باش بەت > تەتقىقاتلار > قۇرئان تەتقىقاتلىرى > ماقالىلەر  يوللىغۇچى: ، ۋاقتى:

سەن بولمىغان بولساڭ (لەۋلاك)

كىتاب ۋە ھېكمەت ژۇرنىلىنىڭ 13-سانىدا «ئاللاھنىڭ ئىنسان ئەلچىسى» ماۋزۇلۇق بىر ماقالىمىز ئېلان قىلىنغان ئىدى. ئۇ ماقالىدە خىرىستىيانلارنىڭ ئىيسا ئەلەيھىسسالام ھەققىدە ئىلگىرى سۈرگەن چەكتىن ئاشقان ئۇلۇغلاشلىرى بىلەن مۇشرىكلارنىڭ، ئاللاھنىڭ نەبىلىرىنىڭ ئىنسان ئىكەنلىكىگە قارشى ئوتتۇرىغا قويغان سەلبىي سۆزلىرى ۋە ئىسلام دۇنياسىدا كۆرۈلۈۋاتقان بىر قىسىم چەكتىن ئاشقان نەبىنى ئۇلۇغلاش چۈشەنچىلىرى بىلەن سېلىشتۇرۇلغان ئىدى. ماقالىنىڭ بىر بۆلۈمىدە تەسەۋۋۇپتا كەڭ تارقالغان «ھەقىقەتى مۇھەممەدىيە»[1] ئېتىقادىنى تىلغا ئالغاندا، خەلق ئارىسىدا ئايەت ياكى ھەدىس قۇددۇىسى[2] دەپ بىلىنگەن «لَوْلاكَ لَوْلاكَ لَمَا خَلَقْتُ الأفْلاكَ يەنى سەن بولمىغان بولساڭ ئالەمنى ياراتماستىم» دېگەن مەۋزۇ (توقۇلما) رىۋايەت ھەققىدىمۇ سۆز قىلىنغان ئىدى. لېكىن ئۇ يەردە بۇ ھەقتە تەپسىلىي مەلۇمات بېرىلمىگەنلىكى ئۈچۈن بۇ ماقالىمىزدە بۇ رىۋايەت ھەققىدە تەپسىلىي توختىلىمىز.

يۇقىرىدا «سەن بولمىغان بولساڭ … سەن بولمىغان بولساڭ … مەن كائىناتنى ياراتمىغان بولاتتىم» دېگەن رىۋايەتنىڭ خەلق ئارىسىدا ئايەت ياكى قۇددىسى ھەدىس دەپ بىلىنگەنلىكىنى تىلغا ئالدۇق.

بىر قانچە قېتىملىق راي سىناشتا دىيانەتتە (تۈركىيە دىنى ئىشلار مىنىستىرلىكىدە) ئىشلەيدىغان دىنى زاتلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ بۇ رىۋايەتنى «ئايەت»، يەنە نۇرغۇنلىرىنىڭ بولسا «سەھىھ ھەدىس» دەپ قارايدىغانلىقى جەزىملەشتۈرۈلدى.

 1996- يىلى ئەنقەرە ۋە شىرناقتا بىر ماگىستىرلىق ئىلمى ماقالىسى توغرىسىدا ئېلىپ بېرىلغان مۇھاكىمە يىغىنىدا 213 دىنى زاتتىن «سەن بولمىغان بولساڭ…» دېگەن رىۋايەت ھەققىدە سورالغاندا تۆۋەندىكىدەك نەتىجىلەر چىققان:

يېغىنغا قاتناشقانلاردىن:

58 كىشى (% 27.2) ئايەت،

86 كىشى (% 40.4) سەھىھ ھەدىس،

15 كىشى (% 7.0) جاۋابسىز ،

7 كىشى (3.3%) بىلمەيمەن،

2 كىشى (% 0.9) ماقال-تەمسىل،

پەقەت 45 كىشى (% 21.1) «مەۋزۇ (ئويدۇرما) ھەدىس» دېگەن توغرا جاۋابىنى بەرگەن.[3]

يەنە شۇ تەتقىقاتچى تەرىپىدىن 10 يىل كېيىن، يەنى 2006– يىلى ئىسپارتادا يەنە 96 دىنى زات ئۈستىدە ئېلىپ بېرىلغان راي سىناشتىمۇ ئوخشاش نەتىجىلەر ئوتتۇرىغا چىققان.

2011- يىلى تاماملانغان باشقا بىر ماگىستىرلىق ماقالىسى توغرىسىدا، بۇ قېتىم نىغدە ۋە مەرسىندە 309 دىنى زات ئۈستىدە بىر راي سىناش ئېلىپ بېرىلغان. راي سىناشقا قاتناشقان 309 دىنى زاتتىن:

97 كىشى (% 31.4) «ئايەت»،

 38 كىشى (% 12.3) «سەھىھ ھەدىس»،

 79 كىشى (% 25.6) «جاۋابسىز »،  

2 كىشى (% 0.6) «ماقال-تەمسىل»،

93 كىشى (% 30.1) بولسا «مەۋزۇ (ئويدۇرما)» دېگەن توغرا جاۋابىنى بەرگەن.[4]

بۇ تەتقىقاتلارغا ئاساسەن بىر تەخمىنى ھېسابلاش ئېلىپ بارساق، پىكىر ئېلىنغان 618 دىنى زاتتىن 201 كىشى بۇ رىۋايەتنى «ئايەت» دېگەن. 141 دىنى زات «سەھىھ ھەدىس» دەپ بىلگەن. بۇ رىۋايەتنى «مەۋزۇ ھەدىس» دەپ توغرا جاۋاب بېرەلىگەنلەر پەقەت 162 كىشى. يېقىنقى زامانلاردا بۇ ھەقتە ئۆتكۈزۈلگەن باشقا راي سىناشلار بارمۇ – يوقمۇ بىلمەيمىز. لېكىن بولغان تەقدىردىمۇ ئالدىنقى قېتىمقىسىدىن پەرقلىق نەتىجىنىڭ چىقىشىدىن ئۈمىدىمىز يوق.

«سەن بولمىغان بولساڭ…» رىۋايىتىنى ئايەت دېگەن 201 دىنى زاتنىڭ قۇرئانغا سەمىمىي پوزىتسىيەدە بولمىغانلىقىنى كۆرەلەيمىز، بۇ ھەقىقەتەن ئەجەبلىنەرلىك ئىش. چۈنكى، قۇرئان كەرىمنىڭ ئەرەبچىسىنى ياكى تەرجىمىلىرىنى بىر قېتىم ئوقۇغان كىشىمۇ، قۇرئاندا مۇنداق ئايەتنى ئۇچراتمىغانلىقىنى بىلەلەيدۇ.

دىنى زاتلاردىن كۆرۈلگەن بۇ جاھالەت ۋە سەمىمىيەتسىزلىك ئىنساننى ھەقىقەتەنمۇ ئۈمىدسىزلەندۈرىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن رىۋايەتنى سەھىھ ھەدىس دېگەنلەرنىڭ سانىنىڭمۇ ئاز ئەمەسلىكىنى كۆردۇق. ئەمدى بىر ئاز بۇلارنىڭ ئۈستىدە توختىلىپ ئۆتىمىز.

 بەزى ئۆلىمالارنىڭ مەزكۇر رىۋايەتنى سەنەد تەرەپتىن بولمىسىمۇ «مەنە تەرەپتىن سەھىھ» دېگەن سۆزلىرى كىتابلاردا ئورۇن ئالغان بولۇپ، بۇ مەسىلە ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇماتقا ئىگە بولمىغانلار ئۇ سۆزلەرنى ئوقۇپ قالسا، ئۇلارغا ئوخشاش چۈشىنىشى مۇمكىن.

خوش، ئۇنداقتا ئىشنىڭ ھەقىقىتى زادى نېمە؟ ئەمدى بۇ خۇسۇستا كۆز يۈگۈرتۈپ باقايلى:

 مەزكۇر رىۋايەتكە ئاۋۋال سەنەد تەرەپتىن، ئاندىن ئەرەب تىلى نۇقتىسىدىن مۇۋاپىق بولغان-بولمىغانلىقىغا ۋە ئاخىرىدا مەنە جەھەتتىن سەھىھمۇ، زەئىپمۇ ياكى ئويدۇرمىمۇ؟ دېگەندەك تەرەپلىرىگە قاراپ چىقىمىز.    

1. سەنەد نۇقتىسىدىن

باشتا سۆزنى ئۇزارتماستىن بىلدۈرۈپ قويايلىكى، ھەدىس ئىلمى بىلەن شۇغۇللانغۇچىلارنىڭ ھەممىسى بۇ رىۋايەتنىڭ سەنەد جەھەتتىن ئويدۇرما بىر سۆز يەنى «مەۋزۇ» ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەندۇر[5].

تەتقىقاتلار نەتىجىسىدە يۇقىرىدىكى شەكلى بىلەن مەشھۇر بولغان بۇ سۆزنىڭ، ھېچبىر زامان ھەرقانداق ھەدىس كىتابتا ھەدىس ئىكەنلىكى ئىسپاتلانغان ئەمەس.[6]  ئىبىن تەيمىيەنىڭ دېگىنىدەك «مۇھەممەد بولمىغان بولسا، ئەرش كۇرسى، ئاسمان-زېمىن، ئاي ۋە قۇياش يارىتىلماستى، ئاللاھ ئالەمنى ئۇنىڭ ئۈچۈن ياراتتى» دېگەن مەنىدە نەبىمىزدىن نەقىل قىلىنغان سەھىھ ياكى زەئىپ ھېچقانداق ھەدىس يوق. ھەدىس ئىلمى بىلەن شۇغۇللانغان ھېچبىر ئالىم بۇ ھەقتە ھەدىس رىۋايەت قىلمىغاندۇر. ساھابىلەرنىڭمۇ مۇنداق نەرسىلەرنى سۆزلىگەنلىكى بىلىنمىگەن. بۇلار كىمنىڭ دېگەنلىكى ئېنىق ئەمەس سۆزلەردۇر.[7]

دېمەككى، ھەدىس ئىلمى ئۇسۇلىغا ئاساسلانغاندا، مەزكۇر رىۋايەتنىڭ باشقا ھەدىسلەرگە ئوخشاش ئىسپاتلانغان رىۋايەت زەنجىرى يوقتۇر ۋە سەنەد نۇقتىسىدىن ئېيتقاندىمۇ (ئويدۇرما) يالغاندۇر. مەزكۇر رىۋايەت ھەدىس ئىلمى نۇقتىسىدىن قارىغاندا مانا مۇشۇنداقتۇر.

2. تىل نۇقتىسىدىن

ھەدىس ئۇسۇلى ھەققىدىكى كىتابلاردا يالغان ھەدىسلەرنى چۈشەندۈرگەندە، رىۋايەت قىلىنغان سۆزدە گىرامماتىكىلىق خاتالىق ياكى مەنە بۇزۇقلۇقىنىڭ بار-يوقلىقى دىققەتكە ئېلىنىدۇ،[8] چۈنكى ئەرەبچىنى ئەڭ پاساھەتلىك سۆزلەيدىغان نەبىمىزنىڭ ھەدىسلىرىدە بۇنداق تىل خاتالىقلىرى ئۇچرىمايدۇ.[9] ھەدىسلەرنى مەنىسى بىلەن رىۋايەت قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە راۋىلەرمۇ قىلمايدىغان دەرىجىدىكى چوڭ گىرامماتىكىلىق خاتالىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر رىۋايەتنى نەبىمىزگە دۆڭگەپ قويۇش توغرا ئەمەس.[10] ھالبۇكى، لەۋلاك/سەن بولمىغان بولساڭ….دېگەن رىۋايەتتە تۆۋەندىكىدەك بىر قانچە نۇقتىدىن تىل خاتالىقى مەۋجۇتتۇر:

ئەرەب تىلى قائىدىلىرىگە ئاساسلانغاندا «لەۋلا (لولا)» ھەرپىدىن كېيىن كەلگەن سۆز مۇبتىدا (ئىگە) بولۇش بىلەن بىرگە ئېنىق ئىسىم بولۇشى كېرەك. ئەگەر ئۇ سۆز ئالماش بولسا، «ھۇۋە (هو) يەنى ئۇ»، «ئەنتە (انت) يەنى سەن»گە ئوخشاش ئايرىم كەلسىمۇ ئىگە بولۇش خۇسۇسىيىتىگە ئىگىلىك ئالماشلار بولۇشى كېرەك. ھالبۇكى، رىۋايەتتە كەلگەن «كە (ك)» دېگەن ئالماش دائىم باشقا سۆزگە قوشۇلۇپ تولدۇرغۇچى بولۇپ كېلىدۇ. بۇ ئالماشنىڭ ھەر قانداق ئەھۋالدا جۈملىدە ئىگە بولۇشى مۇمكىن ئەمەس. ئەرەب تېلى گرامماتىكىسىغا ئۇيغۇن بولۇش ئۈچۈن بۇ «لەۋلاكە (لولاك)، لەۋلاكە (لولاك)» ئەمەس، «لەۋلا ئەنتە، لەۋلا ئەنتە (لولا أنت، لولا أنت)» بولۇشى كېرەك. بۇنىڭدىن باشقا، ھەدىس دەپ ئويدۇرۇلغان بۇ سۆزدە لەۋلا (لولا) دېگەن شەرت قوشۇمچىسىنىڭ جاۋابى بولغان (لەماخەلەقتۇ (لماخلقت) يەنى ياراتماستىم)، بولۇشسىز جۈملە بولسىمۇ بېشىغا تەكىت (مەنىنىڭ چىنلىقىنى ئاشۇرۇش)نى ئىپادىلەيدىغان لام (ل) قوشۇلۇپ كەلگەن. ھالبۇكى، بۇ ئۇسلۇب ئەرەب تىلىدا ئانچە كۆپ قوللىنىلمايدىغان ئۇسۇلدۇر. قۇرئان كەرىمدىمۇ بۇنىڭغا ئوخشاش جۈملىنىڭ كەڭ قوللىنىلغانلىقىنى كۆرىمىز. مەسىلەن: نۇر سۈرىسىنىڭ 21-ئايىتىدە مۇنداق دەيدۇ:

{وَلَوْلَا فَضْلُ اللَّهِ عَلَيْكُمْ وَرَحْمَتُهُ مَا زَكَىٰ مِنْكُمْ مِنْ أَحَدٍ أَبَدًا}

«ئەگەر سىلەرگە ئاللاھنىڭ پەزلى ۋە مەرھەمىتى بولمىسا ئىدى، سىلەردىن ھېچكىم پاك بولالمايتتى»-24-سۈرە نۇر، 21 –ئايەت.

ئايەتتە كەلگەندەك، «ۋەلەۋلا (وَلَوْلَا)» دېگەن شەرت قوشۇمچىسىنىڭ بۇلۇشسىز جاۋابى بولغان «مازەكا (مَا زَكَىٰ)» تەكىتلىگۈچى (لام) كەلتۈرۈلمەستىن تىلغا ئېلىنغان.[11]

ھەدىسلەردىمۇ بۇنىڭغا ئوخشاش ئىپادىلەر تىلغا ئېلىنىدۇ. مەسىلەن: بۇخارى ۋە مۇسلىمدا ساھابىلەردىن بەرا ئىبىن ئازىب رىۋايەت قىلغان مۇنداق بىر رىۋايەت بار:  

عَنِ الْبَرَاءِ ـ رضى الله عنه ـ قَالَ رَأَيْتُ رَسُولَ اللَّهِ صلى الله عليه وسلم يَوْمَ الأَحْزَابِ يَنْقُلُ التُّرَابَ وَقَدْ وَارَى التُّرَابُ بَيَاضَ بَطْنِهِ، وَهُوَ يَقُول:

 لَوْلاَ أَنْتَ مَا اهْتَدَيْنَا وَلاَ تَصَدَّقْنَا وَلاَ صَلَّيْنَا‏.

‏ فَأَنْزِلِ السَّكِينَةَ عَلَيْنَا وَثَبِّتِ الأَقْدَامَ إِنْ لاَقَيْنَا‏.

‏ إِنَّ الأُلَى قَدْ بَغَوْا عَلَيْنَا إِذَا أَرَادُوا فِتْنَةً أَبَيْنَا‏.

بەرا مۇنداق دەيدۇ: مەن ئەھزاب (خەندەك ئۇرۇشى) كۈنى رەسۇلۇللاھنىڭ، قورساقلىرى توپىغا مىلەنگەن ھالدا توپا توشۇۋاتقانلىقىنى ۋە مۇنداق دەۋاتقانلىقىنى كۆردۈم:

ئى رەببىم! سەن بولمىغان بولساڭ، بىز توغرا يولنى تاپالمايتتۇق، سەدىقە بەرمەيتتۇق، ناماز ئوقۇمايتتۇق. كاپىرلار بىلەن قارشىلاشقاندا قەدەملىرىمىزنى مۇستەھكەم قىلغىن، بىزگە خاتىرجەملىك (مەنىۋى قۇۋۋەت، سەۋر) چۈشۈرگىن. ئۇلار ئاۋۋال بىزگە ئۇرۇش ئاچتى. ئۇلار بىزگە ئاۋارىچىلىك كەلتۈرسە بىزمۇ قارشى چىقىمىز.[12]

كۆرگىنىمىزدەك، ھەدىستە لەۋلا (لَوْلَا) دېگەن شەرت قوشۇمچىسىدىن كېيىن ئەنتە (أنْتَ يەنى سەن) دېگەن ئىگىلىك ئالماش كەلگەن، ئاندىن شەرتنىڭ جاۋابى بولغان «(مَااهْتَدَيْنَا) مەھتەدەينا يەنى توغرا يولنى تاپالمايتتۇق» سۆزى، تەكىتلىگۈچى لام (ل)سىز تىلغا ئېلىنغان. يەنى ئەڭ توغرا ئىپادە ۋە تىل قائىدىلىرى ئايەت ۋە ھەدىسلەردە قوللىنىلىدۇ. «لەۋلاك» رىۋايىتىنىڭ جۈملە قۇرۇلمىسى بۇ قائىدىلەرگە پۈتۈنلەي زىت بولغانلىقتىن، بۇ سۆزنىڭ نەبىمىزگە ئائىت بولۇشى مۇمكىن ئەمەس. مانا بۇ زىتلىق مەزكۇر رىۋايەتنىڭ پاساھەت ساھىبى بولغان نەبىمىزنىڭ سۆزى ئەمەسلىكىنىڭ بىر ئىسپاتىدۇر.

3. مەنە نۇقتىسىدىن

كەشفۇل خافانىڭ ئاپتورى ئەجلۇنى ۋە ئەسرارۇل مەرفۇئەنىڭ ئاپتورى ئەلىييۇل قارىي كىتابلىرىدا «لەۋلاك» رىۋايىتى ھەققىدە «سەنەد جەھەتتىن ئويدۇرمىدۇر»، «ھەدىس بولمىسىمۇ…» دېگەندەك ئىپادىلەرنى دېگەن بولسىمۇ، لېكىن بۇ رىۋايەتنىڭ مەنە جەھەتتىن توغرا ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.[13] بۇ ئىپادىلەر نۇرغۇنلىغان كىشىنىڭ زېھنىنى قالايمىقان قىلغان ۋە ئۇنى سەھىھتەك قوبۇل قىلىشقا يول ئاچقاندۇر. بولۇپمۇ ئەلىييۇل قارىي، بۇنىڭ مەنە جەھەتتىن سەھىھ ئىكەنلىكىنى دېگەندە، دەيلەمى ۋە ئىبىن ئەساكىر بۇنىڭغا قوشۇپ يۇقىرىدا ئۆتكەن ئىككى رىۋايەتنىمۇ دەلىل قىلىپ كۆرسىتىدۇ. دەيلەمىنىڭ ئىبىن ئابباستىن رىۋايەت قىلىنغانلىقىنى بىلدۈرگەن ھەدىس مۇنداق:

لولاك ما خُلِقتِ الجنةُ، ولولاك ما خُلِقتِ النارُ

«ئې مۇھەممەد! ئەگەر سەن بولمىغان بولساڭ جەننەت يارىتىلماستى. سەن بولمىغان بولساڭ جەھەننەممۇ يارىتىلمىغان بولاتتى»[14].

 ناسىرۇددىن ئەلبانى بۇ سۆزنىڭ سەنەد زەنجىرىدىكى بىر راۋى (ئابدۇسسەمەد ئىبىن ئەلى ئىبىن ئابدۇللاھ) نىڭ سەۋەبىدىن شەكسىز زەئىپ (ئاجىز) ئىكەنلىكىنى، يالغۇز دەيلەمىنىڭلا بۇنى رىۋايەت قىلغانلىقىنى ۋە ئۇ رىۋايەت قىلغان بۇ سۆزنىڭ ئېنىق ئىكەنلىكىنى بايان قىلغان ھېچكىمنى كۆرمىگەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.[15]

ئىبىن ئەساكىرنىڭ سالمان فارىستىن رىۋايەت قىلغان ئۇزۇن بىر ھەدىسنىڭ ئاخىرىدا تۆۋەندىكى جۈملىلەر تىلغا ئېلىنىدۇ:

ولولاك ما خُلِقَتِ الدنيا

«سەن بولمىغان بولساڭ دۇنيا يارىتىلماستى».[16]

بۇ رىۋايەتمۇ ئىبىن جەۋزى ۋە سۇيۇتى تەرىپىدىن «شەكسىز ئويدۇرمىدۇر» دېگەن ئىپادە بىلەن بىلدۈرۈلگەن.[17]

كۆرگىنىمىزدەك، بۇ رىۋايەتنىڭ مەنە تەرەپتىن سەھىھ ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن ئەلىييۇل قارىي دەلىل كەلتۈرگەن ھەدىسلەرنىڭمۇ بىرى ئويدۇرما، يەنە بىرى بولسا پەقەت بىر يەردىلا ناھايىتى زەئىپ شەكىلدە رىۋايەت قىلىنغان.

شۇنداق، بىر سۆز ھەدىس بولمىسىمۇ مەنە جەھەتتىن قۇرئانغا ئۇيغۇن بولۇشى مۇمكىن. بۇ نورمال بىر ئىش، لېكىن بۇ يەرگىچە بېرىلگەن مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا «لەۋلاكە» رىۋايىتى ئۈچۈن بۇنداق دېيىش مۇمكىن ئەمەس.

سەنەد نۇقتىسىدىن ئويدۇرما بولغان «لەۋلاكە» رىۋايىتىنىڭ مەنە جەھەتتىن سەھىھ بولمايدىغانلىقىغا قۇرئاندىمۇ دەلىللەر مەۋجۇتتۇر. ئاللاھ تائالا كائىناتنى ۋە بارلىق مەخلۇقاتلارنى نېمە ئۈچۈن ياراتقانلىقىنى ئۆزى مۇنداق بايان قىلىدۇ:

{اللَّهُ الَّذِي خَلَقَ سَبْعَ سَمَاوَاتٍ وَمِنَ الْأَرْضِ مِثْلَهُنَّ يَتَنَزَّلُ الْأَمْرُ بَيْنَهُنَّ لِتَعْلَمُوا أَنَّ اللَّهَ عَلَىٰ كُلِّ شَيْءٍ قَدِيرٌ وَأَنَّ اللَّهَ قَدْ أَحَاطَ بِكُلِّ شَيْءٍ عِلْمًا}

«ئاللاھ يەتتە ئاسماننى ياراتتى. زېمىندىمۇ ئۇ يەتتە ئاسماننىڭ ئوخشىشىنى ياراتتى. ئۇلارنىڭ ئارىسىغا ئەمر چۈشۈپ تۇرىدۇ. بۇ، ئاللاھنىڭ ھەر نەرسىگە قادىر ئىكەنلىكىنى ۋە ئاللاھنىڭ ھەر نەرسىنى ئىلمى بىلەن قورشاپ تۇرغانلىقىنى بىلىشىڭلار ئۈچۈندۇر»- 65-سۈرە تالاق، 12-ئايەت.

دېمەك، ئاللاھ تائالا مەخلۇقاتلارنى نەبىمىزنىڭ يۈز-ئابرۇيىنىڭ ھۆرمىتى ئۈچۈن ئەمەس، ھەر نەرسىگە ئۆلچەم بەلگىلىگۈچىنىڭ ۋە ھەر نەرسىنى ئىلمى بىلەن قورشاپ تۇرغۇچىنىڭ ئۆزى ئىكەنلىكىنى بىزگە بىلدۈرۈپ قويۇش ئۈچۈن ياراتقاندۇر.

كائىناتنىڭ بىر پارچىسى بولغان ئىنسان ۋە جىنلارنىڭ پەقەت ئاللاھقا قۇلچىلىق قىلىشى ئۈچۈن يارىتىلغانلىقىنىمۇ، يەنە ئايەتلەردىن بىلەلەيمىز. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

{وَمَا خَلَقْتُ الْجِنَّ وَالْإِنْسَ إِلَّا لِيَعْبُدُونِ}

 «مەن جىن ۋە ئىنسانلارنى ماڭا ئىبادەت قىلىشلىرى ئۈچۈنلا ياراتتىم»-51-سۈرە زارىيات، 56-ئايەت.

بۇ مەسىلە بىلەن مۇناسىۋەتلىك باشقا ئايەتلەر مۇنداق:

{هُوَ الَّذِي خَلَقَ لَكُمْ مَا فِي الْأَرْضِ جَمِيعًا}

«ئاللاھ شۇنداق زاتكى، زېمىندىكى نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى سىلەرنىڭ مەنپەئەتىڭلار ئۈچۈن ياراتتى.»-2-سۈرە بەقەرە، 29-ئايەت.

{اللَّهُ الَّذِي خَلَقَ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضَ وَأَنْزَلَ مِنَ السَّمَاءِ مَاءً فَأَخْرَجَ بِهِ مِنَ الثَّمَرَاتِ رِزْقًا لَكُمْ وَسَخَّرَ لَكُمُ الْفُلْكَ لِتَجْرِيَ فِي الْبَحْرِ بِأَمْرِهِ وَسَخَّرَ لَكُمُ الْأَنْهَارَ  وَسَخَّرَ لَكُمُ الشَّمْسَ وَالْقَمَرَ دَائِبَيْنِ وَسَخَّرَ لَكُمُ اللَّيْلَ وَالنَّهَار}َ

«ئاللاھ شۇنداق زاتكى، ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ياراتتى، ئاسماندىن سۇ چۈشۈرۈپ، سىلەرگە رىزىق بولسۇن دەپ ئۇ سۇ ئارقىلىق تۈرلۈك مېۋە ۋە مەھسۇلاتلارنى چىقاردى، ئۆز ئەمرى بىلەن دېڭىزدا ئۈزۈشى ئۈچۈن كېمىلەرنى سىلەرگە بويسۇندۇرۇپ بەردى، ئۆستەڭلەرنى سىلەرگە بويسۇندۇرۇپ بەردى،‏ مۇنتىزىم ئايلىنىپ تۇرىدىغان كۈننى ۋە ئاينى سىلەرگە بويسۇندۇرۇپ بەردى، كېچە بىلەن كۈندۈزنى سىلەرگە بويسۇندۇرۇپ بەردى»-14-سۈرە ئىبراھىم، 32-33-ئايەت.

{اللَّهُ الَّذِي سَخَّرَ لَكُمُ الْبَحْرَ لِتَجْرِيَ الْفُلْكُ فِيهِ بِأَمْرِهِ وَلِتَبْتَغُوا مِنْ فَضْلِهِ وَلَعَلَّكُمْ تَشْكُرُونَ}

«ئاللاھ شۇنداق زاتكى، سىلەرگە دېڭىزنى بويسۇندۇرۇپ بەردى. ئاللاھ بۇنى، ئۆزى بېكىتىپ قويغان قانۇنىيەت بويىچە دېڭىزدا كېمىلەرنىڭ ئۈزۈشى ئۈچۈن، سىلەرنىڭ ئاللاھنىڭ پەزلىدىن تەلەپ قىلىشىڭلار ئۈچۈن ۋە شۈكۈر قىلىشىڭلار ئۈچۈن قىلدى.

{وَسَخَّرَ لَكُمْ مَا فِي السَّمَاوَاتِ وَمَا فِي الْأَرْضِ جَمِيعًا مِنْهُ  إِنَّ فِي ذَٰلِكَ لَآيَاتٍ لِقَوْمٍ يَتَفَكَّرُونَ}

«ئاللاھ يەنە ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى ئۆز تەرىپىدىن بىر ئىنئام سۈپىتىدە سىلەرگە بويسۇندۇرۇپ بەردى. شۈبھىسىزكى، بۇنىڭدا تەپەككۇر قىلىدىغان قەۋم ئۈچۈن ھەقىقەتەن ئايەتلەر بار»-45-سۈرە جاسىيە، 12-13-ئايەت.

مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭمۇ بىر ئىنسان ئىكەنلىكىنى ۋە ئۇنىڭ باشقا ئىنسانلاردىن پەقەت ۋەھىي ئېلىش بىلەنلا پەرقلىنىدىغانلىقىنى، ئۇلاردىن پەرقلىنىدىغان باشقا ھېچقانداق سۈپىتىنىڭ يوقلىقىنى بىلدۈرگەن ئايەتلەرنى بۇ يەردە تىلغا ئېلىشنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق دەپ قارايمىز.

بۇ ئايەتلەرنىڭ ھەممىسى يارىتىلغان ھەر نەرسىنىڭ ئىنسانلار ئۈچۈن، ئىنسانلارنىڭ بولسا پەقەت ئاللاھقىلا قۇلچىلىق قىلىشى ئۈچۈن يارىتىلغانلىقىنى تەكىتلىمەكتە. ھالبۇكى ئايەتلەرنىڭ ئەكسىچە، «لەۋلاكە» رىۋايىتى ئىنسانلار، جىنلار، زېمىن ۋە ئاسمانلار … كائىناتتىكى ھەممە نەرسە نەبىمىز ئۈچۈن، ئۇنىڭ يۈز-ئابرۇيىنىڭ ھۆرمىتىگە يارىتىلغاندۇر! دەيدۇ.

پۈتۈن كائىناتنىڭ نەبىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئۈچۈن يارىتىلغانلىقى ھەققىدىكى بۇنىڭغا ئوخشاش قاراشنى، بىر قانچە ئەسىر بۇرۇن خىرىستىيانلار ئىيسا ئەلەيھىسسالام ئۈچۈن ئوتتۇرىغا قويغان. ھازىر قولىمىزدىكى ئىنجىلنىڭ «پاۋلۇسنىڭ كولوسەلىكلەرگە مەكتۇپى» بابىدا كائىناتنىڭ ئىيسا ئەلەيھىسسالام ئۈچۈن يارىتىلغانلىقىغا دائىر تۆۋەندىكىدەك ئىپادىلەر بار:

«ئۇ، كۆرۈنمەس تەڭرىنىڭ كۆرۈنۈشىدۇر. پۈتۈن مەخلۇقنىڭ تۇنجى تۇغۇلغىنى ئۇدۇر. چۈنكى زېمىندا ۋە ئاسماندا، كۆرۈنگەن ۋە كۆرۈنمىگەن ھەممە نەرسە – تەختلەر، ھوقۇقلار، باشقۇرۇش، ھۆكۈمرانلىقلار- ئۇنىڭدا يارىتىلدى. بارلىق نەرسە ئۇنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن ۋە ئۇنىڭ ئۈچۈن يارىتىلدى»-كولوسەلىكلەر، 1-بۆلۈم، 14-16.

خىرىستىيانلارنىڭ بۇ ئېتىقادى بىلەن بىزدىكى «لەۋلاكە» ئېتىقادى ئارىسىدىكى ئوخشاشلىق دىققىتىمىزنى تارتىدۇ! پاۋلۇسنىڭ ئىيسا ئەلەيھىسسالام ئۈچۈن ئوتتۇرىغا چىقارغان بۇ خاتا ۋە دەلىلسىز قاراشلىرىنىڭ ئوخشىشىنى، نەبىمىز ئۈچۈنمۇ ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ ھېچقانداق مەنىسى يوقتۇر. ئۆمەر (ر.ز) نىڭ نەبىمىزنىڭ تىلىدىن سۆزلىگەن شۇ رىۋايەتكە قەتئىي سەل قارىماسلىق كېرەك:

«سىلەر مېنى مەدھىيەلىگەندە، خىرىستىيانلار مەريەم ئوغلى ئىيسانى مەدھىيەلىگەندەك چەكتىن ئاشۇرۇۋەتمەڭلار. مەن پەقەت ئاللاھنىڭ بەندىسىمەن. مېنى پەقەت ئاللاھنىڭ بەندىسى ۋە ئەلچىسى دەڭلار»[18].

دېمەك، ئاللاھنىڭ ئەلچىسى خەتەرنى ئالدىن سېزىپ، ئۈممىتىنى خىرىستىيانلار سادىر قىلغان خاتالىقلارنى ئۆتكۈزۈپ قىلىشتىن قەتئىي ئاگاھلاندۇرغان. لېكىن، بۇنچىلىك كۆپ ئايەت ۋە سەھىھ ھەدىسلەر بولسىمۇ، يەنىلا «مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بولمىغان بولسا كائىناتمۇ بولماستى» شەكلىدىكى خاتا ئېتىقاد ئىسلام دۇنياسىدا كەڭ تارقالغان.

خۇلاسە شۇكى، ھەدىس ئالىملىرى تەرىپىدىن سەنەد جەھەتتىن ئويدۇرما ئىكەنلىكى تەستىقلانغان «لەۋلاكە» رىۋايىتىنىڭ تىل ۋە مەنە جەھەتتىن سەھىھ دەپ قوبۇل قىلىنىشى مۇمكىن ئەمەس. بۇ سەۋەبتىن ۋەز-تەبلىغ، خۇتبە ۋە ھەرخىل پائالىيەتلەردە سۆز قىلغۇچىلار، بۇ ئويدۇرما رىۋايەتنى ئايەت ۋە سەھىھ ھەدىستەك بايان قىلماسلىقى، ئاللاھنىڭ ئەلچىسىنى توغرا رىۋايەتلەر بىلەن تونۇتۇپ، مەسئۇلىيەتلىرىنى توغرا شەكىلدە ئادا قىلىشى كېرەك.

-دوكتۇر يەھيا شەنئول

-فەتۋا نېت مۇھەررىرى

ysenol@kitapvehikmet.com


[1] تەسەۋۋۇپتا رەسۇلۇللاھنىڭ مەنىۋى شەخسىيىتىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن قوللىنىلغان، لېكىن قۇرئان ۋە سۈننەت بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسى بولمىغان ھەقىقەتى مۇھەممەدىيە ئېتىقادى قىسقىچە مۇنداق: نەبى ئەلەيھىسالامنىڭ 63 يىللىق  چەكىلىك جىسمانى ھاياتىدىن باشقا بىر ھاياتى مەۋجۇتتۇر. ئاللاھتىن باشقا ھېچقانداق نەرسە يوق چاغدا تۈنجى بولۇپ ھەقىقەتى مۇھەممەدىيە مەۋجۇت بولغاندۇر. بارلىق مەخلۇقلار بۇ ھەقىقەتتىن ۋە ئۇنىڭ ئۈچۈن يارىتىلغاندۇر. ئالەمنىڭ يارىتىلىش سەۋەبى، ماددىسى ۋە غايىسى بۇ ھەقىقەتتۇر. تەسەۋۋۇپتا دائىم قوللىنىلدىغان ۋە ھەدىس قۇددىسى دەپ رىۋايەت قىلىنغان «سەن بولمىغان بولساڭ مەن كائىناتنى ياراتمىغان بولاتتىم» دېگەن ئىپادە بىلەن بۇ مەسىلە چۈشەندۈرىلىدۇ. تۇنجى ئىلاھى تەجەللى بولغانلىقى ئۈچۈن «تەئەييۇنى ئەۋۋەل»، مۇھەببەت شەكلىدە تەجەللى قىلغانلىقى ئۈچۈن «تەئەييۇنى ھۇببى» ئىسمىمۇ بېرىلگەن نۇرى مۇھەممەدى زاھىر بولغاندىن كىيىن، ھەممە نەرسە ئۇنىڭ ئۈچۈن يارىتىلغاندۇر.  (مەھمەت دەمىرجى، ھەقىقەتى مۇھەممەدىيە، دىيانەت ئىسلام ئېنسىكلوپىدىيەسى، 15- جىلد، 180- بەت).

[2]  ھەدىس قۇددىسى، ئاللاھ تەرىپىدىن ۋەھىي، ئىلھام، چۈش دېگەندەك ھەرخىل بىلىم ئىلىش يوللىرى بىلەن مەنىسى رەسۇل ئەلەيھىسالامغا بىلدۈرۈلگەن، ئاندىن ئۇنىڭ تەرىپىدىن ئۆزىنىڭ ئىپادىسى ۋە ئۇسلۇبى بىلەن ئاللاھتىن كەلگەن دەپ رىۋايەت قىلىنغان، قۇرئان بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋىتى بولمىغان ، مۆجىزىلىك سۈپىتىمۇ بولمىغان ھەدىسلەرنى كۆرسىتىدۇ. بۇنداق ھەدىسلەرنىڭ قۇددىسى (مۇقەددەس) دەپ سۈپەتلىنىشى مەنىسىنىڭ ئاللاھقا ئائىت بولغانلىقى، ھەدىس دېيىلىشى بولسا رەسۇلۇللاھ تەرىپىدىن رىۋايەت قىلىنغانلىقى ئۈچۈندۇر.  قۇددىسى ھەدىسلەرنىڭ ئاللاھتىن كەلگەن دېيىلىشى ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ سەھىھ بولغانلىقىنى ئىپادىلىمەيدۇ. بۇ يەردىكى (قۇددۇسى/ئۇلۇغ) سۆزى پەقەت سۆزنىڭ مەنبەسىنى كۆرسىتىدۇ. تېكستنى قوبۇل قىلىش قىلماسلىق تەرەپتىىن ھېچقانداق مەنە ئىپادىلىمەيدۇ. سەھىھ بولغان ھەدىس قۇددىسى كۆپ ئەمەس. (ھاياتى يىلماز، «قۇددۇسى ھەدىسلەر»، د ئى ئا، 26- جىلد، 318- بەت.)

[3] مەھمەت بىلەن، «دىنى زاتلارنىڭ ھەدىس بىلىملىرى ھەققىدە»، ئىسلامى ئىلىملەر ژورنىلى، 2007- يىل كۈز، 2- سان، 101- بەت.

[4]  ئەھمەد گۈر، «دىنى زاتلارنىڭ ھەدىس بىلىملىرىنىڭ ماھىيىتى ھەققىدە بىر چۈشەنچە تەتقىقاتى (نىغدە ۋە مەرسىن)»، سەلجۇق ئۇنىۋېرسىتى ئىجتىمائى پەن تەتقىقات ئىنىستىتۇتى، بېسىلمىغان ماگىستىرلىق ماقالىسى، كونيا، 2011- يىل، 251-252- بەت.

[5]  موللا ئەلىييۇل قارى، ئەسرارۇل مەرفۇئە فىل ئەھادىسىل مەۋزۇئە، (مەۋدۇئاتۇل كۇبرا)، تەھقىقلىغۇچى: مۇھەممەد لۇتفى سابباغ، مەكتەبەتۇل ئىسلامى، 1996- يىل بەيرۇت، 2- باسمىسى،  228- بەت، ھەدىس نومۇرى: 385.  ئىسمائىل ئىبن مۇھەممەد ئەجلۇنى، كەشفۇل خەفا، 1988- يىل بەيرۇت، 2- باسمىسى، 2- جىلد، 335 –بەت، ھەدىس نومۇرى: 2123. مۇھەممەد ئىبن ئەلى ئىبن مۇھەممەد شەۋكانى، فەۋائىدۇل مەجمۇئە فىل ئەھادىسىل مەۋدۇئە، مۇھەققىق، ئابدۇراھمان مۇئەللىمى، مەكتەبەتۇل ئىسلامى. 1392-  يىل بەيرۇت، 2- باسمىسى 326- بەت، ھەدىس نومۇرى: 1013. باشقا ھارۇن ئۈنال، ئويدۇرما ھەدىسلەر، مىراج نەشرىياتى، 2007- يىل ئىستانبۇل، 1- جىلد، 87-93- بەتكە قاراڭ.

[6] بۇنيامىن ئەرۇل، «ئۇيدۇرما رىۋايەتلەردە پەيغەمبەر تەسەۋۋۇرى» ، ئىسلامنىڭ چۈشۈنىلىشىدە ئىسلامنىڭ ئورنى ۋە قىممىتى، تۈركىيە دىيانەت ۋاقفى نەشرىياتى، ئەنقەرە 2003. 421- بەت. ئەھمەد يىلدىرىم، تەسەۋۋۇپنىڭ ئاساسى پرىنسىپلىرىنىڭ ھەدىسلەردىكى مەنبەسى، تۈركىيە دىيانەت ۋاقفى نەشرىياتى، ئەنقەرە 2000.  121-بەت. مۇسا باغجى، ئىنسان سۈپەتتىكى پەيغەمبەر، ئەنقەرە ئوقۇلۇ، ئەنقەرە 2010، 480- بەت.

[7]  ئىبن تەيمىييە، مەجمۇئۇل فەتۋا، توپلاپ رەتلىگۈچى، ئابدۇراھمان مۇھەممەد ئىبن قاسىم، 11- جىلد، 96- بەت. ئىبن تەيمىييە يەر، ئاسمان، ئاي، قۇياش ۋە باشقا نەرسىلەرنىڭ ئىنسانلار ئۈچۈن يارىتىلغىنىنى بىلدۈرىدىغان ئايەتلەرنى كەلتۈرۈپ بۇ چۈشەنچىنىڭ توغرا ئەمەسلىكىنى بايان قىلىدۇ. بۇ ئايەتلەر ئۈچۈن، بەقەرە، 2/29، ئىبراھىم، 14/32-33 – ئايەتلەرگە قاراڭ.

[8] ئىبىن سالاھ شەرزۇرى، ئۇلۇمۇل ھەدىس، مۇھەققىق: نۇرىددىن، دارۇل فىكىر بەيرۇت، 1998- يىل، 99-بەت.

[9] جەلالۇددىن سۇيۇتى، تەدرىبۇل راۋى فى شەرھى تەقرىبىن نەۋەۋى، مۇھەققىق: ئەبۇ قۇتەيبە نەزەر مۇھەممەد فەريابى، دارۇ تايبە، 1427- يىل، 8- باسمىسى، 1- جىلد، 324-325- بەت. سۇبھى سالىھ، ھەدىس ئىلىملىرى ۋە ھەدىس ئىستىلاھلىرى، تەرجىمان: م. ياشار كاندەمىر، دىيانەت ئىشلىرى باكانلىغى نەشرىياتى، 2- باسما، 226- بەت.

[10] م. ياشار كاندەمىر، مەۋزۇ ھەدىسلەر (مەنشەئى تانىما يوللارى، تەنكىدى)، 2009-يىل ئىستانبۇل، 5- باسما، İFAV /ئىفاۋ، 181-بەت.

[11]  لەۋلاكە رىۋايىتىنىڭ ئەرەپ تىلى نۇقتىسىدىن ئۆز ئىچىگە ئالغان خاتالىقلىرىنىڭ ئىسپاتلىنىشىدا، سۈلەيمانىيە ۋاقفىنىڭ ئىلمى تەتقىقاتچىسى- ھۆرمەتلىك ئەنەس ئالىم ئوغلىغا رەھمەت ئېيتىمەن.

[12]  بۇخارى، جىھاد، 34، مەغازى، 31. مۇسلىم، جىھاد، 125 (1803).

[13]  ئەلىييۇل قارى، ئەسرارۇل مەرفۇئە، 288- بەت. ھەدىس نۇمۇرى: 385. ئەجلۇنى، كەشفۇل خافا، 2- جىلد، 335- بەت. ھەدىس نۇمۇرى: 2123. چوڭ مۇفەسسىرلدىن فەخرۇددىن رازىمۇ «زۇھا» سۈرىسىنىڭ 6- ئايىتىنى  (ئۇ سېنى يېتىم كۆرۈپ، پاناھلىق بەرمىدىمۇ؟) تەپسىر قىلغاندا بۇ رىۋايەتنىمۇ تىلغا ئالىدۇ. ھېچقانداق چۈشەندۈرۈش بەرمىگىنىگە قارىغاندا ئۇمۇ بۇ رىۋايەتنى سەھىھ دەپ قوبۇل قىلىدۇ. فەخرۇددىن رازى، تەپسىرۇل كەبىر، 1999-يىل بەيرۇت دارۇل ئىھيائىتتۇراسۇل ئەرەبىييە، 3- باسما، 11- جىلد، 196- بەت.

[14] شەھرەدار ئىبن شىرۋەيھى دەيلەمى، ئەلفىردەۋس فى مەئسۇرىل خىتاب، 1986-يىل بەيرۇت، دارۇل كۇتۇبىل ئىلمىييە، 5- جىلد، 227- بەت. ھەدىس نومۇرى: 8031.

[15]مۇھەممەد ناسۇرىددىن ئەلبانى، سىلسىلەتۇل ئاھادىىل دائىفە ۋەلمەۋدۇئە، 1992 –يىل، رىياد مەلتەبەتۇل مەئرىفە، 1- جىلد، 451-بە، ھەدىس نۇمۇرى: 282.

[16]  ئىبن ئەساكىر، تارىخۇ مەدىينەتى دمەشق، ئۆمەر ئىبن غارامە ئەمرى، دارۇل فىكىر، بەيرۇت، 1995، 3- جىلد، 518-بەت. ئەلىييۇل قارى، ئەسرارۇل مەئرىفە، 288-بەت. ئەبۇل ھەسەن ئەلى ئىبن مۇھەممەد ئىبن ئەرراق كىنانى،

[17] ئىبن جەۋزى، مەۋدۇئات، تەھقىقلانغان، 2- باسما، دارۇل كۇتۇبۇل ئىلمىييە، بەيرۇت 2003، 1- جىلد، 211- بەت. جەلالۇددىن ئابدۇراھمان سۇيۇتى،  ئەللىئالى  مەسنۇئەتۇ فىل ئەھادىسىل مەۋدۇئە، دارۇل كۇتۇبۇل ئىلمىييە، بەيرۇت 1996، 1- جىلد، 249 –بەت.

[18]  بۇخارى، ئەنبىيا، 48. ئەھمەد ئىبن ھەنبەل، 1/23، 24. دارىمى رىقاق، 68.


مۇسۇلمانلار تورى، ئاللاھ، ئاللا، قۇرئان كەرىم، مۇسۇلمان، مۇسۇلمانلار، قۇرئان، ھەدىس، ئىلىم، دىن، ئۇيغۇر، ئۇيغۇرچە، فېترەت، فىترەت، تەبىئەت، ئادەم، پەيغەمبەر، رەسۇل، نەبى، شېئىر، ئۆلىما، مەزھەپ، پەتىۋا، سۇئال، جاۋاب، ئىلمىي، تەتقىقات، ماقالە، يازمىلار، يازما، ئۇلىنىش، ئالاقىلىشىڭ