مۇسۇلمانلار
مالدا زاكاتتىن باشقىمۇ ھەقلەر بارمۇ؟ 1

مالدا زاكاتتىن باشقىمۇ ھەقلەر بارمۇ؟

    مالدا زاكاتتىن باشقىمۇ ھەقلەر بار؛

پۇل – مالدا زاكاتتىن باشقىمۇ ئادا قىلىشقا تېگىشلىك ھەقلەر بار. شۇنىڭ ئۈچۈن ئىقتىسادى ئەھۋالى ياخشى كىشىلەرنىڭ ئېھتىياجلىق كىشىلەرگە ۋە ئومۇمنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلىدىغان ئىشلارغا داۋاملىق خەير  – ئېھسان قىلىپ تۇرۇشى لازىم. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

﴿ٱلَّذِينَ يُنفِقُونَ أَمۡوَٰلَهُم بِٱلَّيۡلِ وَٱلنَّهَارِ سِرّٗا وَعَلَانِيَةٗ فَلَهُمۡ أَجۡرُهُمۡ عِندَ رَبِّهِمۡ وَلَا خَوۡفٌ عَلَيۡهِمۡ وَلَا هُمۡ يَحۡزَنُونَ  ٢٧٤﴾

«ماللىرىنى كېچە ۋە كۈندۈز، يوشۇرۇن ۋە ئاشكارا چىقىم قىلىدىغانلار رەببىنىڭ ھۇزۇرىدا مۇكاپاتلىرىنى ئالىدۇ. ئۇلارغا ھېچ قورقۇنچ يوق ۋە ئۇلار ھەرگىزمۇ غەمكىن بولمايدۇ»[1].

﴿وَٱلَّذِينَ صَبَرُواْ ٱبۡتِغَآءَ وَجۡهِ رَبِّهِمۡ وَأَقَامُواْ ٱلصَّلَوٰةَ وَأَنفَقُواْ مِمَّا رَزَقۡنَٰهُمۡ سِرّٗا وَعَلَانِيَةٗ وَيَدۡرَءُونَ بِٱلۡحَسَنَةِ ٱلسَّيِّئَةَ أُوْلَٰٓئِكَ لَهُمۡ عُقۡبَى ٱلدَّارِ  ٢٢﴾

«ئۇلار رەببىنىڭ رازىلىقىنى كۆزلەپ سەۋر قىلغان، نامازنى تولۇق ۋە داۋاملىق ئۆتىگەن، بىز بەرگەن رىزىقتىن يوشۇرۇن ۋە ئاشكارا چىقىم قىلغان، يامانلىقنى ياخشىلىق بىلەن دەپئى قىلىدىغان كىشىلەردۇر. ئەنە شۇلار دۇنيا يۇرتىنىڭ ياخشى ئاقىۋىتىگە ئېرىشىدۇ»[2].

﴿فَمَنْ يَعْمَلْ مِثۡقَالَ ذَرَّةٍ خَيۡرٗا يَرَهُۥ  ٧ وَمَن يَعۡمَلۡ مِثۡقَالَ ذَرَّةٖ شَرّٗا يَرَهُۥ  ٨﴾

«كىم زەررىچىلىك ياخشى ئىش قىلغان بولسا ئۇنى كۆرىدۇ. كىم زەررىچىلىك يامان ئىش قىلغان بولسا ئۇنى كۆرىدۇ»[3].

مەنبە: ئەنەس ئالىم، لازىملىق دىنى ئىلىملەر، 1 – جىلد، 97 – بەت.

[1] 2 – سۈرە بەقەرە، 274 – ئايەت.

[2] 13 – سۈرە رەئد، 22 – ئايەت.

[3] 99 – سۈرە زەلزەلە، 7- ۋە 8 – ئايەتلەر

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر