مۇسۇلمانلار
رۇخسەت بېرىلگەن ئىشلار ئوۋچىلىق 1

رۇخسەت بېرىلگەن ئىشلار \ ئوۋچىلىق

ئوۋچىلىق

بۇ قارچىغا، بۈركۈت، لاچىن ۋە ئىتقا ئوخشاش ھايۋانلارنى ئۆگىتىپ ئوۋچى قىلىپ يېتىشتۈرۈش، ئۇلارنىڭ تېخى ئۆگىتىلمىگەنلىرىنى تۇتۇشتا ۋە دېڭىز ھايۋانلىرىنى ئوۋلاشتا ئىشلىتىلىدىغان ھەر تۈرلۈك قىلتاق ۋە تورلارنى ياساش ۋە ئۇلارنىڭ تىجارىتىنى قىلىش، ئۇلار ئارقىلىق ئوۋ ئوۋلاش ۋە ئوۋ تىجارىتى قىلىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

﴿يَسۡأَلُونَكَ مَاذَآ أُحِلَّ لَهُمۡۖ قُلۡ أُحِلَّ لَكُمُ ٱلطَّيِّبَٰتُ وَمَا عَلَّمۡتُم مِّنَ ٱلۡجَوَارِحِ مُكَلِّبِينَ تُعَلِّمُونَهُنَّ مِمَّا عَلَّمَكُمُ ٱللَّهُۖ فَكُلُواْ مِمَّآ أَمۡسَكۡنَ عَلَيۡكُمۡ وَٱذۡكُرُواْ ٱسۡمَ ٱللَّهِ عَلَيۡهِۖ وَٱتَّقُواْ ٱللَّهَۚ إِنَّ ٱللَّهَ سَرِيعُ ٱلۡحِسَابِ  ٤﴾

«ئى مۇھەممەد‍‍‍! ئۇلار سەندىن ئۆزلىرىگە نېمىلەرنىڭ ھالال قىلىنغانلىقىنى سورايدۇ. ئېيتقىنكى: سىلەرگە پاك نەرسىلەر ۋە سىلەر ئاللاھنىڭ ئۆزۈڭلارغا ئۆگەتكىنىدىن ئۆگۈتۈپ ئوۋچى قىلىپ يېتىشتۈرگەن ھايۋانلار سىلەرگە تۇتۇپ بەرگەن ھايۋانلار ھالال قىلىندى. ئۇلار سىلەرگە تۇتۇپ بەرگەن ھايۋاندىن يەڭلار، ئۇنىڭغا ئاللاھنىڭ ئىسمىنى زىكىر قىلىڭلار  ۋە ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىڭلار. ئاللاھنىڭ ھېساب ئېلىشى ناھايىتى تېزدۇر»[1].

﴿أُحِلَّ لَكُمۡ صَيۡدُ ٱلۡبَحۡرِ وَطَعَامُهُۥ مَتَٰعٗا لَّكُمۡ وَلِلسَّيَّارَةِۖ وَحُرِّمَ عَلَيۡكُمۡ صَيۡدُ ٱلۡبَرِّ مَا دُمۡتُمۡ حُرُمٗاۗ وَٱتَّقُواْ ٱللَّهَ ٱلَّذِيٓ إِلَيۡهِ تُحۡشَرُونَ ٩٦﴾

«سىلەرگە دېڭىزنىڭ ئوۋى ۋە يېمەكلىكى ھالال قىلىندى. بۇ سىلەرنى ۋە يولۇچىلارنى مەنپەئەتلەندۈرۈش ئۈچۈندۇر. ئېھرامدىكى چېغىڭلاردا قۇرۇقلۇقنىڭ ئوۋى سىلەرگە ھارام قىلىندى. ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىڭلاركى، سىلەر ئۇنىڭ ھۇزۇرىغا يىغىلىسىلەر»[2].

[1] 5 – سۈرە مائىدە، 4 – ئايەت.

[2] 5 – سۈرە مائىدە، 96 – ئايەت.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر