مۇسۇلمانلار
رۇخسەت بېرىلگەن ئىشلار سانائەتچىلىك 1

رۇخسەت بېرىلگەن ئىشلار \ سانائەتچىلىك

    سانائەت

بۇ تاش ۋە تۆمۈرلەردىن پايدىلىنىپ، زامانىۋىي ئۆي – ئىمارەت، قورال – ياراغ، ئوق – دورا ۋە مۇداپىئە ۋاسىتىلىرىنى ياساشنى، شۇنداقلا ئىنسانىيەتكە پايدىلىق ھەر تۈرلۈك سانائەت بۇيۇملىرىنى  ئىشلەپچىقىرىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

﴿وَٱللَّهُ جَعَلَ لَكُم مِّمَّا خَلَقَ ظِلَٰلٗا وَجَعَلَ لَكُم مِّنَ ٱلۡجِبَالِ أَكۡنَٰنٗا وَجَعَلَ لَكُمۡ سَرَٰبِيلَ تَقِيكُمُ ٱلۡحَرَّ وَسَرَٰبِيلَ تَقِيكُم بَأۡسَكُمۡۚ كَذَٰلِكَ يُتِمُّ نِعۡمَتَهُۥ عَلَيۡكُمۡ لَعَلَّكُمۡ تُسۡلِمُونَ  ٨١﴾

«ئاللاھ ئۆزى ياراتقان نەرسىلەرنىڭ بىر قىسمىدا سىلەر ئۈچۈن سايىلارنى قىلىپ بەردى، تاغلارنىڭ بىر قىسمىدا سىلەر ئۈچۈن ئۇۋىلارنى قىلىپ بەردى، يەنە سىلەر ئۈچۈن سىلەرنى ئىسسىقتىن ساقلايدىغان كىيىملەرنى ۋە سىلەرنى ئۇرۇشتا ساقلايدىغان كىيىملەرنى قىلىپ بەردى. ئاللاھ سىلەرگە نېمىتىنى ئەنە شۇنداق تاماملايدۇ. تەسلىم بولغايسىلەر!»[1].

﴿وَعَلَّمۡنَٰهُ صَنۡعَةَ لَبُوسٖ لَّكُمۡ لِتُحۡصِنَكُم مِّنۢ بَأۡسِكُمۡۖ فَهَلۡ أَنتُمۡ شَٰكِرُونَ  ٨٠﴾

«بىز داۋۇدقا سىلەر ئۈچۈن ساۋۇت ياساشنى ئۆگەتتۇق. بۇ، ساۋۇتنىڭ ئۇرۇشتا بەزىڭلارنى بەزىڭلارنىڭ زەربىسىدىن ساقلىشى ئۈچۈندۇر. شۈكۈر قىلامسىلەر؟»[2].

﴿وَلَقَدۡ ءَاتَيۡنَا دَاوُۥدَ مِنَّا فَضۡلٗاۖ يَٰجِبَالُ أَوِّبِي مَعَهُۥ وَٱلطَّيۡرَۖ وَأَلَنَّا لَهُ ٱلۡحَدِيدَ  ١٠ أَنِ ٱعۡمَلۡ سَٰبِغَٰتٖ وَقَدِّرۡ فِي ٱلسَّرۡدِۖ وَٱعۡمَلُواْ صَٰلِحًاۖ إِنِّي بِمَا تَعۡمَلُونَ بَصِيرٞ  ١١﴾

«بىز داۋۇتقا ئۆز تەرىپىمىزدىن پەزل ئاتا قىلدۇق: ئى تاغلار! ئۇنىڭ بىلەن بىللە ماڭا يۆنىلىڭلار، ئى قۇشلار! سىلەرمۇ شۇنداق قىلىڭلار، دېدۇق. ئۇنىڭغا تۆمۈرنى يۇمشاق قىلىپ بەردۇق. ئۇنىڭغا: كەڭ ساۋۇتلار ياسىغىن، ئۇلارنىڭ توقۇلۇشىنى ئۆلچەملىك ۋە مۇستەھكەم قىلغىن دەپ ۋەھىي قىلدۇق. ئۇنىڭغا ۋە ئائىلىسىگە: ياخشى ئەمەل قىلىڭلار. مەن قىلمىشىڭلارنى كۆرۈپ تۇرىمەن، دېدۇق»[3].

﴿لَقَدۡ أَرۡسَلۡنَا رُسُلَنَا بِٱلۡبَيِّنَٰتِ وَأَنزَلۡنَا مَعَهُمُ ٱلۡكِتَٰبَ وَٱلۡمِيزَانَ لِيَقُومَ ٱلنَّاسُ بِٱلۡقِسۡطِۖ وَأَنزَلۡنَا ٱلۡحَدِيدَ فِيهِ بَأۡسٞ شَدِيدٞ وَمَنَٰفِعُ لِلنَّاسِ وَلِيَعۡلَمَ ٱللَّهُ مَن يَنصُرُهُۥ وَرُسُلَهُۥ بِٱلۡغَيۡبِۚ إِنَّ ٱللَّهَ قَوِيٌّ عَزِيزٞ  ٢٥﴾

«بىز ئەلچىلىرىمىزنى روشەن دەلىللەر بىلەن ئەۋەتتۇق، ئىنسانلار ئادالەتنى بەرپا قىلسۇن دەپ ئۇ ئەلچىلەر بىلەن كىتابنى ۋە مىزاننى نازىل قىلدۇق. بىز تۆمۈرنىمۇ نازىل قىلدۇق، ئۇنىڭدا شىددەتلىك كۈچ ۋە ئىنسانلار ئۈچۈن مەنپەئەتلەر بار. بۇ ئاللاھنىڭ، ئۆزىنى كۆرمەي تۇرۇپ ئۆزىگە ۋە ئەلچىلىرىگە ياردەم بېرىدىغانلارنى بىلىشى ئۈچۈندۇر. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ كۈچلۈكتۇر، ئەزىزدۇر»[4].‏

[1] 16 – سۈرە نەھل، 81 – ئايەت.

[2] 21 – سۈرە ئەنبىيا، 80 – ئايەت.

[3] 34 – سۈرە سەبەئـ، 10 – ۋە 11 – ئايەتلەر.

[4] 57 – سۈرە ھەدىد، 25 – ئايەت.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر