مۇسۇلمانلار
پۇل ۋە زىننەت بويۇملىرىنىڭ زاكىتى 1

پۇل ۋە زىننەت بويۇملىرىنىڭ زاكىتى

1.     قەغەز پۇل ۋە چەكلەرنىڭ زاكىتى

85 گىرام ئالتۇن قىممىتىدىكى قەغەز پۇل ۋە چەككە ئىگە بولغان كىشى %2.5 نىسبەت بويىچە زاكات ئايرىيدۇ. قولىدىكى پۇل ۋە چەكنىڭ قىممىتى 85 گىرام ئالتۇنغا يەتمەيدىغان كىشى زاكات ئايرىمايدۇ. چۈنكى قەغەز پۇل ئەسلىدە پۇل ھېسابلانمايدۇ، لېكىن ئۇ ئېلىم – سېتىمدا خەزىنىدىكى ئالتۇنغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن قەغەز پۇلدا ئەسلى پۇل بولغان ئالتۇن ئاساس قىلىنىدۇ.

2.      زىننەت بويۇملىرىنىڭ زاكىتى

ئالماس، گۆھەر، ياقۇت، مەرۋايىت، مارجان، زەبەرجەد ۋە قىممەتلىك تاش قاتارلىق نەرسىلەرگە زاكات كەلمەيدۇ. لېكىن بۇ نەرسىلەر تىجارەت مېلى قىلىپ ئىشلىتىلسە زاكات كېلىدۇ. ئاياللارنىڭ زىبۇزىننەت بۇيۇملىرى زاكات بېرىش ئۆلچىمىگە يەتسە زاكات كېلىدۇ. ئۆلچەم يەنىلا 85 گىرام، زاكات مىقدارى %2.5 بويىچە بولىدۇ. تويلۇق ئالتۇنمۇ ئۆلچەمگە يەتسە، مۇشۇ بويىچە زاكات كېلىدۇ.

ئەمر ئىبنى شۇئەيب دادىسىدىن، دادىسى چوڭ دادىسىدىن رىۋايەت قىلىدۇكى، بىر ئايال قىزى بىلەن رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كەلدى. قىزنىڭ قولىدا ئالتۇندىن ياسالغان قېلىن ئىككى بىلەزۈك بار ئىدى. رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام ئۇ ئايالغا: «بۇلارنىڭ زاكىتىنى بەردىڭىزمۇ؟» دېدى، ئايال: ياق دېدى، رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام: «قىيامەت كۈنى ئاللاھ تائالا سىزگە بۇ ئىككىسىنى ئوتتىن ئىككى بىلەزۈك قىلىپ سېلىپ قويۇشىنى ياقتۇرامسىز؟» دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئايال ئۇ ئىككى بىلەزۈكنى چىقىرىپ، رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالامنىڭ ئالدىدا قويدى ۋە: بۇ ئىككىسى ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلى ئۈچۈندۇر دېدى[1].

ئەتائـ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ئۇممۇسەلمە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: مەن ئالتۇندىن زىننەت بۇيۇملىرى سالاتتىم، بىر كۈنى: يارەسۇلەللاھ! بۇ قۇرئاندا چەكلەنگەن كەنز (ساقلىغانلىق)[2] ھېسابلىنامدۇ؟ دەپ سورىدىم، رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام: «زاكات كېلىدىغان ئۆلچەمگە يېتىپ زاكىتى بېرىلگەن نەرسە كەنز ھېسابلانمايدۇ» دەپ جاۋاب بەردى[3].

دېمەككى، ئالتۇن – كۈمۈشدىن ياسالغان زىننەت بۇيۇملىرى زاكات كېلىش ئۆلچىمىگە يەتمىسە زاكات كەلمەيدۇ.

[1] ئەبۇ داۋۇد، «زاكات»، 3؛ نەسەئى، «زاكات»، 19؛ تىرمىزى، «زاكات»، 12.

[2] قاراڭ: 9 – سۈرە تەۋبە، 34 ~ 35 – ئايەتلەر.

[3] ئەبۇ داۋۇد، «زاكات»، 3.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر