مۇسۇلمانلار

ئاتا-ئانىنىىڭ مەسئۇلىيىتى\ئوقۇتۇش

    ئوقۇتۇش

بالا ئوقۇش يېشىغا يەتكەندە مەكتەپكە بېرىش، ئوقۇش لازىمەتلىكلىرىنى تولۇق قىلىپ بېرىش كېرەك. چۈنكى قۇرئان كەرىمنىڭ دەسلەپتە نازىل بولغان ئايىتى ئوقۇشقا بۇيرۇيدۇ ۋە نۇرغۇنلىغان ئايەتلىرى ئىلىمنىڭ بەك مۇھىم ئىكەنلىكىنى ۋە ئالىملارنىڭ دەرىجىسىنىڭ ناھايىتى يۇقىرى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ[1]. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئىلىم تەلەپ قىلىش ئەر – ئايال بارلىق مۇسۇلمانلارغا پەرز» دېگەن[2].

بۇنىڭغا ئاساسەن ئاتا – ئانىلارنىڭ، بالىلىرىنى ئوقۇتۇشى، ئوقۇش ئۈچۈن كېرەكلىك نەرسىلەرنى تولۇق قىلىپ بېرىشى، بالىلىرىنىڭ ئىلىملىك، ياراملىق ئادەم بولۇشى ئۈچۈن قولىدىن كەلگەننى قىلىشى لازىم.

[1] قاراڭ: 2 – سۈرە بەقەرە، 247 – ئايەت؛ 3 – سۈرە ئال ئىمران، 7 – ئايەت؛ 4 – سۈرە نىسا، 162 – ئايەت؛ 29 – سۈرە ئەنكەبۇت، 49 – ئايەت؛ 34 – سۈرە سەبەئـ، 6 – ئايەت؛ 35 – سۈرە فاتىر، 28 – ئايەت؛ 39 – سۈرە زۇمەر، 9 – ئايەت؛ 58 – سۈرە مۇجادەلە، 11 – ئايەت.

[2] ئىبنى ماجە، «ئىفىتىتاھۇل كىتاب»، 17.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر