2. مىللەت

1.      قۇرئاندا مىللەت

قۇرئان كەرىمدە مىللەت قەۋم «قوم» كەلىمىسى بىلەن ئىپادىلىنىدۇ[1]. پەيغەمبەرلەر كۆپىنچە تەبلىغلىرىنى يا قەۋمى (ئى مىللىتىم!) دەپ باشلىغان[2]. فىرئەۋن خانىدانىدىن بولۇپ، مۇسا ئەلەيھىسسالامغا ئىمان كەلتۈرگەن مەخپىي مۇئمىنمۇ قەۋمىگە ئىمانىنى ئاشكارىلىغان ۋە قەۋمىنى ئىمانغا دەۋەت قىلغان چېغىدا سۆزىنى «ئى قەۋمىم!» دەپ باشلىغان[3]. بۇ ئۇلارنىڭ، قەۋملىرى بىلەن بىر مىللەت ئىكەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ، ئۇلارغا ياخشىلىق ئارزۇ قىلغانلىقىنى ئىپادىلەش ئۈچۈندۇر. چۈنكى مىللەت چوڭ بىر ئائىلىدۇر، ئائىلە ئەزالىرىنىڭ بىر – بىرىگە يېقىنلىق ھېس قىلىشى، كۆيۈنۈشى ۋە ياخشلىق ئارزۇ قىلىشى تەبىئىيدۇر.

 شۇنىڭدەك،  قۇرئان كەرىمدە ھۇد، سالىھ، نۇھ ۋە لۇت ئەلەيھىسسالاملارنىڭ ئىمان كەلتۈرمىگەن قەۋملىرىگە قىلغان دەۋەتلىرىنى بايان قىلغان ئايەتلەردە «ئۇلارغا قېرىندىشى مۇنداق دېگەن ئىدى…» دەيدۇ[4]. ئۇ قەۋملەر ئۇ پەيغەمبەرلەرگە ئىمان كەلتۈرمىگەن تۇرۇقلۇق ئاللاھ تائالانىڭ ئۇ پەيغەمبەرلەرنى «ئۇلارنىڭ قېرىندىشى» دېيىشى، «قېرىنداشلىق» ئاتالغۇسى مىللىي قېرىنداشلىقنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.

2.      مىللەتنى سۆيۈش

مىللەتنى سۆيۈشمۇ خۇددى ۋەتەننى سۆيۈشكە ئوخشاش تەبىئىي تۇيغۇدۇر. مىللىتىگە ياخشىلىق ئارزۇ قىلىش ۋە ئەمەلىيەتتە ياخشىلىق قىلىش مىللىتىنى سۆيگەنلىك بولۇپ ئىسلام بۇنى قوللايدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

﴿وَجَآءَ مِنۡ أَقۡصَا ٱلۡمَدِينَةِ رَجُلٞ يَسۡعَىٰ قَالَ يَٰقَوۡمِ ٱتَّبِعُواْ ٱلۡمُرۡسَلِينَ  ٢٠ ٱتَّبِعُواْ مَن لَّا يَسۡأَلُكُمۡ أَجۡرٗا وَهُم مُّهۡتَدُونَ  ٢١ وَمَا لِيَ لَآ أَعۡبُدُ ٱلَّذِي فَطَرَنِي وَإِلَيۡهِ تُرۡجَعُونَ  ٢٢ ءَأَتَّخِذُ مِن دُونِهِۦٓ ءَالِهَةً إِن يُرِدۡنِ ٱلرَّحۡمَٰنُ بِضُرّٖ لَّا تُغۡنِ عَنِّي شَفَٰعَتُهُمۡ شَيۡئًا وَلَا يُنقِذُونِ  ٢٣ إِنِّيٓ إِذٗا لَّفِي ضَلَٰلٖ مُّبِينٍ  ٢٤ إِنِّيٓ ءَامَنتُ بِرَبِّكُمۡ فَٱسۡمَعُونِ  ٢٥ قِيلَ ٱدۡخُلِ ٱلۡجَنَّةَۖ قَالَ يَٰلَيۡتَ قَوۡمِي يَعۡلَمُونَ  ٢٦ بِمَا غَفَرَ لِي رَبِّي وَجَعَلَنِي مِنَ ٱلۡمُكۡرَمِينَ  ٢٧﴾

«شەھەرنىڭ ئەڭ يىراق تەرىپىدىن بىر كىشى يۈگۈرۈپ كېلىپ مۇنداق دېدى: ئى قەۋمىم! ئەلچىلەرگە ئەگىشىڭلار. سىلەردىن ھەق تەلەپ قىلمايدىغانلارغا ئەگىشىڭلار. ئۇلار توغرا يولدىدۇر. مەن نېمىشقا مېنى ياراتقان زاتقا ئىبادەت قىلمايمەن! سىلەر ئۇنىڭ ھۇزۇرىغا قايتۇرۇلىسىلەر. مەن ئۇنى قويۇپ باشقا ئىلاھلارغا چوقۇنامدىم؟ ئەگەر رەھمان ماڭا بىرەر زىيان يەتكۈزۈشنى ئىرادە قىلسا ئۇلارنىڭ شاپائىتى ماڭا قىلچە پايدا يەتكۈزەلمەيدۇ، ئۆزلىرىمۇ مېنى قۇتقۇزالمايدۇ. مەن ئۇ تەقدىردە ئوچۇق ئازغۇنلۇققا چۆمگەن بولىمەن. مەن سىلەرنىڭ رەببىڭلارغا ئىشەندىم. ماڭا قۇلاق سېلىڭلار. ‹جەننەتكە كىرگىن› دېيىلدى[5]. ئۇ كىشى مۇنداق دېدى: كاشكى قەۋمىم رەببىمنىڭ ماڭا مەغپىرەت قىلغانلىقىنى ۋە مېنى ھۆرمەتكە ئېرىشكۈچىلەردىن قىلغانلىقىنى بىلسە ئىدى!»[6].

ئىيسا ئەلەيھىسسالام ئۆزى پەلەستىندە تۇرۇپ ئانتاكىيەگە[7] ئىككى ئەلچى ئەۋەتكەن، ئاندىن ئۇلارغا ياردەم قىلىش ئۈچۈن يەنە بىر ئەلچى ئەۋەتكەن، شۇنىڭ بىلەن ئەلچىلەر توپلام ئۈچ كىشى بولغان. ئۇلار ئانتاكىيەگە كىرىپ دەۋەت قىلغاندا ئاھالە ئۇلارغا قارشى چىققان. شەھەرنىڭ سىرتىدا مەزكۇر ئەلچىلەرنىڭ دەۋىتىنى قوبۇل قىلىپ ئىمان كەلتۈرگەن ھېلىقى كىشى مىللىتىنىڭ دەۋەتكە قارشى چىققانلىقىنى ئاڭلاپ يۈگۈرۈپ كەلگەن ۋە مىللىتىگە يۇقىرىدىكى نەسىھەتنى قىلغان. مىللىتى ئۇ كىشىنى ئۆلتۈرۈۋەتكەن، ئاندىن ئۇ كىشىگە ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن ‹جەننەتكە كىرگىن› دېيىلگەن. ئۇ كىشى بۇ ئەسنادا ئۆزىنىڭ قاتىللىرى بولغان مىللىتىگە جەننەت ئارزۇ قىلغان.

3.      مىللەتنى يېتەكلەش

مىللەتنى ھەرقانداق ئەھۋالدا نىجاتلىق يولىغا يېتەكلەش پەرزدۇر. يەنى مىللىتىدىن مەيلى ۋاپا كۆرسۈن مەيلى جاپا كۆرسۈن ھېچ پەرۋا قىلماستىن ئۇلارغا دۇنيادا خارلىق ۋە زەبۇنلۇقتىن، ئاخىرەتتە غەزەپ ۋە ئازابتىن قۇتۇلۇش يوللىرىنى كۆرسىتىش، سەۋەبلىرىنى ئۆگىتىش ۋە شەرتلىرىنى چۈشەندۈرۈش، ئۇ يوللاردا مېڭىشتا، ئۇ سەۋەبلەرنى قىلىشتا ۋە ئورۇنداشتا ئۈلگە بولۇش كېرەك. ئۆز ۋاقتىدا پۈتۈن پەيغەمبەرلەر مۇشۇنداق قىلغان[8]. كۈنىمىزدە بۇ ۋەزىپە مىللەتنىڭ ئىچىدىن چىققان ئۆلىما، زىيالىي ۋە سىياسىيون… لارنىڭ زىممىسىگە يۈكلەنمەكتە. ئۆلىمالار توغرا ئەقىدە ۋە سالىھ ئەمەلگە (كېرەكلىك ئىشقا)، زىيالىيلار ئىلىم – مەرىپەت ۋە توغرا پىكىرگە، سىياسىيونلار ئىتتىپاقلىق ۋە توغرا يۆنىلىشكە مىللەتنى يېتەكلىگەن، شۇنداقلا ئۆزلىرى سەپنىڭ ئالدىدا ماڭغان چاغدىلا دىنى ۋەزىپىسىنى ئورۇنلىغان[9]، مىللىي بۇرچىنى ئۆتىگەن[10] ۋە ئىنسانىي مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلغان[11] بولىدۇ.

4.      مىللەتنى قۇتقۇزۇش

ئەگەر بىر مىللەت مۇستەملىكە ئاستىدا قالغان ياكى ئەسىرگە چۈشۈپ قالغان بولسا، شۇ مىللەتنىڭ ئىچىدىن چىققان يېتەكچىلەرنىڭ ئۆز مىللىتىنى قۇللۇق ۋە ئاسارەتتىن قۇتقۇزۇش ئۈچۈن پۈتۈن ئىمكانىيتى بىلەن تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى كېرەك. ئۆز ۋاقتىدا زومىگەر فىرئەۋننىڭ زۇلۇمى ئاستىدا قالغان بەنى ئىسرائىلنى ئاللاھ تائالا ئۇلارنىڭ ئىچىدىن پەيغەمبەرلىككە تاللىغان مۇسا ۋە ھارۇن ئەلەيھىسسالاملار قۇتقۇزغان. ئەلچىلەرنىڭ ۋەزىپىسى تەبلىغدۇر[12]. زالىمنى زۇلۇمدىن مەنئى قىلىش ۋە مەزلۇمنى قۇتۇلۇشقا دەۋەت قىلىشمۇ تەبلىغ قىلغانلىق ھېسابلىنىدۇ.

مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەر مۇنداق:

﴿ثُمَّ بَعَثۡنَا مِنۢ بَعۡدِهِم مُّوسَىٰ بِآيَٰتِنَآ إِلَىٰ فِرۡعَوۡنَ وَمَلَإِيْهِۦ فَظَلَمُواْ بِهَاۖ فَٱنظُرۡ كَيۡفَ كَانَ عَٰقِبَةُ ٱلۡمُفۡسِدِينَ  ١٠٣ وَقَالَ مُوسَىٰ يَٰفِرۡعَوۡنُ إِنِّي رَسُولٞ مِّن رَّبِّ ٱلۡعَٰلَمِينَ  ١٠٤ حَقِيقٌ عَلَىٰٓ أَن لَّآ أَقُولَ عَلَى ٱللَّهِ إِلَّا ٱلۡحَقَّۚ قَدۡ جِئۡتُكُم بِبَيِّنَةٖ مِّن رَّبِّكُمۡ فَأَرۡسِلۡ مَعِيَ بَنِيٓ إِسۡرَٰٓءِيلَ  ١٠٥﴾

«بىز ئۇلاردىن كېيىن مۇسانى فىرئەۋنگە ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرىگە ئايەتلىرىمىز بىلەن ئەۋەتتۇق. لېكىن ئۇلار ئۇ ئايەتلىرىمىزگە زۇلۇم قىلدى. قارىغىنا، ئۇ بۇزغۇنچىلارنىڭ ئاقىۋىتى قانداق بولدى؟ مۇسا ئېيتتى: ئى فىرئەۋن! مەن ھەقىقەتەن ئالەملەرنىڭ رەببى تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن ئەلچىمەن. ئاللاھ نامىدىن پەقەت ھەقنىلا سۆزلىشىم كېرەك. شۈبھىسىزكى، مەن سىلەرگە رەببىڭلاردىن روشەن دەلىل ئېلىپ كەلدىم. ئىسرائىل ئەۋلادىنى مەن بىلەن كەتكىلى قويغىن»[13].

﴿ٱذۡهَبۡ أَنتَ وَأَخُوكَ بِآيَٰتِي وَلَا تَنِيَا فِي ذِكۡرِي ٤٢ ٱذۡهَبَآ إِلَىٰ فِرۡعَوۡنَ إِنَّهُۥ طَغَىٰ ٤٣ فَقُولَا لَهُۥ قَوۡلٗا لَّيِّنٗا لَّعَلَّهُۥ يَتَذَكَّرُ أَوۡ يَخۡشَىٰ  ٤٤ قَالَا رَبَّنَآ إِنَّنَا نَخَافُ أَن يَفۡرُطَ عَلَيۡنَآ أَوۡ أَن يَطۡغَىٰ  ٤٥ قَالَ لَا تَخَافَآۖ إِنَّنِي مَعَكُمَآ أَسۡمَعُ وَأَرَىٰ  ٤٦ فَأۡتِيَاهُ فَقُولَآ إِنَّا رَسُولَا رَبِّكَ فَأَرۡسِلۡ مَعَنَا بَنِيٓ إِسۡرَٰٓءِيلَ وَلَا تُعَذِّبۡهُمۡۖ قَدۡ جِئۡنَٰكَ بِآيَةٖ مِّن رَّبِّكَۖ وَٱلسَّلَٰمُ عَلَىٰ مَنِ ٱتَّبَعَ ٱلۡهُدَىٰٓ  ٤٧ إِنَّا قَدۡ أُوحِيَ إِلَيۡنَآ أَنَّ ٱلۡعَذَابَ عَلَىٰ مَن كَذَّبَ وَتَوَلَّىٰ  ٤٨﴾

«سەن ۋە قېرىندىشىڭ مېنىڭ ئايەتلىرىمنى ئېلىپ بېرىڭلار، مېنى زىكىر قىلىشتا بوشاڭلىق قىلماڭلار. ئىككىڭلار بىرلىكتە فىرئەۋننىڭ يېنىغا بېرىڭلار. چۈنكى ئۇ بەك ھەددىدىن ئېشىپ كەتتى. ئۇنىڭغا يۇمشاق سۆز قىلىڭلار، نەسىھەت ئېلىشى ياكى ئەيمىنىشى مۇمكىن. مۇسا بىلەن ھارۇن: ‹رەببىمىز! ئۇنىڭ، دەۋىتىمىزنى ئاڭلىمايلا بىزگە يامانلىق قىلىشىدىن ياكى تېخىمۇ ھەددىدىن ئېشىشىدىن قورقىمىز› دېدى. ئاللاھ مۇنداق دېدى: ‹قورقماڭلار، مەن سىلەر بىلەن بىللە. ئاڭلاپ تۇرىمەن، كۆرۈپ تۇرىمەن. ئۇنىڭ يېنىغا بېرىپ مۇنداق دەڭلار: ‹بىز ئىككىمىز رەببىڭنىڭ ئەلچىلىرى بولىمىز، ئىسرائىل ئەۋلادىنى بىز بىلەن كەتكىلى قويغىن، ئۇلارنى ئازابلىمىغىن. بىز ساڭا رەببىڭدىن ئايەت ئېلىپ كەلدۇق. ھىدايەتكە ئەگەشكەن كىشىگە سالام. بىزگە، راستنى يالغان دەپ ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈگەنلەرنىڭ ئازابقا دۇچار بولىدىغانلىقى ۋەھىي قىلىندى»[14].

﴿قَالَ كَلَّاۖ فَٱذۡهَبَا بِ‍َٔايَٰتِنَآۖ إِنَّا مَعَكُم مُّسۡتَمِعُونَ  ١٥ فَأۡتِيَا فِرۡعَوۡنَ فَقُولَآ إِنَّا رَسُولُ رَبِّ ٱلۡعَٰلَمِينَ  ١٦ أَنۡ أَرۡسِلۡ مَعَنَا بَنِيٓ إِسۡرَٰٓءِيلَ  ١٧﴾

«ئاللاھ مۇنداق دېدى: ھەرگىز قورقمىغىن! ئىككىڭلار ئايەتلىرىمنى ئېلىپ بېرىڭلار، بىز سىلەر بىلەن بىللىمىز، ئاڭلاپ تۇرىمىز. فىرئەۋننىڭ يېنىغا بېرىپ مۇنداق دەڭلار: بىز ئالەملەرنىڭ رەببىنىڭ ئەلچىسىدۇرمىز. ئىسرائىل ئەۋلادىنى بىز بىلەن بىللە كەتكىلى قويغىن»[15].

 ئاللاھ تائالا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى مەككە خەلقىدىن تاللاپ ئۇنى قىيامەتكە قەدەر پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە ئاخىرقى پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتكەن[16]. لېكىن ئۇنىڭ تەبلىغى ئاللاھ تائالانىڭ ئەمرى بويىچە ئالدى بىلەن ئۆز يېقىنلىرىغا ۋە ئۆز مىللىتىگە بولغان[17]. ئۇ قىيامەتكە قەدەر پۈتۈن ئىنسانىيەتكە ئەۋەتىلگەن ئەلچى تۇرۇقلۇق ئۇنىڭغا نازىل قىلىنغان كىتابنىڭ «ئەرەبچە قۇرئان» بولۇشىمۇ بۇنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلەيدۇ[18]. ئۇ مەدىنىدە ئۆزىنى ۋە تەرەپدارلىرىنى ئاسارەتتىن، ۋەتىنىنى ئىستېلادىن ساقلاش ئۈچۈن مۇداپىئە ئۇرۇشى قىلغان[19]. ھەر پۇرسەتتە ئانا ۋەتىنى بولغان مەككىنى پەتىھ قىلىپ، ئۇ يەردىكى مىللىتىنىڭ زالىملىرىنى زۇلۇمدىن توسۇش، مەزلۇملىرىنى زۇلۇمدىن قۇتقۇزۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلغان[20]. ئاللاھ تائالا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام باشچىلىقىدىكى مۇئمىنلارغا مۇنداق دەيدۇ:

﴿وَمَا لَكُمۡ لَا تُقَٰتِلُونَ فِي سَبِيلِ ٱللَّهِ وَٱلۡمُسۡتَضۡعَفِينَ مِنَ ٱلرِّجَالِ وَٱلنِّسَآءِ وَٱلۡوِلۡدَٰنِ ٱلَّذِينَ يَقُولُونَ رَبَّنَآ أَخۡرِجۡنَا مِنۡ هَٰذِهِ ٱلۡقَرۡيَةِ ٱلظَّالِمِ أَهۡلُهَا وَٱجۡعَل لَّنَا مِن لَّدُنكَ وَلِيّٗا وَٱجۡعَل لَّنَا مِن لَّدُنكَ نَصِيرًا  ٧٥﴾

«ئى مۇئمىنلار! سىلەرگە نېمە بولدىكىن، ئاللاھنىڭ يولىدا ۋە ‹رەببىمىز! بىزنى بۇ ئاھالىسى زالىم يۇرتتىن چىقارغىن، بىزگە ئۆز تەرىپىڭدىن ۋەلىي ئاتا قىلغىن ۋە بىزگە ئۆز تەرىپىڭدىن ياردەمچى ئاتا قىلغىن› دەپ دۇئا قىلىۋاتقان چارىسىز ئەر، ئايال ۋە بالىلارنى قۇتقۇزۇش يولىدا ئۇرۇشمايۋاتسىلەر؟»[21].

﴿يَٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ قَٰتِلُواْ ٱلَّذِينَ يَلُونَكُم مِّنَ ٱلۡكُفَّارِ وَلۡيَجِدُواْ فِيكُمۡ غِلۡظَةٗۚ وَٱعۡلَمُوٓاْ أَنَّ ٱللَّهَ مَعَ ٱلۡمُتَّقِينَ  ١٢٣﴾

«ئى مۇئمىنلار! سىلەر ئۆزۈڭلارغا يېقىن بولغان كافىرلار بىلەن ئۇرۇشۇڭلار. ئۇلار سىلەردە قوپاللىق ھېس قىلسۇن. بىلىڭلاركى، ئاللاھ تەقۋادارلار بىلەن بىللىدۇر»[22].

5.      ئانا تىلنى ساقلاش

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

﴿يَٰٓأَيُّهَا ٱلنَّاسُ إِنَّا خَلَقۡنَٰكُم مِّن ذَكَرٖ وَأُنثَىٰ وَجَعَلۡنَٰكُمۡ شُعُوبٗا وَقَبَآئِلَ لِتَعَارَفُوٓاْۚ إِنَّ أَكۡرَمَكُمۡ عِندَ ٱللَّهِ أَتۡقَىٰكُمۡۚ إِنَّ ٱللَّهَ عَلِيمٌ خَبِيرٞ  ١٣﴾

«ئى ئىنسانلار! بىز سىلەرنى بىر ئەر ۋە بىر ئايالدىن ياراتتۇق، سىلەرنى ئۆزئارا تونۇشۇشۇڭلار ئۈچۈن مىللەتلەرگە ۋە قەبىلىلەرگە ئايرىدۇق. شۈبھىسىزكى، ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا ئەڭ ھۆرمەتلىكىڭلار ئەڭ تەقۋادار بولغىنىڭلاردۇر. ئاللاھ بىلگۈچىدۇر، خەۋەرداردۇر»[23].

ئاللاھ تائالانىڭ ئىنسانلارنى مىللەت ۋە قەبىلىلەرگە ئايرىشى، ھەر مىللەتنىڭ تىلىنى ۋە رەڭگىنى پەرقلىق يارىتىش بىلەن بولغان. مۇناسىۋەتلىك ئايەت مۇنداق:

﴿وَمِنۡ ءَايَٰتِهِۦ خَلۡقُ ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضِ وَٱخۡتِلَٰفُ أَلۡسِنَتِكُمۡ وَأَلۡوَٰنِكُمۡۚ إِنَّ فِي ذَٰلِكَ لَأٓيَٰتٖ لِّلۡعَٰلِمِينَ  ٢٢﴾

«ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ يارىتىلىشى، تىللىرىڭلارنىڭ ۋە رەڭگىلىرىڭلارنىڭ خىلمۇخىل بولۇشىمۇ ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىدىندۇر. شۈبھىسىزكى، بۇنىڭدا بىلىدىغانلار ئۈچۈن ئايەتلەر بار»[24].

بۇ پەرقنىڭ ئاللاھ تائالانىڭ ئايەتلىرىدىن بىرى بولۇشى ھەر مىللەتنىڭ ئۆز تىلىنى ساقلىشىنىڭ مۇھىملىقىغا دالالەت قىلىدۇ. چۈنكى تىل ساقلانمىسا ئۇ پەرق يوقاپ كېتىدۇ، پەرق يوقاپ كەتسە ئۇ ئايەت ساقلانمىغان بولىدۇ. ھەر مىللەتنىڭ رەڭگى تەبىئىي شەكىلدە ساقلىنىدۇ. ئەمما ئۇنىڭ تىلى، ئۆزى دىققەت قىلمىسا ئەسلى ھالىتىنى يوقىتىپ قويىدۇ.

مىللىي تىلنى ساقلاش ئۇ تىلدا سۆزلەش، يېزىش، ئوقۇش ۋە ئاڭلاش قاتارلىق قابىلىيەتلەرنى ساقلاشنى كۆرسىتىدۇ. چۈنكى بۇلار چۈشىنىش ۋە چۈشەندۈرۈش شەكىللىرىدۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

﴿وَٱللَّهُ أَخۡرَجَكُم مِّنۢ بُطُونِ أُمَّهَٰتِكُمۡ لَا تَعۡلَمُونَ شَيۡ‍ٔٗا وَجَعَلَ لَكُمُ ٱلسَّمۡعَ وَٱلۡأَبۡصَٰرَ و ٱلۡأَفۡ‍ِٔدَةَ لَعَلَّكُمۡ تَشۡكُرُونَ  ٧٨﴾

 «ئاللاھ سىلەرنى ئانىلىرىڭلارنىڭ قورساقلىرىدىن چىقاردى، سىلەر ئۇ چاغدا ھېچ نەرسە بىلمەيتتىڭلار. سىلەر ئۈچۈن ئاڭلاش قابىلىيىتىنى، كۆرۈش قابىلىيەتلىرىنى ۋە دىللارنى بار قىلدى. شۈكۈر قىلغايسىلەر!»[25].

﴿ٱلرَّحۡمَٰنُ  ١ عَلَّمَ ٱلۡقُرۡءَانَ  ٢ خَلَقَ ٱلۡإِنسَٰنَ  ٣ عَلَّمَهُ ٱلۡبَيَانَ  ٤﴾

«رەھمان قۇرئاننى ئۆگەتتى، ئىنساننى ياراتتى، ئۇنىڭغا باياننى ئۆگەتتى»[26].

﴿وَمَآ أَرۡسَلۡنَا مِن رَّسُولٍ إِلَّا بِلِسَانِ قَوۡمِهِۦ لِيُبَيِّنَ لَهُمۡۖ فَيُضِلُّ ٱللَّهُ مَن يَشَآءُ وَيَهۡدِي مَن يَشَآءُۚ وَهُوَ ٱلۡعَزِيزُ ٱلۡحَكِيمُ  ٤﴾

«بىز ھەر ئەلچىنى ئۆز قەۋمىگە بايان قىلىشى ئۈچۈن، ئۆز قەۋمىنىڭ تىلى بىلەن ئەلچىلىكنى يەتكۈزىدىغان قىلىپ ئەۋەتتۇق. ئاندىن ئاللاھ خالىغان كىشىنى ئازدۇرىدۇ، خالىغان كىشىنى ھىدايەت قىلىدۇ. ئاللاھ ئەزىزدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر»[27].

ئاللاھ تائالا بىرىنچى ئايەتتە ئىنساننىڭ تۇغۇلغان چېغىدا ھېچ نەرسە بىلمەيدىغانلىقىنى، ئىككىنچى ئايەتتە ئۆزىنىڭ ئىنسانغا باياننى ئۆگەتكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. ئۈچىنچى ئايەتتە بولسا، ھەر مىللەتنىڭ بىر تىلى بولىدىغانلىقىنى، ئۇ مىللەتكە ئۆزىنىڭ تىلى بىلەن دەۋەت قىلىدىغان ئەلچى ئەۋەتكەنلىكىنى، بۇنى ئۇ ئەلچىنىڭ ئۇ مىللەتكە بايان قىلىشى (دەۋەتنى ئېنىق چۈشەندۈرۈشى) ئۈچۈن قىلغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.

دېمەككى، ھەر ئىنساننىڭ بىر مىللىي تىلى بار. ئۇ بۇ تىل بىلەن مەقسىتىنى ئوبدان چۈشەندۈرىدۇ ۋە مەقسەتنى ئوبدان چۈشىنىدۇ. بۇ تىل ئۇنىڭ ئانىسىدىن ھېچ نەرسە بىلمەيدىغان ھالەتتە تۇغۇلغاندىن كېيىن ئۆزىنىڭ چۆرىسىدىكى كىشىلەردىن ئۆگەنگەن تىلىدۇر. تۇغۇلغان ھەر ئىنساننىڭ چۆرىسىدىكى كىشىلەر ئۇنىڭ ئاتا – ئانىسى، ئۇرۇق – ئايماقلىرى ۋە يۇرتداشلىرى يەنى ئۇنىڭ ئائىلىسى، قەبىلىسى ۋە مىللىتىدۇر. ئاللاھ تائالانىڭ ئۇنىڭغا باياننى (يەنى مەقسىتىنى چۈشەندۈرۈشنى ۋە باشقىسىنىڭ مەقسىتىنى چۈشىنىشنى) ئۆگىتىشى ئۇنىڭ تۇغۇلۇپلا ئۆگىنىشكە باشلىغان تىلى ئارقىلىق بولغانلىقى ئۈچۈن، ئەسلىدە ئۇ تىلنى ئۇنىڭغا ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ مىللىتى ۋاسىتىسى بىلەن ئۆگەتكەن. ئۇنىڭ ھاياتى بويىچە بۇ تىلنى ساقلىشى مۇھىمدۇر.

بىر مىللەتنىڭ مەدەنىيىتى، تۇرمۇش ئۇسۇلى ۋە ئۆرپ – ئادەتلىرىمۇ خۇددى ئۇنىڭ تىلىغا ئوخشاش ئۇنىڭ زوقى، چۈشەنچىسى، پىكرى ۋە كۆزقارىشى قاتارلىقلارنى ئىپادىلەيدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ئىسلام تەلىماتلىرىغا خىلاپ كەلمەيدىغانلىرىنى ساقلاش ۋە داۋاملاشتۇرۇش لازىم. ئەمما ئۇلارنىڭ ئىچىدىن ئىسلام تەلىماتلىرىغا خىلاپ كېلىدىغانلىرى بولسا ئۇلارنى يوقىتىش كېرەك. مەسىلەن: ئاللاھتىن غەيرىگە قۇربانلىق قىلىش، باتىل دىنلارنىڭ سىمۋولى بولغان كىيىم – كېچەك پاسونلىرىدا كىيىنىش، ئۇلارغا خاس بولغان شەكىللەردە ياسىنىش، ئۇلارنىڭ ئادەتلىرىنى قىلىش ۋە قوللاش، كۇفرىنىڭ ۋە كافىرنىڭ سىمۋولىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان زىننەت بۇيۇملىرىنى سېلىش قاتارلىقلارنى مۇسۇلمان بولغاندىن كېيىن تەرك ئېتىش لازىم[28].

باشقا مىللەتنىڭ تىلىنى ئۆگىنىش ياخشى خىسلەتتۇر، لېكىن ئۆزىنىڭ تىلىنى ئۇنتۇش يامان ئىللەتتۇر. چۈنكى ئۆز ئانا تىلىنى ئۇنۇتۇش ئاللاھ تائالا ياراتقان پەرقنى بىرلەشتۈرۈۋەتكەنلىك ۋە ئاللاھ ئۆگەتكەن باياننى ئۇنتۇغانلىق بولىدۇ.

6.      ئىرقچىلىق ۋە يۇرتۋازلىق

ئۆز ئىرقىنى باشقا ئىرقلاردىن ئۈستۈن كۆرۈش، ئۆز ئىرقىنىڭ مەنپەئەتىنى باشقا ئىرقلارنىڭ مەنپەئەتىنىڭ ئۈستىگە قويۇش، باشقا ئىرقلارنى كەمسىتىش ۋە ئىرقىي ئايرىمىچىلىق قىلىش قاتارلىقلار ئىرقچىلىق، ئۆز يۇرتىنى ۋە يۇرتداشلىرىنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش، باشقا يۇرتلۇقلارنى يەكلەش، ياقتۇرماسلىق ۋە بۆلگۈنچىلىك پەيدا قىلىش قاتارلىقلار يۇرتۋازلىق بولۇپ، ئىسلام دىنى بۇنىڭغا قەتئىي قارشى تۇرىدۇ. ئۆز مىللىتىنى سۆيۈش باشقا، ئىرقچىلىق قىلىش باشقىدۇر. ئۆز ۋەتىنىنى سۆيۈش باشقا، يۇرتۋازلىق باشقىدۇر.

مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ دەۋىتى ئىرقچىلىق ۋە يۇرتۋازلىق ئەۋجىگە چىققان، قەبىلىۋازلىق ۋە مەھەللىۋازلىق كۈچەيگەن بىر دەۋرگە توغرا كەلگەن. ئۇ دەۋردە ئىنسانلارنىڭ يۈرەكلىرىدە قىساس ئوتى كۆيمەكتە، كۆزلىرىدە نەپرەت ئۇچقۇنلىرى چېچىلماقتا، قوللىرىدا قېرىنداش قانلىرى تۆكۈلمەكتە ئىدى. ھەر قەبىلىنىڭ يازغۇچىلىرى قارشى قەبىلىنى سۆكۈپ يازاتتى، شائىرلىرى كەمسىتىپ ئوقۇيتتى. ھەر گۇرۇھنىڭ ناتىقلىرى قارشى گۇرۇھقا تەنە قىلىپ سۆزلەيتتى، ھەزىلكەشلىرى مەسخىرە قىلىپ چاقچاق قىلاتتى. قەبىلىلەر ئارىسىدا ئىنتىقام ئۇرۇشلىرى ۋە قىساس كۈرەشلىرى داۋاملاشماقتا ئىدى.     

رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالامنىڭ دەۋىتى بىلەن ئەنە شۇ نەتىجىلەرگە سەۋەبچى بولغان ئىرقچىلىق تۇيغۇسىنىڭ ئورنىنى ئىمانىي قېرىنداشلىق ئېتىقادى، يۇرتۋازلىق خاھىشىنىڭ ئورنىنى ئىسلامىي بىرلىك چۈشەنچىسى ئالغان. ئۈستۈنلۈكنىڭ ئاساسى تەقۋادارلىق بولغان. شۇنىڭ بىلەن ئارىسىدا جىدەل – ماجىرا تۈگىمەيدىغان، بىر – بىرىگە دۈشمەن ئىنسانلار، ئۆز ئارىسىدا سۆيگۈ – مۇھەببەت، كۆيۈمچانلىق ۋە ھەمكارلىق ھۆكۈم سۈرىدىغان قېرىنداشلارغا ئايلانغان[29]. چۈنكى ئىسلام ئۇلارغا ئىرق، رەڭ ۋە تىل قاتارلىقلارنىڭ ئاللاھنىڭ قۇدرىتىگە دەلىل ئىكەنلىكىنى ئەسلىتىپ، بۇ ئالاھىدىلىكلەرنىڭ ئۈستۈنلۈك ئۆلچىمى بولالمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن[30].

شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئىرقچىلىق ۋە يۇرتۋازلىق تۈگىگەن، لېكىن قانداشلىق، تۇغقانلىق ۋە يۇرتداشلىققا ئوخشاش تەبىئىي ھاسىل بولىدىغان مۇناسىۋەتلەر ئەينەن داۋاملاشقان. شېرىكچىلىك، قۇدا – باجىلىق، ھەمكارلىق ۋە دوستلۇققا ئوخشاش ئىنسانلار ئۆزلىرى ئورنىتىدىغان ئالاقىلەرنىڭ توغرا بولغانلىرى ئەينەن داۋاملاشقان، خاتا يەرلىرى تۈزىتىلگەن. ئىسلام ئەنە شۇ مۇناسىۋەت ۋە ئالاقىلەرگە دىنى قېرىنداشلىقنىڭ بىرىنچى ئورۇنغا قويۇلۇش شەرتى بىلەن ھۆرمەت قىلغان[31].

خۇلاسە

ھەر ئىنسان، ئۆز ۋەتىنىنى سۆيىدۇ، ئۆز ۋەتىنىدە ياشاشنى خالايدۇ، مەجبۇر قالمىسا ئۆز ۋەتىنىدىن چىقىپ كەتمەيدۇ. جۈملىدىن مۇسۇلمان ئىنسانمۇ شۇنداق بولىدۇ: ۋەتىنىنى سۆيىدۇ، ۋەتىنىدە ياشاشنى خالايدۇ، مەجبۇر قالمىسا ۋەتىنىدىن چىقىپ كەتمەيدۇ. مەجبۇر قالغاندا ۋەتىنىدىن چىقىدۇ ۋە بۇ چىقىشنى ئۆزىگە ساۋاب قازاندۇرىدىغان بىر تۈرلۈك «ياخشى ئەمەل» دەپ ھېسابلايدۇ[32]. چۈنكى مۇسۇلمان ئۈچۈن ئاللاھنىڭ رازىلىقى ئەڭ مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ[33]. شۇنىڭ ئۈچۈن رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام ۋە مۇھاجىر ساھابىلەر ئانا ۋەتىنى مەككىنى شۇنچە ياخشى كۆرۈپ تۇرۇقلۇق ئاللاھ رىزاسىنى ئەلا بىلگەن ۋە چىقىپ كەتكەن. مەدىنىگە بېرىپ ئولتۇراقلاشقاندىن كېيىنمۇ مەككىنى ئۇنتالمىغان، لېكىن ئاللاھنىڭ رىزاسى مەدىنىدە ياشاشتا بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇلار مەدىنىدە ياشاۋەرگەن.

ئۆز ۋەتىنىدە تۇرۇپ دىنىغا بويسۇنۇپ ياشىيالمىغان ۋە دىنىغا بويسۇنۇپ ياشىغىلى بولىدىغان باشقا بىر يۇرت تاپالىغان ۋە كېتىشكە قادىر بولالىغانلار ئۆز ۋەتىنىنى تاشلاپ شۇ يۇرتقا كېتىدۇ (ھىجرەت قىلىدۇ). ئۇنداق بىر يۇرت تاپالمىغان ياكى تاپقان تەقدىردىمۇ كېتىشكە قادىر بولالمىغانلار ئۆز ۋەتىنىدە قېلىۋېرىدۇ[34]. بۇلار مەجبۇر قالسا دىنىنى يوشۇرىدۇ[35]. مۇسۇلمانلىقى بىلىنىپ قېلىپ ئىمان بىلەن ئۆلۈشنى ياكى كۇفۇر بىلەن ياشاشنى تاللاشقا مەجبۇر قىلىنغان مۇسۇلمانلار، ئىسلامنىڭ تۇنجى شېھىدى سۇمەييە رەزىيەللاھۇ ئەنھاغا ئوخشاش ئىمان بىلەن ئۆلۈشنى تاللىسىمۇ بولىدۇ، كۇفۇر سۆزنى ئېغىزىنىڭ ئۇچىدا ئېيتىپ قويۇپ ياشىيالىسا شۇنداق قىلىپ ياشاشنى تاللىسىمۇ بولىدۇ[36]. ۋەتىنىدىن چىقىرىلغانلار ياشاۋاتقان يەرلىرىدە ئۆز ئانا ۋەتەنلىرىنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن قولىدىن كەلگەننى قىلىشلىرى پەرزدۇر. چۈنكى ئۆز ۋەتىنىنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ئۇرۇشۇش «ئاللاھ يولىدا ئۇرۇشۇش» ھېسابلىنىدۇ[37].

مۇسۇلماننىڭ ئۆز ئەقىدىسىگە بولغان سۆيگۈسى، ئۇنىڭ ئۆز ئائىلىسى، ئىرقى، مىللىتى، قەبىلىسى ۋە ۋەتىنى قاتارلىقلارغا بولغان سۆيگۈسىگە زىت كەلمەيدۇ. بۇنى رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالامنىڭ مەككىدىن چىقىۋېتىپ قىلغان سۆزلىرى تەكىتلەيدۇ. يەنى مىللىتىنى سۆيۈش ئىرقچىلىق ئەمەس، ۋەتىنىنى سۆيۈش يۇرتۋازلىق ئەمەس. شۇنىڭ ئۈچۈن رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام «بىر كىشىنىڭ مىللىتىنى ياخشى كۆرگەنلىكى ئىرقچىلىققا كىرەمدۇ؟» دېگەن سوئالغا «ياق، ئىرقچىلىق كىشىنىڭ ئۆز مىللىتىنىڭ زۇلۇم قىلىشىغا ياردەم قىلىشىدۇر» دەپ جاۋاب بەرگەن[38]

بىر مىللەتكە تەۋە بولۇش ئارتۇقچىلىقمۇ ئەمەس كەمچىلىكمۇ ئەمەستۇر، چۈنكى بۇ يارىتىلىشتىن ھاسىل بولغان تەبىئىي ھالەتتۇر. بىر مىللەتكە تەۋەلىك ھېس قىلىش ۋە ئۇنى سۆيۈش گۇناھ ئەمەس، چۈنكى بۇ تەبىئىي تۇيغۇدۇر. مىللىي كىملىكنى قوغداش مۇھىمدۇر، چۈنكى بۇ ئاللاھ ياراتقان تەبىئىي ھالەتنى ساقلىغانلىقتۇر. مىللەتنى توغرا يولغا يېتەكلەش پەرزدۇر، چۈنكى بۇ ئاللاھنىڭ ئەمرىدۇر ۋە پۈتۈن پەيغەمبەرلەرنىڭ ۋەزىپىسىدۇر. ئىرقچىلىقتىن ساقلىنىش لازىم، چۈنكى بۇ ئىسلام قەتئىي چەكلىگەن يامان ئىللەتتۇر.

ۋەتەننى سۆيۈشنىڭ ئىپادىسى ۋەتەننى قوغداش ۋە گۈللەندۈرۈشتۇر، قولدىن كەتكەن بولسا قۇتقۇزۇش ۋە قۇتقۇزۇش ئۈچۈن قولدىن كەلگەننى قىلىشتۇر. مىللەتنى سۆيۈشنىڭ ئىپادىسى مىللەتنىڭ جاپا – مۇشەققەتتىن قۇتۇلۇپ، بەخت – سائادەتكە ئېرىشىشى ئۈچۈن غەيرەت كۆرسىتىشتۇر.

مەنبە: ئەنەس ئالىم، لازىملىق دىنىي ئىلىملەر، ئىككى جىلد (ئىستانبۇل: سۈلەيمانىيە ۋەقفى نەشرىياتى، 2020)، 2: 155 – 169.

[1] قۇرئان كەرىمدە قەۋم «قوم» كەلىمىسى 300 قېتىمدىن كۆپ ئۆتىدۇ ۋە ھەممىسى «مىللەت» دېگەن مەنىنى ئىپادىلەيدۇ.

[2] ئۇلار تۆۋەندىكىچە: ھۇد ئەلەيھىسسالام (قاراڭ: 7 – سۈرە ئەئراف، 65 – ۋە 67 – ئايەتلەر؛ 11 – سۈرە ھۇد، 50 – ۋە 52 – ئايەتلەر). سالىھ ئەلەيھىسسالام (قاراڭ: 7 – سۈرە ئەئراف، 73 – ۋە 79 – ئايەتلەر؛ 11 – سۈرە ھۇد، 61 – ۋە 64 – ئايەتلەر؛ 27 – سۈرە نەمل، 46 – ئايەت). نۇھ ئەلەيھىسسالام (قاراڭ: 7 – سۈرە ئەئراف، 59 – ۋە 61 – ئايەتلەر؛ 10 – سۈرە يۇنۇس، 71 – ئايەت؛ 11 – سۈرە ھۇد، 28 – ۋە 30 – ئايەتلەر؛ 23 – سۈرە مۇئمىنۇن، 23 – ئايەت؛ 71 – سۈرە نۇھ، 2 – ئايەت). ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام (قاراڭ: 6 – سۈرە ئەنئام، 78 – ئايەت). لۇت ئەلەيھىسسالام (11 – سۈرە ھۇد، 78 – ئايەت؛ 71 – سۈرە نۇھ، 2 – ئايەت). شۇئەيب ئەلەيھىسسالام (قاراڭ: 7 – سۈرە ئەئراف، 85 – ۋە 93 – ئايەتلەر؛ 11 – سۈرە ھۇد، 84 – 85 – ، 88 – ، 89 – ، 92 – ۋە 93 – ئايەتلەر؛ 29 – سۈرە ئەنكەبۇت، 36 – ئايەت). مۇسا ئەلەيھىسسالام (قاراڭ: 2 – سۈرە بەقەرە، 54 – ئايەت؛ 6 – سۈرە مائىدە، 20 – ۋە 21 – ئايەتلەر؛ 10 – سۈرە يۇنۇس، 84 – ئايەت؛ 20 – سۈرە تاھا، 86 – ئايەت؛ 61 – سۈرە سەف، 5 – ئايەت). ھارۇن ئەلەيھىسسالام (20 – سۈرە تاھا، 90 – ئايەت). مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام (6 – سۈرە ئەنئام، 135 – ئايەت؛ 39 – سۈرە زۇمەر، 39 – ئايەت).

[3] قاراڭ: 40 – سۈرە غافىر، 29 ~ 40 – ئايەتلەر.

[4] قاراڭ: 26 – سۈرە شۇئەرا، 106 – ، 124 – ، 142 – ۋە 161 – ئايەتلەر.

[5] ئۇ كىشى ئۆز قەۋمى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن ئىدى، ئاللاھ تەرىپىدىن ئۇنىڭغا: «جەننەتكە كىرگىن» دېيىلدى.

[6] 36 – سۈرە ياسىن، 20 ~ 27 – ئايەت.

[7] تۈركىيەنىڭ ھاتاي ۋىلايىتىنىڭ بىر ناھىيەسى.

[8] قۇرئان كەرىمدە ئىسمى ئۆتكەن 25 پەيغەمبەرنىڭ ھەر بىرىنىڭ قۇرئان كەرىمدىكى قىسسەسى بۇنىڭغا دالالەت قىلىدۇ.

[9] قاراڭ:  3 – سۈرە ئال ئىمران، 104 – ، 110 – ۋە 114 – ئايەتلەر؛ 9 – سۈرە تەۋبە، 71 – ۋە 112 – ئايەتلەر؛ 22 – سۈرە ھەج، 41 – ئايەت.

[10] بىر مىللەتكە مەنسۇپ بولۇش ئۇ مىللەتنىڭ ھەر ئەزاسى بىلەن تۇغقان بولغانلىقنى كۆرسىتىدۇ. تۇغقانلارغا سىيلە – رەھىم قىلىش ئاللاھ تائالانىڭ ئەمرىدۇر (قاراڭ: 4 – سۈرە نىسا، 1 – ئايەت).

[11] ئاللاھ تائالا جانلىقلارنىڭ ئىچىدە بىرى باشلىق بولۇپ باشقۇرىدىغان، قالغانلىرى ئۇنىڭ تەرىپىدىن باشقۇرۇلىدىغان، باشلىق يېتەكلەيدىغان، قالغانلار بويسۇنىدىغان بىر سىستېما بىكىتكەن. بۇنى قۇرئان كەرىمدە بىر چىشى چۈمۈلىنىڭ (چىشى پادىشاھ چۈمۈلىنىڭ) باشقا چۈمۈلىلەرنى خەتەرگە قارشى ئاگاھلاندۇرغانلىقىنى بايان قىلىش ئارقىلىق بىلدۈرگەن (قاراڭ: 27 – سۈرە نەمل، 18 – ئايەت). ئىنسان جانلىقلارنىڭ ئەڭ چىرايلىقى ۋە ئەڭ ھۆرمەتلىكىدۇر (قاراڭ: 96 – سۈرە تىن، 4 – ئايەت؛ 17 – سۈرە ئىسرا، 70 – ئايەت). شۇنىڭ ئۈچۈن ئىنسانلارنىڭ ئىچىدە يېتەكلەش پائالىيىتىنىڭ ئىنسان بولغانلىققا يارىشا بولۇشى كېرەك.

[12] قاراڭ:  16 – سۈرە نەھل، 35 – ئايەت؛ 3 – سۈرە ئال ئىمران، 20 – ئايەت؛ 5 – سۈرە مائىدە، 92 – ۋە 99 – ئايەت؛ 13 – سۈرە رەئد، 40 – ئايەت؛ 16 – سۈرە نەھل، 82 – ئايەت؛ 29 – سۈرە ئەنكەبۇت، 18 – ئايەت؛ 42 – سۈرە شۇرا، 48 – ئايەت؛ 64 – سۈرە تەغابۇن، 12 – ئايەت.

[13] 7 – سۈرە ئەئراف، 103 ~ 105 – ئايەتلەر.

[14] 20 – سۈرە تاھا، 42 ~ 48 – ئايەتلەر.

[15] 26 – سۈرە شۇئەرا، 15 ~ 17 – ئايەتلەر.

[16] «بىز سېنى ئالەملەرگە رەھمەت قىلىپ ئەۋەتتۇق» (21 – سۈرە ئەنبىيا، 107 – ئايەت. ئوخشاش مەنىدىكى ئايەتلەر: 6 – سۈرە ئەنئام، 19 – ، 90 – ۋە 92 – ئايەتلەر؛ 7 – سۈرە ئەئراف، 158 – ئايەت، 12 – سۈرە يۇسۇف، 104 – ئايەت؛ 25 – سۈرە فۇرقان، 1 – ئايەت؛ 34 – سۈرە سەبەئـ، 28 – ئايەت؛ 38 – سۈرە ساد، 87 – ئايەت؛ 62 – سۈرە جۇمۇئە، 2 – ئايەت؛ 68 – سۈرە قەلەم، 52 – ئايەت؛ 81 – سۈرە تەكۋىر، 27 – ئايەت.

[17] قاراڭ:  6 – سۈرە ئەنئام، 19 – ۋە 92 – ئايەتلەر؛ 26 – سۈرە شۇئەرا، 214 – ئايەت؛ 42 – سۈرە شۇرا، 7 – ئايەت.

[18] قاراڭ:  12 – سۈرە يۇسۇف، 1 – ئايەت؛ 13 – سۈرە رەئد، 37 – ئايەت؛ 16 – سۈرە نەھل، 103 – ئايەت؛ 20 – سۈرە تاھا، 113 – ئايەت؛ 26 – سۈرە شۇئەرا، 195 – ئايەت؛ 39 – سۈرە زۇمەر، 28 – ئايەت؛ 41 – سۈرە فۇسسىلەت، 3 – ۋە 44 – ئايەتلەر؛ 42 – سۈرە شۇرا، 7 – ئايەت؛ 43 – سۈرە زۇخرۇف، 3 – ئايەت؛ 46 – سۈرە ئەھقاف، 12 – ئايەت.

[19] ئۆز ۋاقتىدا رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام مەدىنىدە قىلغان پۈتۈن ئۇرۇشلار بۇنى كۆرسىتىدۇ.

[20] مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ مەككىنىڭ فەتھى ھەرىكىتى ۋە ئالدى – كەينىدە يۈرگۈزگەن سىياسەتلىرى بۇنى كۆرسىتىدۇ.

[21] 4 – سۈرە نىسا، 75 – ئايەت.

[22] 9 – سۈرە تەۋبە، 123 – ئايەت.

[23]  49 – سۈرە ھۇجۇرات، 13 – ئايەت.

[24]  30 – سۈرە رۇم، 22 – ئايەت.

[25] 16 – سۈرە نەھل، 78 – ئايەت.

[26] 55 – سۈرە رەھمان، 1 ~ 4 – ئايەتلەر.

[27] 14 – سۈرە ئىبراھىم، 4 – ئايەت.

[28] ئەدىي ئىبنى ھاتەم مۇنداق دەيدۇ: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كەلدىم. بوينۇمدا ئالتۇندىن ئىشلەنگەن كرېست بار ئىدى. ئۇ: «ئى ئەدىي! ئۇ بۇتنى تاشلىۋەتكىن!» دېدى. … (تىرمىزى، «تەفسىرۇل قۇرئان»، 10). ئەدىي خىرىستىيانلىقنى تاشلاپ مۇسۇلمان بولغان بىر كىشى ئىدى. بويۇنغا كرېست بەلگىسى ئېسىش ئۇلارنىڭ ئادىتى بولسا كېرەك. رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام بۇ ئادەتكە قارشى چىققان، چۈنكى ئۇ شېرىك ئېتىقادنى ئىپادىلەيتتى.

[29] قاراڭ:  3 – سۈرە ئال ئىمران، 102 ~ 103 – ئايەتلەر؛ 49 – سۈرە ھۇجۇرات، 10 – ۋە 13 – ئايەتلەر.

[30] قاراڭ:  30 – سۈرە رۇم، 22 – ئايەت.

[31] قاراڭ:  9 – سۈرە تەۋبە، 24 – ئايەت.

[32] ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام بىلەن لۇت ئەلەيھىسسالام ئاللاھنىڭ ئەمرى بىلەن چىققان (قاراڭ: 21 – سۈرە ئەنبىيا، 68 ~ 71 – ئايەتلەر)، مۇسا ئەلەيھىسسالام قېچىپ چىققان (قاراڭ: 28 – سۈرە قەسەس، 20 ~ 21 – ئايەتلەر)؛ يەقۇب ئەلەيھىسسالام ئوغلى يۇسۇف بىلەن دىدارلىشىش ئۈچۈن چىققان (قاراڭ: 12 – سۈرە يۇسۇف، 99 – ئايەت)؛ مۇھاجىرلار مەجبۇر قالغانلىقى ئۈچۈن ئۆز ۋەتىنى بولغان مەككىدىن چىقىپ مەدىنىگە كەتكەن. ئۇلار بۇ قىلمىشى تۈپەيلىدىن مەدھىيىلەنگەن (قاراڭ: 2 – سۈرە بەقەرە، 213 – ئايەت؛ 3 – سۈرە ئال ئىمران، 195 – ئايەت؛ 8 – سۈرە ئەنفال، 72 – ۋە 74 – ئايەتلەر؛ 9 – سۈرە تەۋبە، 20 – ۋە 100 – ئايەتلەر؛ 16 – سۈرە نەھل، 41 – ۋە 110 – ئايەتلەر؛ 22 – سۈرە ھەج، 58 – ئايەت؛ 59 – سۈرە ھەشر، 9 – ئايەت).

[33] 9 – سۈرە تەۋبە سۈرىسىنىڭ 24 – ئايىتىدىكى ئەھەببە ئىلەيكۇم ﴿أَحَبَّ إِلَيْكُم﴾ بۇنىڭغا دالالەت قىلىدۇ. چۈنكى بۇ يەردە ئاللاھ سۆيگۈسى سېلىشتۇرما ئىسىم بىلەن ئىپادىلەنگەن.

[34] قاراڭ:  4 – سۈرە نىسا، 97 ~ 99 – ئايەتلەر.

[35] فىرئەۋن خانىدانىنىڭ ئىچىدە ئىمانىنى يوشۇرۇپ ياشىغان مۇئمىن ئادەمگە ئوخشاش (قاراڭ: 40 – سۈرە غافىر، 28 – ئايەت) ۋە مەككە فەتھ قىلىنىشتىن ئىلگىرى مەككىدە مۇشرىكلارنىڭ ئارىسىدا ئىمانىنى يوشۇرۇپ ياشىغان مۇئمىن – مۇئمىنەلەرگە ئوخشاش مەخپىي مۇسۇلمان بولۇپ ياشايدۇ (قاراڭ: 48 – سۈرە فەتھ، 25 – ئايەت).

[36] قاراڭ:  16 – سۈرە نەھل، 106 – ئايەت.

[37] قاراڭ:  2 – سۈرە بەقەرە، 246 – ئايەت.

[38] ئىبنى ماجە، «فىتەن»، 7؛ ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل، مۇسنەد، 28: 196.


مۇسۇلمانلار تورى، ئاللاھ، ئاللا، قۇرئان كەرىم، مۇسۇلمان، مۇسۇلمانلار، قۇرئان، ھەدىس، ئىلىم، دىن، ئۇيغۇر، ئۇيغۇرچە، فېترەت، فىترەت، تەبىئەت، ئادەم، پەيغەمبەر، رەسۇل، نەبى، شېئىر، ئۆلىما، مەزھەپ، پەتىۋا، سۇئال، جاۋاب، ئىلمىي، تەتقىقات، ماقالە، يازمىلار، يازما، ئۇلىنىش، ئالاقىلىشىڭ