مۇسۇلمانلار
ئائىلە ھاياتى ئەر-ئاياللارنىڭ ئورتاق مەسئۇلىيىتى 1

ئائىلە ھاياتى \ئەر-ئاياللارنىڭ ئورتاق مەسئۇلىيىتى

ئەر – ئاياللارنىڭ مەسئۇلىيەتلىرى

 ئىسلام دىنىمىز ئائىلە ھاياتىنىڭ كۆڭۈللۈك ئۆتۈشى ئۈچۈن ئەر -ئاياللارغا ئورتاق مەسئۇلىيەتلەر يۈكلەش بىلەن بىرگە، ئۇلارنىڭ ھەر بىرىگە ئايرىم – ئايرىم مەسئۇلىيەتلەر يۈكلىگەن. ئەر – ئايال ھەر ئىككى تەرەپ بۇ مەسئۇلىيەتلەرنى ئادا قىلسا، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ بىر دىنى ۋەزىپىسىنى ئورۇندىغاننىڭ سىرتىدا تۇرمۇشلىرى كۆڭۈللۈك، ئۆيلىرىنىڭ ھۇزۇرلۇق ۋە ئائىلىسىنىڭ بەختلىك بولۇشىنىمۇ كاپالەتكە ئىگە قىلغان بولىدۇ. ئۇ مەسئۇلىيەتلەر تۆۋەندە ئۈچكە بۆلۈپ بايان قىلىنىدۇ:

1.     ئورتاق مەسئۇلىيەتلەر

 ئەر ـ ئايال ئوتتۇرىسىدا ئورتاق مەسئۇلىيەتلەر بولۇپ، ئۇلارنى ھەر ئىككى تەرەپ ئوخشاشلا ئادا قىلىشى كېرەك. ئۇ ھەقلەر تۆۋەندىكىچە:

1)     ۋاپادارلىق

ئەر – ئاياللاردىن ھەر بىرى قارشى تەرەپكە ۋاپادار بولۇشى، يەنى ئۇلار چوڭ بولسۇن، كىچىك بولسۇن ھېچقانداق سۆز ۋە ھەرىكەتتە بىر – بىرىگە خىيانەت قىلماسلىقى لازىم. چۈنكى ئەر – ئايال، شېرىكلىشىپ تىجارەت قىلغان ئىككى كىشىگە ئوخشايدۇ.

شېرىكلەر ئوتتۇرىسىدا سەمىمىيەت، راستچىللىق ۋە ئۆزئارا كۆيۈنۈش بولمىسا، شىركەت ۋەيران بولغاندەك،  بىر – بىرىگە سادىق بولمىغان ئەر – ئايالدىن قۇرۇلغان ئائىلىمۇ ۋەيران بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئەر – ئايال ئوتتۇرىسىدا ئۆزئارا ئىشەنچ، سەمىمىيلىك، راستچىللىق، ۋاپادارلىق ۋە كۆيۈنۈش قاتارلىقلارنىڭ ھەر دائىم ئەڭ يۇقىرى سەۋىيىدە مەۋجۇت بولۇشى كېرەك.

2)     دوستلۇق ۋە مېھرىبانلىق

ئەر – ئايال بىر – بىرىنى چىن كۆڭلىدىن ياخشى كۆرۈشى، بىر – بىرىگە مېھرىبانلىق قىلىشى، قىسقىسى، «مەن ئۇ، ئۇ مەن» دېگەن كۆز قاراشتا بولۇشلىرى لازىم. 30 – سۈرە رۇمنىڭ 21 – ئايىتى بۇنى كۆرسىتىدۇ. ئايەت مۇنداق:

﴿وَمِنۡ ءَايَٰتِهِۦٓ أَنۡ خَلَقَ لَكُم مِّنۡ أَنفُسِكُمۡ أَزۡوَٰجٗا لِّتَسۡكُنُوٓاْ إِلَيۡهَا وَجَعَلَ بَيۡنَكُم مَّوَدَّةٗ وَرَحۡمَةًۚ إِنَّ فِي ذَٰلِكَ لَأٓيَٰتٖ لِّقَوۡمٖ يَتَفَكَّرُونَ  ٢١﴾

«ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىدىن بىرى شۇكى، ئۇ سىلەرگە كۆڭلۈڭلارنىڭ ئارام تېپىشى ئۈچۈن ئۆزۈڭلاردىن جۈپتلەر يارىتىپ بەردى، ئاراڭلاردا مۇھەببەت ۋە مېھرىبانلىق ئورناتتى. شۈبھىسىزكى، بۇنىڭدا تەپەككۇر قىلىدىغان قەۋم ئۈچۈن ئايەتلەر بار»[1].‏

3)     ئۆزئارا ئىشەنچ

ھەر ئىككى تەرەپ، ئوتتۇرىسىدا ئەر – ئاياللىق مۇناسىۋەتتىن باشقا دىنى قېرىنداشلىق مۇناسىۋىتىنىڭ بارلىقىنىمۇ ئېسىدىن چىقىرىۋەتمەسلىكلىرى كېرەك. ئەر – ئايالنىڭ ھەر بىرى يەنە بىرىگە «بۇ مېنىڭ ھالال جۈپتىم» دەپ قاراش بىلەن بىرگە «بۇ مېنىڭ دىنى قېرىندىشىم» دېگەن چۈشەنچىدىمۇ بولۇشى، شۇنداقلا ئۇنىڭغا ئىشەنچ قىلىشى لازىم. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

﴿إِنَّمَا ٱلۡمُؤۡمِنُونَ إِخۡوَةٞ …  ١٠﴾

«شۈبھىسىزكى، مۇئمىنلار قېرىنداشلاردۇر»[2].

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «بىرىڭلار ئۆزى ئۈچۈن ياخشى كۆرگەننى، قېرىندىشى ئۈچۈنمۇ ياخشى كۆرمىگىچە مۇئمىن بولالمايدۇ»[3].

4)     ياخشى ئەخلاق

ئەر – ئاياللار  بىر – بىرىگە مۇئامىلىسى ياخشى، چىرايى ئوچۇق، گەپ – سۆزى ئېسىل، ئەخلاقى گۈزەل بولۇشى كېرەك. بىر – بىرىنى قەدىرلىشى ۋە ھۆرمەتلىشى، ئەرلەر بۇنىڭغا بەكراق كۆڭۈل بۆلۈشى لازىم. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

﴿… وَعَاشِرُوهُنَّ بِٱلۡمَعۡرُوفِۚ فَإِن كَرِهۡتُمُوهُنَّ فَعَسَىٰٓ أَن تَكۡرَهُواْ شَيۡئًا وَيَجۡعَلَ ٱللَّهُ فِيهِ خَيۡرٗا كَثِيرٗا  ١٩﴾

 «ئاياللىرىڭلار بىلەن مەئرۇفقا ئۇيغۇن ھالدا تۇرمۇش كەچۈرۈڭلار. ئەگەر ئۇلارنى ياقتۇرمىساڭلار، بىلىڭلاركى سىلەر بىر نەرسىنى ياقتۇرماسلىقىڭلار مۇمكىن، ئاللاھ ئۇنىڭدا كۆپ ياخشىلىق پەيدا قىلىشى مۇمكىن»[4].

بۇ يەردىكى «تۇرمۇش كەچۈرۈڭلار» دېگەن ئىپادىنىڭ ئەرەبچىسى « ئاشىرۇ»دۇر. بۇ كەلىمىنىڭ شەكلى «مەئرۇفقا ئۇيغۇن ھالدا تۇرمۇش كەچۈرۈڭلار» دېگەن بۇيرۇقنى ئەر – ئايال ھەر ئىككىسىنىڭ ئىجرا قىلىشىنىڭ لازىملىقىغا، بۇ بۇيرۇقنى ئىجرا قىلىشتا ئايالغا قارىغاندا ئەرنىڭ بەكراق كۆڭۈل بۆلۈشىنىڭ مۇھىملىقىغا دالالەت قىلىدۇ. چۈنكى بۇ كەلىمە مۇفائەلە بابىدىندۇر. «مۇفائەلە» بابى ئەسلىدە بىر پېئىلنى فائىل (ئىگە) بىلەن مەفئۇلنىڭ (تولدۇرغۇچى) ھەر ئىككىلىسىنىڭ قىلغانلىقىغا، لېكىن فائىلنىڭ كۆپراق قىلغانلىقىغا دالالەت قىلىدۇ[5].

«مەئرۇف» ياخشىلىقى شەرىئەت بىلەن ياكى ئەقىل بىلەن تونۇلغان ئىش – ھەرىكەت، دېگەن بولىدۇ[6]. ئۇنداقتا مەئرۇف شەرىئەت بۇيرۇغان ھەر ئىش، شەرىئەتنىڭ ھېچبىر ئەمرىگە خىلاپ كەلمەسلىك شەرتى بىلەن ئىنسانلارنىڭ ئورتاق ئەقلى ئارقىلىق شەكىللەنگەن ئۆرپ – ئادەت دېگەن بولىدۇ.‏

[1] 30 – سۈرە رۇم، 21 – ئايەت.

[2] 49 – سۈرە ھۇجۇرات، 10 – ئايەت.

[3] بۇخارى، «ئىمان»، 6؛ مۇسلىم، «ئىمان»، 71؛ نەسەئى، «ئىمان»، 19: تىرمىزى، «سىفەتۇل قىيامەت»، 60؛ ئىبنى ماجە، «مۇقەددىمە»، 9.

[4] 4 – سۈرە نىسا، 19 – ئايەت.

[5] خالىغانلار مۇناسىۋەتلىك كىتابلاردىن ئەرەبچىنىڭ مورفولوگىيە ۋە سىنتاكسىس قائىدىلىرىگە قاراپ باقسا بولىدۇ.

[6] راغىب ئىسفەھانى، «مەئرۇف»، 561؛ قاھىرە ئەرەب تىلى ئاكادېمىيىسى، «مەئرۇف»، مۇئجەمۇلۋەسىت، (دارۇ دەئۋەت، تارىخسىز)، 2: 595.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر