مۇسۇلمانلار
كاپىردىن ھەق ئېلىپ ئىشلەشكە بولامدۇ؟ 1

كاپىردىن ھەق ئېلىپ ئىشلەشكە بولامدۇ؟

   كاپىردىن ھەق ئېلىپ ئىشلەش

دىنىمىز ئىسلامدا، مۇسۇلمان بولۇش ئۈچۈن مەلۇم بىر يەردە ياشاش شەرت قىلىنمىغاندەك، مەلۇم بىر تەبىقىگە تەۋە بولۇپ شۇ تەبىقىنىڭ ئارىسىدا ياشاشمۇ شەرت قىلىنمايدۇ. ئەكسىچە مۇسۇلمان ئۆزىنىڭ مۇسۇلمانلىقىنى ساقلاپ قېلىش شەرتى بىلەن ھەر قانداق رايوندا ياشىسا بولىدۇ، ھەتتا ھەر قانداق ماقام ۋە مەرتىۋىگە ئېرىشسە بولىدۇ.

قۇرئان كەرىمدە يۇسۇف ئەلەيھىسسالامنىڭ مىسىردا كاپىر بىر پادىشاھنىڭ ھۆكۈمىتىدە دەسلەپتە مالىيە مىنىستىرى، كېيىن باش مىنىستىر (زۇڭلى) بولۇپ خىزمەت قىلغانلىقىنىڭ زىكىر قىلىنىشى بىر مۇسۇلماننىڭ كاپىر پادىشاھنىڭ ھۆكۈمىتىدە ۋەزىپە ئېلىپ خىزمەت قىلىشىغا بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. چۈنكى ئۇ قىسسەنىڭ قۇرئان كەرىمدە بايان قىلىنىشى بىزگە ھېكايە ئاڭلىتىش ئۈچۈن ئەمەس، يۇسۇف ئەلەيھىسسالام ياشىغاندەك بىر كاپىر ھۆكۈمەتنىڭ باشقۇرىشىدىكى جەمئىيەتتە ياشايدىغانلارغا ئۇلارنىڭ ئىدارە – ئورگانلىرىدا ئىشلەشكە توغرا كېلىپ قالسا ھېچ ئىككىلەنمەي ئىشلىسە بولىدىغانلىقىنى، ھەتتا يۈسۈف ئەلەيھىسسالام قىلغاندەك ئومۇمنىڭ مەنپەئەتىگە مۇناسىۋەتلىك ئىشلارنى باشقىلاردىنمۇ ياخشى قىلالايدىغانلىقىغا ئىقتىدارى يەتسە ئۇ ئىشنى تەلەپ قىلسىمۇ بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈندۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

﴿وَقَالَ ٱلۡمَلِكُ ٱئۡتُونِي بِهِۦٓ أَسۡتَخۡلِصۡهُ لِنَفۡسِيۖ فَلَمَّا كَلَّمَهُۥ قَالَ إِنَّكَ ٱلۡيَوۡمَ لَدَيۡنَا مَكِينٌ أَمِينٞ  ٥٤ قَالَ ٱجۡعَلۡنِي عَلَىٰ خَزَآئِنِ ٱلۡأَرۡضِۖ إِنِّي حَفِيظٌ عَلِيمٞ  ٥٥ وَكَذَٰلِكَ مَكَّنَّا لِيُوسُفَ فِي ٱلۡأَرۡضِ يَتَبَوَّأُ مِنۡهَا حَيۡثُ يَشَآءُۚ نُصِيبُ بِرَحۡمَتِنَا مَن نَّشَآءُۖ وَلَا نُضِيعُ أَجۡرَ ٱلۡمُحۡسِنِينَ  ٥٦﴾

«پادىشاھ: ‹ئۇنى يېنىمغا كەلتۈرۈڭلار، خاس ئادىمىم قىلىمەن› دېدى. ئاندىن پادىشاھ يۇسۇف بىلەن سۆزلەشكەندە ئۇنىڭغا: ‹شۈبھىسىزكى، سەن بۈگۈن يېنىمىزدا يۇقىرى مەرتىۋىلىك ۋە ئىشەنچلىك ئادەمسەن› دېدى. يۇسۇف: ‹مېنى مەملىكەتنىڭ خەزىنىلىرىنى باشقۇرۇش ۋەزىپىسىگە تەيىنلىگىن. چۈنكى مەن ئۇلارنى ئوبدان ساقلايدىغان ۋە ئۇلارنى باشقۇرۇشنى ئوبدان بىلىدىغان ئادەممەن› دېدى. شۇنىڭدەك، بىز يۇسۇفكە ئۇ مەملىكەتنىڭ ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ھوقۇقىنى بەردۇق. ئۇ مەملىكەتنى خالىغانچە تەسەررۇپ قىلاتتى[1]. بىز رەھمىتىمىزنى ئۆزىمىز خالىغان كىشىگە يەتكۈزىمىز ۋە ياخشىلىق قىلغۇچىلارنىڭ ئەجرىنى زايە قىلىۋەتمەيمىز»[2].

ئەسكەرتىش: كاپىردىن ھەق ئېلىپ ئىشلەشتە ئۇ ئىشنىڭ دىنىمىزدا چەكلەنمىگەن ئىش بولۇشى شەرتتۇر.

[1] يۇسۇف ئەلەيھىسسالام باشتا يېزا ئىگىلىك مىنىستىرى، مالىيە مىنىستىرى، كېيىن ئەزىز (باش مىنىستىر) بولغان، بۇنى بۇ ئايەت ۋە بۇ سۈرىنىڭ 78 – ۋە 88 – ئايەتلىرىدە يۇسۇف ئەلەيھىسسالامنىڭ قېرىنداشلىرىنىڭ ئۇنىڭغا «ئەزىز» دەپ خىتاب قىلىشى كۆرسىتىدۇ.

[2] 12 – سۈرە يۇسۇف، 54 ~ 56 – ئايەتلەر.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر