مۇسۇلمانلار
رۇخسەت بېرىلگەن ئىشلارساياھەت 1

رۇخسەت بېرىلگەن ئىشلار\ساياھەت

سەيلە – ساياھەت

1.     مەقسىتى

سەيلە – ساياھەت ئەرەبچىدە «سەپەر» دېگەن سۆز بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. بۇ سۆزنىڭ مەنىسى، مەلۇم بىر ئىش ياكى زىيارەت ئۈچۈن بىر يەردىن يەنە بىر يەرگە بېرىش دېگەن بولىدۇ. دىنىمىز ئىسلام بىرقانچە تۈرلۈك مەقسەت بىلەن سەپەر قىلىشقا بۇيرۇيدۇ. ئۇلار تۆۋەندىكىچە:

1)     ئاڭ – سەۋىيەگە ئىگە بولۇش

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

﴿أَفَلَمۡ يَسِيرُواْ فِي ٱلۡأَرۡضِ فَتَكُونَ لَهُمۡ قُلُوبٞ يَعۡقِلُونَ بِهَآ أَوۡ ءَاذَانٞ يَسۡمَعُونَ بِهَاۖ فَإِنَّهَا لَا تَعۡمَى ٱلۡأَبۡصَٰرُ وَلَٰكِن تَعۡمَى ٱلۡقُلُوبُ ٱلَّتِي فِي ٱلصُّدُورِ  ٤٦﴾

«مۇشرىكلار زېمىندا سەير قىلمىدىمۇ؟ ئەگەر ئۇلار سەير قىلغان بولسا، ئۇلارنىڭ قەلبلىرى بولاتتى، ئۇلار ئۇ قەلبلەر بىلەن ئەقىل ئىشلىتەتتى، ياكى ئۇلارنىىڭ قۇلاقلىرى بولاتتى، ئۇلار ئۇ قۇلاقلار بىلەن ئاڭلايتتى. شۈبھىسىزكى، كۆزلەر كور بولمايدۇ، لېكىن كۆكرەكلەردىكى قەلبلەر كور بولىدۇ»[1].

2)     بىلىم ۋە تەتقىقات

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

﴿قُلۡ سِيرُواْ فِي ٱلۡأَرۡضِ فَٱنظُرُواْ كَيۡفَ بَدَأَ ٱلۡخَلۡقَۚ ثُمَّ ٱللَّهُ يُنشِئُ ٱلنَّشۡأَةَ ٱلۡأٓخِرَةَۚ إِنَّ ٱللَّهَ عَلَىٰ كُلِّ شَيۡءٖ قَدِيرٞ  ٢٠﴾

«ئېيتقىنكى: ‹يەر يۈزىدە سەير قىلىپ، ئاللاھنىڭ يارىتىشنى قانداق باشلىغانلىقىنى كۆزىتىڭلار! ئاللاھ كەلگۈسىدە بۇ يارىتىشنى يەنە بىر قېتىم تەكرارلايدۇ. ئاللاھ ھەر نەرسىگە قادىردۇر»[2].

3)     تارىخ ئۆگىنىش

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

﴿وَلَقَدۡ بَعَثۡنَا فِي كُلِّ أُمَّةٖ رَّسُولًا أَنِ ٱعۡبُدُواْ ٱللَّهَ وَٱجۡتَنِبُواْ ٱلطَّٰغُوتَۖ فَمِنۡهُم مَّنۡ هَدَى ٱللَّهُ وَمِنۡهُم مَّنۡ حَقَّتۡ عَلَيۡهِ ٱلضَّلَٰلَةُۚ فَسِيرُواْ فِي ٱلۡأَرۡضِ فَٱنظُرُواْ كَيۡفَ كَانَ عَٰقِبَةُ ٱلۡمُكَذِّبِينَ  ٣٦﴾

«شۈبھىسىزكى، بىز ھەر ئۈممەتكە  ئەلچى ئەۋەتتۇق. ئۇ ئەلچى ئۇلارغا: ‹ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار، تاغۇتتىن ساقلىنىڭلار› دېدى. ئاندىن ئۇلارنىڭ بەزىسى ئاللاھنىڭ ھىدايىتىگە ئېرىشتى، بەزىسى ئازغۇنلۇققا لايىق بولدى. يەر يۈزىدە سەير قىلىپ راستنى يالغان دېگۈچىلەرنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولغانلىقىنى كۆزىتىڭلار»[3].

4)     ئىبادەت

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

﴿إِنَّ أَوَّلَ بَيۡتٖ وُضِعَ لِلنَّاسِ لَلَّذِي بِبَكَّةَ مُبَارَكٗا وَهُدٗى لِّلۡعَٰلَمِينَ  ٩٦ فِيهِ ءَايَٰتُۢ بَيِّنَٰتٞ مَّقَامُ إِبۡرَٰهِيمَۖ وَمَن دَخَلَهُۥ كَانَ ءَامِنٗاۗ وَلِلَّهِ عَلَى ٱلنَّاسِ حِجُّ ٱلۡبَيۡتِ مَنِ ٱسۡتَطَاعَ إِلَيۡهِ سَبِيلٗاۚ وَمَن كَفَرَ فَإِنَّ ٱللَّهَ غَنِيٌّ عَنِ ٱلۡعَٰلَمِينَ  ٩٧﴾

«ئىنسانلار ئۈچۈن سېلىنغان تۇنجى ئىبادەتگاھ مەككىدىكى كەبىدۇر. ئۇ بەرىكەتلىكتۇر، ئالەملەر ئۈچۈن ھىدايەتتۇر. ئۇ يەردە روشەن ئايەتلەر بار. ئىبراھىمنىڭ ماقامى بار. كىم ئۇ يەرگە كىرسە ئامانلىققا ئېرىشىدۇ. بەيتۇللاھقا بېرىشقا يول تاپالىغانلارنىڭ ھەج قىلىشى ئاللاھنىڭ ئىنسانلار ئۈستىدىكى ھەققىدۇر. كىم كاپىر بولسا، بىلىپ قويسۇنكى، ئاللاھ ئالەملەردىن بىھاجەتتۇر»[4].

5)     تىجارەت

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

﴿هُوَ ٱلَّذِي جَعَلَ لَكُمُ ٱلۡأَرۡضَ ذَلُولٗا فَٱمۡشُواْ فِي مَنَاكِبِهَا وَكُلُواْ مِن رِّزۡقِهِۦۖ وَإِلَيۡهِ ٱلنُّشُورُ  ١٥﴾

«ئۇ شۇنداق زاتكى، زېمىننى سىلەرگە كۆنۈك ئۇلاغقا ئوخشاش قىلىپ بەردى. ئۇ ھالدا زېمىننىڭ ئۈستىدە مېڭىڭلار ۋە ئۇ زات بەرگەن رىزىقتىن يەڭلار، قايتا تىرىلدۈرۈلۈپ ئۇنىڭ ھۇزۇرىغا قايتۇرۇلىسىلەر»[5].‏

﴿… وَءَاخَرُونَ يَضۡرِبُونَ فِي ٱلۡأَرۡضِ يَبۡتَغُونَ مِن فَضۡلِ ٱللَّهِ … ٢٠﴾

«ئاللاھنىڭ پەزلىدىن تىلەپ زېمىندا سەپەر قىلىدىغان باشقا كىشىلەر»[6].

مەنبە: ئەنەس ئالىم ئوغلۇ، لازىملىق دىنى ئىلىملەر، 1 : 281-283.

[1] 22 – سۈرە ھەج، 46 – ئايەت.

[2] 29 – سۈرە ئەنكەبۇت، 20 – ئايەت.

[3] 16 – سۈرە نەھل، 36 – ئايەت.

[4] 3 – سۈرە ئال ئىمران، 96 – ۋە 97 – ئايەتلەر.

[5] 67 – سۈرە مۇلك، 15 – ئايەت.

[6] 73 – سۈرە مۇززەممىل، 20 – ئايەت.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر