مۇسۇلمانلار
ئىنسانغا چەكلەنگەن ئىشلار قۇرئاننىڭ مەنىسىنى يوشۇرۇش 1

ئىنسانغا چەكلەنگەن ئىشلار \ قۇرئاننىڭ مەنىسىنى يوشۇرۇش

  1.   قۇرئاننىڭ مەنىسىنى يوشۇرۇش

بۇ قۇرئاننىڭ مەنىسىنى، ئاللاھنىڭ نېمە دېگەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ باشقىلارغا يەتكۈزمەسلىكنى ياكى ئۆزىنىڭ مەنپەئەتىنى دەپ ئايەتلەرنىڭ مەنىسىنى بۇرمىلاپ خاتا يەتكۈزۈشنى؛ ئاللاھ ھالال قىلغاننى ھارام ۋە ھارام قىلغاننى ھالال دەپ يەتكۈزۈشنى ۋە شۇنداق ئەمەل قىلىشنى… ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇنداق قىلغانلار دۇنيادىمۇ خارلىقتا ياشايدۇ، قىيامەتتىمۇ قاتتىق جازاغا مۇپتىلا قىلىنىدۇ.

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

﴿إِنَّ ٱلَّذِينَ يَكۡتُمُونَ مَآ أَنزَلۡنَا مِنَ ٱلۡبَيِّنَٰتِ وَٱلۡهُدَىٰ مِنۢ بَعۡدِ مَا بَيَّنَّٰهُ لِلنَّاسِ فِي ٱلۡكِتَٰبِ أُوْلَٰٓئِكَ يَلۡعَنُهُمُ ٱللَّهُ وَيَلۡعَنُهُمُ ٱللَّٰعِنُونَ﴾ 

«بىز نازىل قىلغان روشەن ئايەتلەرنى ۋە توغرا يولنى بىز كىتابتا ئىنسانلارغا بايان قىلغاندىن كېيىن ئۇلارنى يوشۇرىدىغانلارغا ئاللاھ لەنەت قىلىدۇ، لەنەت قىلغۇچىلارمۇ ئۇلارغا لەنەت قىلىدۇ».[1]

﴿إِنَّ ٱلَّذِينَ يَكۡتُمُونَ مَآ أَنزَلَ ٱللَّهُ مِنَ ٱلۡكِتَٰبِ وَيَشۡتَرُونَ بِهِۦ ثَمَنٗا قَلِيلًا أُوْلَٰٓئِكَ مَا يَأۡكُلُونَ فِي بُطُونِهِمۡ إِلَّا ٱلنَّارَ وَلَا يُكَلِّمُهُمُ ٱللَّهُ يَوۡمَ ٱلۡقِيَٰمَةِ وَلَا يُزَكِّيهِمۡ وَلَهُمۡ عَذَابٌ أَلِيمٌ  ١٧٤﴾

«ئاللاھ نازىل قىلغان كىتابتىن بىرەر نەرسىنى يوشۇرۇپ، ئۇنى ئازغىنە پۇلغا ساتىدىغانلار قورساقلىرىنى ئوتقا تولدۇرىدۇ، قىيامەت كۈنى ئاللاھ ئۇلارغا گەپ قىلمايدۇ ۋە ئۇلارنى پاكلىمايدۇ. ئۇلارغا ئەلەملىك ئازاب بار»[2].

[1] 2-سۈرە بەقەرە، 159- ئايەت

[2] 2 – سۈرە بەقەرە، 174 – ئايەت.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر