مۇسۇلمانلار

تاھارەتنى سۇندۇرغۇچىلار

تاھارەتنى سۇندۇرىدىغان نەرسىلەر
ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:
«…وَإِنْ كُنْتُمْ مَرْضَى أَوْ عَلَى سَفَرٍ أَوْ جَاءَ أَحَدٌ مِنْكُمْ مِنَ الْغَائِطِ أَوْ لَامَسْتُمُ النِّسَاءَ فَلَمْ تَجِدُوا مَاءً فَتَيَمَّمُوا صَعِيدًا طَيِّبًا…»
«…ئەگەر جۇنۇپ بولساڭلار يۇيۇنۇپ پاكلىنىڭلار، ئەگەر كېسەل بولساڭلار ياكى سەپەر ئۈستىدە بولساڭلار ياكى ھاجەتخانىدىن كەلگەن بولساڭلار ۋە ياكى ئاياللىرىڭلار بىلەن بىر يەردە بولۇشقان بولساڭلار، ئاندىن تاھارەت ئېلىش ياكى غۇسۇل قىلىش ئۈچۈن سۇ تاپالمىساڭلار، پاك تۇپراقتا تەيەممۇم قىلىڭلار…»- مائىدە 5/6.
بۇ ئايەتتە ھاجەتخانىدا يۈز بېرىدىغان ئىشلاردىن ئاز دېگەندە بىرىنىڭ يۈز بېرىشى بىلەن كىچىك تاھارەتنىڭ، ئايالى بىلەن بىر يەردە بولۇش بىلەن چوڭ تاھارەتنىڭ سۇنۇپ كېتىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلماقتا. شۇنىڭدەك، بۇ ئىككى تاھارەتنىڭ ئېلىش ئۈچۈن سۇ تاپالمىغان كىشىگە تەيەممۇم قىلىش رۇخسىتىنىڭ بېرىلگەنلىكى بايان قىلىنماقتا[1].
   ئەبباد ئىبنى تەمىم تاغىسى ئابدۇللاھ ئىبنى زەيددىن رىۋايەت قىلىدۇكى، ئۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ناماز ئوقۇۋېتىپ يەل چىقىپ كەتكەندەك تۇيۇلىدىغان كىشىنىڭ ئەھۋالىنى بايان قىلغان. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ئاۋازىنى ئاڭلىغانغا ياكى پۇرىقىنى پۇرىغانغا قەدەر نامىزىنى داۋاملاشتۇرىۋەرسۇن، دېگەن[2].
 بۇ ھەدىستىن مەقئەتتىن يەل چىقارغان كىشىنىڭ ھاجەتخانىدىن كەلگەن كىشىنىڭ ھۆكمىدە بولىدىغانلىقى، شۇنداقلا تاھارىتى سۇنۇپ كېتىدىغانلىقى چىقىدۇ.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئىككى كۆز مەقئەتنىڭ بوغقۇچىسىدۇر. ئۇنداقتا ئۇخلاپ ئويغانغان كىشى قايتىدىن تاھارەت ئالسۇن»[3].
بۇنىڭغا ئاساسەن ئۇخلاش، ئايلىنىپ كېتىش ياكى دورا ئىستېمال قىلىش…. ئارقىلىق تەرەت يوللىرىدىن بىر نەرسە چىققانلىقىنى ھېس قىلالمىغۇدەك دەرىجىدە ئەقىل-ھوشىنىڭ يوقىلىشى تاھارەتنى سۇندۇرىدۇ.

[1]– نىسا سۈرىسىنىڭ 43 – ئايىتىدىمۇ بۇ ھۆكۈملەر بايان قىلىنىدۇ.

[2]– بۇخارىي، ۋۇدۇ 4، 34، بۇيۇ 5؛ مۇسلىم، ھەيز 98؛ ئەبۇ داۋۇد، تاھارەت 68؛ نەسەئىي، تاھارەت 116.

[3]– ئەبۇ داۋۇد، تاھارەت 80.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر