مۇسۇلمانلار
ئاتا-ئانىنىڭ مەسئۇلىيىتىئەقىقە 1

ئاتا-ئانىنىڭ مەسئۇلىيىتى\ئەقىقە

      ئەقىقىسىنى بېرىش

بالا تۇغۇلغان ھەپتىسى سويۇلىدىغان قۇربانلىق ئەقىقە، ئۇنى شۇ چاغدا سويۇش ئەقىقە قىلىش، ئەقىقە بېرىش دەپ ئاتىلىدۇ[1]. بۇ ئىش ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئارىسىدا بۇرۇن بىلىنمىگەن ۋە ئادەت بولمىغان بولسىمۇ يېقىنقى زامانلاردا پەيدا بولدى ۋە كۈندىن كۈنگە تەرەققىي قىلىۋاتىدۇ. بۇنى پۈتۈن كۈچى بىلەن ھە دەپ «تەبلىغ» قىلىۋاتقانلارنىڭ بەزىسى ئۇ قەدەر ئاشۇرۇۋەتتىكى، ئۆز ۋاقتىدا ئاتا – ئانىسى ئەقىقىسىنى بەرمىگەن كىشىلەرنى قانچە ياشقا كىرگەن بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ئۆز ئەقىقىسىنىڭ قازاسىنى قىلىشقا «ئەمر» قىلدى. شۇنىڭ بىلەن جەمئىيەتتە 40، 50، … ياشلارغا كىرىپ قالغان ئادەملەر ئۆز ئەقىقىلىرىنى بېرىدىغان ئادەت پەيدا بولدى. ھالبۇكى، ئىسلام دىنى ئىنسانلارنى ئۆز ۋاقتىدا ئاتا – ئانىسى ئادا قىلمىغان بۇ خىل سۈننەتنىڭ (سۈننەت دېيىلگەن تەقدىردە) قازاسىنى قىلىشقا بۇيرۇش ئۇياقتا تۇرسۇن، ئۆز ۋاقتىدا ئاتا – ئانىسى ئادا قىلمىغان پەرزنىڭ قازاسىنى قىلىشقىمۇ بۇيرۇمايدۇ. چۈنكى بۇ دىن ھېچكىمنىڭ گۇناھىنى ھېچكىمگە يۈكلىمەيدۇ[2].

ئىسلام دىنىنىڭ ئاساسىي مەنبەسى بولغان قۇرئان كەرىمدە ئەقىقە توغرىسىدا بىرەر ئىشارەتمۇ يوق. لېكىن ھەدىس كىتابلىرىدا پەرقلىق بىرقانچە رىۋايەت زىكىر قىلىنىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن مەزھەپ ئۆلىمالىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى كۆزقاراشلىرىمۇ پەرقلىق بولغان. مەزكۇر رىۋايەت ۋە كۆزقاراشلار تۆۋەندىكىچە: 

1)     مۇناسىۋەتلىك ھەدىسلەر

  • سەمۇرە ئىبنى جۇندۇب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: بالا ئەقىقىسىگە باغلىنىپ قالىدۇ. (يەنى بالىنىڭ ياخشى يېتىلىشى ئەقىقىسىگە باغلىق) ئەقىقە بالا تۇغۇلۇپ يەتتىنچى كۈنى بوغۇزلىنىدۇ، ئۇ كۈنى بالىنىڭ چېچى چۈشۈرىلىدۇ ۋە ئىسمى قويۇلىدۇ[3].
  • ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام بالا تۇغۇلۇپ يەتتىنچى كۈنى ئىسمىنى قويۇشقا، يۇيۇپ پاكلاشقا ۋە ئەقىقىسىنى بېرىشكە بۇيرۇدى[4].
  • رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ئۇممۇ كۇرز رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ: رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم: ئوغۇل بالا ئۈچۈن بىر – بىرىگە ئوخشاش ئىككى قوي، قىز بالا ئۈچۈن بىر قوي سويۇلىدۇ، قويلارنىڭ ئەركەك ياكى چىشى بولۇشىنىڭ پەرقى يوق[5].
  • رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام نەۋرىلىرى ھەسەن ۋە ھۇسەيىن ئۈچۈن بىردىن قوچقار ئەقىقە بەردى[6].

نەسەئىنىڭ رىۋايىتىدە «ئىككىدىن قوچقار ئەقىقە بەردى» دەپ زىكىر قىلىنىدۇ.

  • ئەمر ئىبنى شۇئەيبتىن، ئۇ دادىسىدىن، ئۇمۇ دادىسىدىن رىۋايەت قىلىدۇكى، رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالامدىن ئەقىقە توغرىسىدا سوئال سورالغان ئىدى، «ئاللاھ ئۇقۇق (مۇناسىۋەتنى ئۈزۈش)نى ياخشى كۆرمەيدۇ» دېدى، ئۇ بۇ ئىسىمنى ياقتۇرمىغاندەك كۆرۈنەتتى ۋە مۇنداق دېدى: «بىر كىشىنىڭ بالىسى تۇغۇلسا ۋە بالىسى ئۈچۈن قۇربانلىق قىلىشنى خالىسا قۇربانلىق قىلسۇن، ئوغۇل بالا ئۈچۈن ئوخشاش ئىككى قوي، قىز بالا ئۈچۈن بىر قوي»[7].

ئىمام مالىكنىڭ رىۋايىتىدە «رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام: ‹مەن ئۇقۇقنى (مۇناسىۋەتنى ئۈزۈش) ياخشى كۆرمەيمەن› دېدى» دېگەن پەرقلىق ئىپادە زىكىر قىلىنىدۇ. بۇ رىۋايەتنىڭ قالغان يەرلىرى يۇقىرىدىكى بىلەن ئوخشاش.

  • رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ئەبۇ بۇرەيدە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: «جاھىلىيەت دەۋرىدە ئارىمىزدىن بىرىنىڭ ئوغۇل بالىسى تۇغۇلسا بىر قوي سوياتتى ۋە قوينىڭ قېنىنى بالىنىڭ بېشىغا سۈرەتتى. ئىسلام كەلگەندىن كېيىن بىر قوي بوغۇزلايدىغان، بېشىنى چۈشۈرتىدىغان ۋە زەپە سۈرىدىغان بولدۇق[8].
  • ئەبى رافىئـ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: فاتىمە ھەسەننى تۇغقاندا رەسۇلۇللاھقا: يا رەسۇلەللاھ! ئوغلۇم ئۈچۈن يەتتىنچى كۈنى ئەقىقە بېرەيمۇ؟ دېدى، رەسۇلۇللاھ: «ياق، لېكىن ئۇنىڭ چېچىنى چۈشۈرتكىن، چاچنىڭ ئېغىرلىقىدەك كۈمۈشنى ئەھلى سۈففىگە ياكى مىسكىنلەرگە سەدىقە قىلغىن» دېدى، فاتىمە بۇنى قىلدى، كېيىن ھۇسەيننى تۇغقاندىمۇ شۇنداق قىلدى[9].

2)     مەزھەپ ئالىملىرىنىڭ كۆزقاراشلىرى

(1)   ھەنەفىي مەزھىپى

ئەقىقە جاھىلىيەتتە بار ئىدى، ئىسلامنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە مۇسۇلمانلار ئەقىقە قىلغان ۋە قۇربان ھېيت قۇربانلىقىنىڭ يولغا قويۇلۇشى بىلەن ئەمەلدىن قالغان. شۇڭا ئۇنى خالىغان كىشى قىلسۇن، خالىغان كىشى قىلمىسۇن. ئۇنىڭ ئەمەلدىن قالغانلىقىنى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ: «قۇربان ھېيت قۇربانلىقى ئىلگىرىكى پۈتۈن قۇربانلىقلارنى ئەمەلدىن قالدۇردى» دېگەن سۆزى ئىسپاتلايدۇ. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ بۇنى رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالامدىن ئاڭلىغانلىقى ئۈچۈن دېگەنلىكى ئېنىق، چۈنكى بىر ھۆكۈمنىڭ ئەمەلدىن قالغانلىقىنى ئىجتىھات بىلەن بىلگىلى بولمايدۇ[10].

ھەنەفىي مەزھىپىدە كۈچكە ئىگە بولغان كۆزقاراش ئەنە شۇنىڭدىن ئىبارەت. يەنى بۇ مەزھەپتە ئەقىقە قىلىشنىڭ ھۆكمى مۇباھتۇر. لېكىن ئەبۇ ھەنىفە رەھىمەھۇللاھنىڭ چوڭ تالىپلىرىدىن ۋە مەزھەپنىڭ پېشقەدەم ئۆلىمالىرىدىن بىرى بولغان ئىمام مۇھەممەد رەھىمەھۇللاھ ئەقىقە قىلىشنى مەكرۇھ دەپ قارايدۇ. كاسانى  بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ:

مۇھەممەد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ «ئەلجامىئۇسسەغىر» ناملىق كىتابىدا: «ئوغۇل بالا ئۈچۈنمۇ، قىز بالا ئۈچۈنمۇ ئەقىقە قىلىنمايدۇ» دېدى ۋە ئەقىقە قىلىشنىڭ مەكرۇھ ئىكەنلىكىگە ئىشارەت قىلدى. ئۇنىڭ دەلىلى مۇنداق: ئەقىقە نەپلە ئەمەل ئىدى، بىر ئىشنىڭ نەپلىلىكى ئەمەلدىن قالدۇرۇلسا مەكرۇھلۇقى مۇئەييەنلىشىدۇ[11].

(2)   مالىكىي مەزھىپى

ئەقىقە قىلىش مۇسۇلمانلارنىڭ ئەمىلىدىن بولۇپ كەلگەن مۇستەھەپ ئىشتۇر. ئۇ پەرزمۇ ئەمەستۇر، مۇھىم سۈننەتمۇ ئەمەستۇر. لېكىن ئۇنى قىلىش مۇستەھەپ (ياخشى) بولىدۇ. چۈنكى رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالامنىڭ قىزى فاتىمە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ ئىككى ئوغلى ھەسەن ۋە ھۇسەين ئۈچۈن ئەقىقە بېرىلگەن. ئەقىقە قىلىنىدىغان مالنىڭ قۇربانلىق قىلىشقا بولىدىغان مال بولۇشى لازىم، كور، توكۇر، قوتۇر، مۈڭگۈزى سۇنۇق ياكى كېسىك مالنى ئەقىقە قىلىشقا بولمايدۇ. يۇڭى قىرقىلمايدۇ، تېرىسى سېتىلمايدۇ، گۆشىدىن ھېچ نەرسە سېتىلمايدۇ. ئەقىقىنى بوغۇزلاش ۋاقتى قۇربانلىقنى بوغۇزلاش ۋاقتىدۇر، يەنى بالا تۇغۇلۇپ يەتتىنچى كۈنىنىڭ چاشگاھ ۋاقتىدۇر. بالا قىز بولسۇن، ئوغۇل بولسۇن پەرقى يوق، ھەر بىرى ئۈچۈن بىر ئەقىقە قىلىنىدۇ. ئەگەر بالا قوشكېزەك بولسا، ھەر بالا ئۈچۈن ئايرىم – ئايرىم بىردىن ئەقىقە قىلىش كېرەك[12].

ئەقىقىنىڭ گۆشىدىن ئۆي ئەھلى، قوشنىلار، بايلار ۋە پېقىرلەر يېسە بولىدۇ. ئىنسانلارغا سۇنۇشقا بولىدۇ. يەنى ئەقىقىنىڭ گۆشىنى خۇددى قۇربانلىقنىڭ گۆشىگە ئوخشاش خالىغاننى يېيىشكە، خالىغاننى سەدىقە قىلىشقا، خالىغاننى باشقىلارغا سۇنۇشقا بولىدۇ. ئەقىقە قىلغان ئۆيگە باشقىلارنى چاقىرىپ يېگۈزۈشتىن، گۆشنى ئۇلارنىڭ ئۆيلىرىگە ئاپىرىپ بېرىش ياخشىدۇر[13].

(3)   شافىئىي ۋە ھەنبەلىي مەزھەپلىرى

 ئەقىقە سۈننەتتۇر، چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەسەن ۋە ھۇسەين ئۈچۈن ئەقىقە قىلغان. ئەقىقە پەرز ئەمەس، چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭ توغرىسىدا سورالغاندا: «مەن ئۇقۇق (مۇناسىۋەتنى ئۈزۈش)نى ياخشى كۆرمەيمەن. بىر كىشىنىڭ بالىسى تۇغۇلسا ۋە بالىسى ئۈچۈن قۇربانلىق قىلىشنى خالىسا قۇربانلىق قىلسۇن» دېگەن. رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالامنىڭ بۇ ئىشنى بالىسى تۇغۇلغان كىشىنىڭ خاھىشىغا قويۇشى ئۇنىڭ پەرز ئەمەسلىكىگە دالالەت قىلىدۇ.

سۈننەت ئوغۇل بالىغا ئىككى قوي، قىز بالىغا بىر قوي ئەقىقە قىلىشتۇر. چۈنكى ئۇممۇ كۇرزنىڭ ئېيتىشىچە رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام: «ئوغۇل بالىغا ئوخشاش ئىككى قوي، قىز بالىغا بىر قوي» دېگەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەقىقە تۇغۇلغان بالىغا سۆيۈنگەنلىكنى ئىپادىلەش ئۈچۈن يولغا قويۇلغان. ئوغۇل بالىغا سۆيۈنۈش كۈچلۈك بولىدۇ، شۇڭا ئوغۇل بالا ئۈچۈن مال سويۇشمۇ كۆپ بولىدۇ. ئوغۇلغا بىر قوي، قىزغا بىر قوي سويۇشمۇ جايىز بولىدۇ، چۈنكى ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئېيتىشىچە رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام ھەسەن ۋە ھۇسەين ئۈچۈن بىردىن قوچقار ئەقىقە قىلغان[14].

ئەقىقىدە قۇربانلىقتا تەلەپ قىلىنىدىغان شەرتلەر تەلەپ قىلىنىدۇ. ئەقىقىنىڭ گۆشى قۇربانلىقنىڭ گۆشىگە ئوخشاش بىر تەرەپ قىلىنىدۇ: ئۆي ئىگىسى يەيدۇ، يېقىن يورۇقلىرىغا يېگۈزىدۇ ۋە سەدىقە قىلىدۇ[15].

خۇلاسە

ئەقىقە قىلىش بالا تۇغۇلۇپ يەتتىنچى كۈنى قادىر بولالىغان ئاتىنىڭ قۇربانلىق قىلىشقا بولىدىغان مالدىن بىرنى سويۇشىدۇر. گۆشىنى ئائىلىسى ۋە يېقىن – يورۇقلىرى يىغىلىپ يەيدۇ، باشقىلارغا سۇنىدۇ ۋە سەدىقە قىلىدۇ.

ئەقىقە قىلىشنىڭ ھۆكمى يۇقىرى بولغاندا سۈننەتتۇر، خالىغان ئاتىلار شۇ كۈنى قىلسا ياخشى بولىدۇ، خالىغان ئاتىلار قىلمىسا يامان بولمايدۇ. تۆۋەن بولغاندا مەكرۇھتۇر، قىلماسلىق ياخشىدۇر.

[1] زۇھەيلى، ئەلفىقھۇل ئىسلامىييۇ ۋە ئەدىللەتۇھۇ، 4: 284.

[2] قاراڭ: 6 – سۈرە ئەنئام، 164 – ئايەت؛ 17 – سۈرە ئىسرا، 15 – ئايەت؛ 35 – سۈرە فاتىر، 18 – ئايەت؛ 39 – سۈرە زۇمەر، 7 – ئايەت؛ 53 – سۈرە نەجم، 38 – ئايەت.

[3] ئەبۇ داۋۇد، «ئەداھى»، 21؛ تىرمىزى، «ئەداھى»، 23؛ نەسەئى، «ئەقىقە»، 5 .

[4] ئەبۇ داۋۇد، «ئەداھى»، 21؛ تىرمىزى، «ئەداھى»، 23، «ئەدەب»، 63؛ نەسەئى، «ئەقىقە»، 5؛ ئىبنى ماجە، «زەبائىھ»، 1.

[5] ئەبۇ داۋۇد، «ئەداھى»، 21؛ تىرمىزى، «ئەداھى»، 17؛ نەسەئى،  «ئەقىقە»، 3.

[6] ئەبۇ داۋۇد، «ئەداھى»، 21؛ نەسەئى، «ئەقىقە»، 4.

[7] ئەبۇ داۋۇد، «ئەداھى»، 21؛ مۇۋەتتا، «ئەقىقە»، 1.

[8] ئەبۇ داۋۇد، «داھايا»، 21. 

[9] ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل، مۇسنەد، 1: 334، 45: 163.

[10] ئالائۇددىن ئەبۇ بەكىر ئىبنى مەسئۇد ئىبنى ئەھمەد كاسانى، بەدائىئۇسسانائىئـ فىي تەرتىيبىششەرائىئـ (قاھىرە: دارۇل ھەدىس، ھ 1426 / م 2005)، 5: 69.

[11] كاسانى، بەدائىئ، 5: 69.

[12] ئەبۇ ئابدۇللاھ مالىك ئىبنى ئەنەس ئىبنى مالىك ئىبنى ئامىر ئەلئەسبەھى ئەلمەدەنى، ئەلمۇدەۋۋنە (بېيرۇت: دارۇل كۇتۇبىل ئىلمىييە، ھ 1415 / م 1994)، 1: 554.

[13] مۇھەممەد ئىبنى ئەھمەد ئىبنى مۇھەممەد ئىللىيش، مىنەھۇل جەلىيل شەرھۇ مۇختەسەرى خەلىيل (بېيرۇت: دارۇلفكر، ھ 1409/ م 1989)، 2: 106.

 [14]ئەبۇ ئىسھاق ئىبراھىم ئىبنى ئەلى ئىبنى يۇسۇف شىرازى، ئەلمۇھەززەب فىي فىقھىل ئىمامى شافىئىي (دەمەشق: دارۇ شامىييە – بېيرۇت: دارۇلقەلەم ، ھ 1412 /م 1992)، 1 : 438؛ ئەبۇ مۇھەممەد مۇۋەففەقۇددىن ئابدۇللاھ ئىبنى ئەھمەد ئىبنى مۇھەممەد ئىبنى قۇددامە، ئەلكافى فىي فىقھىل ئىمام ئەھمەد (لىۋان: دارۇل كۇتۇبىل ئىلمىييە، ھ 1414 / م 1994)، 1: 546؛ ئەبۇ مۇھەممەد ئابدۇلئەزىز ئىبنى مۇھەممەد ئىبنى ئابدۇرراھمان ئىبنى ئابدۇلمۇھسىن سەلمان، ئەلئەسئىلەتۇ ۋەلئەجۋىبەتۇل فىقھىييەتۇل مەقرۇنەتۇ بىل ئەدىللەتىش شەرئىييە (نەشر قىلىنغان ئورۇن ۋە تارىخ يوق)، 3: 35.

[15] شىيرازى، ئەلمۇھەززەب، 2: 743؛ ئىبنى قۇدامە، مۇغنى (مىسىر: مەكتەبەتۇل قاھىرە، 1388/ 1968)،  11: 124 – 125.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر