مۇسۇلمانلار
رۇخسەت بېرىلگەن ئىشلار دېڭىزچىلىق 1

رۇخسەت بېرىلگەن ئىشلار \ دېڭىزچىلىق

    دېڭىزچىلىق

بۇ دېڭىزدىكى ئۈنچە – مەرۋايىت ۋە مارجان قاتارلىق دېڭىز ئاستى بايلىقلىرىنى ئىزدەپ تېپىپ چىقىش، ئۇلاردىن پايدىلىنىش، ئۇلارنىڭ تىجارىتىنى قىلىش، بۇ ئىشقا ۋاسىتە بولىدىغان كەسىپلەرنى قىلىش، ھەر تۈرلۈك كېمە ۋە پاراخوتلارنى ياساش ۋە بېلىقچىلىق قىلىش… قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: 

﴿وَهُوَ ٱلَّذِي سَخَّرَ ٱلۡبَحۡرَ لِتَأۡكُلُواْ مِنۡهُ لَحۡمٗا طَرِيّٗا وَتَسۡتَخۡرِجُواْ مِنۡهُ حِلۡيَةٗ تَلۡبَسُونَهَاۖ وَتَرَى ٱلۡفُلۡكَ مَوَاخِرَ فِيهِ وَلِتَبۡتَغُواْ مِن فَضۡلِهِۦ وَلَعَلَّكُمۡ تَشۡكُرُونَ  ١٤﴾

«ئاللاھ شۇنداق زاتكى، دېڭىزنىمۇ خىزمىتىڭلارغا سېلىپ بەردى. ئاللاھ بۇنى، ئۇنىڭدىن يېڭى گۆش يېيىشىڭلار ئۈچۈن، ئۇنىڭدىن تاقايدىغان زىننەت بۇيۇملىرىڭلارنى چىقىرىشىڭلار ئۈچۈن – سەن ئۇنىڭدا سۇنى يېرىپ كېتىۋاتقان كېمىلەرنى كۆرىسەن – ھەمدە ئاللاھنىڭ پەزلىدىن تەلەپ قىلىشىڭلار ئۈچۈن ۋە شۈكۈر قىلىشىڭلار ئۈچۈن قىلدى»[1].

﴿وَمَا يَسۡتَوِي ٱلۡبَحۡرَانِ هَٰذَا عَذۡبٞ فُرَاتٞ سَآئِغٞ شَرَابُهُۥ وَهَٰذَا مِلۡحٌ أُجَاجٞۖ وَمِن كُلّٖ تَأۡكُلُونَ لَحۡمٗا طَرِيّٗا وَتَسۡتَخۡرِجُونَ حِلۡيَةٗ تَلۡبَسُونَهَاۖ وَتَرَى ٱلۡفُلۡكَ فِيهِ مَوَاخِرَ لِتَبۡتَغُواْ مِن فَضۡلِهِۦ وَلَعَلَّكُمۡ تَشۡكُرُونَ  ١٢﴾

«ئىككى دېڭىز ئوخشاش بولمايدۇ. بىرى شېرىندۇر، تاتلىقتۇر، سۈيى ئاسان ئىچىلىدۇ ۋە ئاسان سىڭىدۇ. يەنە بىرى تۇزلۇقتۇر، ئاچچىقتۇر. سىلەر ئۇلارنىڭ ھەر بىرىدىن يېڭى گۆش يەيسىلەر، تاقايدىغان زىننەت بۇيۇملىرىڭلارنى چىقىرىسىلەر. سەن ئۇلاردا سۇنى يېرىپ كېتىۋاتقان كېمىلەرنى كۆرىسەن، بۇ ئاللاھنىڭ پەزلىدىن تەلەپ قىلىشىڭلار ئۈچۈندۇر ۋە شۈكۈر قىلىشىڭلار ئۈچۈندۇر»[2].

رَّبُّكُمُ ٱلَّذِي يُزۡجِي لَكُمُ ٱلۡفُلۡكَ فِي ٱلۡبَحۡرِ لِتَبۡتَغُواْ مِن فَضۡلِهِۦٓۚ إِنَّهُۥ كَانَ بِكُمۡ رَحِيمٗا 

«سىلەرنىڭ رەببىڭلار شۇنداق زاتكى، پەزلىدىن تەلەپ قىلىشىڭلار ئۈچۈن سىلەرگە دېڭىزدا كېمىلەرنى ماڭدۇرۇپ بېرىدۇ. شۈبھىسىزكى، ئۇ سىلەرگە كۆپ ئىنئام قىلغۇچىدۇر»[3].

﴿مَرَجَ ٱلۡبَحۡرَيۡنِ يَلۡتَقِيَانِ  ١٩ بَيۡنَهُمَا بَرۡزَخٞ لَّا يَبۡغِيَانِ  ٢٠ فَبِأَيِّ ءَالَآءِ رَبِّكُمَا تُكَذِّبَانِ  ٢١ يَخۡرُجُ مِنۡهُمَا ٱللُّؤۡلُؤُ وَٱلۡمَرۡجَانُ  ٢٢ فَبِأَيِّ ءَالَآءِ رَبِّكُمَا تُكَذِّبَانِ  ٢٣﴾

«رەھمان ئىككى دېڭىزنى بىر – بىرى بىلەن ئۇچرىشىپ تۇرىدىغان ھالەتتە قويۇۋەتتى. ئۇ ئىككى دېڭىزنىڭ ئوتتۇرىسىدا توسما بار. ئۇلار بىر – بىرىگە قوشۇلۇپ كەتمەيدۇ. ئى جىن ۋە ئىنسانلار! رەببىڭلارنىڭ قايسى نېمەتلىرىنى يالغان دېيەلەيسىلەر؟ ئۇ ئىككى دېڭىزدىن مەرۋايىت ۋە مارجان چىقىدۇ. ئى جىن ۋە ئىنسانلار! رەببىڭلارنىڭ قايسى نېمەتلىرىنى يالغان دېيەلەيسىلەر؟»[4].

[1] 16 – سۈرە نەھل، 14 – ئايەت.

[2] 35 – سۈرە فاتىر، 12 – ئايەت.

[3] 17-سۈرە ئىسرا، 66- ئايەت

[4] 55 – سۈرە رەھمان، 19 ~ 23 – ئايەتلەر.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر