مۇسۇلمانلار
ئاتا-ئانىنىڭ مەسئۇلىيەتلىرى 1

ئاتا-ئانىنىڭ مەسئۇلىيەتلىرى

1.      چېچىنى چۈشۈرۈش

بالا تۇغۇلۇپ يەتتىنچى كۈنى چېچىنى چۈشۈرۈش ياخشى بولىدۇ. «ئەقىقە» مەسىلىسىدە زىكىر قىلىنغان ھەدىسلەر بۇنىڭغا دالالەت قىلىدۇ.

2.      خەتنە قىلىش

رىۋايەت قىلىنىدۇكى، رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام: «بەش تۈرلۈك ئىش سۈننەت ھېسابلىنىدۇ» دېگەن ۋە خەتنە قىلىشنى ئۇلارنىڭ قاتارىدا سانىغان[1].

3.      مېھىر – شەپقەت كۆرسىتىش

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئەلىنىڭ ئوغلى ھەسەننى سۆيگەن ئىدى. بۇ چاغدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىدا ئەقرە ئىبنى ھابىس ئولتۇراتتى. ئەقرە: «مېنىڭ ئون بالام بار، ئۇلارنىڭ ھېچبىرىنى سۆيگەن ئەمەسمەن» دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا بىر قاراپ قويغاندىن كېيىن: «مەرھەمەت قىلمىغان ئادەمگە مەرھەمەت قىلىنمايدۇ» دېدى[2]

4.      قۇرئان كەرىم ئۆگىتىش

بالا ئەقىل تېپىشقا باشلىغاندىن تارتىپ قۇرئان ساۋادىنى چىقىرىشقا تىرىشىش، نەتىجىدە ئۇنى تەجۋىد قائىدىلىرى بويىچە قۇرئان ئوقۇيالايدىغان قىلىش لازىم. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «سىلەرنىڭ ياخشىلىرىڭلار قۇرئاننى ئۆگەنگەن ۋە ئۆگەتكەنلىرىڭلاردۇر»[3].

ئۇنىڭ ئۈستىگە بالا يەتتە ياشقا كىرگەندە ناماز ئۆتەشكە ئەمر قىلىنىدۇ، ئۇ چاغقىچە بالىغا قۇرئان ساۋادىنى چىقارغاننىڭ سىرتىدا ھېچبولمىغاندا قىسقا سۈرىلەردىن بىرقانچىنى، نامازدا ئوقۇلىدىغان زىكىر، تەسبىھ، دۇئا ۋە دۇرۇت…لارنى يادلىتىش كېرەك.

داۋامى بار…

[1] قاراڭ: بۇخارى، «لىباس»، 63، 64، «ئىستىئزان»، 51؛ مۇسلىم، «تاھارەت»، 49؛ مۇۋەتتا، «سىفاتۇننەبىي»، 3؛ تىرمىزى، «ئەدەب»، 14؛ ئەبۇداۋۇد، «تەرەججۇل»، 16؛ نەسەئى، «تاھارەت»، 10، 11.

[2] بۇخارى، «ئەدەب»، 18؛ مۇسلىم، «فەزائىل»، 65؛ ئەبۇ داۋۇد، «ئەدەب»، 156؛ تىرمىزى،  «ئەبۋابۇل بىررى ۋەسسىلە»، 12.

[3] بۇخارى، «فەزائىلۇل قۇرئان»، 21؛ تىرمىزى، «فەزائىلۇل قۇرئان»، 15؛ ئەبۇ داۋۇد، «سالات»، 249؛ ئىبنى ماجە، «مۇقەددىمە»، 16.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر