مۇسۇلمانلار
قەسەمنىڭ تۈرلىرى 1

قەسەمنىڭ تۈرلىرى

    قەسەمنىڭ تۈرلىرى

1)       بىھۇدە قەسەم

بۇ قەسەمگە گۇناھمۇ يېزىلمايدۇ. كەففارەت بېرىشمۇ كەتمەيدۇ. مەسىلەن: «يــاق ۋەللاھى، ماقــۇل ۋەللاھى، خۇدا ھەققى» دېگەندەك تىلغا رام بولۇپ قالغان سۆزلەرنى، قەسەمنى نىيەت قىلماستىن قىلىش بۇ تۈر قەسەم ھېسابلىنىدۇ. بۇنىڭغا كەففارەت كەلمەيدۇ ۋە كەچۈرۈلىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

﴿لَّا يُؤَاخِذُكُمُ ٱللَّهُ بِٱللَّغۡوِ فِيٓ أَيۡمَٰنِكُمۡ وَلَٰكِن يُؤَاخِذُكُم بِمَا كَسَبَتۡ قُلُوبُكُمۡۗ وَٱللَّهُ غَفُورٌ حَلِيمٞ  ٢٢٥﴾

«ئاللاھ سىلەرنى دىققەتسىزلىك بىلەن ئىچكەن قەسەملىرىڭلار ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى كۆڭۈلدىن نىيەت قىلىپ ئىچكەن قەسەملىرىڭلار ئۈچۈن جاۋابكارلىققا تارتىدۇ. ئاللاھ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ھەلىمدۇر»[1].

2)       چىگىلگەن قەسەم ۋە كەففارىتى

بۇ بىرەر ئىشنى قىلىش ئۈچۈن ياكى قىلماسلىق ئۈچۈن ئىچىلگەن قەسەم بولۇپ، بۇزۇلسا كەففارەت بېرىش لازىم بولىدۇ. ئاللاھ تائالا  مۇنداق دەيدۇ:

﴿لَا يُؤَاخِذُكُمُ ٱللَّهُ بِٱللَّغۡوِ فِيٓ أَيۡمَٰنِكُمۡ وَلَٰكِن يُؤَاخِذُكُم بِمَا عَقَّدتُّمُ ٱلۡأَيۡمَٰنَۖ فَكَفَّٰرَتُهُۥٓ إِطۡعَامُ عَشَرَةِ مَسَٰكِينَ مِنۡ أَوۡسَطِ مَا تُطۡعِمُونَ أَهۡلِيكُمۡ أَوۡ كِسۡوَتُهُمۡ أَوۡ تَحۡرِيرُ رَقَبَةٖۖ فَمَن لَّمۡ يَجِدۡ فَصِيَامُ ثَلَٰثَةِ أَيَّامٖۚ ذَٰلِكَ كَفَّٰرَةُ أَيۡمَٰنِكُمۡ إِذَا حَلَفۡتُمۡۚ وَٱحۡفَظُوٓاْ أَيۡمَٰنَكُمۡۚ كَذَٰلِكَ يُبَيِّنُ ٱللَّهُ لَكُمۡ ءَايَٰتِهِۦ لَعَلَّكُمۡ تَشۡكُرُونَ  ٨٩﴾

«ئاللاھ سىلەرنى دىققەتسىزلىكتىن قىلغان قەسەملىرىڭلار ئۈچۈن جاۋابكارلىققا تارتمايدۇ. لېكىن قەستەن قىلغان قەسەملىرىڭلار ئۈچۈن جاۋابكارلىققا تارتىدۇ، بۇنداق قەسەمنى بۇزۇشنىڭ كەففارىتى ئائىلەڭلەرگە بېرىدىغان تاماقنىڭ ئوتتۇرا دەرىجىلىكدىن ئون مىسكىنگە تاماق بېرىشتۇر ياكى ئۇلارغا كىيىم بېرىشتۇر ياكى بىر قۇل ئازاد قىلىشتۇر. كىمكى تاپالمىسا، ئۈچ كۈن روزا تۇتۇشى لازىم. بۇ ئەنە شۇ قەستەن قىلىپ بۇزغان چېغىڭلاردا، ئۇنىڭ كەففارىتىدۇر. قەسىمىڭلاردا تۇرۇڭلار. ئاللاھ ئايەتلىرىنى سىلەرگە مانا مۇشۇنداق بايان قىلىدۇ. شۈكۈر قىلغايسىلەر»[2].

3)       يالغان قەسەم

ئۆزىنىڭ يالغىنىنى راست قىلىپ كۆرسىتىش ئۈچۈن ياكى كىشىلەرنىڭ مال – مۈلكىنى ناھەق يۇلۇۋېلىش ياكى باشقىلارنىڭ ھەققىنى يوق قىلىۋېتىش ئۈچۈن يالغاندىن قىلىنغان قەسەم «يالغان قەسەم» ھېسابلىنىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

﴿إِنَّ ٱلَّذِينَ يَشۡتَرُونَ بِعَهۡدِ ٱللَّهِ وَأَيۡمَٰنِهِمۡ ثَمَنٗا قَلِيلًا أُوْلَٰٓئِكَ لَا خَلَٰقَ لَهُمۡ فِي ٱلۡأٓخِرَةِ وَلَا يُكَلِّمُهُمُ ٱللَّهُ وَلَا يَنظُرُ إِلَيۡهِمۡ يَوۡمَ ٱلۡقِيَٰمَةِ وَلَا يُزَكِّيهِمۡ وَلَهُمۡ عَذَابٌ أَلِيمٞ  ٧٧﴾

«ئاز مەنپەئەتنى دەپ ئاللاھقا بەرگەن ئەھدىسىنى ۋە قەسەملىرىنى بۇزىدىغانلارنىڭ ئاخىرەتتە ھېچبىر نېسىۋىسى بولمايدۇ، ئاللاھ قىيامەت كۈنى ئۇلارغا گەپ قىلمايدۇ، ئۇلارغا قارىمايدۇ ۋە ئۇلارنى پاكلىمايدۇ. ئۇلارغا ئەلەملىك ئازاب بار»[3].

مۇناسىۋەتلىك ھەدىسلەر:

  • ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كىمكى بىر مۇسۇلماننىڭ پۇل – مېلىنى يولۇۋېلىش ئۈچۈن يالغان قەسەم ئىچىدىكەن، ئاللاھ ئۇنىڭغا دەرغەزەپ بولغان ھالدا مۇلاقات بولىدۇ»[4].
  • ئەبۇ ئۇمامە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «كىمكى بىر مۇسۇلماننىڭ ھەققىنى يالغان قەسەم بىلەن ئېلىۋالسا، ئاللاھ ئۇنىڭغا دوزاخنى لايىق، جەننەتنى ھارام قىلىدۇ» دېدى. بىر كىشى: «ئازغىنە نەرسە بولسىمۇ شۇنداق بولامدۇ؟ ئى رەسۇلۇللاھ» دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «مىسۋاك دەرىخىدىن بىر تال شاخ چاغلىق نەرسە بولسىمۇ شۇنداق بولىدۇ» دېدى[5].
  • ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمر ئىبنى ئاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «چوڭ گۇناھلار ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈش، ئاتا – ئانىنى قاقشىتىش، ناھەق ئادەم ئۆلتۈرۈش ۋە يالغان قەسەم قىلىش قاتارلىقلاردىن ئىبارەت»[6].

مەنبە: ئەنەس ئالىم، لازىملىق دىنى ئىلىملەر، 1 – جىلد، 208 – 210- بەتلەر.

[1] 2 – سۈرە بەقەرە، 225 – ئايەت.

[2] 5 – سۈرە مائىدە، 89 – ئايەت.

[3] 3 – سۈرە ئال ئىمران، 77 – ئايەت.

[4] بۇخارى، «مۇساقات»، 5، «ئەيمان ۋە نۇزۇر»، 11؛ مۇسلىم، «ئىمان»، 220؛ تىرمىزى، «بۇيۇئ»، 42؛ ئىبنى ماجە، «ئەھكام»، 8.

[5] مۇسلىم، «ئىمان»، 218.

[6] بۇخارى، «ئەيمان ۋە نۇزۇر»، 16؛ نەسەئى، «تەھرىمى دەم»، 2.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر