مۇسۇلمانلار
رۇخسەت بېرىلگەن ئىشلار چارۋىچىلىق قىلىش 1

رۇخسەت بېرىلگەن ئىشلار \ چارۋىچىلىق قىلىش

     چارۋىچىلىق

بۇ تۆگە، كالا، قوي ۋە ئۆچكە… قاتارلىق ھايۋانلارنى بېقىش، سۈت مەھسۇلاتلىرى ئىشلەپچىقىرىش ۋە قاسساپلىق قىلىشنى، تېرە، يۇڭ، تىۋىت ۋە چۇپۇر تىجارىتى قىلىشنى، زاۋۇت ۋە فابرىكىلارنى قۇرۇپ، تېرىلەرنى پىششىقلاپ ئىشلەشنى، يۇڭ، تىۋىت ۋە چۇپۇرلاردىن يىپ ئىگىرىش، شۇنداقلا توقۇمىچىلىق، تىككۈچىلىك، كىگىزچىلىك، گىلەمچىلىك ۋە ئەدىيالچىلىق قىلىش قاتارلىق كەسىپلەرنى ۋە ئۇلارنىڭ تىجارىتىنى قىلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

﴿وَٱلۡأَنۡعَٰمَ خَلَقَهَاۖ لَكُمۡ فِيهَا دِفۡءٞ وَمَنَٰفِعُ وَمِنۡهَا تَأۡكُلُونَ  ٥﴾

«ئاللاھ تۆگە، كالا، قوي ۋە ئۆچكىلەرنىمۇ ياراتتى. ئۇلاردا سىلەر ئۈچۈن ئىسسىتقۇچى نەرسىلەر ۋە باشقا مەنپەئەتلەر بار، ئۇلارنىڭ گۆشلىرىنى يەيسىلەر»[1].

﴿وَإِنَّ لَكُمۡ فِي ٱلۡأَنۡعَٰمِ لَعِبۡرَةٗۖ نُّسۡقِيكُم مِّمَّا فِي بُطُونِهِۦ مِنۢ بَيۡنِ فَرۡثٖ وَدَمٖ لَّبَنًا خَالِصٗا سَآئِغٗا لِّلشَّٰرِبِينَ  ٦٦﴾

«شۈبھىسىزكى، تۆگە، كالا، قوي ۋە ئۆچكىلەردە سىلەر ئۈچۈن ئىبرەت بار: سىلەرنى ئۇ ھايۋانلارنىڭ قورساقلىرىدىكى نەرسىلەرنىڭ بىر قىسمى بىلەن سۇغىرىمىز. ئۇ، ئۇ ھايۋانلارنىڭ ئاشقازىنىدىكى ئوزۇقلۇقلار بىلەن قاننىڭ ئارىسىدىن كېلىدىغان، ئىچكەنلەرنىڭ گاللىرىدىن سىلىق ئۆتۈپ كېتىدىغان ساپ سۈتتۇر»[2].

﴿وَٱللَّهُ جَعَلَ لَكُم مِّنۢ بُيُوتِكُمۡ سَكَنٗا وَجَعَلَ لَكُم مِّن جُلُودِ ٱلۡأَنۡعَٰمِ بُيُوتٗا تَسۡتَخِفُّونَهَا يَوۡمَ ظَعۡنِكُمۡ وَيَوۡمَ إِقَامَتِكُمۡ وَمِنۡ أَصۡوَافِهَا وَأَوۡبَارِهَا وَأَشۡعَارِهَآ أَثَٰثٗا وَمَتَٰعًا إِلَىٰ حِينٖ  ٨٠﴾

«ئاللاھ ئۆيلىرىڭلارنى سىلەرگە ئارامگاھ قىلىپ بەردى. ئاللاھ سىلەرگە تۆگە، كالا، قوي ۋە ئۆچكىلەرنىڭ تېرىلىرىدىن كۆچكەن كۈنۈڭلاردا ۋە تۇرغان كۈنۈڭلاردا ئېلىپ مېڭىشىڭلارغا ئەپلىك ئۆيلەرنى قىلىپ بەردى. ئاللاھ يەنە سىلەرگە ئۇ ماللارنىڭ يۇڭلىرىدىن، تىۋىتلىرىدىن ۋە چۇپۇرلىرىدىن كىيىم – كېچەكلەر ۋە بىر مۇددەتكىچە چىدايدىغان ئۆي سەرەمجانلىرىنى قىلىپ بەردى»[3].

﴿وَإِنَّ لَكُمۡ فِي ٱلۡأَنۡعَٰمِ لَعِبۡرَةٗۖ نُّسۡقِيكُم مِّمَّا فِي بُطُونِهَا وَلَكُمۡ فِيهَا مَنَٰفِعُ كَثِيرَةٞ وَمِنۡهَا تَأۡكُلُونَ  ٢١ وَعَلَيۡهَا وَعَلَى ٱلۡفُلۡكِ تُحۡمَلُونَ  ٢٢﴾

«تۆگە، كالا، قوي ۋە ئۆچكىلەردە سىلەر ئۈچۈن ھەقىقەتەن ئىبرەت بار. بىز سىلەرنى ئۇلارنىڭ سۈتلىرى بىلەن سۇغىرىمىز. ئۇلاردىن كۆپ پايدىلىنىسىلەر ۋە گۆشلىرىنى يەيسىلەر. ئۇلارغا مىنىپ ۋە كېمىلەرگە ئولتۇرۇپ خالىغان يەرلىرىڭلارغا بارىسىلەر ھەمدە ھەر ئىككىسى بىلەن يۈكلىرىڭلارنى توشۇيسىلەر»[4].

﴿أَوَ لَمۡ يَرَوۡاْ أَنَّا خَلَقۡنَا لَهُم مِّمَّا عَمِلَتۡ أَيۡدِينَآ أَنۡعَٰمٗا فَهُمۡ لَهَا مَٰلِكُونَ  ٧١ وَذَلَّلۡنَٰهَا لَهُمۡ فَمِنۡهَا رَكُوبُهُمۡ وَمِنۡهَا يَأۡكُلُونَ  ٧٢ وَلَهُمۡ فِيهَا مَنَٰفِعُ وَمَشَارِبُۚ أَفَلَا يَشۡكُرُونَ  ٧٣﴾

«ئۇلار كۆرمەمدۇكى، بىز ئۆز قوللىرىمىز بىلەن ئىشلەپ ئۇلارنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن تۆگە، كالا، قوي ۋە ئۆچكىلەرنى ياراتتۇق. ئۇلار ئۇ ھايۋانلارغا ئىگىدارچىلىق قىلغۇچىدۇر. بىز ئۇ ھايۋانلارنى ئۇلارغا كۆندۈرۈپ بەردۇق. ئۇ ھايۋانلارنىڭ بەزىسى ئۇلارنىڭ ئۇلىغىدۇر، ئۇلار ئۇ ھايۋانلارنىڭ گۆشلىرىنى يەيدۇ. ئۇلار ئۈچۈن ئۇ ھايۋانلاردا مەنپەئەتلەر ۋە ئىچىلىدىغان نەرسىلەر بار. ئۇلار يەنىلا شۈكۈر قىلمامدۇ؟»[5].

[1] 16 – سۈرە نەھل، 5 – ئايەت.

[2] 16 – سۈرە نەھل، 66 – ئايەت.

[3] 16 – سۈرە نەھل، 80 – ئايەت.

[4] 23 – سۈرە مۇئمىنۇن، 21 – ۋە 22 – ئايەتلەر.

[5] 36 – سۈرە ياسىن، 71 ~ 73 – ئايەتلەر.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر