مۇسۇلمانلار
مۇناپىقلارنىڭ ئالامىتى 1

مۇناپىقلارنىڭ ئالامىتى

مۇناپىقنىڭ ئالامەتلىرى

مۇقەددىمە

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

﴿قُلْ فَلِلَّهِ الْحُجَّةُ الْبَالِغَةُ فَلَوْ شَاءَ لَهَدَاكُمْ أَجْمَعِينَ١٤٩﴾

«ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى: «ئاللاھنىڭ كۈچلۈك دەلىلى بار. ئەگەر ئاللاھ خالىسا ئىدى، ھەممىڭلارنى توغرا يولغا كەلتۈرەتتى[1]»» – (6 – سۈرە ئەنئام، 149 – ئايەت).

ئاللاھ تائالا ئىنسانغا ياخشى – ياماننى ئايرىش ۋە قىلىش ئىقتىدارى بېرىش بىلەن بىرگە، ئۇنىڭغا توغرا -خاتا يولنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى ئوچۇق كۆرسىتىپ بەرگەن. توغرا يولغا ئەقىلنى ھەيدەكچى، پەيغەمبەرنى ۋە پەيغەمبەرنىڭ ۋارىسلىرىنى دەۋەتچى قىلغان، يامان يولغا نەپىسىنى ھەيدەكچى شەيتاننى ۋە شەيتاننىڭ دوستلىرىنى دەۋەتچى قىلغان. ئاللاھ تائالا ئىنسانغا ئىككى يولدىن قايسىسىنى تاللاش توغرىسىدا تولۇق ئەركىنلىك بەرگەن، شۇنداقلا ھەر نەرسىدە قىلغاندەك بۇ ئىشتىمۇ بىر تەڭپۇڭلۇق ئورناتقان. ئىلاھىي ئادالەت مانا بۇدۇر.

ئايەتتىكى «كۈچلۈك دەلىل» قۇرئان كەرىمدۇر. قۇرئان كەرىم شۇنداق كۈچلۈك دەلىلكى ھىدايەتكە ئىنتىلىدىغان، ھىدايەتنى ياخشى كۆرىدىغان ۋە ھىدايەتنى ئىزدەشكە غەيرەت قىلىدىغان كىشىلەرلا ئۇنىڭ ھىدايىتىگە ئېرىشەلەيدۇ. چۈنكى ئۇ ھىدايەتنى ئىلمىي ۋە چۈشىنىشلىك بىر رەۋىشتە بايان قىلىدۇ.

ئەكسىچە ئۇ كىشىلەرنى ئۆزىدىكى ھىدايەتكە زورلىمايدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋەزىپىسىمۇ ئۇنى ئەينەن يەتكۈزۈشتىنلا ئىبارەت. ئەگەر ئاللاھ تائالا ئىنسانلارنى باشقا بىر شەكىلدە ھىدايەت قىلىشنى (توغرا يولغا كەلتۈرۈشنى) خالىسا ئىدى، ئەلۋەتتە شۇنداق قىلاتتى. لېكىن ئاللاھ بۇنى خالىمىدى ۋە ئۇنداق قىلمىدى.

ئەھۋال مۇشۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن ئىنسانلار تەبىئىي ھالدا ئۈچ تۈرلۈك بولىدۇ: يا ئۆز ئەركىنلىكى بىلەن «خاتا يول»نى تاللايدۇ ۋە ئۇ يولدا ماڭىدۇ، بۇلار «كاپىر»، دەپ ئاتىلىدۇ. يا ئۆز ئەركىنلىكى بىلەن «توغرا يول»نى تاللايدۇ ۋە ئۇ يولدا ماڭىدۇ، بۇلار «مۇئمىن، مۇسۇلمان»، دەپ ئاتىلىدۇ. ياكى ئۆز ئەركىنلىكى بىلەن مۇئمىن، مۇسۇلمان قىياپىتىگە كىرىۋېلىپ، كاپىرلىقىنى داۋاملاشتۇرۇش يولىنى تاللايدۇ ۋە بۇ يولىدا ماڭىدۇ، بۇلار «مۇناپىق»، دەپ ئاتىلىدۇ.

قۇرئان كەرىم بۇلارنىڭ ھەر بىرىنىڭ ئېتىقادى، دۇنيا قارىشى، ئەمىلى، سۈپىتى ۋە ئاخىرەتتىكى ئورنى قاتارلىقلارنى تەكرار-تەكرار بايان قىلىدۇ، شۇنداقلا پۈتۈن ئىنسانلارنى مۇسۇلمان بولۇشقا چاقىرىدۇ، كاپىر ياكى مۇناپىق بولۇشتىن مەنئى قىلىدۇ. لېكىن ھېچكىمگە بېسىم قىلمايدۇ. چۈنكى ئۇ «كۈچلۈك دەلىل» بولغانلىقى ئۈچۈن ئىنسانلارنى بېسىم يولى بىلەن ئەمەس، قايىل قىلىش يولى بىلەن ھىدايەتكە چاقىرىدۇ.

بىز بۇ ماقالىمىزدە ئۈچىنچى يولنى تاللىغان ئىنسانلارنىڭ يەنى مۇناپىقلارنىڭ ئالامەتلىرىنى مۇناسىۋەتلىك ئايەت ۋە ھەدىسلەرنىڭ نۇرى ئاستىدا تونۇشقا ۋە تونۇشتۇرۇشقا تىرىشىمىز.

تىرىشچانلىق بەندىدىن، مۇۋەپپەقىيەت ئاللاھدىندۇر.

1- مۇناپىقلار يالغان قەسەمنىڭ ئارقىسىغا سېغىنىدۇ

مۇناپىقلار يالغان قەسەملىرىنى قالقان قىلىپ ئۆزلىرىنى يوشۇرۇشقا، ئۆزلىرىنىڭ ئىسلامغا خىلاپ ئەمەللىرىنى يۆگەشكە، ئىسلامغا ۋە مۇسۇلمانلارغا قارشى ئۆتكۈزگەن جىنايەتلىرىنى يېپىشقا، ئاداۋەت ۋە نەپرەتلىرىنى مەخپىي تۇتۇشقا، ئۆزلىرىنىڭ مۇئمىنلاردىن ئىكەنلىكىگە مۇئمىنلارنى ئىشەندۈرۈشكە تىرىشىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

﴿اتَّخَذُوا أَيْمَانَهُمْ جُنَّةً فَصَدُّوا عَن سَبِيلِ اللَّهِ إِنَّهُمْ سَاءَ مَا كَانُوا يَعْمَلُونَ٢﴾

«ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ قەسەملىرىنى قالقان قىلىپ، ئاللاھنىڭ يولىدىن توستى. ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرى نېمىدېگەن يامان!» – (63 – سۈرە مۇنافىقون، 2 – ئايەت).

﴿وَيَحْلِفُونَ بِاللَّهِ إِنَّهُمْ لَمِنكُمْ وَمَا هُم مِّنكُمْ وَلَكِنَّهُمْ قَوْمٌ يَفْرَقُونَ٥٦﴾

«ئۇلار ئاللاھ بىلەن قەسەم قىلىپ تۇرۇپ: «بىز ئەلۋەتتە سىلەردىنمىز» دەيدۇ. ھالبۇكى، ئۇلار سىلەردىن ئەمەس. لېكىن ئۇلار قورقۇنچاق قەۋمدۇر.‏» – (9 – سۈرە تەۋبە، 56 – ئايەت).

2- مۇناپىقلار يالغانچىدۇر

يالغان ئېيتىش مۇناپىقلىقنىڭ يىلتىزىدۇر، تۈۋرۈكىدۇر. قۇرئان كەرىمدە يالغانچىلىق زىكىر قىلىنغان يەردە مۇناپىقلىق، مۇناپىقلىق زىكىر قىلىنغان يەردە يالغانچىلىق زىكىر قىلىنىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

﴿إِذَا جَاءَكَ الْمُنَافِقُونَ قَالُوا نَشْهَدُ إِنَّكَ لَرَسُولُ اللَّهِ وَاللَّهُ يَعْلَمُ إِنَّكَ لَرَسُولُهُ وَاللَّهُ يَشْهَدُ إِنَّ الْمُنَافِقِينَ لَكَاذِبُونَ١﴾

«ئى مۇھەممەد! مۇنافىقلار يېنىڭغا كەلگەن چاغلىرىدا ساڭا: «گۇۋاھلىق بېرىمىزكى، سەن ھەقىقەتەن ئاللاھنىڭ ئەلچىسىسەن» دەيدۇ. ئاللاھ بىلىدۇكى، سەن ھەقىقەتەن ئاللاھنىڭ ئەلچىسىسەن. ئاللاھ گۇۋاھلىق بېرىدۇكى، مۇنافىقلار ھەقىقەتەن يالغانچىلاردۇر.» – (63 – سۈرە مۇنافىقون، 1 – ئايەت).

«يَوْمَ يَبْعَثُهُمُ اللَّهُ جَمِيعًا فَيَحْلِفُونَ لَهُ كَمَا يَحْلِفُونَ لَكُمْ وَيَحْسَبُونَ أَنَّهُمْ عَلَى شَيْءٍ أَلَا إِنَّهُمْ هُمُ الْكَاذِبُونَ»

«ئاللاھ ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى قايتا تىرىلدۈرگەن كۈندە، ئۇلار ھازىر سىلەرگە قەسەم قىلغاندەك ئاللاھقا قەسەم قىلىدۇ، ئۇلار پايدا ئالىمىز، دەپ ئويلايدۇ. بىلىڭلاركى، ئۇلار يالغانچىلاردۇر»-(58 – سۈرە مۇجادەلە، 18 – ئايەت).

«أَلَمْ تَرَ إِلَى الَّذِينَ نَافَقُوا يَقُولُونَ لِإِخْوَانِهِمُ الَّذِينَ كَفَرُوا مِنْ أَهْلِ الْكِتَابِ لَئِنْ أُخْرِجْتُمْ لَنَخْرُجَنَّ مَعَكُمْ وَلَا نُطِيعُ فِيكُمْ أَحَدًا أَبَدًا وَإِنْ قُوتِلْتُمْ لَنَنْصُرَنَّكُمْ وَاللَّهُ يَشْهَدُ إِنَّهُمْ لَكَاذِبُونَ»

«شۇ مۇناپىقلارنى كۆرمىدىڭمۇ؟ ئۇلار ئەھلى كىتابتىن بولغان كاپىر قېرىنداشلىرىغا مۇنداق دەيدۇ: ‹ئەگەر سىلەر ھەيدەپ چىقىرىلساڭلار، بىزمۇ سىلەر بىللە چىقىمىز، سىلەرگە قارشى ھېچكىمگە ئىتائەت قىلمايمىز، سىلەرگە ئۇرۇش ئېچىلسا چوقۇم سىلەرگە ياردەم بېرىمىز›. ئاللاھ گۇۋاھلىق بېرىدۇكى، مۇناپىقلار ھەقىقەتەن يالغانچىلاردۇر»-(59 – سۈرە ھەشر، 11 – ئايەت).

دېمەك، يالغان ئېيتىش مۇناپىقلارنىڭ ئالامىتى ۋە سۈپىتىدۇر. مۇناسىۋەتلىك ھەدىسلەر مۇنداق:

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «مۇناپىقنىڭ ئالامىتى ئۈچتۇر: سۆزلىسە يالغان سۆزلەيدۇ، ۋەدە قىلسا خىلاپلىق قىلىدۇ، ئامانەت قويۇلسا خىيانەت قىلىدۇ»- بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

«تۆت خىل سۈپەت بار، ئۇ تۆت خىل سۈپەت تېپىلغان ئادەم ھەقىقىي مۇناپىق ھېسابلىنىدۇ. كىمدە شۇ سۈپەتلەرنىڭ بىرەرى تېپىلسا ۋە ئۇنى تاشلىمىسا، تەرك ئەتمىگۈچە ئۇنىڭدا مۇناپىقلىقتىن بىر سۈپەت بولغان بولىدۇ: 1. ئامانەت قويۇلسا خىيانەت قىلىدۇ. 2. سۆزلىسە يالغان سۆزلەيدۇ. 3. ۋەدە قىلسا ۋاپا قىلمايدۇ. 4. مۇنازىرلەشكەندە ئاغزىنى بۇزىدۇ»- بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

3- مۇناپىقلار رىياكار كىشىلەردۇر

رىيانىڭ لۇغەت مەنىسى ئىنسانلارغا ياخشى ئىش قىلغانلىقىنى كۆرسىتىپ ئۇلارنىڭ كۆڭۈللىرىدىن ئورۇن ئىزدەش، دېگەن بولىدۇ. رىيانىڭ شەرئىي مەنىسى بولسا، ئىبادەتنى ئاللاھدىن غەيرىينى دەپ قىلىش، گۇناھنى ئاللاھدىن غەيرىينى دەپ تەرك ئېتىش، ياكى ئەمەل-ئىبادەتنى دۇنيالىق مەقسەتكە يېتىش ئۈچۈن قىلىش، دېگەن بولىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

«إِنَّ الْمُنَافِقِينَ يُخَادِعُونَ اللّهَ وَهُوَ خَادِعُهُمْ وَإِذَا قَامُواْ إِلَى الصَّلاَةِ قَامُواْ كُسَالَى يُرَآؤُونَ النَّاسَ وَلاَ يَذْكُرُونَ اللّهَ إِلاَّ قَلِيلاً»

«شۈبھىسىزكى، مۇناپىقلار ئاللاھنى ئالدىماقچى بولۇشىدۇ، ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئالدامچىلىقىغا جازا بەرگۈچىدۇر. ئۇلار نامازغا تۇرغاندا ھۇرۇنلۇق قىلىشقان ھالدا تۇرىدۇ، نامازنى ئىنسانلارغا كۆرسىتىش ئۈچۈن ئوقۇيدۇ ۋە ئاللاھنى بەك ئاز ياد ئېتىدۇ»- نىسا 4/142.

مۇناسىۋەتلىك ئىككى ھەدىس مۇنداق:

جۇندۇب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كىمكى ئەمىلىنى باشقىلار ئاڭلىسۇن دەپ قىلىدىكەن، ئاللاھ ئۇنىڭ بۇزۇق نىيىتىنى قىيامەت كۈنى خالايىق ئالدىدا ئاشكارىلاپ، ئۇنى رەسۋا قىلىدۇ. كىمكى ئەمىلىنى باشقىلار كۆرسۇن دەپ قىلىدىكەن، ئاللاھ ئۇنىمۇ شۇنداق قىلىدۇ»- بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كىمكى ئاللاھ رازىلىقى ئۈچۈن تەلەپ قىلىنىدىغان ئىلىمنى دۇنيالىق غەرەز ئۈچۈن ئۆگەنسە، قىيامەت كۈنى جەننەتنىڭ ھىدىنى پۇرىيالمايدۇ»- ئەبۇ داۋۇد رىۋايەت قىلغان.

4- مۇناپىقلار ئىككى يۈزلىمە كىشىلەردۇر

مۇناپىق ئىككى يۈزلىمە كىشى بولۇپ، بىر-بىرىگە دۈشمەن ئىككى پىرقىنىڭ بىرى بىلەن ئۇچراشسا، ئۇنى داملايدۇ، ماختايدۇ، ھەتتا ئۇنىڭغا تاغاردا بىر مەدھىيە ئوقۇيدۇ. ناۋادا قارشى پىرقە بىلەن ئۇچرىشىپ قالسا، ئۇنىڭغىمۇ شۇنداق قىلىدۇ.

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

«وَإِذَا لَقُوا الَّذِينَ آمَنُوا قَالُوا آمَنَّا وَإِذَا خَلَوْا إِلَى شَيَاطِينِهِمْ قَالُوا إِنَّا مَعَكُمْ إِنَّمَا نَحْنُ مُسْتَهْزِئُونَ»

«ئۇلار مۇئمىنلار بىلەن ئۇچراشقان چاغدا: ‹بىزمۇ ئىمان ئېيتتۇق› دەيدۇ. شەيتانلىرى بىلەن يالغۇز قېلىشقان چاغلىرىدا بولسا، ‹بىز سىلەر بىلەن بىللە، بىز ئۇلارنى پەقەتلا مەسخىرە قىلماقتىمىز›، دەيدۇ»- بەقەرە 2/14.

«الَّذِينَ يَتَرَبَّصُونَ بِكُمْ فَإِن كَانَ لَكُمْ فَتْحٌ مِّنَ اللّهِ قَالُواْ أَلَمْ نَكُن مَّعَكُمْ وَإِن كَانَ لِلْكَافِرِينَ نَصِيبٌ قَالُواْ أَلَمْ نَسْتَحْوِذْ عَلَيْكُمْ وَنَمْنَعْكُم مِّنَ الْمُؤْمِنِينَ فَاللّهُ يَحْكُمُ بَيْنَكُمْ يَوْمَ الْقِيَامَةِ وَلَن يَجْعَلَ اللّهُ لِلْكَافِرِينَ عَلَى الْمُؤْمِنِينَ سَبِيلاً»

«ئۇ مۇناپىقلار شۇنداق كىشىلەركى، سىلەرنى كۆزىتىپ تۇرىدۇ، ئەگەر ئاللاھنىڭ بىر نۇسرىتىگە ئېرىشسەڭلار، ئۇلار ‹بىز سىلەر بىلەن بىللە ئەمەسمىدۇق؟» دەيدۇ.  ئەگەر كاپىرلارغا زەپەرگە ئېرىشسە، ئۇلار: «بىز سىلەرگە ئۈستۈن كەلمىدۇقمۇ؟ شۇنداق تۇرۇپ سىلەرنى مۇئمىنلاردىن قوغدىمىدۇقمۇ؟» دەيدۇ. ئاللاھ قىيامەت كۈنى ئاراڭلاردا ھۆكۈم چىقىرىدۇ. ئاللاھ كاپىرلار ئۈچۈن مۇئمىنلارغا قارشى ھەرگىزمۇ يول بەرمەيدۇ»- نىسا 4/141.

 رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:

««بايقايسىلەركى، كىشىلەر كانغا ئوخشايدۇ. شەرىئەت ئەھكاملىرىنى بىلسىلا ئۇلارنىڭ جاھىلىيەت دەۋرىدىكى ياخشىلىرى ئىسلامىيەت دەۋرىدىمۇ ياخشى ھېسابلىنىدۇ. يەنە بايقايسىلەركى، ئۇلارغا بىر يۈزى بىلەن، بۇلارغا بىر يۈزى بىلەن كېلىدىغان ئىككى يۈزلىمىچى ئادەملەر ئىنسانلارنىڭ ئەڭ يامىنىدۇر»- بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

5- مۇناپىقلارنىڭ تىلى باشقا دىلى باشقىدۇر

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

«وَمِنَ النَّاسِ مَنْ يَقُولُ آمَنَّا بِاللَّهِ وَبِالْيَوْمِ الْآخِرِ وَمَا هُمْ بِمُؤْمِنِينَ»

«ئىنسانلارنىڭ ئارىسىدا شۇنداق كىشىلەرمۇ باركى، ئۇلار ھېچ ئىشەنمەي تۇرۇپ ‹بىز ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىشەندۇق› دەيدۇ»- بەقەرە 2/8.

«وَمِنَ النَّاسِ مَنْ يُعْجِبُكَ قَوْلُهُ فِي الْحَيَاةِ الدُّنْيَا وَيُشْهِدُ اللَّهَ عَلَى مَا فِي قَلْبِهِ وَهُوَ أَلَدُّ الْخِصَامِ»

«ئىنسانلارنىڭ ئارىسىدا شۇنداق كىشىلەرمۇ باركى، دۇنيا ھاياتىغا دائىر قىلغان سۆزى سېنى ئەجەبلەندۈرىدۇ. ئۇ تېخى سەمىمىي ئىكەنلىكىگە ئاللاھنى شاھىت قىلىدۇ. ئەمەلىيەتتە ئۇ ئەڭ ئەشەددىي دۈشمەندۇر»- بەقەرە 2/204.

6- مۇناپىقلار ئاللاھنىڭ دۈشمەنلىرىنى دوست تۇتىدۇ

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

«إِنَّ الَّذِينَ آمَنُوا ثُمَّ كَفَرُوا ثُمَّ آمَنُوا ثُمَّ كَفَرُوا ثُمَّ ازْدَادُوا كُفْرًا لَمْ يَكُنِ اللَّهُ لِيَغْفِرَ لَهُمْ وَلَا لِيَهْدِيَهُمْ سَبِيلًا. بَشِّرِ الْمُنَافِقِينَ بِأَنَّ لَهُمْ عَذَابًا أَلِيمًا. الَّذِينَ يَتَّخِذُونَ الْكَافِرِينَ أَوْلِيَاءَ مِنْ دُونِ الْمُؤْمِنِينَ أَيَبْتَغُونَ عِنْدَهُمُ الْعِزَّةَ فَإِنَّ الْعِزَّةَ لِلَّهِ جَمِيعًا»

«ئىمان ئېيتقان، ئاندىن كېيىن كاپىر بولغان، ئاندىن كېيىن ئىمان ئېيتقان، ئاندىن كېيىن كاپىر بولغان، ئاندىن كېيىن كاپىرلىقتا ئەزۋەيلىگەن كىشىلەرنى ئاللاھ ھەرگىزمۇ ئەپۇ قىلمايدۇ ۋە ھەرگىزمۇ ھىدايەت قىلمايدۇ. ئى مۇھەممەد! ئۇ مۇناپىقلارغا خۇش خەۋەر بەرگىنكى، ئۇلار ئەلەملىك ئازابقا ئېرىشىدۇ. ئۇلار شۇنداق كىشىلەركى، مۇئمىنلارنى قويۇپ كاپىرلارنى دوست تۇتىدۇ. ئۇلار ئىززەتنى ئۇ كاپىرلارنىڭ يېنىدا ئىزدەمدۇ؟ شۈبھىسىزكى، ئىززەتنىڭ ھەممىسى ئاللاھنىڭدۇر»- نىسا 4/137-139.

«يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُواْ لاَ تَتَّخِذُواْ الْيَهُودَ وَالنَّصَارَى أَوْلِيَاء بَعْضُهُمْ أَوْلِيَاء بَعْضٍ وَمَن يَتَوَلَّهُم مِّنكُمْ فَإِنَّهُ مِنْهُمْ إِنَّ اللّهَ لاَ يَهْدِي الْقَوْمَ الظَّالِمِينَ»

«ئى مۇئمىنلار! يەھۇدىي ۋە ناسارالارنى دوست تۇتماڭلار. ئۇلار بىر-بىرلىرىنىڭ دوستلىرىدۇر. سىلەردىن كىم ئۇلارنى دوست تۇتىدىكەن، ئۇ ئەلۋەتتە ئۇلاردىن بولۇپ كېتىدۇ. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ زالىم قەۋمنى ھىدايەت قىلمايدۇ»- مائىدە 5/51.

دېمەككى، مۇئمىنلار ئاللاھنىڭ دوستلىرى بولغان مۇئمىنلارنى دوست تۇتۇشلىرى كېرەك. ئاللاھنىڭ دۈشمەنلىرى گەرچە ئۇلارنىڭ ئەڭ يېقىنلىرى بولسىمۇ ئۇلارنى دوست تۇتماسلىقى لازىم. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

«يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُواْ لاَ تَتَّخِذُواْ آبَاءكُمْ وَإِخْوَانَكُمْ أَوْلِيَاء إَنِ اسْتَحَبُّواْ الْكُفْرَ عَلَى الإِيمَانِ وَمَن يَتَوَلَّهُم مِّنكُمْ فَأُوْلَـئِكَ هُمُ الظَّالِمُونَ»

«ئى مۇئمىنلار! ئەگەر ئاتىلىرىڭلار ۋە قېرىنداشلىرىڭلار كاپىرلىقنى مۇئمىنلىقتىن ئارتۇق كۆرسە، ئۇلارنى دوست تۇتماڭلار. سىلەردىن كىم ئۇلارنى دوست تۇتىدىكەن، ئەنە شۇنداقلار ھەقىقەتەن زالىملاردۇر»- تەۋبە 9/23.

«لَا تَجِدُ قَوْماً يُؤْمِنُونَ بِاللَّهِ وَالْيَوْمِ الْآخِرِ يُوَادُّونَ مَنْ حَادَّ اللَّهَ وَرَسُولَهُ وَلَوْ كَانُوا آبَاءهُمْ أَوْ أَبْنَاءهُمْ أَوْ إِخْوَانَهُمْ أَوْ عَشِيرَتَهُمْ أُوْلَئِكَ كَتَبَ فِي قُلُوبِهِمُ الْإِيمَانَ وَأَيَّدَهُم بِرُوحٍ مِّنْهُ وَيُدْخِلُهُمْ جَنَّاتٍ تَجْرِي مِن تَحْتِهَا الْأَنْهَارُ خَالِدِينَ فِيهَا رَضِيَ اللَّهُ عَنْهُمْ وَرَضُوا عَنْهُ أُوْلَئِكَ حِزْبُ اللَّهِ أَلَا إِنَّ حِزْبَ اللَّهِ هُمُ الْمُفْلِحُونَ»

«ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىشىنىدىغان بىر قەۋمنىڭ، ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلى بىلەن قارشىلاشقان كىشىلەرنى- بۇ كىشىلەر ئۇلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرى ياكى بالىلىرى ياكى قېرىنداش ۋە ھەمشىرىلىرى ۋە ياكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بولغان تەقدىردىمۇ- دوست تۇتقانلىقىنى كۆرمەيسەن. ئەنە شۇ قەۋمنىڭ قەلبلىرىدە ئاللاھ ئىماننى مۇستەھكەم قىلدى، ئۇلارنى ئۆز تەرىپىدىن بىر روھ بىلەن كۈچەيتتى، ئۇلارنى ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرگە كىرگۈزىدۇ، ئۇلار ئۇ جەننەتلەردە مەڭگۈ قالىدۇ، ئاللاھ ئۇلاردىن رازى بولدى، ئۇلار ئاللاھدىن رازى بولدى. ئەنە شۇلار ئاللاھنىڭ قوشۇنىدۇر. بىلىڭلاركى، ئاللاھنىڭ قوشۇنى مۇرادىغا يەتكۈچىلەردۇر»- مۇجادەلە 58/22.

ئاللاھنىڭ دۈشمەنلىرىنى دوست تۇتۇشنىڭ مىساللىرى:

ئا- كىيىم-كېچەك ۋە گەپ-سۆزدە ئۇلارغا ئوخشىۋېلىش.

يۇرت-مەھەللىلەرنىڭ، نەرسە-كېرەكلەرنىڭ ۋە يېمەك-ئىچمەكلەرنىڭ ئىسىملىرىنى ئۆز ئانا تىلىدا سۆزلىمەسلىك، تېلېفون نومۇرلىرىنى يۈزى قىزارماستىن ئۆز ئانا تىلىدا يادقا ئالالمىغانلىقنى دەۋا قىلىپ ئاللاھنىڭ دۈشمەنلىرىنىڭ ئانا تىلىدا سۆزلەش… قاتارلىقلار ئاللاھنىڭ دۈشمىنىگە ئوخشىۋالغانلىق، شۇنداقلا ئۇلارنى دوست تۇتقانلىق بولىدۇ.

شۇنىڭدەك، يەھۇدىيلارنىڭ ھاخاملىرىنىڭ ھاخاملىق كىيىملىرىنى، خىرىستىيانلارنىڭ راھىب ۋە راھىبەلىرىنىڭ راھىبلىق كىيىملىرىنى، بۇددىستلارنىڭ دىنى كىيىملىرىنى كىيىش… قاتارلىق ئىشلارنى قىلىش ئاللاھنىڭ دۈشمەنلىرىنى دوست تۇتقانلىق بولىدۇ.

ئە- ئاللاھنىڭ دۈشمەنلىرىنىڭ ھېيت-بايراملىرىنى ئۆتكۈزۈش.

ئىككى ھېيتتىن باشقا بايراملارنى ئۆتكۈزۈش، تۇغۇلغان كۈن ئۆتكۈزۈش، بۆشۈك توي ئۆتكۈزۈش، نورۇز بايرىمى، ئاتا-ئانىلار بايرىمى، ئاياللار بايرىمى… دەك بايراملارنى ئۆتكۈزۈش، ئۆتكۈزگەنلەرگە ئىختىيارىي ھالدا قوشۇلۇش، ھەتتا بۇ بايراملار ئەسناسىدا بايرام كەلدى دەپ خۇشاللىق ھېس قىلىش، باشقا كۈنلەردە قىلىشمايدىغان سوۋغا-سالاملارنى ئۇ كۈندە قىلىشىش يەھۇدىي، خىرىستىيان ۋە مەجۇسىيلارغا ئوخشىۋالغانلىق، شۇنداقلا ئۇلارنى دوست تۇتقانلىق بولىدۇ.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كىمكى قانداقلا بىر قەۋمگە (مىللەتكە) ئوخشىۋالىدىكەن، ئۇ شۇ مىللەتنىڭ قاتارىدىن بولۇپ كېتىدۇ»- ئەبۇ داۋۇد ۋە ئەھمەد رىۋايەت قىلغان.

6- مۇناپىقلار ئاللاھنىڭ ۋە رەسۇلۇللاھنىڭ ھۆكمىدىن يۈز ئۆرۈيدۇ

 مۇناپىقلارنىڭ ئىشى ناھايىتى ئەجەبلىنەرلىكتۇر. ئۇلارنىڭ ئەڭ ئەجەبلىنەرلىك ئەھۋالى شۇكى، ئۇلار بىر تەرەپتىن مۇئمىنلىق ۋە مۇسۇلمانلىق دەۋاسى قىلىدۇ، لېكىن ئاللاھنىڭ ۋە رەسۇلۇللاھنىڭ ھۆكمىگە چاقىرىلسا كەينىگە يانىدۇ، ئاللاھنىڭ ۋە رەسۇلۇللاھنىڭ ھۆكمىگە نارازى بولىدۇ، ئۇنى قوبۇل قىلمايدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

«وَيَقُولُونَ آمَنَّا بِاللَّهِ وَبِالرَّسُولِ وَأَطَعْنَا ثُمَّ يَتَوَلَّى فَرِيقٌ مِنْهُمْ مِنْ بَعْدِ ذَلِكَ وَمَا أُولَئِكَ بِالْمُؤْمِنِينَ. وَإِذَا دُعُوا إِلَى اللَّهِ وَرَسُولِهِ لِيَحْكُمَ بَيْنَهُمْ إِذَا فَرِيقٌ مِنْهُمْ مُعْرِضُونَ. وَإِنْ يَكُنْ لَهُمُ الْحَقُّ يَأْتُوا إِلَيْهِ مُذْعِنِينَ. أَفِي قُلُوبِهِمْ مَرَضٌ أَمِ ارْتَابُوا أَمْ يَخَافُونَ أَنْ يَحِيفَ اللَّهُ عَلَيْهِمْ وَرَسُولُهُ بَلْ أُولَئِكَ هُمُ الظَّالِمُونَ»

«بەزى ئىنسانلار: ‹بىز ئاللاھقا ۋە رەسۇلۇللاھقا ئىمان ئېيتتۇق، ئىتائەت قىلدۇق› دەيدۇ، لېكىن ئۇلاردىن بىر گۇرۇھ بۇ سۆزلىرىدىن كېيىن يۈز ئۆرۈيدۇ. مانا بۇلار ھەرگىز مۇئمىن ئەمەس. ئۇلار ئارىلىرىدا ھۆكۈم چىقىرىشى ئۈچۈن ئاللاھقا ۋە رەسۇلۇللاھقا چاقىرىلسا، ئۇلاردىن بىر گۇرۇھ دەرھال يۈز ئۆرۈيدۇ. لېكىن ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ پايدىسىغا ھۆكۈم قىلىنىدىغانلىقىنى بىلسە پەيغەمبەرنىڭ يېنىغا ئىتائەتمەنلىك بىلەن كېلىشىدۇ. ئۇلارنىڭ قەلبلىرىدە بىر كېسەل بارمۇ؟ ياكى ئۇلار شۈبھە ئىچىدىمۇ؟ ياكى ئۇلار ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلى بىزگە زۇلۇم قىلىدۇ، دەپ قورقۇۋاتامدۇ؟ ياق، ئەسلىدە ئۇلار زالىملاردۇر»- نۇر 24/47-50.

7- مۇناپىقلار يامانلىققا بۇيرۇپ ياخشىلىقتىن توسىدۇ

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

«الْمُنَافِقُونَ وَالْمُنَافِقَاتُ بَعْضُهُمْ مِنْ بَعْضٍ يَأْمُرُونَ بِالْمُنْكَرِ وَيَنْهَوْنَ عَنِ الْمَعْرُوفِ وَيَقْبِضُونَ أَيْدِيَهُمْ نَسُوا اللَّهَ فَنَسِيَهُمْ إِنَّ الْمُنَافِقِينَ هُمُ الْفَاسِقُونَ»

«مۇناپىق ئەرلەر ۋە مۇناپىق ئاياللار بىر-بىرىگە تامامەن ئوخشايدۇ. ئۇلار يامانلىققا بۇيرۇيدۇ، ياخشىلىقتىن توسىدۇ ۋە قوللىرىنى يۇمۇۋالىدۇ (يەنى بېخىللىق قىلىدۇ). ئۇلار ئاللاھنى ئۇنتۇدى. بۇ سەۋەبتىن ئاللاھمۇ ئۇلارنى ئۇنتۇدى. شۈبھىسىزكى، مۇناپىقلار پاسىقلاردۇر»- تەۋبە 9/67.

خۇلاسە

1- مۇناپىق كىم؟

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

«إِنَّ الَّذِينَ كَفَرُوا سَوَاءٌ عَلَيْهِمْ أَأَنْذَرْتَهُمْ أَمْ لَمْ تُنْذِرْهُمْ لَا يُؤْمِنُونَ. خَتَمَ اللَّهُ عَلَى قُلُوبِهِمْ وَعَلَى سَمْعِهِمْ وَعَلَى أَبْصَارِهِمْ غِشَاوَةٌ وَلَهُمْ عَذَابٌ عَظِيمٌ. وَمِنَ النَّاسِ مَنْ يَقُولُ آمَنَّا بِاللَّهِ وَبِالْيَوْمِ الْآخِرِ وَمَا هُمْ بِمُؤْمِنِينَ. يُخَادِعُونَ اللَّهَ وَالَّذِينَ آمَنُوا وَمَا يَخْدَعُونَ إِلَّا أَنْفُسَهُمْ وَمَا يَشْعُرُونَ. فِي قُلُوبِهِمْ مَرَضٌ فَزَادَهُمُ اللَّهُ مَرَضًا وَلَهُمْ عَذَابٌ أَلِيمٌ بِمَا كَانُوا يَكْذِبُونَ»

«كاپىرلارغا كەلسەك، ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرساڭمۇ ئاگاھلاندۇرمىساڭمۇ، ئۇلار ئۈچۈن بەرىبىر، ئۇلار ئىمان ئېيتمايدۇ. ئاللاھ ئۇلارنىڭ قەلبلىرىنى ۋە قۇلاقلىرىنى مۆھۈرلىۋەتكەن. ئۇلارنىڭ كۆزلىرىمۇ پەردىلەنگەن. ئۇلار ئۈچۈن چوڭ ئازاب بار. ئىنسانلاردىن شۇنداق كىشىلەرمۇ باركى، ئۇلار ھېچ ئىشەنمەي تۇرۇپ ‹بىز ئاللاھغا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىشەندۇق› دەيدۇ. ئۇلار ئاللاھنى ۋە مۇئمىنلارنى ئالداشقا ئۇرۇنىدۇ. ئەمەلىيەتتە ئۇلار تۇيماستىن پەقەت ئۆزلىرىنىلا ئالدايدۇ. ئۇلارنىڭ قەلبلىرىدە بىر كېسەل بار. ئاللاھ ئۇلارغا يەنە بىر كېسەل قوشتى. ئۇلارغا، يالغانچىلىق قىلغانلىقلىرى ئۈچۈن ئەلەملىك ئازاب بار»- بەقەرە 2/6-10.

مۇناپىقلار كاپىرلارنىڭ بىر قىسمى بولۇپ، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ كاپىرلىقىغا يالغانچىلىقنى قوشقان كىشىلەردۇر. شۇڭا يۇقىرىدىكى ئايەتلەردە ئۇلارنىڭ كاپىرلىقىنىڭ جازاسى «چوڭ ئازاب»، مۇناپىقلىقىنىڭ جازاسى «ئەلەملىك ئازاب» ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

8- ئايەتنىڭ بېشىدىكى «ئىنسانلاردىن» مەقسەت، 6- ئايەتنىڭ بېشىدىكى «كاپىرلار»نىڭ بىر قىسمىنى كۆرسىتىدۇ.

2- مۇناپىقنىڭ جازاسى نېمە؟

ئاللاھ تائالا مۇناپىقلارنىڭ جازاسى ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ:

«شۈبھىسىزكى، مۇناپىقلار دوزاخنىڭ ئەڭ ئاستىن قەۋىتىدىدۇر. ئۇلار ئۈچۈن ھېچبىر ياردەمچى تاپالمايسەن»- نىسا 4/145.

«ئاللاھ مۇناپىق ئەرلەر بىلەن مۇناپىق ئاياللارغا ۋە كاپىرلارغا جەھەننەمنىڭ ئوتىنى ۋەدە قىلدى. ئۇلار ئۇ ئوتنىڭ ئىچىدە مەڭگۈ قالىدۇ. جەھەننەمنىڭ ئوتى ئۇلارغا يېتەرلىكتۇر. ئاللاھ ئۇلارنى لەنەتلىدى. ئۇلار ئۈچۈن مۇقىم بىر ئازاب بار»- تەۋبە 9/68.

«ئاللاھ غەزەپ قىلغان قەۋمنى دوست تۇتقانلارنى كۆرمىدىڭمۇ؟ ئۇلار سىلەردىنمۇ ئەمەس، ئۇ قەۋمدىنمۇ ئەمەس. ئۇلار بىلىپ تۇرۇپ يالغاندىن قەسەم قىلىدۇ. ئاللاھ ئۇلارغا قاتتىق ئازاب تەييارلىدى. ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرى نېمىدېگەن يامان! ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ قەسەملىرىنى قالقان قىلىپ ئاللاھنىڭ يولىدىن توستى. ئۇلارغا خورلىغۇچى ئازاب بار. ئۇلارنىڭ ماللىرىمۇ، بالىلىرىمۇ ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ھېچ نەرسىگە ئەسقاتمايدۇ. ئۇلار دوزاخ ئەھلىدۇر. ئۇلار دوزاخنىڭ ئىچىدە مەڭگۈ قالىدۇ. ئاللاھ ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى قايتا تىرىلدۈرگەن كۈندە، ئۇلار ھازىر سىلەرگە قەسەم قىلغاندەك ئاللاھقا قەسەم قىلىدۇ، ئۇلار پايدا ئالىمىز، دەپ ئويلايدۇ، بىلىڭلاركى، ئۇلار يالغانچىلاردۇر. شەيتان ئۇلارنى ھاكىمىيىتى ئاستىغا ئالدى، ئۇلارغا ئاللاھنىڭ زىكرىنى ئۇنتۇلدۇردى. ئەنە شۇلار شەيتاننىڭ قوشۇنىدۇر. بىلىڭلاركى، شەيتاننىڭ قوشۇنى زىيان تارتقۇچىلاردۇر»- مۇجادەلە 58/14-19.

[1] بۇ يەردىكى كۈچلۈك دەلىل قۇرئان كەرىمدۇر. ھىدايەتكە ئىنتىلىدىغان، ھەقنى ياخشى كۆرىدىغان ۋە ئۇنى ئىزدەشكە ھېرىسمەن كىشىلەرلا قۇرئان كەرىم بىلەن ھىدايەت تاپالايدۇ. چۈنكى قۇرئان كەرىم ئۆگىتىدۇ، بايان قىلىدۇ ۋە توغرا يولنى كۆرسىتىدۇ. ئەكسىچە زورلىمايدۇ، مەجبۇرلىمايدۇ ۋە تاڭمايدۇ. ئەلچىلەرنىڭ ۋەزىپىسىمۇ ئۇنى يەتكۈزۈشتىن باشقا نەرسە ئەمەس. ئەگەر ئاللاھ تائالا ئىنسانلارنى باشقا شەكىلدە توغرا يولغا كەلتۈرۈشنى خالىسا ئىدى، ئەلۋەتتە شۇنداق قىلاتتى. لېكىن خالىمىدى، ئۇنداق قىلمىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن قۇرئان كەرىم نازىل بولۇش ئېتىبارى بىلەن «پۈتۈن ئىنسانىيەتكە ھىدايەت» (قاراڭ: 2 – سۈرە بەقەرە: 185 – ئايەت)، «كەسكىن دەلىل ۋە پارلاق نۇر» (قاراڭ: 4 – سۈرە نىسا، 174 – ئايەت) بولسىمۇ، نەتىجە ئېتىبارى بىلەن «تەقۋادارلارغا ھىدايەتتۇر» (قاراڭ: 2 – سۈرە بەقەرە، 2 – ئايەت)،  «ئاللاھقا تەسلىم بولغۇچىلارغا ھىدايەت، رەھمەت ۋە بېشارەتتۇر» (قاراڭ: 16 – سۈرە نەھل، 89 – ۋە 102 – ئايەتلەر)، «ئىشەنگۈچىلەرگە شىپا ۋە رەھمەتتۇر» (17 – سۈرە ئىسرا، 82 – ئايەت)، «ياخشى ئىش قىلغۇچىلارغا ھىدايەت ۋە رەھمەتتۇر» (قارا: 31 – سۈرە لۇقمان، 3 – ئايەت).

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر