مۇسۇلمانلار
ئاتا-ئانىنىڭ مەسئۇلىيىتىبالىنى ياخشى تەربىيەلەش 1

ئاتا-ئانىنىڭ مەسئۇلىيىتى\بالىنى ياخشى تەربىيەلەش

ئاللاھ تائالا بالىلارنى ياخشى تەربىيەلەش توغرىسىدا مۇنداق دەيدۇ:

﴿… وَقُل رَّبِّ ٱرۡحَمۡهُمَا كَمَا رَبَّيَانِي صَغِيرٗا  ٢٤﴾

«ئاتا – ئاناڭ ئۈچۈن مۇنداق دەپ دۇئا قىلغىن: رەببىم! ئاتا – ئانام مېنى كىچىكلىكىمدە تەربىيىلىگەندەك، سەن ئۇلارغا مەرھەمەت قىلغىن»[1].

بۇ ئايەت ئاتا – ئانىنىڭ ئۆز پەرزەنتلىرىنى كىچىك چاغلىرىدا ياخشى تەربىيەلىشىنىڭ لازىملىقىغا دالالەت قىلىدۇ. چۈنكى پەقەت ياخشى تەربىيەلەنگەن پەرزەنتلەرلا ئاتا – ئانىسىنىڭ ئارقىسىدىن خەيرلىك دۇئا قىلىدۇ.

﴿يَٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ قُوٓاْ أَنفُسَكُمۡ وَأَهۡلِيكُمۡ نَارٗا …  ٦﴾

«ئى مۇئمىنلار! ئۆزۈڭلارنى ۋە ئائىلەڭلەرنى ئوتتىن ساقلاڭلار»[2].

يۇقىرىدىكى ئايەتلەر ئاتا – ئانىلارغا ئۆز پەرزەنتلىرىنى تەربىيەلەش، يېتەكلەش، ئوقۇتۇش ۋە ئۇلارغا دائىم كۆز – قۇلاق بولۇش قاتارلىق مەسئۇلىيەتلەرنى يۈكلەيدۇ. ئاتا – ئانىلارنىڭ بۇ مەسئۇلىيەتلىرىنى ئادا قىلىشى ئاللاھنىڭ ھەدىيەسىگە تەشەككۈر ئېيتقانلىق، نېمىتىگە شۈكۈر قىلغانلىق ۋە ئامانىتىنى قوغدىغانلىق بولىدۇ.

[1] 17 – سۈرە ئىسرا، 24 – ئايەت.

[2] 66 – سۈرە تەھرىم، 6 – ئايەت.

[3] ئەبۇ داۋۇد، «ئەدەب/ ئەبۋابۇ نەۋم»، 115؛ تىرمىزى، «ئەداھى»، 17؛ ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل، مۇسنەد، 39: 297.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر