مۇسۇلمانلار
ئاتا - ئانىنىڭ مەسئۇلىيىتى ئىسىم قويۇش 1

ئاتا – ئانىنىڭ مەسئۇلىيىتى \ ئىسىم قويۇش

      ئىسىم قويۇش

ئۆز ۋاقتىدا ئاللاھ تائالا پەرىشتىلەرگە: ﴿إِنِّي خَالِقٌ بَشَرًا مِن طِينٍ – مەن لايدىن ئىنسان يارىتىمەن[1] دېگەن، يارىتىپ بولغاندىن كېيىن ئۇنى «ئى ئادەم!»[2] دەپ چاقىرغان. يەر يۈزىدە ئاپىرىدە بولغان تۇنجى ئىنسانغا ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن بۇ شەكىلدە ئىسىم قويۇلغان. ئاندىن ئاللاھ تائالانىڭ ئۆگىتىشى ۋە ئىلھام قىلىشى بىلەن ئادەم ئەلەيھىسسالام ئۆز بالىلىرىغا، بالىلىرى بالىلىرىغا ئىسىم قويغان ۋە بۇ ئىش ئەۋلادتىن ئەۋلادقا مۇشۇنداق داۋاملىشىپ كەلگەن. بۇنى ئاللاھ تائالانىڭ زەكەرىييا ئەلەيھىسسالامغا قىلغان مۇنۇ سۆزى كۆرسىتىدۇ:

﴿يَٰزَكَرِيَّآ إِنَّا نُبَشِّرُكَ بِغُلَٰمٍ ٱسۡمُهُۥ يَحۡيَىٰ لَمۡ نَجۡعَل لَّهُۥ مِن قَبۡلُ سَمِيّٗا  ٧﴾

«ئى زەكەرىييا! ساڭا خۇش خەۋەر: يەھيا ئىسىملىك ئوغلۇڭ بولىدۇ. بىز ئىلگىرى ھېچكىمنى ئۇنىڭغا ئىسىمداش قىلمىدۇق»[3].

دېمەك، شۇ ۋاقىتقىچە دۇنياغا كەلگەن ھەر ئىنساننىڭ ئىسمى بار، لېكىن ئۇلارنىڭ ئىچىدە يەھيا ئىسىملىك ھېچكىم يوق.

مۇناسىۋەتلىك باشقا بىر ئايەت مۇنداق:

﴿فَلَمَّا وَضَعَتۡهَا قَالَتۡ رَبِّ إِنِّي وَضَعۡتُهَآ أُنثَىٰ وَٱللَّهُ أَعۡلَمُ بِمَا وَضَعَتۡ وَلَيۡسَ ٱلذَّكَرُ كَٱلۡأُنثَىٰۖ وَإِنِّي سَمَّيۡتُهَا مَرۡيَمَ وَإِنِّيٓ أُعِيذُهَا بِكَ وَذُرِّيَّتَهَا مِنَ ٱلشَّيۡطَٰنِ ٱلرَّجِيمِ  ٣٦﴾

«ئۇ ئايال قىزىنى تۇغقاندا: ‹رەببىم! بۇنى قىز تۇغدۇم› – ھالبۇكى، ئاللاھ ئۇنىڭ نېمە تۇغقانلىقىنى ئوبدان بىلىدۇ – ‹ئوغۇل قىزغا ئوخشاش ئەمەس. مەن بۇنىڭ ئىسمىنى مەريەم قويدۇم. رەببىم! سەن بۇنى ۋە بۇنىڭ ئەۋلادىنى ئۆز پاناھىڭغا ئېلىپ تاش ئېتىلغۇچى شەيتاندىن ساقلىغىن› دېدى»[4].

بۇ ئايەتلەر دالالەت قىلىدۇكى، تۇغۇلغان ھەر بالىغا دۇنياغا كۆز ئېچىپ ئۇزۇن ئۆتمەي ئىسىم قويۇلىدۇ ۋە بەخت – سائادىتى ئۈچۈن دۇئا قىلىنىدۇ.

مۇناسىۋەتلىك بەزى ھەدىسلەر:

  • ئەبۇ دەردائـ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «شۈبھىسىزكى، سىلەر قىيامەت كۈنى ئۆزۈڭلارنىڭ ۋە ئاتىلىرىڭلارنىڭ ئىسىملىرى بىلەن چاقىرىلىسىلەر. شۇنىڭ ئۈچۈن چىرايلىق ئىسىم قويۇڭلار»[5].
  • ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، رەسۇلۇللاھ مۇنداق دېگەن: «ئىسىملارنىڭ ئاللاھقا ئەڭ ياخشى كۆرۈلىدىغىنى «ئابدۇللاھ› ۋە ‹ئابدۇررەھمان›دۇر»[6].
  • ئەبۇ ۋەھب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «پەيغەمبەرلەرنىڭ ئىسىملىرى بىلەن ئىسىم قويۇڭلار، ئىسىملارنىڭ ئاللاھقا ئەڭ ياخشى كۆرۈلىدىغىنى «ئابدۇللاھ› ۋە ‹ئابدۇررەھمان›دۇر، ئەڭ توغرىسى ھارىس (دېھقان) ۋە ھەممام (ھىممەتلىك)دۇر، ئەڭ سەت بولغىنى ھەرپ (ئۇرۇش، جەڭ) ۋە مۇررە (ئاچچىق)دۇر»[7].

دېمەككى، ئوغۇل بالىنىڭ ئىسمىنى ئاللاھ تائالانىڭ بىرەر ئىسمىنىڭ بېشىغا ئابدۇ (بەندە) قوشۇپ قويۇش ياكى قۇرئان كەرىمدە زىكىر قىلىنغان پەيغەمبەرلەرنىڭ بىرىنىڭ ئىسمىنى قويۇش ۋە ياكى ھەر مۇسۇلمان ئۆز ئەنئەنىسى بويىچە يامانلىق ئىپادىلىمەيدىغان بىر ئىسىمنى قويۇش چىرايلىق ئىسىم قويغانلىق بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بالىغا ئىسىم تاللىغاندا ئىسىمنىڭ مەنىسىگە دىققەت قىلىش كېرەك.

قىز بالىغا كەلسەك، ھەر مۇسۇلمان ئۆزىنىڭ مىللىي ئۆرپ – ئادىتى بويىچە ياخشى مەنە ئىپادىلەيدىغان بىرەر ئىسىمنى قويسا چىرايلىق ئىسىم قويغان بولىدۇ.

ئىسىم قويۇش بالىنىڭ ئەقىقىسىنى بەرگەن كۈنى (تۇغۇلۇپ يەتتىنچى كۈنى ياكى ئۇنىڭدىن كېيىنكى تاق كۈنلەرنىڭ بىرى) ئائىلە – تاۋابىئات ۋە يېقىن – يورۇقلارنىڭ ئىچىدە بۇ بالىنىڭ ئىسمى مۇنداق بولسۇن دەپ بىر ئىسىمنى ئېلان قىلىش بىلەن بولىدۇ.

بۇ ئىش بىزنىڭ دىيارىمىزدا بالا تۇغۇلۇپ بىرقانچە كۈندىن كېيىن بىر كۈن تەيىنلەپ شۇ كۈنى يىغىلغان يېقىن – يورۇق ۋە ئۇرۇق – تۇغقانلارنىڭ ئىچىدە مەھەللىنىڭ ئىمامى ياكى باشقا بىرەر ئەھلى ئىلىمنىڭ بالىنى قۇچىقىغا ئېلىپ، قىبلىگە يۈز كەلتۈرۈپ ئۆرە تۇرۇپ ئەزان – تەكبىر ئوقۇپ ئېلان قىلىشى بىلەن قىلىنىپ كەلمەكتە. بۇ ئادەت باشتا بالا تۇغۇلغاندا ئوقۇلىدىغان ئەزاننى توغرا ئوقۇلسۇن دېگەن ئۈمىد بىلەن بىرەر ئەھلى ئىلىمگە ياكى تەقۋادار بىرەر كىشىگە ۋە ياكى ياشتا چوڭراق بىرەر كىشىگە ئوقۇتۇش ۋە بالىنىڭ ئىسمىنى مۇشۇ چاغدا شۇ كىشىگە ئېلان قىلدۇرۇش بىلەن باشلىنىپ زاماننىڭ ئۆتۈشى بىلەن كۈنىمىزدىكى شەكلىنى ئالغان بولۇشى مۇمكىن. ئۇنداقتا بۇ ئادەت مۇشۇ بويىچە داۋاملاشسىمۇ يەنى بالىنىڭ ئىسىمنى بۇ شەكىلدە قويۇشقىمۇ بولىدۇ.

[1] قاراڭ: 38 – سۈرە ساد، 71 – ئايەت.

[2] قاراڭ: 2 – سۈرە بەقەرە، 33 – ۋە 36 – ئايەتلەر؛ 7 – سۈرە ئەئراف، 19 – ئايەت؛ 20 – سۈرە تاھا، 117 – ۋە 120 – ئايەتلەر.

[3] 19 – سۈرە مەريەم، 7 – ئايەت.

[4] 3 – سۈرە ئال ئىمران، 36 – ئايەت.

[5] ئەبۇ داۋۇد، «ئەدەب»، 68؛ ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل، مۇسنەد، 36: 23.

[6] ئەبۇ داۋۇد، «ئەدەب»، 68؛ تىرمىزى،  «ئەدەب»، 64؛ ئىبنى ماجە، «ئەدەب»، 30.

[7] ئەبۇ داۋۇد، «ئەدەب»، 68.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر