مۇسۇلمانلار
بالىلار ئامانەت ۋە ھەدىيەدۇر 1

بالىلار ئامانەت ۋە ھەدىيەدۇر

ئاتا – ئانىلارنىڭ مەسئۇلىيەتلىرى

پەرزەنتلەر ئاللاھ تائالانىڭ ئاتا – ئانىلارغا بەرگەن ھەدىيەسى، ئاتا قىلغان نېمىتى ۋە قويغان ئامانىتىدۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

﴿لِّلَّهِ مُلۡكُ ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضِۚ يَخۡلُقُ مَا يَشَآءُۚ يَهَبُ لِمَن يَشَآءُ إِنَٰثٗا وَيَهَبُ لِمَن يَشَآءُ ٱلذُّكُورَ  ٤٩ أَوۡ يُزَوِّجُهُمۡ ذُكۡرَانٗا وَإِنَٰثٗاۖ وَيَجۡعَلُ مَن يَشَآءُ عَقِيمًاۚ إِنَّهُۥ عَلِيمٞ قَدِيرٞ  ٥٠﴾

«ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ پادىشاھلىقى ئاللاھقا خاستۇر. ئاللاھ خالىغىنىنى يارىتىدۇ، خالىغان ئادەمگە قىز پەرزەنتلەر ئاتا قىلىدۇ، خالىغان ئادەمگە ئوغۇل پەرزەنتلەر ئاتا قىلىدۇ ياكى ئۇلارغا ئوغۇل ـ قىز ئارىلاش پەرزەنتلەر ئاتا قىلىدۇ. ئاللاھ خالىغان ئادەمنى تۇغماس قىلىدۇ. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ بىلگۈچىدۇر، قادىردۇر»[1].

﴿وَٱللَّهُ جَعَلَ لَكُم مِّنۡ أَنفُسِكُمۡ أَزۡوَٰجٗا وَجَعَلَ لَكُم مِّنۡ أَزۡوَٰجِكُم بَنِينَ وَحَفَدَةٗ …  ٧٢﴾

 «ئاللاھ سىلەرگە ئۆزۈڭلاردىن جۈپلەرنى يارىتىپ بەردى، جۈپلىرىڭلاردىن سىلەرگە بالىلار ۋە نەۋرىلەرنى يارىتىپ بەردى»[2].

﴿ٱلۡمَالُ وَٱلۡبَنُونَ زِينَةُ ٱلۡحَيَوٰةِ ٱلدُّنۡيَاۖ …  ٤٦﴾

«مال ۋە بالىلار دۇنيا ھاياتىنىڭ زىننىتىدۇر»[3].

﴿يَٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ لَا تَخُونُواْ ٱللَّهَ وَٱلرَّسُولَ وَتَخُونُوٓاْ أَمَٰنَٰتِكُمۡ وَأَنتُمۡ تَعۡلَمُونَ ٢٧ وَٱعۡلَمُوٓاْ أَنَّمَآ أَمۡوَٰلُكُمۡ وَأَوۡلَٰدُكُمۡ فِتۡنَةٞ وَأَنَّ ٱللَّهَ عِندَهُۥٓ أَجۡرٌ عَظِيمٞ  ٢٨﴾

«ئى مۇئمىنلار! ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا خىيانەت قىلماڭلار، بىلىپ تۇرۇپ ئامانەتلىرىڭلارغا خىيانەت قىلماڭلار. بىلىڭلاركى، ماللىرىڭلار ۋە بالىلىرىڭلار سىناقتۇر، ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا بۈيۈك مۇكاپات بار»[4].

[1] 42 – سۈرە شۇرا، 49 – ۋە 50 – ئايەتلەر.

[2] 16 – سۈرە نەھل، 72 – ئايەت.

[3] 18 – سۈرە كەھف، 46 – ئايەت.

[4] 8 – سۈرە ئەنفال، 27 – ۋە 28 – ئايەتلەر.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر