ۋە ئەلەيكۇم ئەسسەلام
قېرىندىشىم! سىزنىڭ مۇشۇنداق «پالانى مۇنداق دەپتىكەن، سىز نېمە دەيسىز؟ پۇستانى ئۇنداق پەتىۋا بېرىپتىكەن، سىز قانداق پەتىۋا بېرىسىز؟» دېگەندەك سۆزلىرىڭىز مېنى ھەقىقەتەن رەنجىتىدۇ. چۈنكى مەن «موللا» لارنىڭ دېگەن سۆزلىرىنى باھالاش ئىشىنى ئەمەس، توغرىلارنى يەتكۈزۈش ئىشىنى قىلىۋاتىمەن.
مەن سىزنى بۇ ھەقتە بىرقانچە قېتىم ئاگاھلاندۇرغان بولساممۇ يەنە دىققەت قىلمايۋاتىسىز. بۇ قېتىم سوئالىڭىزغا جاۋاب بېرىمەن، جاۋابتا مەن سىزگە بۇ ھەقتىكى توغرىلارنى دەپ بېرەي، خاتالارنى ئۆزىڭىز چۈشىنىۋېلىڭ. سىزگە يەنە بىر قېتىم ئەسكەرتىپ قويايكى: بۇنىڭدىن كېيىن ئاشۇنداق قاملاشمىغان گەپلەرنى قىلىپ سوئال سورىسىڭىز، ھېچبىر سوئالىڭىزغا جاۋاب بەرمەيمەن.
جاۋاب:
ئاللاھ تەئالا قۇرئان كەرىمدە توي قىلغان ئەر-ئاياللارغا مۇنداق دېگەن:
«…ئاياللار بىلەن چىرايلىقچە تىرىكچىلىك قىلىڭلار…»- (نىسا 4/19).
بۇ ئايەتتە «تىرىكچىلىك قىلىڭلار» دېگەن ئىپادىنىڭ ئەرەبچىسى «ئاشىرۇ» دۇر. بۇ كەلىمە «چىرايلىقچە تىرىكچىلىك قىلىڭلار» دېگەن بۇيرۇقنى ئەر-ئايال ھەر ئىككىسىنىڭ بەجا كەلتۈرۈشىنىڭ لازىملىقىغا، بۇ بۇيرۇقنى بەجا كەلتۈرۈشتە ئايالغا قارىغاندا ئەرنىڭ بەكراق كۆڭۈل بۆلۈشىنىڭ مۇھىملىقىغا دالالەت قىلىدۇ. چۈنكى بۇ كەلىمە مۇفائەلە بابىدىندۇر. مۇفائەلە بابى، فائىل بىلەن مەفئۇلنىڭ ھەر ئىككىلىسى قىلغان/ قىلىدىغان، لېكىن فائىل كۆپراق قىلغان/ قىلىدىغان بىر ئىشنىڭ قىلىنىشىغا دالالەت قىلىدۇ. «چىرايلىقچە» دەپ تەرجىمە قىلىنغان سۆزنىڭ ئەرەبچىسى بولسا، «مەئرۇف» دۇر. بۇ كەلىمىنىڭ مەنىسى «ياخشىلىقى ئەقىل بىلەن ياكى شەرىئەت بىلەن بىلىنگەن ئىش» دېمەكتۇر. – (مۇفرەدات ئەلفازىل قۇرئان)
بۇنىڭغا ئاساسەن ئاللاھ تەئالانىڭ: «…ئاياللار بىلەن چىرايلىقچە تىرىكچىلىك قىلىڭلار…» دەپ تەرجىمە قىلىنغان سۆزىنىڭ تەپسىلىي مەنىسى: «ئى نىكاھلانغان ئەر-ئايال مۇئمىنلار! ياخشىلىقى ئەقىل بىلەن ياكى شەرىئەت بىلەن بىلىنگەن ئادەت بويىچە ياشاڭلار، بۇنداق ياشاشقا ئەرلەر بەكراق كۆڭۈل بۆلۈڭلار» دېگەن بولىدۇ.
مۇناسىۋەتلىك باشقا ئايەت ۋە ھەدىسلەردە زىممىلىرىگە يۈكلەنگەن ھەق-ھوقۇقلارغا رىئايە قىلمىغان ئەر-خوتۇن، «چىرايلىقچە تىرىكچىلىك» قىلمىغان بولىدۇ. يەنى ئۇنداقلار ئاللاھ تەئالانىڭ يۇقارقى سۆزىگە ئەمەل قىلمىغان بولىدۇ. ئۇ ھەق-ھوقۇقلار ئۈچ تۈرلۈكتۇر:
ئەر-خوتۇن ئوتتۇرىسىدا ئورتاق ھەق-ھوقۇقلار بولۇپ، بۇلارغا ھەر ئىككى تەرەپ ئوخشاشلا رىئايە قىلىشى كېرەك. بۇ ھەقلەر تۆۋەندىكىچە:
ئا- ئەر-خوتۇنلاردىن ھەر بىرى قارشى تەرەپكە ۋاپادار بولۇشى، يەنى چوڭ بولسۇن، كىچىك بولسۇن ھېچقانداق سۆز ۋە ھەرىكەتتە بىر-بىرىگە خىيانەت قىلماسلىقى لازىم. چۈنكى بىر-بىرى بىلەن نىكاھلانغان ئەر-خوتۇن، شېرىكلىشىپ تىجارەت قىلغان ئىككى كىشىگە ئوخشايدۇ.
شىرىكلەر ئوتتۇرىسىدا سەمىمىيەت، راستچىللىق ۋە ئۆزئارا كۆيۈنۈش بولمىسا، شىركەت ۋەيران بولۇپ كەتكەندەك، ۋاپادارلىق، كۆيۈمچانلىق ۋە سەمىمىيلىك ئۈستىگە قۇرۇلمىغان ئائىلە ۋەيران بولۇپ كېتىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئەر-خوتۇن ئوتتۇرىسىدا ئۆزئارا ئىشەنچ، سەمىمىيلىك، راستچىللىق، ۋاپادارلىق ۋە كۆيۈنۈش قاتارلىقلارنىڭ ھەر دائىم ئەڭ يۇقىرى سەۋىيىدە مەۋجۇت بولۇشى كېرەك.
ب- دوستلۇق ۋە مېھرىبانلىق، يەنى ئەر-خوتۇن بىر-بىرىنى چىن كۆڭلىدىن ياخشى كۆرۈشى، بىر-بىرىگە مېھرىبانلىق قىلىشى، قىسقىسى، «مەن ئۇ، ئۇ مەن» دېگەن كۆز قاراشتا بولۇشلىرى لازىم. تۆۋەندىكى ئايەت ۋە ھەدىس بۇنىڭغا دالالەت قىلىدۇ:
«ئاللاھ سىلەرگە ئۆز تىپىڭلاردىن جۈپتلەر يارىتىپ، ئاراڭلاردا دوستلۇق ۋە مېھىر-مۇھەببەت ئورناتتى؛ ئاللاھ بۇنى، سىلەرنى ھۇزۇرلۇق بىر ھايات ياشىسۇن دەپ قىلدى. بۇ، ئاللاھنىڭ چەكسىز قۇدرىتى ۋە مۇتلەق ھېكمىتىنىڭ دەلىلىدۇر. ئەنە شۇنىڭدا پىكىر يۈرگۈزىدىغان قەۋم ئۈچۈن ئىبرەتلەر بار»- (رۇم 30/21). بۇ ھەقتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كىم رەھىم قىلمايدىكەن، ئۇنىڭغا رەھىم قىلىنمايدۇ»- (بۇخارىي رىۋايەت قىلغان).
ج- ئىككى تەرەپ، ئوتتۇرىلىرىدا ئەر-خوتۇنلۇق مۇناسىۋەتتىن باشقا دىنى قېرىنداشلىق مۇناسىۋىتىنىڭ بارلىقىنىمۇ ئېسىدىن چىقىرىۋەتمەسلىكلىرى كېرەك. يەنى ئەر-خوتۇننىڭ ھەربىرى يەنە بىرىگە «بۇ مېنىڭ ھالال جۈپتۇم» دەپ قاراش بىلەن بىرگە، «بۇ مېنىڭ دىنى قېرىندىشىم» دېگەن چۈشەنچىدىمۇ بولۇشى لازىم. چۈنكى ئاللاھ تەئەلا مۇنداق دېگەن: «مۇئمىنلەر قېرىنداشتۇر»- (ھوجۇرات 49/10)، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «بىرىڭلار ئۆزى ئۈچۈن ياخشى كۆرگەننى، قېرىندىشى ئۈچۈنمۇ ياخشى كۆرمىگىچە مۇئمىن بولالمايدۇ»- (بۇخارىي ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان).
دېمەك، ئەر-خوتۇنلۇق مۇناسىۋىتى، دىنى قېرىنداشلىق مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ كۈچلەندۈرۈىدۇ ۋە كۈچلەندۈرۈشى كېرەك.
د – ئەر-خوتۇنلار بىر-بىرىگە نورمال ئىنسانلارغا قىلىشقا تېگىشلىك بولغان ياخشى مۇئامىلىلەرنى قىلىشلىرى كېرەك. يەنى ئەر-خوتۇنلار بىر-بىرىگە مۇئامىلىسى ياخشى، چىرايى ئوچۇق، گەپ-سۆزى ئېسىل، ئەخلاقى گۈزەل بولۇشى كېرەك. بىر-بىرىنى تەقدىرلىشى ۋە ھۆرمەتلىشى لازىم.
ئاللاھ تەئەلانىڭ «ئاياللىرىڭلار بىلەن چىرايلىقچە تىرىكچىلىك قىلىڭلار»- (نىسا 4/19) دېگەن سۆزى ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: «ئاياللىرىڭلارغا ياخشى مۇئامىلە قىلىڭلار. شۇنداق قىلساڭلار، ياخشىلىققا ئېرىشىسىلەر»- (مۇسلىم رىۋايەت قىلغان) دېگەن ھەدىسى بۇنىڭغا دالالەت قىلىدۇ.
ئا- ئەر ئايالىغا ياخشى مۇئامىلە قىلىشى، يېگىنىدىن يىگۈزۈشى، كىيگىنىدىن كىيىندۈرۈشى، ئۇنى ئۇرۇپ-تىللىماسلىقى، تىل-ھاقارەت قىلماسلىقى، كەمسىتمەسلىكى لازىم. چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام، «ئاياللىرىمىزنىڭ بىزنىڭ ئۈستىمىزدىكى ھەقلىرى قايسى يارەسۇلەللاھ؟» دەپ سورىغان بىر كىشىگە مۇنداق دەپ جاۋاب بەرگەن: «ئايالىڭغا يېگىنىڭدىن يېگۈزىسەن، كىيگىنىڭدىن كىيىندۈرىسەن، يۈزىگە ئۇرمايسەن، تىللىمايسەن، ئۇنى ئۆيىدىن چىقىرىۋەتمەيسەن»- (ئەبۇ داۋۇد رىۋايەت قىلغان).
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسىلامنىڭ بۇ توغرىدا يەنە مۇنداق ھەدىسلىرىمۇ بار:
«دىققەت! ئاياللىرىڭلارنىڭ كىيىم-كېچىكىنى ۋە يېمەك-ئىچمىكىنى ياخشى قىلىپ بېرىڭلار. بۇ ئۇلارنىڭ، سىلەرنىڭ ئۈستۈڭلاردىكى ھەقلىرىدۇر»- (تىرمىزى رىۋايەت قىلغان)،
«ھېچبىر مۇئمىن ئەر، ئۆزىنىڭ مۇئمىن ئايالىنى يامان كۆرمىسۇن. ئەگەر ئۇنىڭ بىر خۇيى دېتىغا ياقمىسا، يەنە بىر خۇيى ياقىدۇ ئەمەسمۇ»- (مۇسلىم رىۋايەت قىلغان).
ب- ئەر، ئايالىنى دىنى مەجبۇرىيەتلىرىنى ئادا قىلغۇدەك دەرىجىدە دىنى مەلۇماتقا ئىگە قىلىشى كېرەك. چۈنكى ئايال كىشىنىڭ، روھىنى غىزالاندۇرۇشقا بولغان ئېھتىياجى بىلەن بەدىنىنى غىزالاندۇرۇشقا بولغان ئېھتىياجى ئوخشاشتۇر، ھەتتا روھىنى غىزالاندۇرۇشقا بولغان ئېھتىياجى تېخىمۇ زۆرۈردۇر. روھ، دىنى ۋەزىپىلەرنى تەلەپكە لايىق ئورۇنداش ئارقىلىق غىزالىنىدۇ. ئاللاھ تەئەلا مۇنداق دەيدۇ: «ئى مۇئمىنلەر! سىلەر ئۆزۈڭلارنى ۋە ئائىلەڭلارنى دوزاختىن ساقلاڭلار»- (تەھرىم 66/6).
ج – ئەر كىشى، ئايالىنى ئىسلام تەلىماتلىرى ۋە ئىسلام ئەدەپ-ئەخلاقلىرى بىلەن ساقلىشى لازىم. چۈنكى ئاللاھ تەئەلا بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: «ئەرلەر، ئاياللىرىنىڭ ھامىيلىرىدۇر». (نىسا 4/34).
بۇ ئايەتكە ئاساسەن ئايالىنى ئىسلام تەلىماتى بويىچە ساقلىمىغان ئەر، ئۇنىڭغا تەلەپكە لايىق ھامىيلىق (قوغدۇغۇچىلىق) قىلمىغان بولىدۇ. تۆۋەندىكى ھەدىسمۇ بۇنى تەكىتلەيدۇ: «ئەر ئائىلىسىگە مەسئۇلدۇر. ئۇ، بۇ مەسئۇللۇقىدىن جاۋاپكارلىققا تارتىلىدۇ»- (بۇخارىي ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان).
د- ئەر، ئايالىنىڭ سىرلىرىنى ۋە ئەيىپلىرىنى ئاشكارىلىماسلىقى لازىم. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «قىيامەت كۈنى ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا ئەڭ يامان ئەر، ئايالىنىڭ سىررىنى ئاشكارىلىغان ئەردۇر»- (بۇخارىي ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان).
ئا- گۇناھ بولمايدىغان ئىشلاردا ئايالنىڭ ئېرىگە ئىتائەت قىلىشى كېرەك. چۈنكى ئاللاھ تەئەلا مۇنداق دەيدۇ: «ئەگەر ئاياللىرىڭلار سىلەرگە ئىتائەت قىلسا، ئۇلارنى بوزەك قىلىش خىيالىدا بولماڭلار»- (نىسا 4/34).
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تۆۋەندىكى ھەدىسلىرى ئايەتتىكى ئىتائەتنىڭ گۇناھ بولمايدىغان ئىشلار بىلەن چەكلىك ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ:
«ئىتائەت پەقەتلا توغرا ئىشتا بولىدۇ؛ ئاللاھنىڭ ئالدىدا گۇناھ بولىدىغان ئىشتا ھېچكىمگە ئىتائەت قىلىشقا بولمايدۇ»- (مۇسلىم، ئىمارەت؛ ئەبۇ داۋۇد، جىھاد؛ نەسەئىي، بەيئەت؛ ئىبنى ماجە، جىھاد)،
«ئاللاھنىڭ ئالدىدا گۇناھ بولىدىغان ئىشتا ھېچقانداق ئىنسانغا ئىتائەت قىلىشقا بولمايدۇ؛ ئاللاھغا ئاسىي بولۇپ تۇرۇپ ھېچقانداق مەخلۇققا ئىتائەت قىلىشقا بولمايدۇ»- (مۇسنەد ئەھمەد 1/129؛ 1/131).
ب- ئايالنىڭ، ئېرىنىڭ ئابرويىنى، شەرىپىنى ۋە ئىناۋىتىنى قوغدىشى، مال-مۈلكىگە، بالىلىرىغا ۋە ئۆي ئىشلىرىغا كۆڭۈل بۆلۈشى كېرەك. چۈنكى ئاللاھ تەئەلا مۇنداق دەيدۇ: «ياخشى ئاياللار ئىتائەت قىلغۇچىلاردۇر، ئەرلىرى يېنىدا بولمىغان چاغلاردا ئەرلىرىنىڭ ھەقلىرىنى ساقلىغۇچىلاردۇر. چۈنكى ئاللاھ تەئەلا ئۇ ئاياللارغا نۇرغۇن ھەق-ھوقۇقلارنى بەردى»- (نىسا 4//34).
ج- ئايال، ئېرىنىڭ ئۆيىدە ئولتۇرۇشى لازىم. ئەگەر سىرتقا چىقىشقا توغرا كەلسە، ئېرىنىڭ رۇخسىتى ۋە رازىلىقىنى ئېلىش، ئىسلام تەلىماتىغا ئۇيغۇن كىيىنىش، نامەھرەملەرگە تىكىلىپ قارىماسلىق، قولى ۋە تىلى ئارقىلىق ھېچكىمگە ئەزىيەت ۋە زىيان يەتكۈزمەسلىك شەرتى بىلەن چىقىشى لازىم. چۈنكى ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ: «مۇئمىن ئاياللارغا ئېيتقىن: نامەھرەملەرگە تىكىلىپ قارىمىسۇن، ئۇياتلىق يەرلىرىنى ساقلىسۇن، زىننەتلىرىنى ئاشكارىلىمىسۇن»- (نۇر 24/31).
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «قارىساڭ، سېنى خۇشال قىلىدىغان، بىر ئىشقا بۇيرىساڭ ئىتائەت قىلىدىغان، يېنىدا يوق چېغىڭدا ئۆزىنى ۋە مال-مۈلكۈڭنى سەن ئۈچۈن قوغدايدىغان ئايال، ئەڭ خەيرلىك ئايالدۇر» (بۇ ھەدىس، مىشكاتۇلمەسابىھتا رىۋايەت قىلىنغان بولۇپ، شەيخ ئەلبانىي سەھىھلىكىنى ئېنىقىلغان).
د- ئايال، ئېرىنىڭ تۇغقانلىرىغا ياخشى مۇئامىلە قىلىشى لازىم. چۈنكى ئايال كىشىنىڭ ئېرىنىڭ توغقانلىرىغا ياخشىلىق قىلىشى، ئۇنىڭ ئېرىگە قىلغان ئەڭ چوڭ ياخشىلىقى بولىدۇ.
ئايال كىشى نىكاھلانغاندىن كېيىن ئۇنىڭ بارلىق ئېھتىياجلىرى ئېرى تەرىپىدىن قامدىلىدۇ. يەنى ئايال كىشى توي قىلغاندىن ئېتىبارەن ئۇنىڭ يېمەك-ئىچمىكى، كىيىم-كېچىكى، يېتىپ-قوپىدىغان يېرى ۋە بارلىق تۇرمۇش لازىمەتلىرى ئېرىنىڭ زىممىسىگە يۈكلىنىدۇ. بۇ، ئايال كىشى پەقەت ئىش قىلماي تەييارنى يەپ ئۆيدە ياتسۇن ياكى يېتىشى لازىم دېگەن بولمايدۇ.
دۇنيانىڭ ھەممە يېرىدە ئاياللار ئۆزىگە ئۇيغۇن ئىشلانى قىلىدىغان بىر ئادەت شەكىللەنگەن. مەسىلەن: بەزى جايلاردا ئاياللار ئاش-تاماق ئېتىش، كىر-قات يۇيۇش، ئۆي تازىلىقى ۋەھاكازالار قاتارلىق ئۆي ئىشلىرىنى قىلىدۇ. بەزى جايلاردا ئاياللار ئۆي ئىشلىرىدىن ئېشىنالىسا يولدىشىنىڭ ئىشلىرىغىمۇ ياردەملىشىدۇ. مەسىلەن: دۇكانغا قارىشىپ بېرىدۇ. ئېتىز-ئېرىق ئىشلىرىغا قاملىشىپ بېرىدۇ. ھەتتا بەزى جايلاردا ئېرى بار ئاياللار ئېرىنىڭ رۇخسىتى بىلەن ئۆزىگە ئۇيغۇن ئىش تېپىپ ئىشلەيدۇ ۋە بۇ ئارقىلق ئائىلىسىنىڭ ئىقتىسادى يۈكىنى يەڭگىللىتىدۇ.
دىنىمىز ئەنە شۇ ئادەتلەردىن مەنئى قىلمايدۇ، ئەكسىچە ئەر-خوتۇنلارنى شۇ ئادەت بويىچە تىرىكچىلىك قىلىشقا بۇيرۇيدۇ. نىسا سۈرىسىنىڭ 19- ئايىتىدىكى: «…ئاياللار بىلەن چىرايلىقچە تىرىكچىلىك قىلىڭلار…» دېگەن ئىپادە ۋە يۇقىرىدا زىكىر قىلىنغان ھەدىسلەر بۇنىڭغا دالالەت قىلىدۇ.
مۇسۇلمان ئاياللار، ساھابە ئاياللارنى ئۆزلىرىگە ئۈلگە قىلىشلىرى كېرەك. ھېچبىر ئايال ساھابە «مېنىڭ بارلىق چىقىمىم ئېرىمنىڭ زىممىسىگە يۈكلەنگەن» دەپ ئۆيىدە بىكار ياتمىغان، شۇنداقلا تۇرمۇشتا ئۆزلىرى قىلالايدىغان ئىشلارنى قىلىشتىن باش تارتمىغان. مەسىلەن: مۇناسىۋەتلىك رىۋايەتلەردە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قىزى فاتىمە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ يارغۇنچاقتا ئۇن تارتىپ قوللىرىنىڭ قاپىرىپ كەتكەنلىكى، ئەسما بىنتى ئەبى بەكىر رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ ئېتىزلىقتىن ئوت-چۆپ ئەكىلىپ ئېرىنىڭ ئات ۋە تۆگىلىرىنى باققانلىقى،… كۆزگە چېلىقىدۇ.
ئەگەر يۇقىرىدىكى سوئالدا «ئەرلىرى ئىشلەش بۇيرۇقىنى چۈشۈرگەن تەقدىردىمۇ ئاياللار قۇشۇلسا ئىشلەيدۇ، قۇشۇلمىسا ئېتىز-ئېرىقلارغا چىقىپ ئىشلىمىسە بولىدۇ» دەپ ئىپادىلەنگەن بويىچە بىر ئايال ئېتىزلىقتا ئىش قىلىش ئۈچۈن ماڭغان ئېرىگە «مېنىڭ چىقىمىم ساڭا يۈكلەنگەن، شۇڭا مەن ئۆيدە ياتىمەن، سەن ئىشلەپ كەل» دېسە، بۇ ئۆرپ-ئادەتكە، ئىنسانىي ئەخلاققا، بولۇپمۇ «ياخشىلىق بىلەن تىرىكچىلىك قىلىش» پرىنسىپىغا ئۇيغۇن كېلەمدۇ؟
«ئايال كىشىنىڭ گۇناھ بولمايدىغان ئىشلاردا ئېرىگە ئىتائەت قىلىشى» ئېرىنىڭ شۇ ئايال ئۈستىدىكى بىر ھەققى تۇرسا، ئۇ ئايال بۇ ھەقنى مۇشۇنداق يەردە ئادا قىلمامدۇ؟ ئېتىزلىقتا ئىشلەش گۇناھمۇ؟ دۇكاندا ئېرىگە ياردەملىشىش گۇناھمۇ؟
ئېرى ئېتىزلىققا ئىشلىگىلى ماڭغان بىر ئايال ئېتىزلىقتا لازىم بولىدىغان نەرسىلەرنى ئېلىپ ئېرىنىڭ ئارقىسىدىن مېڭىشنىڭ ئورنىغا «مېنىڭ چىقىمىم ساڭا يۈكلەنگەن، شۇڭا مەن ئۆيدە ياتىمەن، سەن ئىشلەپ كەل» دېسە، بۇ ئەر-خوتۇنلۇق تۇرمۇشنىڭ داۋام قىلىشى مۇمكىنمۇ؟ بۇ، «چىرايلىقچە تىرىكچىلىك قىلىش» بولامدۇ ياكى ئېرىگە ئىتائەتسىزلىك قىلغانلىق بولامدۇ؟