باش بەت > ماقالىلەر  يوللىغۇچى: ، ۋاقتى:
خاتالىققا قارشى تۇرۇش
بىسمىللاھىر رەھمانىر رەھىم
مۇسۇلمان ئۆز جەمئىيىتىنىڭ مۇھىم بىر ئەزاسىدۇر. ئۇ ئۆز جەمئىيىتىنىڭ ئىجابىي پائالىيەتلىرىگە قوشۇلىدۇ، ئۇلارنى ھەر جەھەتتىن قوللايدۇ، قۇۋۋەتلەيدۇ، ھەتتا ئالدى قاتاردا ماڭىدۇ. شۇنىڭدەك، ئۇ ئۆز جەمئىيىتىنىڭ سەلبىي ھادىسىلەرگە قوشۇلمايدۇ، ئۇلارنى قوللىمايدۇ، ئۇلارغا قارشى تۇرىدۇ. ئۇنىڭ بۇ قارشى تۇرۇشى ۋەيران قىلىش، بۇزغۇنچىلىق قىلىش، زىيان سېلىش، يامانلىق قىلىش قاتارلىق يوللاردىن خالىي ياخشى ئۇسلۇب ۋە گۈزەل ئۇسۇل بىلەن بولىدۇ.
مۇسۇلماننىڭ مۇستەبىتلەرنىڭ زۇلۇمىغا قارىتا تۇتىدىغان پوزىتسىيەسىگە مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆز زامانىسىنىڭ مۇستەبىت ھۆكۈمرانى پىرئەۋنگە قارشى تۇتقان پوزىتسىيەسى مىسال بولىدۇ. پىرئەۋن كۈچلۈك بىر دۆلەت قۇرغان ئىدى، ئۇنىڭ ھاكىمىيىتى ئاستىدا نۇرغۇنلىغان خەلق بار ئىدى، پىرئەۋن ئۇ خەلقلەرنى گوللىغان ئىدى، ئۇلار بۇ سەۋەبتىن ئۇنىڭغا بويسۇنغان ئىدى. ئاللاھ تەئالا پىرئەۋننىڭ ئەمرىنى، ئۇنىڭ ھەددىدىن ئېشىشىنى ۋە ئازغۇنلۇقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ:
«وَلَقَدْ أَرْسَلْنَا مُوسَى بِآيَاتِنَا وَسُلْطَانٍ مُبِينٍ. إِلَى فِرْعَوْنَ وَمَلَئِهِ فَاتَّبَعُوا أَمْرَ فِرْعَوْنَ وَمَا أَمْرُ فِرْعَوْنَ بِرَشِيدٍ»
«شۈبھىسىزكى، بىز مۇسانىمۇ ئايەتلىرىمىز بىلەن ۋە ئوچۇق دەلىل بىلەن پىرئەۋنگە ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرىگە ئەلچى قىلىپ ئەۋەتتۇق. ئۇ ئادەملەر پىرئەۋننىڭ ئەمرىگە بويسۇندى. ھالبۇكى، پىرئەۋننىڭ ئەمرى ھەرگىزمۇ توغرا ئەمەس ئىدى»- ھۇد 11/96-97.
ئاللاھ تەئالا تەئالا مۇسا ئەلەيھىسسالامنى پىرئەۋننىڭ يېنىغا بېرىشقا، ئۇنىڭغا يۇمشاق گەپ بىلەن پاكىت قويۇشقا ۋە چىرايلىق سۆزلەر بىلەن نەسىھەت قىلىشقا بۇيرۇغان. مۇناسىۋەتلىك ئايەت مۇنداق:
«اذْهَبْ أَنْتَ وَأَخُوكَ بِآيَاتِي وَلَا تَنِيَا فِي ذِكْرِي. اذْهَبَا إِلَى فِرْعَوْنَ إِنَّهُ طَغَى. فَقُولَا لَهُ قَوْلًا لَيِّنًا لَعَلَّهُ يَتَذَكَّرُ أَوْ يَخْشَى»
«ئى مۇسا! سەن ۋە قېرىندىشىڭ مېنىڭ مۆجىزىلىرىمنى ئېلىپ يولغا چىقىڭلار، ئەمر-پەرمانلىرىمنى يەتكۈزۈشتە بوشاڭلىق قىلماڭلار. ئىككىڭلار پىرئەۋننىڭ يېنىغا بېرىڭلار. چۈنكى ئۇ بەك ھەددىدىن ئېشىپ كەتتى. ئۇنىڭغا يۇمشاق سۆز قىلىڭلار، ئۇ نەسىھەت ئېلىشى ياكى ئۆزىنى تۈزىتىشى مۇمكىن»- تاھا 20/42-44.
ئاللاھ تەئالا پىرئەۋننىڭ مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ دەۋىتىگە قارشى تۇتقان پوزىتسىيەسىدىن خەۋەر بېرىپ مۇنداق دەيدۇ:
«وَنَادَى فِرْعَوْنُ فِي قَوْمِهِ قَالَ يَا قَوْمِ أَلَيْسَ لِي مُلْكُ مِصْرَ وَهَذِهِ الْأَنْهَارُ تَجْرِي مِنْ تَحْتِي أَفَلَا تُبْصِرُونَ؛ أَمْ أَنَا خَيْرٌ مِنْ هَذَا الَّذِي هُوَ مَهِينٌ وَلَا يَكَادُ يُبِينُ. فَلَوْلَا أُلْقِيَ عَلَيْهِ أَسْوِرَةٌ مِنْ ذَهَبٍ أَوْ جَاءَ مَعَهُ الْمَلَائِكَةُ مُقْتَرِنِينَ»
«پىرئەۋن قەۋمىنىڭ ئىچىدە نىدا قىلىپ مۇنداق دېدى: ‹ئى قەۋمىم! مىسىرنىڭ پادىشاھلىقى مەندە ئەمەسمۇ؟ بۇ ئۆستەڭلەر مېنىڭ ئاستىمدىن ئېقىۋاتمامدۇ؟ كۆرمەيۋاتامسىلەر؟ ياكى مەن ئۇ ئادەمدىن ياخشى ئەمەسمۇ؟ ئۇ قەدىرسىز ۋە ئوچۇق گەپ قىلالمايدىغان بىرىدۇر. نېمە ئۈچۈن ئۇنىڭغا ئالتۇن بىلەزۈكلەر تاشلاپ بېرىلمىدى؟ ياكى نېمە ئۈچۈن ئۇنىڭ بىلەن بىللە پەرىشتىلەر ھەمراھ بولۇپ كەلمىدى؟›»- زۇخرۇف 43/51-53.
پىرئەۋن مۇسا ئەلەيھىسسالامنى ۋە ئۇنىڭ قەۋمىنى يوق ئەتمەكچى بولغان، لېكىن پىرئەۋن ئۇلاردىن بۇ غەرىزىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا سەۋەب بولىدىغان ھېچقانداق نەرسە تاپالمىغان. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ ئەقىل-ھوشىنى يوق ئەتكەن ۋە ئۆز قەۋمىدىن مۇسانى ۋە ئۇنىڭ قەۋمىنى تەلتۆكۈس يوقىتىش ئۈچۈن ئۆزىگە ھوقۇق بېرىشنى تەلەپ قىلغان. ھالبۇكى، ئۇ بىر دىكتاتور ئىدى، شۇنداقلا خالىغىنىنى ھېچكىمدىن سورىمايلا قىلالايتتى. مۇناسىۋەتلىك ئايەت مۇنداق:
«وَقَالَ فِرْعَوْنُ ذَرُونِي أَقْتُلْ مُوسَى وَلْيَدْعُ رَبَّهُ إِنِّي أَخَافُ أَنْ يُبَدِّلَ دِينَكُمْ أَوْ أَنْ يُظْهِرَ فِي الْأَرْضِ الْفَسَادَ»
«پىرئەۋن مۇنداق دېدى: ‹مېنى قويۇۋېتىڭلار، مەن مۇسانى ئۆلتۈرەي، مۇسا رەببىگە دۇئا قىلسۇن. مەن ئۇنىڭ دىنىڭلارنى ئۆزگەرتىۋېتىشىدىن ياكى مەملىكەتتە بۇزغۇنچىلىق چىقىرىشىدىن قورقىمەن›.»- مۇئمىن 40/26.
پىرئەۋن مۇسا ئەلەيھىسسالامنى ۋە ئۇنىڭ قەۋمىنى يوقىتىش ئۈچۈن ھېچقانداق باھانە تاپالماي ئاخىرى ئۆز قەۋمىنىڭ دىنىنى ۋە ۋەتىنىنى قوغدايدىغان، ئۇلارنىڭ ھۆرمىتىنى ساقلايدىغان قىياپەتكە كىرىۋالغان ۋە بۇ باھانە بىلەن ئۇلارنى يوق قىلىشقا ئۇرۇنغان. لېكىن مۇسا ئەلەيھىسسالام پىرئەۋنگە، بۇ تەھدىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش پۇرسىتى بەرمىگەن، پىرئەۋننىڭ ئوغىسىنى قاينىتىدىغان بىرەر ھەرىكەت قىلمىغان، بەلكىدە ئۇ ئۆز قەۋمىنى سەۋر قىلىشقا، ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلىشقا، نامازنى ئۆيلىرىدە ئوقۇشقا، شۇنداقلا ئۆزلىرىنى پىرئەۋننىڭ زۇلۇمىغا نىشان قىلماسلىققا ئەمىر قىلغان. مۇشۇنداق بولغاندا پىرئەۋن ئۇلارنى تەلتۆكۈس يوق قىلىۋېتىشىغا سەۋەب تاپالمايتتى. مۇناسىۋەتلىك ئايەت مۇنداق:
«وَقَالَ مُوسَى يَا قَوْمِ إِنْ كُنْتُمْ آمَنْتُمْ بِاللَّهِ فَعَلَيْهِ تَوَكَّلُوا إِنْ كُنْتُمْ مُسْلِمِينَ. فَقَالُوا عَلَى اللَّهِ تَوَكَّلْنَا رَبَّنَا لَا تَجْعَلْنَا فِتْنَةً لِلْقَوْمِ الظَّالِمِينَ. وَنَجِّنَا بِرَحْمَتِكَ مِنَ الْقَوْمِ الْكَافِرِينَ. وَأَوْحَيْنَا إِلَى مُوسَى وَأَخِيهِ أَنْ تَبَوَّآ لِقَوْمِكُمَا بِمِصْرَ بُيُوتًا وَاجْعَلُوا بُيُوتَكُمْ قِبْلَةً وَأَقِيمُوا الصَّلَاةَ وَبَشِّرِ الْمُؤْمِنِينَ»
«مۇسا: ‹ئى قەۋمىم! ئەگەر ئاللاھقا ئىمان كەلتۈرگەن بولساڭلار، ئەگەر مۇسۇلمان بولىدىغان بولساڭلار، پەقەتلا ئۇنىڭغا تەۋەككۈل قىلىڭلار› دېدى.
ئۇلار مۇنداق دېدى: ‹بىز پەقەتلا ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلدۇق، رەببىمىز! بىزنى زالىم قەۋمنىڭ قىينىشى بىلەن ئىمتىھان قىلمىغىن ۋە بىزنى ئۆز رەھمىتىڭ بىلەن كاپىر قەۋمدىن قۇتقۇزغىن».
بىز مۇساغا ۋە ئۇنىڭ قېرىندىشىغا مۇنداق دەپ ۋەھىي قىلدۇق: ئىككىڭلار مىسىردا قەۋمىڭلار ئۈچۈن ئۆيلەر تەييارلاڭلار. ئى ئىسرائىل ئەۋلادى! ئۆيلىرىڭلارنى نامازگاھ قىلىڭلار، نامازنى كامىل ئۆتەڭلار. ئى مۇسا! مۇئمىنلارغا خۇش خەۋەر بەرگىن» يۇنۇس 10/84-87.
پەيغەمبەرلەرنىڭ تەرجىمىھاللىرىنى ئوقۇغان ۋە تەكشۈرگەن ھەر كىشى تونۇپ يېتىدۇكى، پەيغەمبەرلەرنىڭ ھەممىسى ئۆز زامانىسىدىكى مۇستەبىتلەرگە قارشى مۇسا ئەلەيھىسسالام تۇتقان يولنىڭ ئوخشىشىنى تۇتقان.
نۇھ، ھۇد، سالىھ، ئىبراھىم، مۇھەممەد ئەلەيھىمۇسسالاملارنىڭ ۋە باشقا پۈتۈن پەيغەمبەرلەرنىڭ قىسسىلىرى ئېنىق كۆرسىتىدۇكى، تارىختا ئۆتكەن ھېچبىر پەيغەمبەر زالىم ھۆكۈمرانغا مۇئمىن جامائەتنى يوق قىلىۋېتىش پۇرسىتىنى بەرمىگەن، ئۇنىڭغا باھانە بولىدىغان ھېچبىر ئىش قىلمىغان، ھېچبىر يولغا كىرمىگەن.
ئاللاھ تەئالا باشقىلارغا يامانلىق تىلەشنى ياخشى كۆرمەيدۇ، لېكىن مەزلۇمنىڭ زالىمغا يامانلىق تىلىشىگە رۇخسەت قىلىدۇ. مۇناسىۋەتلىك ئايەت مۇنداق:
«لَا يُحِبُّ اللَّهُ الْجَهْرَ بِالسُّوءِ مِنَ الْقَوْلِ إِلَّا مَنْ ظُلِمَ وَكَانَ اللَّهُ سَمِيعًا عَلِيمًا»
«ئاللاھ يامان سۆزنىڭ ئاشكارا سۆزلىنىشىنى ياخشى كۆرمەيدۇ. زۇلۇم قىلىنغان كىشى مۇستەسنا. ئاللاھ ئاڭلىغۇچىدۇر، بىلگۈچىدۇر»- نىسا 4/148.
يەنى ئاللاھ بىرىمىزنىڭ باشقا بىرىگە يامانلىق تىلەپ ئاشكارا دۇئا قىلىشىنى ياخشى كۆرمەيدۇ. لېكىن زۇلۇمغا ئۇچرىغان كىشى زۇلۇم قىلغۇچىغا يامانلىق تىلەپ ئاشكارا دۇئا قىلسا بولىدۇ (تەبەرى تەپسىرى 9/343).
مۇسا ئەلەيھىسسالاممۇ پىرئەۋن ۋە پىرئەۋننىڭ خانىدانىغا يامانلىق تىلەپ ئاشۇنداق دۇئا قىلغان. مۇناسىۋەتلىك ئايەت مۇنداق:
«وَقَالَ مُوسَى رَبَّنَا إِنَّكَ آتَيْتَ فِرْعَوْنَ وَمَلَأَهُ زِينَةً وَأَمْوَالًا فِي الْحَيَاةِ الدُّنْيَا رَبَّنَا لِيُضِلُّوا عَنْ سَبِيلِكَ رَبَّنَا اطْمِسْ عَلَى أَمْوَالِهِمْ وَاشْدُدْ عَلَى قُلُوبِهِمْ فَلَا يُؤْمِنُوا حَتَّى يَرَوُا الْعَذَابَ الْأَلِيمَ»
«مۇسا ئېيتتى: رەببىمىز! سەن پىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرىگە بۇ قىسقا مۇددەتلىك ھاياتتا زىننەت ۋە ھەر خىل مال- مۈلۈك بەردىڭ. رەببىمىز! بۇ ئۇلارنىڭ سېنىڭ يولۇڭدىن ئازدۇرۇشى ئۈچۈنمۇ؟ رەببىمىز! ئۇلارنىڭ ماللىرىنى قۇرۇتۇۋەتكىن، قەلبلىرىنى قاتتىق قىلىۋەتكىن. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئەلەملىك ئازابنى كۆرمىگىچە ئىمان ئېيتمىسۇن.»- يۇنۇس 10/88.
نۇ ھ ئەلەيھىسسالاممۇ شۇنداق دۇئا قىلغان. مۇناسىۋەتلىك ئايەت مۇنداق:
«وَقَالَ نُوحٌ رَبِّ لَا تَذَرْ عَلَى الْأَرْضِ مِنَ الْكَافِرِينَ دَيَّارًا. إِنَّكَ إِنْ تَذَرْهُمْ يُضِلُّوا عِبَادَكَ وَلَا يَلِدُوا إِلَّا فَاجِرًا كَفَّارًا. رَبِّ اغْفِرْ لِي وَلِوَالِدَيَّ وَلِمَنْ دَخَلَ بَيْتِيَ مُؤْمِنًا وَلِلْمُؤْمِنِينَ وَالْمُؤْمِنَاتِ وَلَا تَزِدِ الظَّالِمِينَ إِلَّا تَبَارًا»
«نۇھ ئېيتتى: ‹رەببىم! يەر يۈزىدە كاپىرلاردىن بىرىنىمۇ قويما! چۈنكى سەن ئەگەر ئۇلارنى قويساڭ، ئۇلار سېنىڭ بەندىلىرىڭنى ئازدۇرىدۇ ۋە فاجىر، تۇز كورلاردىن باشقىنى تۇغمايدۇ. رەببىم! ماڭا، ئاتا-ئانامغا، ئۆيۈمگە مۇئمىن بولۇپ كىرگەن كىشىگە، مۇئمىن ۋە مۇئمىنەلەرگە مەغپىرەت قىل، زالىملارغا ھالاكەتتىن باشقا بىر نەرسە زىيادە قىلما!»- نۇھ 71/26-28.
پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بۇ توغرىدا ئىلگىرىكى پەيغەمبەلەردەك يول تۇتقان. مەككىدە تۇرغان 13 يىللىق ئۇزۇن زامان ئىچىدە مۇئمىنلارغا قوراللىق جىھاد قىلىش رۇخسىتى بەرمىگەن. ئەگەر بۇنىڭغا رۇخسەت قىلغان بولسا ئىدى، دۈشمەنلەرگە مۇئمىنلارنى يوقىتىش ئۈچۈن پۇرسەت بەرگەن بولاتتى، باھانە تېپىپ بەرگەن بولاتتى.
پەيغەمبىرىمىز مەدىنىگە ھىجرەت قىلىپ ئىككى يىل ئۆتكەندىن كېيىن، شۇنداقلا ئىسلام دۆلىتىنىڭ ئۇلى تۇتۇلغاندىن كېيىن ۋە ئىسلام ئارمىيەسىنىڭ ئاساسى قۇرۇلغاندىن كېيىن مۇئمىنلارغا ئۆزلىرىنى قوغداش رۇخسىتى بېرىلدى. چۈنكى بۇ چاغدا مۇئمىنلارنىڭ يامانلىق قوشۇنلىرى بىلەن ئۇرۇشقا كىرىشى ئۇلارنىڭ يوق بولۇپ كېتىشلىرىگە سەۋەبچى بولماستىن، بەلكىدە ھەقنىڭ كۈچ-قۇۋۋىتىنى ئاشۇراتتى ۋە باتىلنىڭ يوق بولۇشىغا ھەسسە قوشاتتى.
خۇلاسە
مۇئمىن ئاللاھنىڭ ئۆزى بىلەن بىللە ئىكەنلىكىگە ۋە ئۆزىنى ياردەمسىز قويمايدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ بېشىغا كەلگەن مۇسىبەتلەرنى ئاللاھنىڭ ئىمتىھانى دەپ چۈشىنىپ سەۋر قىلىدۇ ۋە ئۈمىدسىزلەنمەيدۇ، شۇنداقلا ئىمانىدىن ۋە ئىسلامىدىن ۋاز كەچمەيدۇ.
قۇرئاندا زىكىر قىلىنغان قىسسىلەر تارىخىي ۋەقەلەر بولۇپ، ئۇ ۋەقەلەر ھەر زامان ۋە ھەر ماكان تەكرارلىنىدۇ. مۇئمىن ئەنە شۇ ۋەقەرلەرنىڭ قارشىسىدا تېڭىرقاپ ئىمانىنى ۋە ئىشەنچىسىنى يوقاتماستىن، بەلكىدە ئۇ ئىلگىرىكى مۇئمىن قېرىنداشلىرى شۇنداق ۋەقەلەر قارشىسىدا ئىمانىنى ساقلاپ قالغاندەك، ئىمانىنى ساقلاپ قالىدۇ.
مۇئمىن ھەر جايدا ۋە ھەر چاغدا، باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا ھەر زامان ۋە ھەر ماكان ھەقنى كۆزلەيدۇ ۋە ھەقنى سۆزلەيدۇ. لېكىن بەزى شارائىتلار ئاستىدا ئۆزىنىڭ مۇسۇلمانلىقىنى يوشۇرۇپ ياشىسا ياشايدۇكى، ئۆزىگە، ئائىلىسىگە ۋە يېقىنلىرىغا زىيان كەلتۈرىدىغان ئىشتىن يىراق تۇرىدۇ. ھەتتا بەزى چاغلاردا ئۆيىدە ئولتۇرۇپ، نامازلىرىنى ئۆيىدە ئوقۇسا ئوقۇيدۇكى، ئۆزىنى تەھلىكىگە ئاتمايدۇ. ئۆز جەمئىيىتىكى توغرا ئىشلارنى قوللايدۇ، خاتا ئىشلارغا مەدەنىي يول ۋە ئىلمىي ئۇسۇل بىلەن قارشى تۇرىدۇ.
تىرىشچانلىق بەندىدىن، مۇۋەپپەقىيەت ئاللاھدىندۇر.     

مۇسۇلمانلار تورى، ئاللاھ، ئاللا، قۇرئان كەرىم، مۇسۇلمان، مۇسۇلمانلار، قۇرئان، ھەدىس، ئىلىم، دىن، ئۇيغۇر، ئۇيغۇرچە، فېترەت، فىترەت، تەبىئەت، ئادەم، پەيغەمبەر، رەسۇل، نەبى، شېئىر، ئۆلىما، مەزھەپ، پەتىۋا، سۇئال، جاۋاب، ئىلمىي، تەتقىقات، ماقالە، يازمىلار، يازما، ئۇلىنىش، ئالاقىلىشىڭ