مۇسۇلمانلار
ئالتۇن ۋە كۈمۈشنىڭ زاكىتى قانداق ئايرىلىدۇ؟ 1

ئالتۇن ۋە كۈمۈشنىڭ زاكىتى قانداق ئايرىلىدۇ؟

     ئالتۇن ۋە كۈمۈشنىڭ زاكىتى

ئالتۇن قەرزدىن ۋە زۆرۈر ئېھتىياجلاردىن ئېشىپ زاكات كېلىش ئۆلچىمىگە يەتسە ھەمدە بۇنىڭ ئۈستىدىن بىر يىل ئۆتسە زاكىتىنى بېرىش پەرز بولىدۇ. ئالتۇننىڭ پۇل شەكلىدە بولۇشى، نوكچا ئالتۇن ياكى رودا ئالتۇن بولۇشىنىڭ پەرقى يوق.

ئالتۇننىڭ زاكات ئۆلچىمى 20 دىنار بولۇپ، بىر دىنار 4.25 گىرامغا تەڭ. 20 دىنار بولسا، 85 گىرامغا تەڭ.

كۈمۈشنىڭ زاكات ئۆلچىمى 200 دىرھەم بولۇپ، بىر دىرھەم 2.975 گىرامغا تەڭ. 200 دىرھەم بولسا، 595 گىرامغا تەڭ.

بۇ مىقدارلاردىكى ئالتۇنغا ياكى كۈمۈشكە ئىگە بولغان كىشى %2.5  زاكات بېرىدۇ. زاكات بېرىش ئۆلچىمىدىن ئارتۇق بولغان ئالتۇن ۋە كۈمۈش قانچىلىك بولسا، بۇ نىسبەت بويىچە زاكىتى ئايرىلىدۇ. مەسىلەن:

30 دىنار ئالتۇنغا ئىگە بولغان كىشى، 0.75 دىنار ئالتۇن، 300 دىرھەم كۈمۈشكە ئىگە بولغان كىشى، 7.5 دىرھەم كۈمۈش زاكات ئايرىيدۇ. دېمەك، زاكات بېرىش ئۆلچىمىدىن ئارتۇق بولغان ھەر قانداق مىقداردىكى ئالتۇن ياكى كۈمۈشكە %2.5 لىك نىسبەت بويىچە زاكات ئايرىلىدۇ. 

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر