مۇسۇلمانلار
ئاتا-ئانىنىڭ مەسئۇلىيىتىنامازغا ئادەتلەندۈرۈش 1

ئاتا-ئانىنىڭ مەسئۇلىيىتى\نامازغا ئادەتلەندۈرۈش

     ناماز ئۆتەشكە ئادەتلەندۈرۈش

ناماز ئىنساننىڭ ئەخلاقىغا ۋە مەنىۋىيىتىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان ناھايىتى مۇھىم ئىبادەتلەردىن بىرى بولغاچقا، ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە بۇ ئىبادەتنى ئەڭ كۆپ خاتىرلىتىدۇ. بۇ ئىبادەت بىر مۇسۇلماننىڭ دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىنىڭ ئاچقۇچىدۇر. شۇڭلاشقا، نامازنى ئۆزىمىز ئۈلگە بولۇپ، ئائىلىمىزدىلكىلەرگىمۇ، ئەتراپىمىزدىكىلەرگىمۇ ئۆگىتىشىمىز ۋە ئاللاھنىڭ ئەمرىنى خاتىرلىتىپ تۇرىشىمىز كېرەك.   

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

﴿وَأۡمُرۡ أَهۡلَكَ بِٱلصَّلَوٰةِ وَٱصۡطَبِرۡ عَلَيۡهَاۖ لَا نَسۡئَلُكَ رِزۡقٗاۖ نَّحۡنُ نَرۡزُقُكَۗ وَٱلۡعَٰقِبَةُ لِلتَّقۡوَىٰ  ١٣٢﴾

 «ئائىلەڭنى نامازنى ئۆتەشكە ئەمر قىلغىن، ئۆزۈڭمۇ ئۇنىڭغا سەۋر قىلغىن. بىز سەندىن رىزىق تەلەپ قىلمايمىز. بەلكى بىز ساڭا رىزىق بېرىۋاتىمىز. ياخشى ئاقىۋەت تەقۋادارلارغا خاستۇر»[1].‏

بۇ ئايەت بالىلارغا ناماز ئۆتەشنى ئۆگىتىش ۋە ناماز ئۆتەشكە ئادەتلەندۈرۈشكە ۋە بالىنى ئىبادەت قىلىشقا بۇيرۇشنىڭ مۇھىملىقىغا دالالەت قىلىش بىلەن بىرگە، ئۇنىڭغا ئىبادەتتە ۋە ياخشى ئىشلاردا ئۈلگە بولۇشنىڭ ئەھمىيىتىگىمۇ دالالەت قىلىدۇ.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: «بالىلىرىڭلارنى يەتتە ياشقا كىرگەندە ناماز ئۆتەشكە بۇيرۇڭلار، ئون ياشقا كىرگەندە ئوقۇمىسا ئۇرۇڭلار»[2] دېگەن مەزمۇندىكى سۆزى بۇ ئىشنىڭ نەقەدەر مۇھىملىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

ھەزرىتى لوقمان بۇ توغرىدا بالىسىغا مۇنداق نەسىھەت قىلىدۇ: «ئى ئوغۇلچىقىم! نامازنى تولۇق ۋە داۋاملىق ئوقۇغىن، ياخشىلىققا بۇيرۇغىن ۋە يامانلىقتىن توسقىن»[3].

[1] 20 – سۈرە تاھا، 132 – ئايەت.

[2] ئەبۇ داۋۇد، «سالات»، 26.

[3] قاراڭ: 31 – سۈرە لۇقمان، 17 – ئايەت. 

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر