مۇسۇلمانلار
ئاتا-ئانىنىڭ مەسئۇلىيىتىئىنسانى مۇناسىۋەتنى ئۆگىتىش 1

ئاتا-ئانىنىڭ مەسئۇلىيىتى\ئىنسانى مۇناسىۋەتنى ئۆگىتىش

     باشقىلارغا ياخشى مۇئامىلە قىلىشنى ئۆگىتىش

بۇ ئىككى تۈرلۈك بولىدۇ:

  • ئۆز ئاتا – ئانىسىغا ياخشىلىق قىلىشنى ئۆگىتىش، ئاتا – ئانىنىڭ ئەۋلادلىرى ئۈستىدىكى ھەقلىرىنى ۋە بۇ ھەقلەرنى ئادا قىلمىسا بولمايدىغانلىقىنى تونۇتۇش[1]. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

﴿وَقَضَىٰ رَبُّكَ أَلَّا تَعۡبُدُوٓاْ إِلَّآ إِيَّاهُ وَبِٱلۡوَٰلِدَيۡنِ إِحۡسَٰنًاۚ إِمَّا يَبۡلُغَنَّ عِندَكَ ٱلۡكِبَرَ أَحَدُهُمَآ أَوۡ كِلَاهُمَا فَلَا تَقُل لَّهُمَآ أُفّٖ وَلَا تَنۡهَرۡهُمَا وَقُل لَّهُمَا قَوۡلٗا كَرِيمٗا  ٢٣ وَٱخۡفِضۡ لَهُمَا جَنَاحَ ٱلذُّلِّ مِنَ ٱلرَّحۡمَةِ وَقُل رَّبِّ ٱرۡحَمۡهُمَا كَمَا رَبَّيَانِي صَغِيرٗا  ٢٤﴾

«رەببىڭ مۇنداق ھۆكۈم قىلدى: ئاللاھتىن غەيرىيگە ئىبادەت قىلماڭلار. ئاتا – ئاناڭلارغا ياخشىلىق قىلىڭلار. ئەگەر ئاتا – ئاناڭنىڭ بىرى ياكى ئىككىلىسى سېنىڭ يېنىڭدا قېرىپ قالسا، ئۇلارغا: ‹ئۇف!›[2] دېگەن سۆزنىمۇ قىلمىغىن. ئۇلارغا ئازار بەرمىگىن، ئۇلارغا چىرايلىق گەپ قىلغىن. ئۇلارغا ناھايىتى مېھرىبان ۋە كەمتەر بولغىن، ئۇلار ئۈچۈن مۇنداق دەپ دۇئا قىل: ‹رەببىم! ئاتا – ئانام مېنى كىچىكىمدە تەربىيەلىگەندەك سەن ئۇلارغا مەرھەمەت قىلغىن!›»[3].

﴿وَوَصَّيۡنَا ٱلۡإِنسَٰنَ بِوَٰلِدَيۡهِ حَمَلَتۡهُ أُمُّهُۥ وَهۡنًا عَلَىٰ وَهۡنٖ وَفِصَٰلُهُۥ فِي عَامَيۡنِ أَنِ ٱشۡكُرۡ لِي وَلِوَٰلِدَيۡكَ إِلَيَّ ٱلۡمَصِيرُ  ١٤﴾

«بىز ئىنساننى ئاتا – ئانىسىغا ياخشىلىق قىلىشقا بۇيرۇق چۈشۈردۇق –  ئانىسى ئۇنى ئۈستى – ئۈستىلەپ ئاجىزلىق بىلەن قورسىقىدا كۆتۈردى. ئۇ ئىككى يىلدا ئەمچەكتىن ئايرىلىدۇ – : ‹ماڭا ۋە ئاتا – ئاناڭغا شۈكۈر قىلغىن. ئاخىرى مېنىڭ ھۇزۇرۇمغا قايتىپ كېلىسەن›»[4].

  • ئىنسانلارغا ياخشى مۇئامىلىدە بولۇشنى ئۆگىتىش.

ھەزرىتى لوقمان ئوغلىغا بۇ توغرىدىمۇ نەسىھەت قىلىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

﴿وَلَا تُصَعِّرۡ خَدَّكَ لِلنَّاسِ وَلَا تَمۡشِ فِي ٱلۡأَرۡضِ مَرَحًاۖ إِنَّ ٱللَّهَ لَا يُحِبُّ كُلَّ مُخۡتَالٖ فَخُورٖ  ١٨ وَٱقۡصِدۡ فِي مَشۡيِكَ وَٱغۡضُضۡ مِن صَوۡتِكَۚ إِنَّ أَنكَرَ ٱلۡأَصۡوَٰتِ لَصَوۡتُ ٱلۡحَمِيرِ  ١٩﴾

«ئۆزۈڭنى چوڭ تۇتۇپ ئىنسانلارنى كەمسىتمگىن، زېمىندا غادىيىپ ماڭمىغىن، ئاللاھ ھاكاۋۇرلارنى ۋە مەنمەنچىلەرنى ھەرگىزمۇ ياخشى كۆرمەيدۇ. مېڭىشىڭدا تەبىئىي بولغىن، ئاۋازىڭنى بىرئاز پەسەيتكىن، چۈنكى ئەڭ يامان ئاۋاز ئېشەكلەرنىڭ ئاۋازىدۇر»[5].

[1] بۇ توغرىدىكى ئايەت – ھەدىسلەرنىڭ مەزمۇنىدىن ئاتا – ئانىلارنىڭ بالىلىرى ئۈستىدە تۆۋەندىكى ھەقلىرىنىڭ بارلىقى چىقىدۇ: 1 – ئاتا – ئانىلارغا ياخشىلىق قىلىش، 2 – ئۇلارنى كىچىككىنە بىر سۆز ياكى ئاددىي بىر ھەرىكەت بىلەن بولسىمۇ رەنجىتمەسلىك، 3 – ئۇلارنى ئازارلىماسلىق، يەنى ئۇلارغا ۋارقىراش ياكى قوپال گەپ – سۆزلەرنى قىلىش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ كۆڭلىنى ئاغرىتماسلىق، 4 – ئۇلارنىڭ ئالدىدا كەمتەر بولۇش، 5 – ئۇلارغا مېھرىبانلىق كۆرسىتىش، 6 – ئۇلارغا رەھمەت ۋە تەشەككۇر ئېيتىش، يەنى ئۇلاردىن مىننەتدار ئىكەنلىكىمىزنى سۆز – ھەرىكەتلىرىمىز بىلەن ھەر دائىم ئىپادىلەپ تۇرۇش، 7 – ئۇلارغا ئىتائەت قىلىش؛ ئەسكەرتىش: ئۇلارغا ئىتائەت قىلىشتا ئۇلارنىڭ مۇسۇلمان بولۇشى شەرت قىلىنمايدۇ، پەقەت ئۇلار بۇيرۇغان ئىشنىڭ دىنىمىزدا گۇناھ ھېسابلانماسلىقى لازىم. 8 – باشقىلارنىڭ ئاتا – ئانىسىنى تىللىماسلىق، سۆكمەسلىك ۋە ھاقارەت قىلماسلىق. 9 – ئۇلار ئۈچۈن دۇئا قىلىش، يەنى ئۇلار مەيلى ھايات بولسۇن مەيلى ھايات بولمىسۇن ئۇلار ئۈچۈن ئاللاھ تائالاغا دۇئا قىلىش. 10 – ئۇلارنىڭ قەرزى بولسا تۆلەپ قويۇش. 11 – ئۇلارنىڭ دوست – يارەنلىرىگە ياخشىلىق قىلىپ تۇرۇش. 

[2]  «ئۇف» دېگەن سۆز زېرىككەنلىكنى ئىپادىلەيدۇ.

[3] 17 – سۈرە ئىسرا، 23 – ۋە 24 – ئايەتلەر.

[4] 31 – سۈرە لۇقمان، 14 – ئايەت.

[5] 31 – سۈرە لۇقمان، 18 – ۋە 19 – ئايەتلەر.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر