مۇسۇلمانلار
ئاياللارنىڭ ماشىنا ھەيدىشى 1

ئاياللارنىڭ ماشىنا ھەيدىشى

ئاياللارنىڭ ماشىنا ھەيدىشى

ئىسلامنىڭ ئاياللارغا بەك كەڭچىلىق قىلىدىغانلىقىنى، ئۇلارغا يۈكسەك ھوقۇقلار بەرگەنلىكىنى كۆپۈكىنى چىقىرىپ جار سالىدىغانلار، يەنە شۇ ئىسلامنى دەستەك قىلىپ ئۇلارنىڭ نورمال ئىنسانى ھايات سېستىمىسىغا توسالغۇ بولىۋاتىدۇ. ئاياللار ئۇنى قىلسا ھارام، بۇنى قىلسا پىتنە، ئۇنى قىلسا بولمايدۇ، يامان بولىدۇ… دېگەندەك ئىسلام بىلەن ئالاقىسى يوق نۇرغۇن چەكلىمىلەرنى قويۇپ، بۇ كەڭرى دۇنيانى ئۇلار ئۈچۈن زىندانغا ئايلاندۇرۇپ قويۇۋاتىدۇ. مەسىلەن: «ئاياللار ماشىنا ھەيدىسە ھارام» دېگەن بۇ پەتىۋامۇ شۇ ئاساسسىز چەكلىمىلەرنىڭ بىرىدۇر. تۆۋەندە بۇ ھەقتە بىر ئاز توختىلىمىز.  

دىنىمىز ئىسلامدا ئاياللارنىڭ ماشىنا ھەيدىشى چەكلەنمەيدۇ، يەنى ئاياللار بارىدىغان يېرىگە ماشىنىنى ئۆزى ھەيدەپ بارسا بولىدۇ. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە پۈتۈن ئىنسانىيەتنى يەر يۈزىدە بىرقانچە مەقسەت بىلەن سەپەر قىلىشىغا رۇخسەت بېرىدۇ، ھەتتا ئەمر قىلىدۇ. يۇقىرىدا تەپسىلىي ئوتتۇرىغا قويۇلغاندەك ئاللاھ تائالانىڭ بۇ ئەمرىدە ئەر – ئايال ئايرىلمايدۇ.

ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاياللار مەھەللە ئارىسىدا قىلىدىغان سەپەر، يول بىخەتەر بولغاندا ئۆزى يالغۇز ياكى باشقا ئاياللارنىڭ ھەمراھلىقىدا قىلىدىغان، يول بىخەتەر بولمىغاندا يېنىدا بىرەر مەھرىمى بولغان ھالدا قىلىدىغان سەپەر قاتارلىق سەپەرلىرىدە  بارىدىغان يېرىگە ئات، ئېشەككە ئوخشاش ئۇلاغلارغا مىنىپ بارسا بولىدۇ. بۇ ئەسلا چەكلەنمەيدۇ. مىنگەن ئۇلاغنىڭ باش بېغىنى قولىدا تۇتۇپ ئىككى پۇتىدا دېۋىتىپ ئۇ ئۇلاغنى تېز مېڭىشقا زورلىشى دۇرۇس بولغان بىر ئايالنىڭ، زامانىۋى ئۇلاغ بولغان ماشىنىغا چىقىپ ئۇنىڭ باش بېغى بولغان رولىنى تۇتۇپ ماڭغۇزىدىغان يېرىگە پۇتى بىلەن بېسىپ (دېۋىتىپ) بېرىشىنىڭ ھېچقانداق يامان تەرىپى يوق. ئۇ ئىككى ئۇلاغنىڭ بىرى باش بېغى بىلەن باشقۇرۇلىدۇ، يەنە بىرى رول بىلەن. بىرى دېۋىتىپ ھەيدىلىدۇ، يەنە بىرى مايغا بېسىپ ھەيدىلىدۇ. بۇ ئىككىسىنىڭ ئوتتۇرىسىدا ھېچقانداق پەرق يوق.

مۇھىم بولغىنى ئايال كىشىنىڭ بىر يەرگە بېرىشىدىن يولدىشىنىڭ ياكى ئۆيىدىكىلىرىنىڭ خەۋىرى بولۇشى، كىيىم – كېچەكلىرىنىڭ  ئىسلامىي ئۆلچەمگە ئۇيغۇن بولۇشى، نامەھرەملەرگە تىكىلىپ قارىماسلىقى ۋە نازلىنىپ گەپ قىلماسلىقىدۇر.‏

بارىدىغان يېرىگە ئۇلاغقا مىنىپ ياكى زامانىۋى قاتناش ۋاسىتىلىرىدىن بىرىگە ئولتۇرۇپ بارسا بولىدىغان ئايال كىشى، مىنگەن ئۇلىغىنىڭ باش بېغىنى تۇتۇپ باشقۇرۇپ بارماقچى بولغان يېرىنىڭ يولىدا ماڭدۇرغاندەك، ئولتۇرغان زامانىۋى ئۇلىغى بولغان ماشىنىسىنىڭ باش بېغى بولغان رولنى تۇتۇپ بارىدىغان يېرىگە ئاپىرىدىغان يولدا ماڭغۇزۇپ شۇ يەرگە بارسا نېمە ئۈچۈن بولمايدۇ؟ بۇ ئايال ئۇ ماشىنىنى ھەيدەش بىلەن نېمە گۇناھ قىلدى؟ قانداق جىنايەت ئۆتكۈزدى؟ دىنىمىزنىڭ قايسى چەكلىمىسىگە بويسۇنمىدى؟ ياكى قايسى ئەمرىگە ئىتائەت قىلمىدى؟

«ئاياللارنىڭ ماشىنا ھەيدىشى ھارام» دېگۈچىلەرگە مەلۇم بولغايكى:

ئاللاھ تائالا ھالال – ھارام قىلىش ھوقۇقىنى ھېچكىمگە بەرمىگەن. دەلىلگە ئاساسلانماستىن «ماۋۇ ھالال، ئاۋۇ ھارام» دېگۈچىلەر ئاللاھقا يالغان چاپلىغان بولىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

﴿وَلَا تَقُولُواْ لِمَا تَصِفُ أَلۡسِنَتُكُمُ ٱلۡكَذِبَ هَٰذَا حَلَٰلٞ وَهَٰذَا حَرَامٞ لِّتَفۡتَرُواْ عَلَى ٱللَّهِ ٱلۡكَذِبَۚ إِنَّ ٱلَّذِينَ يَفۡتَرُونَ عَلَى ٱللَّهِ ٱلۡكَذِبَ لَا يُفۡلِحُونَ  ١١٦﴾

«تىللىرىڭلار توقۇغان يالغانغا ئاساسلىنىپ ‹ئۇ ھالال، بۇ ھارام› دېمەڭلار. بولمىسا ئاللاھقا يالغاننى چاپلىغان بولىسىلەر. ئاللاھقا يالغاننى چاپلىغانلار ھەرگىزمۇ مۇرادىغا يېتەلمەيدۇ»[1].

مەنبە: ئەنەس ئالىم، لازىملىق دىنى ئىلىملەر، 1 : 287-288.

[1] 16 – سۈرە نەھل، 116 – ئايەت.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر