مۇسۇلمانلار
ئاتا-ئانىنىڭ مەسئۇلىيىتى ئىمىتىش 1

ئاتا-ئانىنىڭ مەسئۇلىيىتى \ ئىمىتىش

     ئېمىتىش

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

﴿وَٱلۡوَٰلِدَٰتُ يُرۡضِعۡنَ أَوۡلَٰدَهُنَّ حَوۡلَيۡنِ كَامِلَيۡنِۖ لِمَنۡ أَرَادَ أَن يُتِمَّ ٱلرَّضَاعَةَۚ وَعَلَى ٱلۡمَوۡلُودِ لَهُۥ رِزۡقُهُنَّ وَكِسۡوَتُهُنَّ بِٱلۡمَعۡرُوفِۚ لَا تُكَلَّفُ نَفۡسٌ إِلَّا وُسۡعَهَاۚ لَا تُضَآرَّ وَٰلِدَةُۢ بِوَلَدِهَا وَلَا مَوۡلُودٞ لَّهُۥ بِوَلَدِهِۦۚ وَعَلَى ٱلۡوَارِثِ مِثۡلُ ذَٰلِكَۗ فَإِنۡ أَرَادَا فِصَالًا عَن تَرَاضٖ مِّنۡهُمَا وَتَشَاوُرٖ فَلَا جُنَاحَ عَلَيۡهِمَاۗ وَإِنۡ أَرَدتُّمۡ أَن تَسۡتَرۡضِعُوٓاْ أَوۡلَٰدَكُمۡ فَلَا جُنَاحَ عَلَيۡكُمۡ إِذَا سَلَّمۡتُم مَّآ ءَاتَيۡتُم بِٱلۡمَعۡرُوفِۗ وَٱتَّقُواْ ٱللَّهَ وَٱعۡلَمُوٓاْ أَنَّ ٱللَّهَ بِمَا تَعۡمَلُونَ بَصِيرٞ  ٢٣٣﴾

«ئانىلار بالىلىرىنى تولۇق ئىككى يىل ئېمىتىدۇ. بۇ ئېمىتىشنى تاماملىماقچى بولغانلار ئۈچۈندۇر. ئاتىلار ئۇلارغا يېمەك – ئىچمەك ۋە كىيىم – كېچەك بېرىشى كېرەك. ھېچكىم كۈچى يەتمەيدىغان ئىشقا تەكلىپ قىلىنمايدۇ. ئانا بالىسى سەۋەبلىك زىيانغا ئۇچرىتىلمىسۇن، ئاتىمۇ بالىسى سەۋەبلىك زىيانغا ئۇچرىتىلمىسۇن. مىراسچىنىڭ مەسئۇلىيتىمۇ شۇنىڭغا ئوخشاشتۇر. ئەگەر ئاتا – ئانا ئۆزئارا كېڭىشىپ ئۆز رازىلىقلىرى بىلەن بالىنى ئىككى يىل توشماستىن ئەمچەكتىن ئايرىۋەتسە، ھېچ گۇناھكار بولمايدۇ. ئەگەر بالىلىرىڭلارنى ئىنىكئانىلارغا ئېمىتمەكچى بولساڭلار، بېرىدىغىنىڭلارنى مەئرۇف بويىچە تاپشۇرساڭلار سىلەرگە ھېچ گۇناھ يوق. ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىڭلار. بىلىڭلاركى، ئاللاھ قىلمىشىڭلارنى كۆرۈپ تورغۇچىدۇر»[1].

بۇ ئايەت دالالەت قىلىدۇكى، بالىنىڭ ئانىسىنى ئېمىش ھەققى بار. ئېنىكئانىلارغا ئېمىتىشكىمۇ بولىدۇ. ئىشقىلىپ بالىنىڭ تۇغۇلۇپ بىر مۇددەت ئانىسىنى ياكى ئىنىكئانىسىنى ئېمىش ھەققى بار. ئەگەر بالىنى تالاق قىلىنغان ئانىسى ئېمىتسە، بۇ ئانىنىڭ يېمەك – ئىچمىكىنى ۋە كىيىم – كىچىكىنى بالىنىڭ ئاتىسى بېرىشى كېرەك. ئەگەر ئاتا ئۆلۈپ كەتكەن بولسا ۋارىسلىرى بېرىدۇ. ئەگەر ئاتا بالىنى ئىنىكئانىغا ئېمىتمەكچى بولسا، ئىنىكئانىنىڭ ھەققىنى (دېيىشكەن بويىچە ئېمىتىش ھەققىنى) تولۇق بېرىشى كېرەك. بۇ ئىشنى سۈت پاراشوكى ياكى ھايۋان سۈتى بىلەن «بېجىرگەنلەر» بالىنىڭ ئېمىش ھەققىنى ئادا قىلمىغان بولىدۇ.

ئىككى يىل توشماستىن ئانا قايتا ھامىلىدار بولۇپ بالىغا سۈتى زىيان قىلىش ياكى قانداقلا بىر سەۋەب تۈپەيلىدىن ئاتا – ئانا ئۆزئارا مەسلىھەتلىشىپ ۋە رازى بولۇشۇپ بالىنى ئەمچەكتىن بۇرۇن ئايرىۋەتسە ھەر ئىككىلىسى گۇناھكار بولمايدۇ. شۇنىڭدەك، ئەگەر ئانا كېسەللىكى سەۋەبىدىن بالىنى ھېچ ئېمىتەلمىسە ياكى ۋاقىتتىن ئىلگىرى ئايرىۋېتىشكە مەجبۇر بولۇپ، مۇددەتتىن بۇرۇن ئايرىۋەتسە گۇناھكار بولمايدۇ. چۈنكى «ئاللاھ ھېچكىمنى تاقىتى يەتمەيدىغان ئىشقا تەكلىپ قىلمايدۇ»[2].

[1] 2 – سۈرە بەقەرە، 233 – ئايەت.

[2] قاراڭ: 2 – سۈرە بەقەرە، 286 – ئايەت.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر