مۇسۇلمانلار
ئاتا-ئانىنىڭ مەسئۇلىيىتىياخشى ئۈلگە بولۇش 1

ئاتا-ئانىنىڭ مەسئۇلىيىتى\ياخشى ئۈلگە بولۇش

      ياخشى ئۈلگە بولۇش

ئاتا – ئانىلار بالىلىرىغا ئۆي ئىچىدە ۋە سىرتتا ياخشى ئۈلگە بولۇش كېرەك. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «ئەگەر ئىنسان ئۆلسە، ئۇنىڭ بارلىق ئەمەلى توختايدۇ. پەقەت تۆۋەندىكى ئۈچ خىل ئەمەلىنىڭ ساۋابى توختىماي ئەمەل دەپتىرىگە يېزىلىپ تۇرىدۇ: بىرىنچى، پايدىسى ئۈزۈلۈپ قالمايدىغان سەدىقە. ئىككىنچى، ئەلگە پايدىلىق ئىلىم. ئۈچىنچى، ئارقىسىدىن ئاتا – ئانىسى ھەققىدە دۇئا قىلىپ تۇرىدىغان ياخشى بالا»[1].

بالىنىڭ «ياخشى بالا» بولۇشى ئۈچۈن ئۇنىڭ تۇنجى ئۇستازى ھېسابلىنىدىغان ئاتا – ئانىسى يامان تەسىر بەرمەسلىكى، ھەر دائىم ياخشى ئىشلاردا ئۈلگە بولۇشى لازىم.

مەسىلەن: ئاتا – ئانىلار بالىلىرىغا ئۆيگە كىرگەندە ئىشىكنى چېكىپ رۇخسەت بېرىلگەندىن كېيىن كىرىشنى، كىرىپلا ئۆيدىكىلەرگە سالام بېرىشنى ئۆگىتىشى  ۋە بۇ توغرىدا بالىغا ئۈلگە بولۇشى كېرەك[2]. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

﴿يَٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ لَا تَدۡخُلُواْ بُيُوتًا غَيۡرَ بُيُوتِكُمۡ حَتَّىٰ تَسۡتَأۡنِسُواْ وَتُسَلِّمُواْ عَلَىٰٓ أَهۡلِهَاۚ ذَٰلِكُمۡ خَيۡرٞ لَّكُمۡ لَعَلَّكُمۡ تَذَكَّرُونَ  ٢٧﴾

«ئى مۇئمىنلار! ئۆز ئۆيلىرىڭلاردىن باشقا ئۆيلەرگە ئۆزلىرىڭلارنى تونۇشتۇرۇپ، ئىجازەت ئالماستىن ۋە ئۆي ئەھلىگە سالام بەرمەستىن كىرمەڭلار. بۇ سىلەر ئۈچۈن ياخشىدۇر. بۇ نەسىھەتنى ئېسىڭلاردا تۇتقايسىلەر!»[3].

﴿يَٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ لِيَسۡتَئْذِنكُمُ ٱلَّذِينَ مَلَكَتۡ أَيۡمَٰنُكُمۡ وَٱلَّذِينَ لَمۡ يَبۡلُغُواْ ٱلۡحُلُمَ مِنكُمۡ ثَلَٰثَ مَرَّٰتٖۚ مِّن قَبۡلِ صَلَوٰةِ ٱلۡفَجۡرِ وَحِينَ تَضَعُونَ ثِيَابَكُم مِّنَ ٱلظَّهِيرَةِ وَمِنۢ بَعۡدِ صَلَوٰةِ ٱلۡعِشَآءِۚ ثَلَٰثُ عَوۡرَٰتٖ لَّكُمۡۚ لَيۡسَ عَلَيۡكُمۡ وَلَا عَلَيۡهِمۡ جُنَاحُۢ بَعۡدَهُنَّۚ طَوَّٰفُونَ عَلَيۡكُم بَعۡضُكُمۡ عَلَىٰ بَعۡضٖۚ كَذَٰلِكَ يُبَيِّنُ ٱللَّهُ لَكُمُ ٱلۡأٓيَٰتِۗ وَٱللَّهُ عَلِيمٌ حَكِيمٞ  ٥٨ وَإِذَا بَلَغَ ٱلۡأَطۡفَٰلُ مِنكُمُ ٱلۡحُلُمَ فَلۡيَسۡتَئْذِنُواْ كَمَا ٱسۡتَئْذَنَ ٱلَّذِينَ مِن قَبۡلِهِمۡۚ كَذَٰلِكَ يُبَيِّنُ ٱللَّهُ لَكُمۡ ءَايَٰتِهِۦۗ وَٱللَّهُ عَلِيمٌ حَكِيمٞ  ٥٩﴾

«ئى مۇئمىنلار! قۇللىرىڭلار، چۆرىلىرىڭلار ۋە تېخى بالاغەتكە يەتمىگەن بالىلىرىڭلار مۇنۇ ئۈچ ۋاقىتتا يېنىڭلارغا كىرمەكچى بولسا سىلەردىن ئىجازەت سورىسۇن: بامدات نامىزىدىن ئىلگىرى، چۈشلۈك ئىستىراھەت ئۈچۈن كىيىملىرىڭلارنى سالىدىغان چېغىڭلاردا ۋە خۇپتەن نامىزىدىن كېيىن. بۇ ئۈچ ۋاقىت، ئەۋرەتلىرىڭلار[4] ئېچىلىپ قالىدىغان ۋاقىتلاردۇر. بۇلاردىن باشقا ۋاقىتلاردا ئۇلار يېنىڭلارغا ئىجازەتسىز كىرسە سىلەرگىمۇ ئۇلارغىمۇ ھېچ گۇناھ بولمايدۇ. چۈنكى ئۇلار يېنىڭلارغا كۆپ كىرىپ – چىقىدىغانلاردۇر. سىلەر بىر – بىرىڭلارنىڭ يېنىغا كىرىپ – چىقىپ تۇرىسىلەر. ئاللاھ سىلەرگە ئايەتلىرىنى ئەنە شۇنداق بايان قىلىدۇ. ئاللاھ بىلگۈچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر. بالىلىرىڭلار بالاغەتكە يەتكەندە يېنىڭلارغا كىرىش ئۈچۈن ئۆزلىرىدىن ئىلگىرىكىلەر ئىجازەت سورىغاندەك ئىجازەت سورىسۇن. ئاللاھ سىلەرگە ئايەتلىرىنى ئەنە شۇنداق بايان قىلىدۇ. ئاللاھ بىلگۈچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر»[5].

[1] مۇسلىم، «ۋەسىيەت»، 14؛ تىرمىزى، «ئەھكام»، 36؛ نەسەئى، «ۋەسايا»، 8؛ ئەبۇ داۋۇد،  «ۋەسايا»، 14.

[2]  24 – سۈرە نۇر، 27 – ۋە 58 ~ 61 – ئايەتلەر بۇنى كۆرسىتىدۇ.

[3] 24 – سۈرە نۇر، 27 – ئايەت.

[4]  ئالدى ۋە ئارقاڭلار.

[5] 24 – سۈرە نۇر، 58 – ۋە 59 – ئايەت.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر