باش بەت > ياخشىلار باغچىسى  يوللىغۇچى: ، ۋاقتى:

نامازنىڭ پەزىلىتى توغرىسىدا

ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن:

﴿… إِنَّ الصَّلَاةَ تَنْهَى عَنِ الْفَحْشَاءِ وَالْمُنكَرِ ٤٥﴾

«… شۈبھىسىزكى، ناماز قەبىھ سۆز – ھەرىكەتلەردىن ۋە يامان ئىشلاردىن توسىدۇ. …» – (29 – سۈرە ئەنكەبۇت، 45 – ئايەتنىڭ بىر قىسمى).

  1. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ئۇ رەسۇلۇللاھنىڭ: «ئېيتىپ بېقىڭلارچۇ؟ سىلەردىن بىر كىشىنىڭ دەرۋازىسى ئالدىدا بىر ئۆستەڭ بولۇپ، ئۇ ئۇنىڭدا كۈنىگە بەش قېتىم يۇيۇنسا، ئۇنىڭ بەدىنىدە كىر قالامدۇ؟»، دېگەنلىكىنى، ساھابىلەرنىڭ: «ئۇنىڭ بەدىنىدە كىر دېگەن نەرسە قالمايدۇ»، دېگەندە، رەسۇلۇللاھنىڭ: «بەش ۋاخ ناماز ئەنە شۇنىڭغا ئوخشايدۇ. ئاللاھ تائالا ئۇلار ئارقىلىق گۇناھلارنى كەچۈرىدۇ»، دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان. — بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى:

 1) بەش ۋاخ نامازنى ئوقۇشنىڭ ۋە ئۇنى داۋاملاشتۇرۇشنىڭ پەزىلىتى.

2) ئاللاھ تائالانىڭ بەش ۋاخ نامازنى شەرت، رۇكنى ۋە ئەدەبلىرى بىلەن تولۇق ئوقۇغان كىشىنىڭ كىچىك گۇناھلىرىنى ئەپۇ قىلىپ تۇرىدىغانلىقى، ئەمما چوڭ گۇناھلارغا بولسا تەۋبە قىلىش لازىملىقى.

3) پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۈممەتلىرىنى تائەت-ئىبادەتكە رىغبەتلەندۈرۈش ۋە مەزمۇنىنى چۈشىنىشلىك قىلىپ بېرىش ئۈچۈن مىسال كەلتۈرۈش ئارقىلىق تەرغىب قىلىدىغان، يوليورۇق كۆرسىتىدىغان ئۇسلۇبىنى بايان قىلغان.

  1. جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «بەش ۋاخ نامازنىڭ مىسالى سىلەرنىڭ بىرىڭلارنىڭ ئىشىكىنىڭ ئالدىدا ئېقىپ تۇرغان ئۆستەڭ بولۇپ، كۈنىگە بەش قېتىم يۇيۇنۇپ تۇرغىنىغا ئوخشايدۇ». — مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى:

 1) ناماز ئوقۇشنىڭ پەزىلىتى ۋە نامازنىڭ خۇددى سۇ كىرنى يۇغاندەك گۇناھلارنى يۇيۇۋېتىدىغانلىقى.

2) نامازنى ئادا قىلىشقا ھېرىس بولۇشنىڭ لازىملىقى.

  1. ئىبن مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، بىر ئادەم بىر ئايالنى سۆيۈپ سېلىپ، رەسۇلۇللاھنىڭ ئالدىغا كېلىپ بۇ ئەھۋالنى مەلۇم قىلدى. ئاللاھ تائالا تۆۋەندىكى ئايەتنى نازىل قىلدى:

﴿وَأَقِمِ الصَّلَاةَ طَرَفَيِ النَّهَارِ وَزُلَفًا مِّنَ اللَّيْلِ إِنَّ الْحَسَنَاتِ يُذْهِبْنَ السَّيِّئَاتِ ١١٤﴾

«نامازنى كۈندۈزنىڭ ئىككى تەرىپىدە[1] ۋە كېچىنىڭ كۈندۈزگە يېقىن ۋاقىتلىرىدا[2] تولۇق ۋە داۋاملىق ئۆتىگىن[3]. شۈبھىسىزكى، ياخشىلىقلار يامانلىقلارنى يوقىتىدۇ…» – (11 – سۈرە ھۇد، 114 – ئايەتنىڭ بىر قىسمى). ئۇ كىشى: «بۇ ئايەت ماڭىلا خاسمۇ؟ ئى رەسۇلۇللاھ»، دېۋىدى، رەسۇلۇللاھ: «بارلىق ئۈممىتىمنىڭ ھەممىسى ئۈچۈندۇر»، دېدى.— بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى:

 1) ناماز ئوقۇشنىڭ پەزىلىتى ۋە نامازنىڭ كىچىك گۇناھلارغا كەففارەت بولىدىغانلىقى.

2) يات ئايال كىشىنى سۆيۈش ۋە قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈش بولسا گۇناھ ئىشلاردىن ئىكەنلىكى.

  1. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كىمكى چوڭ گۇناھ ئۆتكۈزمىسىلا، ئوقۇغان بەش ۋاخ نامىزى، نامازلىرىنىڭ ئارىلىقىدا ئۆتكۈزگەن كىچىك گۇناھلىرىنى يۇيىدۇ. ئوقۇغان جۈمە نامىزى يەنە بىر جۈمەگىچىلىك بولغان ئارىلىقتىكى كىچىك گۇناھلىرىنى يۇيىدۇ». — مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى:

 1) ناماز ئوقۇشنىڭ پەزىلىتىنى بايان قىلىش ۋە جۈمە نامىزى ئوقۇغان كىشىنىڭ كىچىك گۇناھلىرى يويۇلىدىغانلىقى.

2) چوڭ گۇناھلارغا سەمىمىي تەۋبە قىلىش شەرت ئىكەنلىكى.

  1. ئوسمان ئىبن ئەففان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ئۇ رەسۇلۇللاھنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان: «ھەر قانداق بىر مۇسۇلمان پەرز نامازنى تاھارەتنى كامىل ئېلىپ، نامازنىڭ تەرتىپلىرى ۋە رۇكۇ-سەجدىلىرىنى ئوبدان ئورۇنلاپ ئادا قىلسا، چوڭ گۇناھ ئۆتكۈزمىسىلا، ناماز ئۇنىڭ ئىلگىرىكى كىچىك گۇناھلىرىغا كەففارەت بولىدۇ. بۇ مېنىڭ زامانىمغىلا خاس ئەمەس، ھەر زامان مۇسۇلمانلىرىغا ئومۇمىيدۇر». — مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: نامازنىڭ ئاللاھ تائالانىڭ دەرگاھىدا مەقبۇل بولۇشى ئۈچۈن تاھارەتنى كامىل ئېلىپ خۇشۇ-خۇزۇ بىلەن رۇكۇ-سەجدىلىرىنى تولۇق قىلىپ ئوقۇشقا رىغبەتلەندۈرۈش ۋە شۇنداق ئوقۇلغان نامازنىڭ بۇرۇنقى گۇناھلارغا كەففارەت بولىدىغانلىقى.

[1]   ئايەتنىڭ «كۈندۈزنىڭ ئىككى تەرىپىدە» دەپ تەرجىمە قىلىنغان قىسمى «تەرەفەيىنناھار»دۇر. تەرەفەيىنناھار ئىزافەتلىك بىرىكمە بولۇپ، بۇ بىرىكمىدە مۇزافۇ «تەرەفەي» دۇر. تەرەفەي، «تەرەف» كەلىمىسىنىڭ ئىككىلىك شەكلى بولۇپ، تەرەپ كەلىمىسى ئەرەبچىدە بىر تەرەپ، بىر توپ، بىر تۈركۈم، چېگرا، يان دېگەن مەنىلەردە كېلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن كۈندۈزنىڭ بۇ «ئىككى تەرىپىدە» ئوقۇلۇشى پەرز بولغان ئىككى ۋاقىت ناماز بامدات بىلەن نامازشام ئەمەس، پېشىن بىلەن نامازدىگەردۇر. چۈنكى بامدات ۋە نامازشامنىڭ ۋاقىتلىرى كېچىگە تەۋە ۋاقىتلاردۇر. بۇ ۋاقىتلارغا كۈندۈزنىڭ تەرەپلىرى دېيىلمەيدۇ.‏

[2]  ئايەتنىڭ «كېچىنىڭ كۈندۈزگە يېقىن ۋاقىتلىرىدا» دەپ تەرجىمە قىلىنغان قىسمى بولسا، «زۇلەفەن مىنەللەيل»دۇر. بۇ سۆزنىڭ مەنىسى «كېچىدىن بولۇپ كۈندۈزگە يېقىن بولغان ئۈچ ۋاقىت» دېگەن بولىدۇ. بۇ ئۈچ ۋاقىتتا ئوقۇلۇشى پەرز بولغان ئۈچ ناماز بولسا، نامازشام، خۇپتەن ۋە بامدات نامازلىرىدۇر. چۈنكى بۇ ئۈچ ۋاقىت نامازنىڭ ۋاقىتلىرى كېچىگە تەۋە ۋاقىتلاردۇر ھەمدە كۈندۈزگە يېقىن ۋاقىتلاردۇر. ‏

[3]  ئاللاھ تائالا بۇ ئايەتتە ۋە 17 – سۈرە ئىسرانىڭ 78 – ئايىتىدە «ئەقىمىسسەلاتە» دەيدۇ. «ئەقىم» قىيام مەسدىرىدىن تۈرلەنگەن ئۆتۈملۈك بۇيرۇق پېئىلى بولۇپ، ئەسلى مەنىسى «ئۆرە تۇرغۇزغىن» دېگەن بولىدۇ. بۇ ئىككى ئايەتتە ئەقىم ئەمرىدىن كېيىن كەلگەن كەلىمە «ئەسسەلات»دۇر. بۇ ئەسسەلات ئېنىق ئىسىم (مەئرىفە)دۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن مەزكۇر ئايەتلەردىكى «ئەسسەلات»، «تەكبىر بىلەن باشلىنىپ سالام بىلەن ئاخىرلىشىدىغان، مۇئەييەن ھەرىكەت ۋە سۆزلەردىن تەركىب تاپقان بەدەنىي ئىبادەت»نى، يەنى ئىنسانىيەت تارىخى بويىچە مۇئمىنلار تەرىپىدىن تونۇلۇپ ۋە ئادا قىلىنىپ كەلگەن كۈندىلىك بەش ۋاخ نامازنى كۆرسىتىدۇ. نامازنى ئۆرە تۇرغۇزۇشقا قىلىنغان بۇ بۇيرۇق، بەش ۋاخ نامازنى بەلگىلەنگەن ۋاقىتلاردا، شەرت ۋە شەكىللىرىنى، ئەركان ۋە زىكىرلىرىنى، دۇئا ۋە تەسبىھلىرىنى توغرا رەۋىشتە ئادا قىلىش بىلەن ئورۇندىلىدۇ. بۇنى «تولۇق ۋە داۋاملىق» دېگەن سۆز ئىپادىلەيدۇ. شۇڭا قۇرئان كەرىمدە «ئەسسەلات»نىڭ بېشىدا ئىقامە مەسدىرىدىن تۈرلەنگەن پېئىل ياكى سۈپەت كەلسە، ئۇ «تولۇق ۋە داۋاملىق ئۆتەش»نىڭ پەرقلىق شەكىللىرى بىلەن ئىپادىلەندى. ‏


مۇسۇلمانلار تورى، ئاللاھ، ئاللا، قۇرئان كەرىم، مۇسۇلمان، مۇسۇلمانلار، قۇرئان، ھەدىس، ئىلىم، دىن، ئۇيغۇر، ئۇيغۇرچە، فېترەت، فىترەت، تەبىئەت، ئادەم، پەيغەمبەر، رەسۇل، نەبى، شېئىر، ئۆلىما، مەزھەپ، پەتىۋا، سۇئال، جاۋاب، ئىلمىي، تەتقىقات، ماقالە، يازمىلار، يازما، ئۇلىنىش، ئالاقىلىشىڭ