باش بەت > ياخشىلار باغچىسى  يوللىغۇچى: ، ۋاقتى:

 تاھارەتنىڭ پەزىلىتى توغرىسىدا

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

﴿يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا إِذَا قُمْتُمْ إِلَى الصَّلَاةِ فَاغْسِلُوا وُجُوهَكُمْ وَأَيْدِيَكُمْ إِلَى الْمَرَافِقِ وَامْسَحُوا بِرُءُوسِكُمْ وَأَرْجُلَكُمْ إِلَى الْكَعْبَيْنِ وَإِن كُنتُمْ جُنُبًا فَاطَّهَّرُوا وَإِن كُنتُم مَّرْضَى أَوْ عَلَى سَفَرٍ أَوْ جَاءَ أَحَدٌ مِّنكُم مِّنَ الْغَائِطِ أَوْ لَامَسْتُمُ النِّسَاءَ فَلَمْ تَجِدُوا مَاءً فَتَيَمَّمُوا صَعِيدًا طَيِّبًا فَامْسَحُوا بِوُجُوهِكُمْ وَأَيْدِيكُم مِّنْهُ مَا يُرِيدُ اللَّهُ لِيَجْعَلَ عَلَيْكُم مِّنْ حَرَجٍ وَلَكِن يُرِيدُ لِيُطَهِّرَكُمْ وَلِيُتِمَّ نِعْمَتَهُ عَلَيْكُمْ لَعَلَّكُمْ تَشْكُرُونَ٦﴾

«ئى مۇئمىنلار! نامازغا تۇرغىنىڭلاردا، يۈزۈڭلارنى يۇيۇڭلار، قولۇڭلارنى جەينىكىڭلار بىلەن قوشۇپ يۇيۇڭلار، بېشىڭلارغا مەسىھ قىلىڭلار، پۇتۇڭلارنى ئىككى ئوشۇقۇڭلار بىلەن قوشۇپ يۇيۇڭلار[1]. ئەگەر جۇنۇپ بولساڭلار ئوبدان پاكلىنىڭلار، ئەگەر كېسەل بولساڭلار ياكى سەپەر ئۈستىدە بولساڭلار ياكى تاھارەت سۇندۇرغان بولساڭلار ۋە ياكى ئاياللىرىڭلار بىلەن بىر يەردە بولساڭلار، ئاندىن سۇ تاپالمىساڭلار[2]، پاكلىنىش نىيىتى بىلەن ئالىقىنىڭلارنى پاك تۇپراققا ئۇرۇپ، ئۇلار بىلەن يۈزۈڭلارنى ۋە قولۇڭلارنى سىلاڭلار[3]. ئاللاھ سىلەرگە قىيىنلاشتۇرۇشنى ئىرادە قىلمايدۇ، لېكىن سىلەرنى پاكلاشنى ۋە سىلەرگە نېمىتىنى تاماملاشنى ئىرادە قىلىدۇ. شۈكۈر قىلغايسىلەر‏‎!‎» – (5 – سۈرە مائىدە، 6 – ئايەت).

  1. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، مەن رەسۇلۇللاھنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان: «مېنىڭ ئۈممىتىم قىيامەت كۈنى تاھارەتنىڭ تەسىرىدىن چىرايلىرى، پۇت-قوللىرى نۇرانە بولغان ھالدا چاقىرىلىدۇ. سىلەردىن كىمكى ئۆزىدىكى نۇرانىلىقنى كېڭەيتەلىسە كەڭەيتسۇن». — بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى:

 1) تاھارەت ئارقىلىق يۈز-قول ۋە پۇتتىكى يۇيۇشقا تېگىشلىك جايلارنى ئوشۇقراق يۇيۇش ئارقىلىق نۇرانىلىقنى كېڭەيتىشنىڭ سۈننەت ئىكەنلىكى.

2) تاھارەت ئالغاندا تاھارەتنىڭ سۈننەتلىرىنى تولۇق بەجا كەلتۈرۈشنىڭ ياخشى ئىكەنلىكى.

  1. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ئۇ رەسۇلۇللاھنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغانىدىم، دەيدۇ: «مۇئمىنىڭ جەننەتتىكى زىبۇ زىننىتى تاھارەت ئالغان چاغدىكى سۇ يەتكەن جايغىچە بولىدۇ». — مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
  2. ئوسمان ئىبن ئەففان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ئۇ رەسۇلۇللاھنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان: «كىمكى تاھارىتىنى كەم-كۈتسىز ئالسا، ئۇنىڭ خاتالىقلىرى بەدىنىدىن چىقىپ كېتىدۇ. ھەتتا، تىرناقلىرى ئاستىدىنمۇ چىقىپ كېتىدۇ». — مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
  3. ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، مەن رەسۇلۇللاھنىڭ مېنىڭ تاھارەت ئالغىنىمدەك تاھارەت ئالغانلىقىنى كۆردۈم. كېيىن رەسۇلۇللاھ مۇنداق دېگەن: «كىمكى مۇشۇنداق تاھارەت ئالسا، ئىلگىرىكى گۇناھى مەغفىرەت قىلىنىدۇ. ئۇنىڭ ئوقۇغان نامىزىغا ۋە مەسجىدكە ماڭغان قەدىمى ئۈچۈن كۆپ ساۋاب بېرىلىدۇ». — مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى:

 1) تاھارەتنىڭ ئاللاھ تائالانىڭ ھەققىگە ئالاقىدار كىچىك گۇناھلارنىڭ ئەپۇ قىلىنىشىغا سەۋەب بولىدىغانلىقى.

2) مەسجىدكە پىيادە بېرىش ۋە مەسجىدتە ناماز ئوقۇشنىڭ كىشىنى نۇرغۇن ياخشىلىقلارغا ئېرىشتۈرىدىغانلىقى.

  1. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «بىر مۇئمىن بەندە ياكى بىر مۇسۇلمان بەندە تاھارەت ئېلىپ، يۈزىنى يۇغاندا كۆزى بىلەن قارىغان گۇناھىنىڭ ھەممىسى سۇ بىلەن ياكى سۇنىڭ ئاخىرقى تامچىسى بىلەن يۇيۇلۇپ چىقىپ كېتىدۇ. قولىنى يۇغاندا قول بىلەن تۇتۇپ قىلغان گۇناھلارنىڭ ھەممىسى سۇ بىلەن ياكى سۇنىڭ ئاخىرقى تامچىسى بىلەن بىللە يۇيۇلۇپ چىقىپ كېتىدۇ. پۇتىنى يۇغاندا پۇتى بىلەن مېڭىپ قىلغان گۇناھلىرىنىڭ ھەممىسى سۇ بىلەن ياكى سۇنىڭ ئاخىرقى تامچىسى بىلەن بىللە يۇيۇلۇپ چىقىپ كېتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئادەم بارلىق گۇناھى سەغىرەلەردىن پاكلىنىدۇ. گۇناھلىرى پاك-پاكىز يۇيۇلۇپ كېتىدۇ». — مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: تاھارەتنىڭ كىشىنى كىچىك گۇناھلاردىن پاكلايدىغانلىقى ۋە بەدەننى كىر ۋە نىجاسەتتىن تازىلايدىغانلىقى.

  1. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، رەسۇلۇللاھ بەقى قەبرىستانلىقىغا كېلىپ: «ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ئى مۇئمىنلەر دىيارى! بىزمۇ چوقۇم ئاللاھ خالىسا سىلەرنىڭ ئارقاڭلاردىن بارىمىز. مەن قېرىنداشلىرىمىزنى كۆرسەم ئىكەن دەيمەن»، دېدى. ساھابىلەر: «بىز سېنىڭ قېرىنداشلىرىڭ ئەمەسمۇ؟ ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى»، دېۋىدى، رەسۇلۇللاھ: «سىلەر مېنىڭ ساھابىلىرىم بولىسىلەر، بىزنىڭ قېرىنداشلىرىمىز بولسا تېخى دۇنياغا كەلمىگەن كىشىلەردۇر»، دېدى. ساھابىلەر: «تېخى دۇنياغا كەلمىگەن كىشىلەرنى سەن قانداق تونۇيسەن؟»، دېيىشتى. رەسۇلۇللاھ: «ئېيتىپ بېقىڭلارچۇ؟ ئەگەر بىر ئادەمنىڭ ئاق رەڭلىك ئاتلىرى قارا رەڭلىك ئاتلارغا ئارىلىشىپ كەتسە، ئۆزىنىڭ ئاتلىرىنى تونۇيالمامدۇ؟»، دېدى. ساھابىلەر: «شۇنداق، تونۇيالايدۇ ئى رەسۇلۇللاھ!»، دېيىشتى. رەسۇلۇللاھ: «شۈبھىسىزكى، تاھارەتنى كامىل ئالغۇچىلار قىيامەت كۈنى تاھارەتنىڭ پەزىلىتىدىن نۇرانە ھالەتتە كېلىدۇ، مەن ئۇلارنى نۇرانىلىقىدىن تونۇۋالىمەن، مەن ئۇلاردىن ئاۋۋال ھەۋزى كەۋسەرگە بېرىپ كۈتۈپ تۇرىمەن»، دېدى. — مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى:

  • ساھابىلەر زامانىدىن كېيىن كېلىدىغان كىشىلەرنىڭمۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قېرىنداشلىرى ئىكەنلىكى. ئاللاھ تائالا ئېيتىدۇ:﴿إِنَّمَا الْمُؤْمِنُونَ إِخْوَةٌ… ١٠﴾

«شۈبھىسىزكى، مۇئمىنلار (دىندا) قېرىنداشتۇر…» – (49 – سۈرە ھۇجۇرات، 10 – ئايەتنىڭ بىر قىسمى) ئەمما ساھابىلەر بولسا، ئۆزلىرىنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۆھبىتىدە بولغانلىق شاراپىتىدىن كېيىنكىلەردىن ئۈستۈن تۇرىدىغانلىقى.

2) قىيامەت كۈنى ھەۋزى كەۋسەرگە ئەڭ بۇرۇن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بارىدىغانلىقىنى ئۈممەتلەرگە بېشارەت بېرىش، ھەۋزى كەۋسەرگە ئېرىشىپ ئۇ يەردە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن بىللە بولىدىغانلارغا خۇش مۇبارەك!

3) قىيامەت كۈنى ئەرەساتتا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ھەۋزى كەۋسەر ئاتا قىلىنىپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كەۋسەر سۈيى بىلەن ھۆرمەتلىنىدىغانلىقى. (ھەۋزى كەۋسەر بولسا ئەراساتتا بولۇپ، ئۇنىڭدا جەننەتتىكى كەۋسەردىن ئىككى تۇرۇبا قۇيۇلۇپ تۇرىدۇ. كىمكى ئۇنىڭدىن ئىچىدىكەن ھەرگىز تەشنا بولمايدۇ).

  1. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «مەن سىلەرنى ئاللاھ تائالا گۇناھىڭلارنى ئۆچۈرۈپ، دەرىجەڭلارنى يۇقىرى كۆتۈرىدىغان بىر ئىشقا باشلاپ قويمايمۇ؟»، دېگەندە، كىشىلەر: «شۇنداق قىلغىن، ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى»، دېيىشتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «قىيىن ئەھۋالدىمۇ تاھارەتنى كامىل ئېلىش ۋە مەسجىدكە كۆپ بېرىش ۋە بىر نامازدىن كېيىن يەنە بىر نامازغا تەقەززا بولۇش، مانا بۇ ئەمەللەر قەلب چېگراسىنى شەيتاندىن ساقلىماقلىقتۇر»، دېدى. — مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
  2. ئەبۇ مالىك ئەشئەرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «پاكىزلىق ئىماننىڭ يېرىمىدۇر». — مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: تاھارەتنىڭ نامازنىڭ دۇرۇس بولۇشتىكى شەرت ئىكەنلىكى. ھەدىستە «يېرىمى»، دېگەن سۆزنى ئىشلىتىش تاھارەتنىڭ شاراپىتىنى ۋە ئۇلۇغلۇقىنى ئىپادىلەپ بېرىش ئۈچۈن كەلگەن.

  1. ئۇمەر ئىبن خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «سىلەرنىڭ بىرىڭلار تاھارەتنى تولۇق ئېلىپ، ئاندىن كېيىن: ‹گۇۋاھلىق بېرىمەنكى، شېرىكى يوق بىر ئاللاھتىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوق، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئاللاھ تائالانىڭ بەندىسى ۋە ئەلچىسىدۇر›، دېسە، ئۇنىڭ ئۈچۈن سەككىز جەننەتنىڭ ئىشىكلىرى ئېچىلىپ، ئۇ كىشى خالىغان ئىشىكىدىن كىرىدۇ». — مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: تاھارەتنىڭ ۋاجىب ۋە مۇستەھەپلىرىنى تولۇق ئورۇنداشنىڭ ۋە تاھارەتتىن كېيىن يۇقىرىقى دۇئا بىلەن دۇئا قىلىشنىڭ پەزىلىتى.

[1]  تەپسىرلەردە بۇ ئايەتتىكى «ئەرجۇلەكۇم – پۇتلىرىڭلار» دېگەن سۆز، ئۆزىنىڭ بېشىدىكى قايسى سۆزگە باغلىنىدۇ ۋە تاھارەت ئالغاندا پۇتلارنى يۇيۇش كېرەكمۇ ياكى مەسىھ قىلىش كېرەكمۇ دېگەن ھەقتە ئىككى تۈرلۈك كۆزقاراش زىكىر قىلىنىدۇ: بىرى «‹ئەرجۇلەكۇم – پۇتلىرىڭلار›، ‹ئەيدىيەكۇم – قوللىرىڭلار›غا باغلىنىدۇ، شۇنداقلا تاھارەتتە پۇتلارنى يۇيۇشنىڭ پەرز ئىكەنىلىكىنى كۆرسىتىدۇ» دېگەن كۆزقاراشتۇر. بۇ فەقىھلەرنىڭ ۋە مۇفەسسىرلەرنىڭ كۆپچىلىكىنىڭ كۆزقارىشىدۇر (جۇمھۇرنىڭ كۆزقارىشىدۇر). يەنە بىرى «‹ئەرجۇلەكۇم – پۇتلىرىڭلار›، ‹رۇئۇسىكۇم – بېشىڭلار›غا باغلىنىدۇ ۋە تاھارەتتە ئىككى پۇتقا مەسىھ قىلىش كېرەكلىكىنى كۆرىسىتىدۇ» دېگەن كۆزقاراشتۇر. بۇ شىيئىلەردىن ئىمامىييە مەزھىپىنىڭ كۆزقارىشىدۇر (فەخرۇددىن رازى، مەفاتىھۇل غەيب، 11: 305؛ شەمسۇددىن قۇرتۇبى، ئەلجامىئـ لىئەھكامىل قۇرئان، 6: 91).‏

[2] ‎‏ تاھارەت ئېلىش ياكى غۇسۇل قىلىش ئۈچۈن سۇ تاپالمىساڭلار.‏

[3]   تاھارەتنىڭ ياكى غۇسۇلنىڭ ئورنىغا تەيەممۇم قىلىپ ناماز ئوقۇساڭلار بولىدۇ.‏


مۇسۇلمانلار تورى، ئاللاھ، ئاللا، قۇرئان كەرىم، مۇسۇلمان، مۇسۇلمانلار، قۇرئان، ھەدىس، ئىلىم، دىن، ئۇيغۇر، ئۇيغۇرچە، فېترەت، فىترەت، تەبىئەت، ئادەم، پەيغەمبەر، رەسۇل، نەبى، شېئىر، ئۆلىما، مەزھەپ، پەتىۋا، سۇئال، جاۋاب، ئىلمىي، تەتقىقات، ماقالە، يازمىلار، يازما، ئۇلىنىش، ئالاقىلىشىڭ