مۇسۇلمانلار
دۆلەتنىڭ پۇلىنى ئېلىۋالسا بولامدۇ؟ 1

دۆلەتنىڭ پۇلىنى ئېلىۋالسا بولامدۇ؟

دۆلەتنىڭ پۇلىنى ئېلىۋالسا بولامدۇ؟

 ـ قېرىندىشىم!  دىنىمىزدا سىزگە تەۋە بولمىغان بىر نەرسىنىڭ، سىزنىڭ مۈلكىڭىز بولۇشى ئۈچۈن تۆۋەندىكى يوللارنىڭ بىرى بىلەن سىزنىڭ قولىڭىزغا ئۆتكەن بولۇشى كېرەك:

ئا ـ مىراس بىلەن. يەنى ئۇ نەرسىنڭ ئەسلى ئىگىسى سىزنىڭ ئاتا ـ ئانىڭىز ياكى مىراسى سىزگە تېگىدىغان تۇغقىنىڭىز بولسا، ئۇ ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن ئۇنىڭ مىراسىدىن ئۆز ھېسسىڭىزنى ئالسىڭىز، بۇ سىزگە ھالال بولىدۇ.

ب ـ تىجارەت بىلەن. يەنى سىز باشقا بىرىنىڭ بىر نەرسىسىنى سېتىۋېلىش ئارقىلىق ئۆزىڭىزنىڭ قىلالايسىز.

ج ـ ئىشلەش بىلەن. يەنى سىز باشقىسىنىڭ ئىشىنى قىلىپ بېرىپ ئىش ھەققىڭىزنى ئالسىڭىز، بۇ سىزگە ھالال بولىدۇ.

د ـ ھەدىيە بىلەن. يەنى بىر كىشى سىزگە بىر نەرسىنى ھەدىيە قىلسا، ئۇنى قوبۇل قىلسىڭىز سىزنىڭ بولىدۇ.

ھ ـ ياردەم بىلەن. يەنى بىر كىشى سىزگە ياردەم قىلغان بولسا، ئۇنى قوبۇل قىلسىڭىز، سىزنىڭ بولىدۇ.

ۋ ـ ھېچكىمنىڭ ئىگىدارچىلىدا بولمىغان نەرسىنى ئىگىلەش بىلەن. مەسىلەن: جاڭگالنىڭ ئوتۇنى، تۇزلۇقنىڭ تۇزى، دەريانىڭ سۈيى، ھاۋادىكى قۇش … قاتارلىقلارغا ئوخشاش نەسىلەردىن سىز قولىڭىزغا ئۆتكۈزۈۋالغىنى سىزنىڭ بولىدۇ.

مۇشۇ يوللاردىن باشقا بىر يول بىلەن قولغا كەلتۈرۈلگەن نەرسە ھارام يول بىلەن قولغا كەلتۈرۈلگەن بولىدۇ.

 پۇل كىمنىڭ ياكى قانداق مۇئەسسەسەنىڭ بولسا بولسۇن، ئۇنى ھارام يوللار بىلەن ئېلىۋېلىشقا قەتئىي بولمايدۇ. چۈنكى ئۇ پۇل بىر شەخسنىڭ ياكى بىر جامائەتنىڭ بولمىغان بىلەن دۆلەتنىڭ پۇلىدۇر. دۆلەتنىڭ پۇلى دېگەن گەپ ئېلىۋالماقچى بولغان كىشىنىڭ پۇلى ئەمەس، شۇ دۆلەت تەۋەلىكىدىكى ھەممە كىشىنىڭ پۇلى دېگەن بولىدۇ. ئۇنى ئېلىۋالغانلىق شۇ دۆلەتتىكى ھەممە كىشىنىڭ ھەققىنى ئېلىۋالغانلىق بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن دۆلەتنىڭ پۇلىنى ئېلىۋالسا ھالال دېيىش توغرا قاراش ئەمەس.

ئاللاھ تائالا باشقىلارنىڭ ھەققىنى ناھەق يەۋىلىشتىن چەكلەپ مۇنداق دەيدۇ:

وَلَا تَأۡكُلُوٓاْ أَمۡوَٰلَكُم بَيۡنَكُم بِٱلۡبَٰطِلِ وَتُدۡلُواْ بِهَآ إِلَى ٱلۡحُكَّامِ لِتَأۡكُلُواْ فَرِيقٗا مِّنۡ أَمۡوَٰلِ ٱلنَّاسِ بِٱلۡإِثۡمِ وَأَنتُمۡ تَعۡلَمُونَ   

«بىر – بىرىڭلارنىڭ ماللىرىنى ناھەق يول بىلەن يەۋالماڭلار، بىلىپ تۇرۇپ ئىنسانلارنىڭ بىر قىسىم ماللىرىنى ناھەق يەۋېلىش ئۈچۈن ئەمەلدارلارغا پارا بەرمەڭلار»-(2-سۈرە بەقەرە، 188- ئايەت).

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر