مۇسۇلمانلار

ئاياللار ئىش قىلسا بولمامدۇ؟

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
سوئال:
 شىنجاڭ دىيارىدىكى نۇرغۇن ئۇيغۇر ئاياللىرى دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللىندۇ. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئۇلار يولداشلىرى بىلەن ئېتىز – ئېرىقلاردا ئىشلەشكە توغرا كېلدۇ.
يېقىندا مەللىمىزدىكى بىر موللا ئاياللارنىڭ ئېتىز – ئېرىقلارغا چىقىپ ئىشلەش مەجبۇرىيىتى يوق. ئاياللارنىڭ نەپىقىسىنى تۆلەش ئەرلەرنىڭ گەجكىسكە يۈكلەنگەن. شۇنىڭ ئۈچۈن ئاياللار ئېتىز – ئېرىقلاردا ئىشلىمىسە بولىدۇ. ئەرلىرى ئىشلەش بۇيرۇقىنى چۈشۈرگەن تەقدىردىمۇ ئاياللار قۇشۇلسا ئىشلەيدۇ، قۇشۇلمىسا ئېتىز – ئېرىقلارغا چىقىپ ئىشلىمىسە بولىدۇ، دەپ دەرس بەرگەن ئىكەن. سىزدىن سۇراپ باقسام: بۇ ئۇستازنىڭ پەتىۋاسى توغرىمۇ؟ ھۆرمەت بىلەن: ئىنسان.
ۋە ئەلەيكۇم ئەسسەلام
بۇرادەر! سىزنىڭ مۇشۇنداق: «پالانى مۇنداق دەپتىكەن، سىز نېمە دەيسىز؟ پۇستانى ئۇنداق پەتىۋا بېرىپتىكەن، سىز قانداق پەتىۋا بېرىسىز؟» دېگەندەك سۆزلىرىڭىز مېنى ھەقىقەتەن رەنجىتىدۇ. چۈنكى مەن «موللا» لارنىڭ دېگەن سۆزلىرىنى باھالاش ئىشىنى ئەمەس، توغرىلارنى يەتكۈزۈش ئىشىنى قىلىۋاتىمەن.
مەن سىزنى بۇ ھەقتە بىرقانچە قېتىم ئاگاھلاندۇرغان بولساممۇ سىز يەنىلا دىققەت قىلمايۋاتىسىز. بۇ قېتىم سوئالىڭىزغا جاۋاب بېرىمەن، جاۋابتا مەن سىزگە بۇ ھەقتىكى توغرىلارنى دەپ بېرەي، خاتالارنى ئۆزىڭىز چۈشىنىۋېلىڭ. سىزگە يەنە بىر قېتىم ئەسكەرتىپ قويايكى: بۇنىڭدىن كېيىن ئاشۇنداق قاملاشمىغان گەپلەرنى قىلىپ سوئال سورىسىڭىز، ھېچبىر سوئالىڭىزغا جاۋاب بەرمەيمەن.
جاۋاب:
ئاللاھ تەئالا قۇرئان كەرىمدە توي قىلغان ئەر – ئاياللارغا مۇنداق دېگەن:
«ئاياللار بىلەن چىرايلىقچە تىرىكچىلىك قىلىڭلار…»[1].
بۇ يەردىكى «تىرىكچىلىك قىلىڭلار» دېگەن ئىپادىنىڭ ئەرەبچىسى ئاشىرۇ «عاشرو» دۇر. بۇ كەلىمە  «چىرايلىقچە تىىركچىلىك قىلىڭلار» دېگەن بۇيرۇقنى ئەر – ئايال ھەر ئىككىسىنىڭ بەجا كەلتۈرۈشىنىڭ لازىملىقىغا، بۇ بۇيرۇقنى بەجا كەلتۈرۈشتە ئايالغا قارىغاندا ئەرنىڭ بەكراق كۆڭۈل بۆلۈشىنىڭ مۇھىملىقىغا دالالەت قىلىدۇ. چۈنكى بۇ كەلىمە مۇفائەلە بابىدىندۇر. مۇفائەلە بابى، فائىل بىلەن مەفئۇلنىڭ ھەر ئىككىلىسى قىلغان/ قىلىدىغان، لېكىن فائىل كۆپراق قىلغان/ قىلىدىغان بىر ئىشنىڭ قىلىنىشىغا دالالەت قىلىدۇ. «چىرايلىقچە» دەپ تەرجىمە قىلىنغان سۆزنىڭ ئەرەبچىسى بولسا، مەئرۇف «معروف» دۇر. بۇ كەلىمىنىڭ مەناسى «ياخشىلىقى ئەقىل بىلەن ياكى شەرىئەت بىلەن بىلىنگەن ئىش» دېگەن بولىدۇ.– مۇفرەدات ئەلفازىل قۇرئان.
بۇنىڭغا ئاساسەن ئاللاھ تەئالانىڭ: «…ئاياللار بىلەن چىرايلىقچە تىرىكچىلىك قىلىڭلار…» دەپ تەرجىمە قىلىنغان سۆزىنىڭ تەپسىلىي مەناسى: «ئى نىكاھلانغان ئەر – ئايال مۇئمىنلار! ياخشىلىقى ئەقىل بىلەن ياكى شەرىئەت بىلەن بىلىنگەن ئادەت بويىچە ياشاڭلار، بۇنداق ياشاشقا ئەرلەر بەكراق كۆڭۈل بۆلۈڭلار» دېگەن بولىدۇ.
مۇناسىۋەتلىك باشقا ئايەت ۋە ھەدىسلەرنىڭ مەزمۇنىغا ئاساسەن زىممىلىرىگە يۈكلەنگەن ھەق – ھوقۇقلارغا رىئايە قىلمىغان ئەر – خوتۇن، «چىرايلىقچە تىرىكچىلىك» قىلمىغان بولىدۇ. يەنى ئۇنداقلار ئاللاھ تەئالانىڭ يۇقارقى سۆزىگە ئەمەل قىلمىغان بولىدۇ. ئۇ ھەق – ھوقۇقلار ئۈچ تۈرلۈكتۇر:
1ـ ئورتاق ھەق ـ ھوقۇقلار
ئەر – خوتۇن ئوتتۇرىسىدا ئورتاق ھەق – ھوقۇقلار بولۇپ، بۇلارغا ھەر ئىككى تەرەپ ئوخشاشلا رىئايە قىلىشى كېرەك. بۇ ھەقلەر تۆۋەندىكىچە:
ئا- ئەر – خوتۇنلاردىن ھەر بىرى قارشى تەرەپكە ۋاپادار بولۇشى، يەنى چوڭ بولسۇن، كىچىك بولسۇن ھېچقانداق سۆز ۋە ھەرىكەتتە بىر – بىرىگە خىيانەت قىلماسلىقى لازىم. چۈنكى بىر – بىرى بىلەن نىكاھلانغان ئەر – خوتۇن، شېرىكلىشىپ تىجارەت قىلغان ئىككى كىشىگە ئوخشايدۇ.
شىرىكلەر ئوتتۇرىسىدا سەمىمىيەت، راستچىللىق ۋە ئۆزئارا كۆيۈنۈش بولمىسا، شىركەت ۋەيران بولۇپ كەتكەندەك، ۋاپادارلىق، كۆيۈمچانلىق ۋە سەمىمىيلىك ئۈستىگە قۇرۇلمىغان ئائىلىمۇ ۋەيران بولۇپ كېتىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئەر – خوتۇن ئوتتۇرىسىدا ئۆزئارا ئىشەنچ، سەمىمىيلىك، راستچىللىق، ۋاپادارلىق ۋە كۆيۈنۈش قاتارلىقلارنىڭ ھەر دائىم ئەڭ يۇقىرى سەۋىيىدە مەۋجۇت بولۇشى كېرەك.
ب- دوستلۇق ۋە مېھرىبانلىق، يەنى ئەر – خوتۇن بىر – بىرىنى چىن كۆڭلىدىن ياخشى كۆرۈشى، بىر – بىرىگە مېھرىبانلىق قىلىشى، قىسقىسى، «مەن ئۇ، ئۇ مەن» دېگەن كۆز قاراشتا بولۇشى لازىم. تۆۋەندىكى ئايەت ۋە ھەدىس بۇنىڭغا دالالەت قىلىدۇ:
«ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىدىن بىرى شۇكى، ئۇ سىلەرگە، كۆڭلۈڭلارنىڭ ئارام تېپىشى ئۈچۈن ئۆزۈڭلاردىن جۈپتلەر يارىتىپ بەردى، ئاراڭلاردا مېھىر – شەپقەت ئورناتتى. بۇنىڭدا تەپەككۇر قىلىدىغان قەۋم ئۈچۈن ئايەتلەر بار»[2].
 بۇ ھەقتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كىم رەھىم قىلمايدىكەن، ئۇنىڭغا رەھىم قىلىنمايدۇ»[3].
ج- ئىككى تەرەپ، ئوتتۇرىلىرىدا ئەر – خوتۇنلۇق مۇناسىۋەتتىن باشقا دىنى قېرىنداشلىق مۇناسىۋىتىنىڭمۇ بارلىقىنى ئېسىدىن چىقىرىۋەتمەسلىكلىرى كېرەك. يەنى ئەر – خوتۇننىڭ ھەربىرى يەنە بىرىگە «بۇ مېنىڭ ھالال جۈپتۇم» دەپ قاراش بىلەن بىرگە، «بۇ مېنىڭ دىنى قېرىندىشىم» دېگەن چۈشەنچىدىمۇ بولۇشى لازىم. چۈنكى ئاللاھ تەئەلا مۇنداق دېگەن: «مۇئمىنلەر قېرىنداشتۇر»[4]،
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «بىرىڭلار ئۆزىئۈچۈن ياخشى كۆرگەننى، قېرىندىشى ئۈچۈنمۇ ياخشى كۆرمىگىچە مۇئمىن بولالمايدۇ»[5].
دېمەك، ئەر – خوتۇنلۇق مۇناسىۋىتى، دىنى قېرىنداشلىق مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ كۈچلەندۈرۈىدۇ ۋە كۈچلەندۈرۈشى كېرەك.
دئەر – خوتۇنلاربىر – بىرىگە نورمال ئىنسانلارغا قىلىشقا تېگىشلىك بولغان ياخشى مۇئامىلىلەرنى قىلىشلىرى كېرەك. يەنى ئەر – خوتۇنلار بىر – بىرىگە مۇئامىلىسى ياخشى، چىرايى ئوچۇق، گەپ – سۆزى ئېسىل، ئەخلاقى گۈزەل بولۇشى كېرەك. بىر – بىرىنى تەقدىرلىشى ۋەھۆرمەتلىشى لازىم.
ئاللاھ تەئەلانىڭ «ئاياللىرىڭلار بىلەن چىرايلىقچە تىرىكچىلىك قىلىڭلار»[6] دېگەن سۆزى بىلەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: «ئاياللىرىڭلارغا ياخشى مۇئامىلە قىلىڭلار. شۇنداق قىلساڭلار،  ياخشىلىققا ئېرىشىسىلەر»[7] دېگەن ھەدىسى بۇنىڭغا دالالەت قىلىدۇ.
2- ئاياللارنىڭ ئەرلىرى ئۈستىدىكى ھەقلىرى:
ئا- ئەر ئايالىغا ياخشى مۇئامىلە قىلىشى، يېگىنىدىن يىگۈزۈشى، كىيگىنىدىن كىيىندۈرۈشى، ئۇنى ئۇرۇپ – تىللىماسلىقى، تىل ھاقارەت قىلماسلىقى ۋە كەمسىتمەسلىكى لازىم. چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام، «ئاياللىرىمىزنىڭ بىزنىڭ ئۈستىمىزدىكى ھەقلىرى قايسى يا رەسۇلەللاھ؟» دەپ سورىغان بىر كىشىگە مۇنداق دەپ جاۋاب بەرگەن: «ئايالىڭغا يېگىنىڭدىن يېگۈزىسەن، كىيگىنىڭدىن كىيىندۈرىسەن، يۈزىگە ئۇرمايسەن، تىللىمايسەن، ئۇنى ئۆيىدىن چىقىرىۋەتمەيسەن»[8].
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسىلامنىڭ بۇ توغرىدا يەنە مۇنداق ھەدىسلىرىمۇ بار: «دىققەت! ئاياللىرىڭلارنىڭ كىيىم – كېچىكىنى ۋە يېمەك – ئىچمىكىنى ياخشى قىلىپ بېرىڭلار. بۇ ئۇلارنىڭ، سىلەرنىڭ ئۈستۈڭلاردىكى ھەقلىرىدۇر»[9]،
«ھېچبىر مۇئمىن ئەر، ئۆزىنىڭ مۇئمىن ئايالىنى يامان كۆرمىسۇن. ئەگەر ئۇنىڭ بىر خۇيى دېتىغا ياقمىسا، يەنە بىر خۇيى ياقىدۇ ئەمەسمۇ»[10].
ب- ئەر، ئايالىنى دىنى مەجبۇرىيەتلىرىنى ئادا قىلغۇدەك دەرىجىدە دىنى مەلۇماتقا ئىگە قىلىشى كېرەك. چۈنكى ئايال كىشىنىڭ، روھىنى غىزالاندۇرۇشقا بولغان ئېھتىياجى بىلەن بەدىنىنى غىزالاندۇرۇشقا بولغان ئېھتىياجى ئوخشاشتۇر، ھەتتا روھىنى غىزالاندۇرۇشقا بولغان ئېھتىياجى تېخىمۇ زۆرۈردۇر. بەدەن ئاش – تاماق بىلەن، روھ ئىبادەتلەرنى تەلەپكە لايىق ئورۇنداش بىلەن غىزالىنىدۇ. ئاللاھ تەئەلا مۇنداق دەيدۇ: «ئى مۇئمىنلار! سىلەر ئۆزۈڭلارنى ۋە ئائىلەڭلارنى دوزاختىن ساقلاڭلار»[11].
جئەر كىشى، ئايالىنى ئىسلام تەلىماتلىرى ۋە ئىسلام ئەدەپ – ئەخلاقلىرى بىلەن ساقلىشى لازىم. چۈنكى ئاللاھ تەئەلا بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: «ئەرلەر، ئاياللىرىنىڭ ھامىيلىرىدۇر»[12].
بۇئايەتكە ئاساسەن ئايالىنى ئىسلام تەلىماتى بويىچە ساقلىمىغان ئەر، ئۇنىڭغا تەلەپكە لايىق «ھامىي» لىق (قوغدۇغۇچىلىق) قىلمىغان بولىدۇ. تۆۋەندىكى ھەدىسمۇ بۇنى تەكىتلەيدۇ: «ئەر ئائىلىسىگە مەسئۇلدۇر. ئۇ، بۇ مەسئۇللۇقىدىن جاۋاپكارلىققا تارتىلىدۇ»[13].
د- ئەر، ئايالىنىڭ سىرلىرىنى ۋە ئەيىپلىرىنى ئاشكارىلىماسلىقى لازىم. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «قىيامەت كۈنى ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا ئەڭ يامان كۆرۈلىدىغان ئەر، ئايالىنىڭ سىررىنى ئاشكارىلىغان ئەردۇر»[14].
3- ئەرلەرنىڭ  ئاياللىرى ئۈستىدىكى ھەقلىرى:
ئا- گۇناھ بولمايدىغان ئىشلاردا ئايالنىڭ ئېرىگە ئىتائەت قىلىشى كېرەك. چۈنكى ئاللاھ تەئەلا مۇنداق دەيدۇ: «ئەگەر ئاياللىرىڭلار سىلەرگە ئىتائەت قىلسا، ئۇلارنى بوزەك قىلىش خىيالىدا بولماڭلار»[15].
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تۆۋەندىكى ھەدىسلىرى ئايەتتىكى «ئىتائەت» نىڭ گۇناھ بولمايدىغان ئىشلار بىلەن چەكلىك ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ:
«ئىتائەت پەقەتلا توغرا ئىشتا بولىدۇ؛ ئاللاھنىڭ ئالدىدا گۇناھ بولىدىغان ئىشتا ھېچكىمگە ئىتائەت قىلىشقا بولمايدۇ»[16].
ب- ئايالنىڭ، ئېرىنىڭ ئابرويىنى، شەرىپىنى ۋە ئىناۋىتىنى قوغدىشى، ئېرىنىڭ مال – مۈلكىگە، بالىلىرىغا ۋە ئۆي ئىشلىرىغا كۆڭۈل بۆلۈشى كېرەك. چۈنكى ئاللاھ تەئەلا مۇنداق دەيدۇ: «ياخشى ئاياللار ئىتائەت قىلغۇچىلاردۇر، ئەرلىرى يېنىدا بولمىغان چاغلاردا ئەرلىرىنىڭ ھەقلىرىنى ساقلىغۇچىلاردۇر. چۈنكى ئاللاھ تەئەلا ئۇ ئاياللارغا نۇرغۇن ھەق – ھوقۇقلارنى بەردى»[17].
ج- ئايال، ئېرىنىڭ ئۆيىدە ئولتۇرۇشى لازىم. ئەگەر سىرتقا چىقىشقا توغرا كەلسە، ئېرىنىڭ رۇخسىتى ۋە رازىلىقىنى ئېلىش، ئىسلام تەلىماتىغا ئۇيغۇن كىيىنىش، نامەھرەملەرگە تىكىلىپ قارىماسلىق، قولى ۋە تىلى ئارقىلىق ھېچكىمگە ئەزىيەت ۋە زىيان يەتكۈزمەسلىك شەرتى بىلەن چىقىشى لازىم. چۈنكى ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ: «مۇئمىن ئاياللارغا ئېيتقىن: نامەھرەملەرگە تىكىلىپ قارىمىسۇن، ئۇياتلىق يەرلىرىنى ساقلىسۇن، زىننەتلىرىنى ئاشكارىلىمىسۇن…»[19]،
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «قارىساڭ، سېنى خۇشال قىلىدىغان، بىر ئىشقا بۇيرىساڭ ئىتائەت قىلىدىغان، يېنىدا يوق چېغىڭدا ئۆزىنى ۋە مال – مۈلكۈڭنى سەن ئۈچۈن قوغدايدىغان ئايال، ئەڭ خەيرلىك ئايالدۇر»[20].
د- ئايال، ئېرىنىڭ تۇغقانلىرىغا ياخشى مۇئامىلە قىلىشى لازىم. چۈنكى ئايال كىشىنىڭ ئېرىنىڭ توغقانلىرىغا ياخشىلىق قىلىشى، ئۇنىڭ ئېرىگە قىلغان ئەڭ چوڭ ياخشىلىقى بولىدۇ.
خۇلاسە
ئايال كىشى نىكاھلانغاندىن كېيىن ئۇنىڭ بارلىق ئېھتىياجلىرى ئېرى تەرىپىدىن قامدىلىدۇ. يەنى ئايال كىشى توي قىلغاندىن ئېتىبارەن ئۇنىڭ يېمەك – ئىچمىكى، كىيىم – كېچىكى، يېتىپ – قوپىدىغان يېرى ۋە بارلىق تۇرمۇش لازىمەتلىرى ئېرىنىڭ زىممىسىگە يۈكلىنىدۇ. لېكىن بۇ، ئايال كىشى پەقەت ئىش قىلماي تەييارنى يەپ ئۆيدە ياتسۇن ياكى يېتىشى لازىم، دېگەن بولمايدۇ.
دۇنيانىڭ ھەممە يېرىدە ئاياللار ئۆزىگە ئۇيغۇن ئىشلانى قىلىدىغان بىر ئادەت شەكىللەنگەن. مەسىلەن: بەزى جايلاردا ئاياللار ئاش – تاماق ئېتىش، كىر – قات يۇيۇش، ئۆي تازىلىقى ۋەھاكازالار قاتارلىق ئۆي ئىشلىرىنى قىلىدۇ. بەزى جايلاردا ئاياللار ئۆي ئىشلىرىدىن ئېشىنالىسا يولدىشىنىڭ ئىشلىرىغىمۇ ياردەملىشىدۇ. مەسىلەن: دۇكانغا قارىشىپ بېرىدۇ. ئېتىز – ئېرىق ئىشلىرىغا قاملىشىپ بېرىدۇ. ھەتتا بەزى جايلاردا ئېرى بار ئاياللار ئېرىنىڭ رۇخسىتى بىلەن ئۆزىگە ئۇيغۇن ئىش تېپىپ ئىشلەيدۇ ۋە بۇ ئارقىلق ئائىلىسىنىڭ ئىقتىسادى يۈكىنى يەڭگىللىتىدۇ.
دىنىمىز ئەنە شۇ ئادەتلەردىن مەنئى قىلمايدۇ، ئەكسىچە ئەر – خوتۇنلارنى شۇ ئادەت بويىچە تىرىكچىلىك قىلىشقا بۇيرۇيدۇ. نىسا سۈرىسىنىڭ 19- ئايىتىدىكى: «…ئاياللار بىلەن چىرايلىقچە تىرىكچىلىك قىلىڭلار…» دېگەن ئىپادە ۋە يۇقىرىدا زىكىر قىلىنغان ھەدىسلەر بۇنىڭغا دالالەت قىلىدۇ.
مۇسۇلمان ئاياللار، ساھابە ئاياللارنى ئۆزلىرىگە ئۈلگە قىلىشلىرى كېرەك. ھېچبىر ئايال ساھابە «مېنىڭ بارلىق چىقىمىم ئېرىمنىڭ زىممىسىگە يۈكلەنگەن» دەپ ئۆيىدە بىكار ياتمىغان، شۇنداقلا تۇرمۇشتا ئۆزلىرى قىلالايدىغان ئىشلارنى قىلىشتىن باش تارتمىغان. مەسىلەن:
مۇناسىۋەتلىك رىۋايەتلەردە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قىزى فاتىمە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ يارغۇنچاقتا ئۇن تارتىپ قوللىرىنىڭ قاپىرىپ كەتكەنلىكى، ئەسما بىنتى ئەبى بەكىر رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ ئېتىزلىقتىن ئوت – چۆپ ئەكىلىپ ئېرىنىڭ ئات ۋە تۆگىلىرىنى باققانلىقى،… كۆزگە چېلىقىدۇ.
ئەگەر يۇقىرىدىكى سوئالدا «ئەرلىرى ئىشلەش بۇيرۇقىنى چۈشۈرگەن تەقدىردىمۇ ئاياللار قۇشۇلسا ئىشلەيدۇ، قۇشۇلمىسا ئېتىز – ئېرىقلارغا چىقىپ ئىشلىمىسە بولىدۇ» دەپ ئىپادىلەنگەن بويىچە بىر ئايال ئېتىزلىقتا ئىش قىلىش ئۈچۈن ماڭغان ئېرىگە «مېنىڭ چىقىمىم ساڭا يۈكلەنگەن، شۇڭا مەن ئۆيدە ياتىمەن، سەن ئىشلەپ كەل» دېسە، بۇ ئۆرپ – ئادەتكە، ئىنسانىي ئەخلاققا، بولۇپمۇ «ياخشىلىق بىلەن تىرىكچىلىك قىلىش» پرىنسىپىغا ئۇيغۇن كېلەمدۇ؟
«ئايال كىشىنىڭ گۇناھ بولمايدىغان ئىشلاردا ئېرىگە ئىتائەت قىلىشى» ئېرىنىڭ شۇ ئايال ئۈستىدىكى بىر ھەققى تۇرسا، ئۇ ئايال بۇ ھەقنى مۇشۇنداق يەردە ئادا قىلمامدۇ؟ ئېتىزلىقتا ئىشلەش گۇناھمۇ؟ دۇكاندا ئېرىگە ياردەملىشىش گۇناھمۇ؟
ئېرى ئېتىزلىققا ئىشلىگىلى ماڭغان بىر ئايال ئېتىزلىقتا لازىم بولىدىغان نەرسىلەرنى ئېلىپ ئېرىنىڭ ئارقىسىدىن مېڭىشنىڭ ئورنىغا «مېنىڭ چىقىمىم ساڭا يۈكلەنگەن، شۇڭا مەن ئۆيدە ياتىمەن، سەن ئىشلەپ كەل» دېسە، بۇ ئەر – خوتۇنلۇق تۇرمۇشنىڭ داۋام قىلىشى مۇمكىنمۇ؟ بۇ، «چىرايلىقچە تىرىكچىلىك قىلىش» بولامدۇ؟ ياكى ئېرىگە ئىتائەت قىلمىغانلىق بولامدۇ؟
مۇۋەپپەقىيەت ئاللاھدىندۇر
—————————————————————————————————
[1]– نىسا 4/19.
[2]– رۇم 30/21.

[3]– بۇخارى رىۋايەت قىلغان.

[4]– ھوجۇرات 49/10.

[5]– بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

[6]– نىسا 4/19.

[7]– مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

[8]– ئەبۇ داۋۇدرىۋايەت قىلغان.

[9]– تىرمىزى رىۋايەت قىلغان.

[10]– مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

[11]– تەھرىم 66/6.

[12]– نىسا 4/34.

[13]– بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

[14]– بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

[15]– نىسا 4/34.

[16]– مۇسلىم، ئەبۇ داۋۇد، نەسەئى ۋەئىبنى ماجە رىۋايەت قىلغان.

[17]– نىسا 4//34.
[18]– نۇر 24/31.

[19]– بۇ ھەدىس، مىشكاتۇلمەسابىھتا رىۋايەت قىلىنغان بولۇپ، شەيخئەلبانىي سەھىھلىكىنى ئېنىقىلغان.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر