مۇسۇلمانلار
ئاتا-ئانىنىڭ مەسئۇلىيىتىروزىغا كۆندۈرۈش 1

ئاتا-ئانىنىڭ مەسئۇلىيىتى\روزىغا كۆندۈرۈش

      روزا تۇتۇشقا كۆندۈرۈش

يەنە يەتتە يېشىدا روزا تۇتۇشقا ئادەتلەندۈرۈش، زولۇققا ئويغىتىپ داستىخانغا ئولتۇرغۇزۇپ زولۇق يېگۈزۈش، كۈندۈزى كۈچى يەتكەن يەرگىچە روزا تۇتقۇزۇش، ئەگەر پۈتۈن بىر كۈن روزا تۇتۇشقا كۈچى يېتىدىغانلىقى بايقالسا كۈن بويى روزا تۇتۇشقا تەرغىب قىلىش. چۈنكى رامىزان ئېيىدا بىر ئاي روزا تۇتۇش دىنىمىزنىڭ ئاساسلىرىدىن بىرى. بۇ بالاغەتكە يەتكەن ھەر مۇسۇلمانغا پەرز. بالىنىڭ بۇ پەرزنى بالاغەتكە يەتكەندە ئوبدان ئورۇندىيالىشى ئۈچۈن بالاغەتكە يېتىشتىن ئىلگىرى ئادەتلىنىشى ياخشى. ئاتا – ئانىلار بالىلىرىنى كىچىكىدىن باشلاپلا بۇ پەرزنى ئادا قىلىشقا كۆندۈرۈشى كېرەك.

رىۋايەت قىلىنىدۇكى، مۇئەۋۋىزنىڭ قىزى رۇبەييىئـ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام ئاشۇرا كۈنى (ھىجرىيە كالېندارى بويىچە بىرىنچى ئاي مۇھەررەمنىڭ ئونىنچى كۈنى) ئەتىگەن مەدىنىنىڭ ئەتراپىدىكى ئەنسار كەنتلىرىگە مۇنۇ خەۋەرنى يوللىدى: «كىم روزا تۇتۇپ تاڭ ئاتقۇزغان بولسا روزىسىنى تاماملىسۇن، كىم روزا تۇتماي تاڭ ئاتقۇزغان بولسا كۈنىنىڭ قالغان قىسمىنى تۇتسۇن».

رۇبەييىئـ ئېيتىدۇ: بىز ئۇنىڭدىن كېيىن ئاشۇرا كۈنى روزا تۇتاتتۇق، كىچىك بالىلىرىمىزنىمۇ تۇتقۇزاتتۇق. روزىدار بالىلىرىمىزغا يۇڭدىن ئويۇنچۇق قىلىپ بېرەتتۇق. ئۇلارنىڭ بىرى تاماق دەپ يىغلىسا ئىپتار ۋاقتى بولغۇچە ئۇنىڭغا بۇ ئويۇنچۇقنى بېرەتتۇق[1].

[1] بۇخارى، «سەۋم»، 46؛ مۇسلىم، «سىيام»، 136.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر