مۇسۇلمانلار
ئۆز ئەمگىكىگە تايىنىش 1

ئۆز ئەمگىكىگە تايىنىش

ئۆز ئەمگىكىگە تايىنىپ ياشاش ۋە ئىشچىلىق

بۇ مەلۇم بىر كەسىپتە بىرەر شەخسكە ياللىنىپ ياكى بىرەر شىركەتكە ئىشچى بولۇپ ئىشلەش ياكى ئۆز ئالدىغا ھالال كەسىپتىن بىرنى قىلىش ۋە قىلدۇرۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

﴿أَهُمۡ يَقۡسِمُونَ رَحۡمَتَ رَبِّكَۚ نَحۡنُ قَسَمۡنَا بَيۡنَهُم مَّعِيشَتَهُمۡ فِي ٱلۡحَيَوٰةِ ٱلدُّنۡيَاۚ وَرَفَعۡنَا بَعۡضَهُمۡ فَوۡقَ بَعۡضٖ دَرَجَٰتٖ لِّيَتَّخِذَ بَعۡضُهُم بَعۡضٗا سُخۡرِيّٗاۗ وَرَحۡمَتُ رَبِّكَ خَيۡرٞ مِّمَّا يَجۡمَعُونَ  ٣٢﴾

«ئى مۇھەممەد! رەببىڭنىڭ رەھمىتىنى ئۇلار تەقسىم قىلامدۇ؟ ئۇلارنىڭ دۇنيا ھاياتىدىكى تۇرمۇش ۋاسىتىلىرىنى ئۇلارنىڭ ئارىسىدا بىز تەقسىم قىلدۇق، ئۇلارنىڭ بەزىسىنىڭ دەرىجىسىنى بەزىسىنىڭ دەرىجىسىدىن ئۈستۈن قىلدۇق. بۇنى، ئۇلارنىڭ بەزىسى بەزىسىنى ھەق بېرىپ ئىشقا سالسۇن دەپ قىلدۇق. رەببىڭنىڭ رەھمىتى ئۇلارنىڭ توپلىغان نەرسىلىرىدىن ياخشىدۇر»[1].

مۇناسىۋەتلىك بەزى ھەدىسلەر:

  • ئەبۇ ئابدۇللاھ زۇبەير ئىبنى ئاۋۋام رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «سىلەرنىڭ بىرىڭلارنىڭ ئارغامچىسىنى ئېلىپ چىقىپ تاغدىن بىر باغلام ئوتۇن تېرىپ كېلىپ، سېتىپ ئۆزىنى تەمىنلىسە، شۇنىڭ بىلەن ئاللاھ ئۇنى تىلەش ۋە تەمە قىلىشتىن ساقلاپ قالسا، بۇ ئۇنىڭ ئۈچۈن، كىشىلەر مەيلى بىر نەرسە بەرسۇن، مەيلى بەرمىسۇن تىلەمچىلىك قىلغىنىدىن ياخشى»[2].
  • ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «زەكەرىيا ئەلەيھىسسالام ياغاچچىلىق بىلەن تىرىكچىلىك قىلاتتى»[3].
  • مىقداد ئىبنى مەئدى كەرىب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كىشىنىڭ ئۆز ئەمگىكىگە تايىنىپ يېگەن تامىقى ئەڭ ھالال تاماقتۇر، ئاللاھ تائالانىڭ پەيغەمبىرى داۋۇد ئەلەيھىسسالام ئۆز ئەمگىكىگە تايىنىپ ياشايتتى»[4].
  • رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: ئەنسارىلاردىن بىر ئادەم پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قېشىغا كېلىپ بىر نەرسە تىلىۋىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام :«ئۆيۈڭدە ھېچ نەرسە يوقمۇ؟» دېدى ، ئۇ كىشى: «ياق(تۆگىنىڭ ئۈستىگە سالىدىغان) بىر ئۇچىلىق بار، ئۇنىڭ بىر قىسمىنى يېپىنچا قىلىمىز، يەنە بىر قىسمىنى ئاستىمىزغا سالىمىز، يەنە بىر جام بار، ئۇنىڭدا سۇ ئىچىمىز» دېدى . پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئۇ ئىككى نەرسىنى مىنىڭ قېشىمغا ئېلىپ كەل» دېدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇ كىشى ئۇ نەرسىلەرنى ئېلىپ كەلدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇ نەرسىلەرنى قولىدا تۇتۇپ تۇرۇپ :« بۇلارنى كىم سېتىۋالىدۇ؟» دېدى ، بىر ئادەم: مەن بىر دىرھەمگە ئالاي دېدى.پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئىككى ياكى ئۈچ قېتىم: كىم بىر دىرھەمدىن ئارتۇق ئالىدۇ؟ دېدى. بىر ئادەم: مەن ئىككى دىرھەمگە ئالاي دېدى، شۇنىڭ بىلەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇ نەرسىلەرنى ئۇنىڭغا بېرىپ، ئىككى دىرھەمنى ئېلىپ پۇلنى ھېلىقى ئەنسارىغا بەردى ۋە ئۇنىڭغا: بىر دىرھەمگە تائام سېتىۋېلىپ ئائىلەڭگە ئاپىرىپ بەرگىن، يەنە بىر دىرھەمگە بىر پالتا سېتىۋېلىپ قېشىمغا كەل دېدى. ئۇ كىشى كېتىپ بىر پالتا ئېلىپ  پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قېشىغا كەلدى، پەيغەمبىرىمىز ئۆز قولى بىلەن  پالتىنى دەستىلەپ بەردى، ئاندىن ئۇ كىشىگە: بېرىپ ئوتۇن يىغقىن ۋە ساتقىن، مەن سېنى ئون بەش كۈنگىچە كۆرمەي دېدى. ئۇ شۇنداق قىلدى ۋە ئون بەش دىرھەم تېپىپ كەلدى. ئۇ پۇلىنىڭ بىر قىسمىغا كىيىم كېچەك، يەنە بىر قىسمىغا تائام سېتىۋالدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «بۇ ئىش سەن ئۈچۈن تىلەمچىلىكنىڭ قىيامەت كۈنى يۈزۈڭدە بىر داغ بولۇپ كېلىشىدىن ياخشىدۇر» دېدى[5].

[1] 43 – سۈرە زۇخرۇف، 32 – ئايەت.

[2] بۇخارى، «زاكات»، 50، «بۇيۇئ»، 15، «مۇساقات»، 14؛ نەسەئى، «زاكات»، 85؛ ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل، مۇسنەد، 12: 459.

[3] مۇسلىم، «فەدائىل»، 169؛ ئىبن ماجە، «تىجارات»، 5؛ ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل، مۇسنەد، 13؛ 329.

[4] بۇخارى، «بۇيۇئ»، 15؛ ئىبن ماجە، «تىجارات»، 1؛ ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل، مۇسنەد، 28: 418.

[5] ئەبۇ داۋۇد، «زاكات»، 26؛ تىرمىزى، «بۇيۇئ»، 10؛ ئىبن ماجە، «تىجارەت»، 25.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر