مۇسۇلمانلار

بىلمىگەنلەر نامازنى قانداق ئوقۇيدۇ؟

ۋە ئەلەيكۇم ئەسسەلام

جاۋاب:

ئاللاھ تەئالا مۇسا ئەلەيھىسسالامغا مۇنداق دەيدۇ:

«شۈبھىسىزكى مەن ئاللاھدۇرمەن. مەندىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر. ماڭا ئىبادەت قىل؛ مېنىڭ زىكرىم ئۈچۈن ناماز ئوقۇ!» – (تاھا 20/14).

ئاللاھ تەئالا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا مۇنداق دەيدۇ:

«ساڭا ۋەھىي قىلىنغان كىتابنى تىلاۋەت قىل، نامازنى ئۈزلۈكسىز ۋە كامىل ئوقۇ. شۈبھىسىزكى ناماز ھاياسىزلىقتىن ۋە يامانلىقتىن توسىدۇ. ئاللاھنىڭ زىكرى بولسا ئەڭ بۈيۈكتۇر. ئاللاھ قىلىۋاتقان ئىشىڭلارنى بىلىدۇ» – (ئەنكەبۇت 29/45).

بۇ ئىككى ئايەتتە ئۆتكەن «زىكىر» كەلىمىسى مۇھىمدۇر. چۈنكى بۇ كەلىمە ھەم «قۇرئان كەرىم» دېگەن مەنانى، ھەم «ئاللاھنى ياد ئەتمەك» دېگەن مەنانى ئىپادىلەيدۇ. مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەر تۆۋەندىكىچە:

«زىكىرنى بىز نازىل قىلدۇق، ئۇنى چوقۇم بىز ساقلايمىز» – (ھىجىر 15/9). بۇ ئايەتتىكى «زىكىر»، «قۇرئان كەرىم» دېگەن بولىدۇ.

«مېنى ياد ئېتىڭلار، مەنمۇ سىلەرنى ياد ئېتەي. ماڭا شۈكۈر قىلىڭلار، ماڭا نان كورلۇق قىلماڭلار» – (بەقەرە 2/152). بۇ ئايەتتىكى «ياد ئېتىڭلار» دېگەن بۇيرۇق پېئىلى (ئۇزكۇرۇ) نىڭ سۆز تومۇرى «زىكىر» دۇر.

بۇنىڭغا ئاساسەن «ئاللاھنىڭ زىكرى ئۈچۈن ناماز ئوقۇماق»، ئاللاھنىڭ كىتابىنى ئوقۇش ۋە ئاللاھنى ياد ئېتىش ئۈچۈن ناماز ئوقۇماق دېگەن بولىدۇ. بۇ سەۋەبتىن نامازدا قۇرئان ئوقۇش ناھايىتى مۇھىمدۇر.

يۇقىرىدىكى ئايەتلەر دالالەت قىلىدۇكى: نامازنىڭ بولمىسا بولمايدىغان ئەركانى ئاللاھقا زىكىر ئېيتىشتۇر. ئەگەر بۇ زىكىر ئاللاھنىڭ ئەڭ بۈيۈك زىكرى بولغان قۇرئان كەرىمنى ئوقۇش ئارقىلىق مۇمكىن بولسا، نامازنىڭ قىيامىدا قۇرئان (بىر سۈرە ياكى بىرقانچە ئايەت) ئوقۇش لازىمدۇر. ئەگەر بۇ مۇمكىن بولمىسا باشقا شەكىلدە ئاللاھقا زىكىر ئېيتماق لازىمدۇر. تۆۋەندىكى ھەدىسمۇ بۇنىڭغا دالالەت قىلىدۇ:

ئابدۇللاھ ئىبنى ئەبى ئەۋفا (رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ) مۇنداق دەيدۇ: بىر كىشى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كېلىپ: مەن قۇرئاندىن (كاللامغا) بىر نەرسە ئالالمايمەن. ماڭا قۇرئاندىن نامازدا يەتكۈدەك بىر نەرسە ئۆگىتىپ قويسىلا دېدى. شۇنىڭ بىلەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇ كىشىگە مۇنداق دېدى:

«سەن نامىزىڭدا، سۇبھانەللاھ ۋەلھەمدۇ لىللاھ ۋەلا ئىلاھە ئىللەللاھۇ ۋەللاھۇ ئەكبەر ۋەلا ھەۋلە ۋەلا قۇۋۋەتە ئىللا بىللاھىل ئەلىيىل ئەزىم (ئاللاھنى ھەر تۈرلۈك نۇقسانلىقتىن پاك دەپ تونۇيمەن، ئاللاھقا ھەمدۇسانا ئېيتىمەن، ئاللاھدىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر، ئاللاھ بۈيۈكتۇر، ئۇلۇغ ئاللاھنىڭ ياردىمى بولمىسا مېنىڭ قولۇمدىن ھېچ ئىش كەلمەيدۇ، مېنىڭ ئۇلۇغ ئاللاھقا يۆنىلىشتىن باشقا ھېچقانداق چارەم يوق) دېگەن زىكىرلەرنى ئوقۇغىن».

شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئادەم: يا رەسۇلەللاھ! بۇ، ئاللاھ ئۈچۈندۇر. مەن نامىزىمدا ئۆزۈم ئۈچۈن نېمە ئوقۇيمەن؟ دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئاللاھۇممەرھەمنى ۋەرزۇقنى ۋە ئافىنى ۋەھدىنى (ئى ئاللاھ! ماڭا مەرھەمەت قىلسىلا، ماڭا رىزىق ئاتا قىلسىلا، ماڭا سالامەتلىك ئاتا قىلسىلا، ماڭا ھىدايەت ئاتا قىلسىلا) دېگەن دۇئالارنى ئوقۇغىن» دېدى.

ئۇ كىشى ئورنىدىن تۇرۇپ (يۇمۇلغان) قولى بىلەن مانا مۇشۇنداق دېگەن مەنادا ئىشارەت قىلدى. شۇنىڭ بىلەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «بۇ ئادەمنىڭ قولى ياخشىلىق بىلەن تولدى» دېدى. (ئەبۇداۋۇد، سالات 134 – 135؛ نەسەئى، ئىفتىتاھ 32؛ تىرمىزى ۋە دارىمى ئۆزلىرىنىڭ سۈنەن ناملىق كىتابلىرىنىڭ كىتابۇسسالات بۆلۈمىدە يۇقىرىدىكى ھەدىسقا ئوخشاش بىر ھەدىس رىۋايەت قىلىدۇ).

نامازدا بولمىسا بولمايدىغان ئەركان «ئاللاھقا زىكىر ئېيتىش» بولغانلىقى ئۈچۈن نامازنىڭ باشقا شەرتلىرى ۋە ئەركانلىرى بەزى ئەھۋاللار ئاستىدا ئۆزگىرىدۇ ياكى ئەمەلدىن قالدرۇلىدۇ. مەسىلەن: بەزى ئەھۋاللاردا سۇ بىلەن تاھارەت ئېلىش شەرتى تەيەممۇمغا ئۆزگىرىدۇ، قىبلىگە قاراش شەرتى بەزى ئەھۋاللاردا ئەمەلدىن قالىدۇ. قورقۇش ھالىتىدە قىيام ئەركانى ئەمەلدىن قالىدۇ. بەزى ئەھۋاللاردا رۇكۇ ۋە سەجدە قاتارلىق ئەركانلار ئىشارەت بىلەن ئادا قىلىنىدۇ. لېكىن نامازدا «ئاللاھقا زىكىر ئېيتىش» ھېچبىر ئەھۋال ئاستىدا تەرك ئېتىلمەيدۇ.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆگەتكەن زىكىر ۋە دۇئالار بەك مۇھىمدۇر. دىققەت قىلىدىغان بولساق، ئۇ زىكىر ۋە دۇئالار فاتىھە سۈرىسىنىڭ مەزمۇنىغا ئوخشاپ كېتىدۇ. مەسىلەن: فاتىھەنىڭ يېرىمى ئاللاھقا ھەمدۇسانادۇر، يېرىمى دۇئادۇر. خۇددى بۇنىڭغا ئوخشاش يۇقىرىدىكى ھەدىستىمۇ قۇرئان ئوقۇيالمايدىغان كىشىگە ئاللاھقا ھەمدۇسانا ئوقۇش ۋە ئۆزى ئۈچۈن دۇئا قىلىش تەلىم بېرىلگەن.

قېرىندىشىم! دادىڭىز يۇقىرىدىكى ئايەت ۋە ھەدىسلەرنىڭ مەزمۇنىغا ئاساسەن نامىزىنى مۇنداق ئوقۇسۇن:

1 «ئەللاھۇ ئەكبەر» دەپ نامازغا شۇرۇ قىلىپ (نامازغا باشلاپ) ئۆرە تۇرغان چېغىدا (قىيامدا)

«سۇبھانەللاھ ۋەلھەمدۇ لىللاھ ۋەلا ئىلاھە ئىللەللاھۇ ۋەللاھۇ ئەكبەر ۋەلا ھەۋلە ۋەلا قۇۋۋەتە ئىللا بىللاھىل ئەلىيىل ئەزىم (ئاللاھنى ھەر تۈرلۈك نۇقسانلىقتىن پاك دەپ تونۇيمەن، ئاللاھقا ھەمدۇسانا ئېيتىمەن، ئاللادىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر، ئاللاھ بۈيۈكتۇر، ئۇلۇغ ئاللاھنىڭ ياردىمى بولمىسا مېنىڭ قولۇمدىن ھېچ ئىش كەلمەيدۇ، مېنىڭ ئۇلۇغ ئاللاھقا يۆنىلىشتىن باشقا ھېچقانداق چارەم يوق)» دېگەن زىكىرلەرنى ۋە «ئاللاھۇممەرھەمنى ۋەرزۇقنى ۋە ئافىنى ۋەھدىنى (ئى ئاللاھ! ماڭا مەرھەمەت قىلسىلا، ماڭا رىزىق ئاتا قىلسىلا، ماڭا سالامەتلىك ئاتا قىلسىلا، ماڭا ھىدايەت ئاتا قىلسىلا) دېگەن» دۇئالارنى ئوقۇسۇن.

2 – رۇكۇدا بىلسە «سۇبھانە رەببىيەلئەزىم (ئۇلۇغ ئاللاھنى پاك دەپ بىلىمەن)» نى ئوقۇسۇن، بىلمىسە «سۇبھانەللاھ (ئاللاھنى پاك دەپ بىلىمەن)» نى ئۇقۇسۇن.

3 – سەجدىدە بىلسە، «سۇبھانە رەبيەلئەئلا (ھەممىدىن ئۈستۈن ئاللاھنى پاك دەپ بىلىمەن)» نى ئوقۇسۇن، بىلمىسە «سۇبھانەللاھ (ئاللاھنى پاك دەپ بىلىمەن)» نى ئوقۇسۇن.

4 – ئەتتەھىيياتۇ… دا ئولتۇرغان چېغىدا بىلسە، ئەتتەھىيياتۇئاللاھۇممە سەللىئەلا… ئاللاھۇممە بارىكئەلا… رەببەنا… قاتارلىقلارنى ئوقۇسۇن، بىلمىسە «ئەشھەدۇ ئەنلا ئىلاھە ئىللەللاھ ۋە ئەشھەدۇ ئەننە مۇھەممەدەن ئەبدۇھۇ ۋە رەسۇلۇھ (مەن ئاللاھتىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقلۇقىنى كۆزۈم بىلەن كۆرگەندەك بىلىمەن، مۇھەممەدنىڭ ئاللاھنىڭ بەندىسى ۋە ئەلچىسى ئىكەنلىكىنىمۇ كۆزۈم بىلەن كۆگەندەك بىلىمەن)» نى ئوقۇسۇن ۋە ئۆزىنىڭ تىلىدا ئاللاھقا يالۋۇرۇپ دۇئا قىلسۇن. ئاندىن ئىككى تەرىپىگە سالام بېرىپ نامازدىن چىقسۇن.

ئەگەر دادىڭىز بۇلارنىمۇ بىلمىسە ئۇ سۆزلەرنىڭ تەرجىمىلىرىنى ئوقۇسۇن. چۈنكى يۇقىرىدا بايان قىلىنغىنىدەك ناماز ئوقۇشتىن ئاساسلىق مەقسەت ئاللاھقا زىكىر ئېيتىش ۋە ئاللاھقا دۇئا قىلىشتۇر. ئامال بولمىغاندا بۇنى ئادا قىلىش بىلەن ناماز ئوقۇشقا بولىدۇ.

ئەتتەھىيياتۇئاللاھۇممە سەللىئەلا… ئاللاھۇممە بارىكئەلا… رەببەنا… قاتارلىقلار ۋە ئۇلارنىڭ تەرجىمىلىرى تۆۋەندىكىچە:

1 ئەتتەھىيياتۇ……..

«ئەتەھىيياتۇ لىللاھى ۋەسسەلەۋاتۇ ۋەتتاييىباتۇ، ئەسسەلامۇ ئەلەيكە ئەييۇھەننەبىييۇ ۋە راھمەتۇللاھى ۋە بەرەكاتۇھۇ، ئەسسەلامۇ ئەلەينا ۋە ئەلا ئىبادىللاھىسسالىھىن، ئەشھەدۇ ئەنلا لائىلاھە ئىللەللاھ، ۋە ئەشھەدۇ ئەننە مۇھەممەدەن ئەبدۇھۇ ۋە رەسۇلۇھ»

مەنىسى:

«سۆز، بەدەن ۋە مال بىلەن بولىدىغان ھەر تۈرلۈك ئىبادەتلەر ئاللاھغا مەخسۇستۇر. ئى شەنى ئۇلۇغ پەيغەمبەر، سالام ۋە ئاللاھنىڭ رەھمىتى بىلەن بەرىكەتلىرى سېنىڭ ئۈستۈڭدە بولسۇن. سالام بىزلەرگىمۇ ۋە ئاللاھنىڭ ياخشى بەندىلىرىگىمۇ بولسۇن. مەن، شاھىتلىق قىلىمەنكى، ئاللاھتىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر. يەنە شاھىتلىق قىلىمەنكى، مۇھەممەد ئاللاھنىڭ بەندىسى ۋە ئەلچىسىدۇر».

2 ئەللاھۇممە سەللىئەلا…..

«ئەللاھۇممە سەللىئەلا مۇھەممەدىن، ۋە ئەلا ئالى مۇھەممەدىن، كەما سەللەيتە ئەلا ئىبراھىمە ۋە ئەلا ئالى ئىبراھىمە، ئىننەكە ھەمىدۇم مەجىد».

مەنىسى:

«ئى ئاللاھ! مۇھەممەدكە ۋە ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتىغا رەھمەت ياغدۇرغىن. خۇددى ئىبراھىمغا ۋە ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتىغا رەھمەت ياغدۇرغىنىڭغا ئوخشاش. سەن مەدھىيىگە لايىقسەن ۋە ئۇلۇغسەن!»

3 ئەللاھۇممە بارىكئەلا……

« ئەللاھۇممە بارىكئەلا مۇھەممەدىن، ۋە ئەلا ئالى مۇھەممەدىن، كەما بارەكتە ئەلا ئىبراھىمە ۋە ئەلا ئالى ئىبراھىمە، ئىننەكە ھەمىدۇم مەجىد».

مەنىسى:

«ئى ئاللاھ! مۇھەممەدكە ۋە ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتىغا بەرىكەت ياغدۇرغىن. خۇددى ئىبراھىمغا ۋە ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتىغا بەرىكەت ياغدۇرغىنىڭغا ئوخشاش. سەن مەدھىيىگە لايىقسەن ۋە ئۇلۇغسەن!».

4 رەببەنا…….

«رەببەنا ئاتىنا فىددۇنيا ھەسەنەتەن، ۋە فىلئاخىرەتى ھەسەنەتەن، ۋە قىنا ئەزابەننار».

مەنىسى:

«رەببىمىز! بىزگە دۇنيادىمۇ ياخشىلىق ئاتا قىل، ئاخىرەتتىمۇ ياخشىلىق ئاتا قىل، بىزنى دوزاخ ئازابىدىن ساقلا».

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر