مۇسۇلمانلار
رۇخسەت بېرىلگەن ئىشلار كىراكەشلىك 1

رۇخسەت بېرىلگەن ئىشلار \ كىراكەشلىك

     كىراكەشلىك

بۇ تۆگە، ئات، قېچىر ۋە ئېشەك قاتارلىق ئۇلاغلار، دېڭىزدا، قۇرۇقلۇقتا ۋە ھاۋادا ماڭىدىغان ھەر تۈرلۈك زامانىۋى قاتناش ۋاسىتىلىرى بىلەن يۈك ۋە ئادەم توشۇش كەسپىنى ئىپادىلەيدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

﴿وَتَحۡمِلُ أَثۡقَالَكُمۡ إِلَىٰ بَلَدٖ لَّمۡ تَكُونُواْ بَٰلِغِيهِ إِلَّا بِشِقِّ ٱلۡأَنفُسِۚ إِنَّ رَبَّكُمۡ لَرَءُوفٞ رَّحِيمٞ ٧ وَٱلۡخَيۡلَ وَٱلۡبِغَالَ وَٱلۡحَمِيرَ لِتَرۡكَبُوهَا وَزِينَةٗۚ وَيَخۡلُقُ مَا لَا تَعۡلَمُونَ  ٨﴾

«ئۇلار سىلەر جاپا – مۇشەققەتسىز بارالمايدىغان يىراق جايلارغا يۈكلىرىڭلارنى توشۇيدۇ. شۈبھىسىزكى، رەببىڭلار ھەقىقەتەن شەپقەتلىكتۇر، كۆپ ئىنئام قىلغۇچىدۇر. ئاللاھ ئاتلارنى، قېچىرلارنى، ئېشەكلەرنى مىنىشىڭلار ئۈچۈن ۋە زىننەت بولۇشى ئۈچۈن ياراتتى. ئاللاھ يەنە سىلەر بىلمەيدىغان نەرسىلەرنى يارىتىدۇ »[1].

﴿وَعَلَيۡهَا وَعَلَى ٱلۡفُلۡكِ تُحۡمَلُونَ  ٢٢﴾

«ئۇلارغا مىنىپ ۋە كېمىلەرگە ئولتۇرۇپ خالىغان يەرلىرىڭلارغا بارىسىلەر ھەمدە ھەر ئىككىسى بىلەن يۈكلىرىڭلارنى توشۇيسىلەر»[2].

﴿وَلَكُمۡ فِيهَا مَنَٰفِعُ وَلِتَبۡلُغُواْ عَلَيۡهَا حَاجَةٗ فِي صُدُورِكُمۡ وَعَلَيۡهَا وَعَلَى ٱلۡفُلۡكِ تُحۡمَلُونَ  ٨٠﴾

«سىلەر ئۈچۈن ئۇلاردا مەنپەئەتلەر بار. كۆڭلۈڭلاردىكى ئارزۇيۇڭلارغا ئۇلار بىلەن يېتىسىلەر، ئۇلارغا مىنىپ ۋە كېمىلەرگە ئولتۇرۇپ خالىغان يەرلىرىڭلارغا بارىسىلەر ھەمدە ھەر ئىككىسى بىلەن يۈكلىرىڭلارنى توشۇيسىلەر»[3].

﴿وَٱلَّذِي خَلَقَ ٱلۡأَزۡوَٰجَ كُلَّهَا وَجَعَلَ لَكُم مِّنَ ٱلۡفُلۡكِ وَٱلۡأَنۡعَٰمِ مَا تَرۡكَبُونَ ١٢﴾

«ئۇ پۈتكۈل جۈپلەرنى ياراتقان، سىلەر ئۈچۈن مىنىپ ماڭىدىغان كېمىلەرنى ۋە بىر قىسىم ھايۋانلارنى قىلىپ بەرگەن زاتتۇر»[4].

[1] 16 – سۈرە نەھل، 7 – ۋە 8 – ئايەتلەر.

[2] 23 – سۈرە مۇئمىنۇن، 22 – ئايەت.

[3] 40 – سۈرە غافىر، 80 – ئايەت.

[4] 43 – سۈرە زۇخرۇف، 12 – ئايەت.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر