مۇسۇلمانلار
ساقال - بۇرۇت 1

ساقال – بۇرۇت

ساقال – بۇرۇت

قۇرئان كەرىمدە ئەرلەرنى ساقال قويۇشقا بۇيرۇيدىغان ياكى ساقالنى چۈشۈرۈشتىن مەنئى قىلىدىغان ئايەت يوق. لېكىن قۇرئان كەرىمدە بىر يەردە ھارۇن ئەلەيھىسسالامنىڭ ساقىلى بارلىقى زىكىر قىلىنىدۇ[1]. بۇ ساقال قويۇشنىڭ ئىبادەت ئەمەس، ئادەت ئىكەنلىكىگە دالالەت قىلىدۇ. ساقال قويۇش ئىبراھىم ۋە ئىسمائىل ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەۋلادى بولغان مەككىلىكلەرنىڭمۇ ئادىتى ئىدى.  

ساقال قويۇش ئەرلەرنىڭ ئاللاھ ياراتقان تەبىئىتىگە ماس كېلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ساقالنى تەبىئىي خىسلەتتىن ھېسابلىغان، شۇنداقلا ئۆزى ۋە ساھابىلىرى بۇ تەبىئىي خىسلەتنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ساقال قويغان.

رىۋايەت قىلىنىشىچە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ساقال توغرۇلۇق قىلغان تەۋسىيەلىرى مۇنداق:

  • «بۇرۇتنى قىسقارتىڭلار، ساقالنى قويۇڭلار»[2].
  • «ساقالنى تولۇق قويۇڭلار، بۇرۇتنى قىسقارتىڭلار ۋە مۇشرىكلارغا مۇخالىپلىق قىلىڭلار»[3].
  • «بۇرۇتنى قىرقىڭلار، ساقالنى ئۇزارتىڭلار ۋە مەجۇسىيلارغا مۇخالىپلىق قىلىڭلار»[4].

بۇ ھەدىسلەردىن پەيغەمبىرىمىزنىڭ ساقالنى قويۇۋېتىشقا ۋە بۇرۇتنى قىسقارتىشقا چاقىرغانلىقى چىقىدۇ. ئەھۋال مۇشۇنداق بولسىمۇ بۇ ھەدىسلەرگە قاراپ ساقالنى چۈشۈرۈش ھارام دېگىلى بولمايدۇ. چۈنكى مۇشرىكلارغا ۋە مەجۇسىيلارغا مۇخالىپلىق قىلىش پەرز بولغان بىر ئىشنى قىلىش بىلەنلا ئەمەلگە ئاشىدىغان ئىش ئەمەس. ئەگەر ئەھۋال ئۇنداق بولسا ئىدى، چاچنى بوياش قەتئىي پەرز بولغان بولاتتى. بۇ ھەقتە كۆپچىلىك رىۋايەت قىلغان ھەدىس مۇنداق: «شۈبھىسىزكى، يەھۇدىي ۋە ناسارالار چاچلىرىنى بويىمايدۇ، ئۇلارغا مۇخالىپلىق قىلىڭلار»[5].

ھېچكىم «چاچنى بوياش پەرز» دېمەيدۇ ۋە دېيەلمەيدۇ. ئەھۋال مۇشۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن بەزى ساھابىلەر چاچلىرىنى بويىغان، بەزىسى بويىمىغان. شۇنىڭ ئۈچۈن پەيغەمبىرىمىزنىڭ ساقال قويۇش ھەققىدىكى سۆزلىرىدىن پەرزلىكنى ئەمەس، سۈننەتلىكنى چۈشىنىش توغرا بولىدۇ. چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بىر نەرسە ھەققىدە ھالال ياكى ھارام، دېيىشى پەقەت قۇرئان كەرىمگە ئاساسەن بولىدۇ. قۇرئان كەرىمدە «ساقال  قويۇش پەرز» ياكى «ساقالنى چۈشۈرۈش ھارام» دېگەن مەنىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىرەر ئايەت يوق.

«ساقال قويۇش پەرز، چۈشۈرۈش ھارام» دېگۈچىلەر ئۆزلىرىنىڭ بۇ دەۋاسىغا مۇناسىۋەتلىك ھەدىسلەرنى دەلىل قىلىشنىڭ يېتەرلىك بولمايدىغانلىقىنى ھېس قىلغان چاغلىرىدا ياكى بۇ دەۋالىرىغا قۇرئان كەرىمدىن دەلىل كەلتۈرۈشكە مەجبۇر بولۇپ قالغان چاغلىرىدا 4 – سۈرە نىسانىڭ 119 – ئايىتىنى دەلىل قىلىشىدۇ. ئۇ ئايەت مۇنداق:

﴿لَّعَنَهُ ٱللَّهُۘ وَقَالَ لَأَتَّخِذَنَّ مِنۡ عِبَادِكَ نَصِيبٗا مَّفۡرُوضٗا  ١١٨ وَلَأُضِلَّنَّهُمۡ وَلَأُمَنِّيَنَّهُمۡ وَلَأٓمُرَنَّهُمۡ فَلَيُبَتِّكُنَّ ءَاذَانَ ٱلۡأَنۡعَٰمِ وَلَأٓمُرَنَّهُمۡ فَلَيُغَيِّرُنَّ خَلۡقَ ٱللَّهِۚ وَمَن يَتَّخِذِ ٱلشَّيۡطَٰنَ وَلِيّٗا مِّن دُونِ ٱللَّهِ فَقَدۡ خَسِرَ خُسۡرَانٗا مُّبِينٗا  ١١٩﴾

«ئاللاھ شەيتاننى لەنەتلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: ‹بەندىلىرىڭدىن مۇئەييەن نېسىۋە ئالىمەن، ئۇلارنى چوقۇم ئازدۇرىمەن، ئۇلارنى چوقۇم قۇرۇق ئارزۇلارغا سالىمەن. ئۇلارنى چوقۇم بۇيرۇيمەن، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار تۆگە، كالا، قوي ۋە ئۆچكىلەرنىڭ قۇلاقلىرىنى يارىدۇ. ئۇلارنى چوقۇم بۇيرۇيمەن، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئاللاھنىڭ ياراتقىنىنى ئۆزگەرتىۋېتىدۇ›. كىم ئاللاھنى قويۇپ شەيتاننى دوست تۇتىدىكەن، ئۇ ئاشكارا زىيان تارتقان بولىدۇ»[6].

ئۇلار دەيدۇكى: ساقالنى چۈشۈرۈش ئاللاھنىڭ ياراتقىنىنى ئۆزگەرتكەنلىك، شۇنداقلا شەيتاننىڭ بۇيرۇقىغا بويسۇنۇپ ئاللاھقا ئاسىيلىق قىلغانلىقتۇر.

ئەگەر ئۇلار ئېيتقاندەك ساقالنى چۈشۈرۈش ئاللاھنىڭ ياراتقىنىنى ئۆزگەرتكەنلىك بولسا ئىدى، باشنى چۈشۈرۈشمۇ ئاللاھنىڭ ياراتقىنىنى ئۆزگەرتكەنلىك بولاتتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ساقال قويۇشقا دەۋەت قىلىشىنىڭ سەۋەبىنى مۇشرىك ۋە مەجۇسىيلارغا مۇخالىپلىق قىلىش دەپ بايان قىلىدۇ. بۇنىڭدىن چۈشىنىۋېلىشقا بولىدۇكى، پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئۇ دەۋىتى ئىجتىمائىي شارائىتلار بىلەن مۇناسىۋەتلىكتۇر. يەھۇدىيلارغا ۋە باشقا دىنلارنىڭ مەنسۇبلىرىغا مۇخالىپلىق قىلىش ئىسلام دىنىنىڭ ئاساسلىق غايىسى ئەمەس.

يىغىپ ئېيتقاندا ساقال  قويۇش چاچ بوياشقا ئوخشاش ئىش بولۇپ، بۇ ئىشلاردا ئىنسانلارنىڭ ھەرىكىتىنى ئۆرپ – ئادەتلەر ۋە ئىجتىمائىي ئەھۋاللار بەلگىلەيدۇ. بۇنىڭغا ئاساسەن بىر كىشى پەيغەمبىرىمىزنىڭ بۇ ھەقتىكى دەۋىتىگە ئەمەل قىلىمەن دەپ ساقال قويسا ئەۋزەلنى قىلغان بولىدۇ، تەبرىكلىنىدۇ. بىر كىشى بۇنىڭ ئەكسىنى چۈشىنىپ ساقال قويمىسا ئەۋزەلنى تەرك ئەتكەن بولىدۇ، ئەيىبلەنمەيدۇ.

مەنبە: ئەنەس ئالىم، لازىملىق دىنى ئىلىملەر، 1 : 239-241.

[1] قاراڭ: 20 – سۈرە تاھا، 94 – ئايەت.

[2] ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل، مۇسنەد، 2: 229.

[3] بۇخارى، «لىباس»، 63؛ مۇسلىم، «تاھارەت»، 54؛ تىرمىزى، «ئەدەب»، 18؛ ئەبۇ داۋۇد،  «تەرەججۇل»، 15.

[4] مۇسلىم، «تاھارەت»، 55؛ ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل، مۇسنەد، 2: 366.

[5] بۇخارى، «لىباس»، 66؛ مۇسلىم، «لىباس ۋە زىننەت»، 80؛ ئەبۇ داۋۇد، «تەرەججۇل»، 17؛ نەسەئى،  «زىينەت»، 14؛ ئىبنى ماجە، «لىباس»، 32.

[6] 4 – سۈرە نىسا، 118 – ۋە119 – ئايەت.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر