بىرر»، 140؛  ئەبۇ داۋۇد، «ئەدەب»، 132؛ تىرمىزى، «بىرر»، 28.

[3] بۇخارى، «ئەدەب»، 32، «شۇفئە»، 3، «ھىبە»، 16؛ ئەبۇ داۋۇد، «ئەدەب»، 132.

[4] بۇخارى، «ئەدەب»، 29؛ مۇسلىم، «ئىمان»، 73.

[5] بۇخارى، «ئەدەب»، 30، «ھىبە»، 1؛ مۇسلىم، «زاكات»، 90؛ تىرمىزى،  «ۋەلائ ۋە ھىبە»، 6.

[6] بۇخارى، «مەزالىم»، 20؛ مۇسلىم، «مۇساقات»، 36؛ مۇۋەتتا، «ئەقدىيە»، 32؛ ئەبۇ داۋۇد،  «ئەقدىيە»، 1؛ تىرمىزى، «ئەھكام»، 18.

[7] بۇخارى، «ئەدەب»، 31، 85، «نىكاھ»، 80، «رىقاق»، 23؛ مۇسلىم، «ئىمان»، 74؛ ئەبۇ داۋۇد،  «ئەدەب»، 131.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر