مۇسۇلمانلار
جۈمە كىچىسى قايسى كۈن؟ 1

جۈمە كىچىسى قايسى كۈن؟

سۇئال:

قايسى كېچە «جۈمە كېچىسى» بولىدۇ؟  جۈمە كۈنىنىڭ كېچىسى پەيشەنبە بىلەن جۈمەنى تۇتاشتۇرىدىغان كېچىمۇ ياكى جۈمە بىلەن شەنبىنى تۇتاشتۇرىدىغان كېچىمۇ؟

جاۋاب:

بىر كۈن، بىر كۈندۈز ۋە بىر كېچىدىن شەكىللىنىدۇ. كۈندۈز قۇياش چىققاندىن كىيىن پاتقىچە بولغان ۋاقىتنى، كېچە قۇياش پاتقاندىن كېيىن چىققىچە بولغان ۋاقىتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. كۈندۈز ئاۋۋال، كېچە كىيىن بولىدۇ.

بۇنى قۇرئان ۋە ھەدىسلەرمۇ تەكىتلەيدۇ. مەسىلەن: ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

لَا ٱلشَّمۡسُ يَنۢبَغِي لَهَآ أَن تُدۡرِكَ ٱلۡقَمَرَ وَلَا ٱلَّيۡلُ سَابِقُ ٱلنَّهَارِۚ وَكُلّٞ فِي فَلَكٖ يَسۡبَحُونَ

قۇياش ئايغا يېتىشەلمەيدۇ، كېچە كۈندۈزنىڭ ئالدىغا ئۆتەلمەيدۇ. ھەر بىرى بىر ئوربىتىدا ئۈزۈپ تۇرىدۇ. (36-سۈرە ياسىن، 40- ئايەت).

كېچە، كۈندۈزنىڭ ئالدىغا ئۆتەلمىگەنلىكى ئۈچۈن ئاۋۋال كۈندۈز، كېيىن كېچە كېلىدۇ. بۇ سەۋەبتىن كۈنلۈك نامازنىڭ بىرىنچىسى پېشىن نامىزى بولىدۇ. ئىسرا  78- ۋە ھۇد 114-ئايەتلەر بۇنى كۆرسىتىدۇ. جەبرائىل ئەلەيھىسسالام كەئبىدە پەيغەمبىرىمىزگە ئىككى كۈن ئىمام بولغاندىمۇ، ھەر قىتىمدا ئاۋۋال پېشىن نامىزىدىن باشلىغان.

 دېمەك، جۈمە كېچىسى، جۈمە كۈندۈزىنىڭ ئارقىسىدىن كەلگەنلىكى ئۈچۈن، ئۇ كىچە، جۈمە كۈنى قۇياش پاتقاندىن كىيىن چىققىچە بولغان ۋاقىتنى يەنى جۈمەنى شەنبىگە تۇتاشتۇرىدىغان كېچىنى كۆرسىتىدۇ.

بۇ ھەقتە مۇشۇنداق ئۇچۇق ئايەت ۋە ھەدىسلەر تۇرسىمۇ ھازىرقى مۇسۇلمانلار پەقەت ھەج كۈنلىرىدىلا كۈندۈزنىڭ كېچىدىن ئىلگىرى ئىكەنلىكىنى قوبۇل قىلىپ، ھەجدىن باشقا كۈنلەردە كۈننى، قۇياش پاتقاندا تۈگىتىپ، بۇ ۋاقىتنى يېڭى كۈننىڭ باشلىنىش نۇقتىسى قىلىۋاتىدۇ. بۇ خاتا چۈشەنچە، ئىبادەتلەرنىڭ ۋاقىتلىرىنىمۇ ئاستىن -ئۈستىن قىلىۋاتىدۇ.

مەسىلەن: سىز چۈشەنمىگەن بۇ مەسىلىمۇ شۇ خاتا چۈشەنچىدىن كېلىپ چىققان. يەنە رامزان ئېيى، ئەڭ ئاخىرقى كۈن قۇياش پاتقاندا تۈگەپ، بۇ ۋاقىتتا يېڭى كۈن باشلىغان بولسا، قۇياش تۇلۇق چىقىپ بولغاندىن كېيىن ئوقۇلىدىغان ھېيت نامىزى ۋە پىتىر سەدىقىسىنى بۇ ۋاقىتتا يەنى ناماز شام ۋاقتىدا ئادا قىلىش پەرز بولغان بولاتتى.  

ھالبۇكى ئىكرىمە ئىبنى ئابباس بۇنىڭ خاتالىقىنى كۆرسىتىدىغان مۇنداق بىر رىۋايەتنى دەيدۇ: رەسۇلۇللاھ پىتىر سەدىقىسىنى، روزىدارنىڭ ئېغىزىدىن چىقىپ كەتكەن ئەسكى گەپ-سۆزلەر ئۈچۈن پاكلىغۇچى ۋە مىسكىنلەر ئۈچۈن تاماق بولسۇن دەپ پەرز قىلدى. كىم ئۇنى روزا ھېيت نامىزىدىن بۇرۇن بەرسە قۇبۇل قىلىنغان بىر زاكات بولىدۇ. نامازدىن كېيىن بەرسە پەقەت بىر سەدىقە بەرگەن بولىدۇ. (ئەبۇ داۋۇد، زاكات، 18).

ھىلال ئاينىڭ كۆرۈنگەنلىكىنىڭ يېڭى ئاينىڭ باشلانغانلىقىنى كۆرسىتىشى، ئاينىڭ ئۇ ۋاقىتتىن ئىتىبارەن باشلانغانلىقىنى كۆرسەتمەيدۇ. مەسىلەن: رامىزاننىڭ كىرگەنلىكىنى كۆرسىتىدىغان ئاي شەئباننىڭ ئاخىرقى كۈنى ناماز شام ۋاقتىدا يەنى قۇياش پاتقاندىن كىيىن كۆرۈنىدۇ. بۇنىڭغا قاراپ رامىزان باشلىدى دەپ، كۈن ئولتۇرغاندىن كىيىن روزا تۇتۇشنى باشلىمايمىز. بەلكى ئەتىسى كۈن چىققاندىن كىيىن رامىزاننىڭ بىرىنچى كۈنى ھېسابلىنىدۇ. بۇ سەۋەپتىن مۇسۇلمانلارنىڭ ئىچىدە ئەنئەنە بولۇپ كەتكەن ئۇ قاراش خاتا.    

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر