باش بەت > قۇرئان تەتقىقاتلىرى  يوللىغۇچى: ، ۋاقتى:

ب-بەدر ئۇرۇشىدىن بۇرۇنقى مەككە

نۇھ توپانىدىن كېيىن كەبىنى قايتا قۇرغان ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامغا ئاللاھ تائالا مۇنداق بۇيرۇق بەردى:

﴿وَأَذِّن فِي النَّاسِ بِالْحَجِّ يَأْتُوكَ رِجَالًا وَعَلَى كُلِّ ضَامِرٍ يَأْتِينَ مِن كُلِّ فَجٍّ عَمِيقٍ. لِيَشْهَدُوا مَنَافِعَ لَهُمْ وَيَذْكُرُوا اسْمَ اللَّهِ فِي أَيَّامٍ مَّعْلُومَاتٍ عَلَى مَا رَزَقَهُم مِّن بَهِيمَةِ الْأَنْعَامِ فَكُلُوا مِنْهَا وَأَطْعِمُوا الْبَائِسَ الْفَقِيرَ﴾

«ئىنسانلارنىڭ ئىچىدە ھەجنى ئېلان قىلغىن. ئۇلار يېنىڭغا پىيادىمۇ كېلىدۇ، چوڭقۇر ۋە كەڭ يوللاردىن كەلگەن ئورۇق ئۇلاغلار ئۈستىدىمۇ كېلىدۇ.‏ ئۇلار مەنپەئەتلىرىنى كۆرسۇن، ئاللاھ رىزىق قىلىپ بەرگەن تۆگە، كالا، قوي ۋە ئۆچكىلەردىن ئىبارەت بولغان ھايۋانلاردىن مەلۇم كۈنلەردە بىسمىللاھ دەپ قۇربانلىق قىلسۇن. ئى قۇربانلىق قىلغۇچىلار! قۇربانلىقىڭلاردىن ئۆزۈڭلارمۇ يەڭلار، موھتاجلارغىمۇ يېگۈزۈڭلار»-(22-سۈرە ھەج، 28- ئايەت).

ئۇ ۋاقىتتا، ئىبراھىم ئەلەيھىسسالاممۇ ئاللاھتىن تۆۋەندىكىلەرنى تەلەپ قىلدى:

﴿وَإِذْ قَالَ إِبْرَاهِيمُ رَبِّ اجْعَلْ هَذَا بَلَدًا آمِنًا وَارْزُقْ أَهْلَهُ مِنَ الثَّمَرَاتِ مَنْ آمَنَ مِنْهُم بِاللّهِ وَالْيَوْمِ الآخِرِ قَالَ وَمَن كَفَرَ فَأُمَتِّعُهُ قَلِيلاً ثُمَّ أَضْطَرُّهُ إِلَى عَذَابِ النَّارِ وَبِئْسَ الْمَصِيرُ﴾

«ئۇ چاغدا ئىبراھىم: «رەببىم! بۇ يەرنى تىنچ شەھەر قىلغىن. بۇ يەرنىڭ ئاھالىسىدىن ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىشەنگەنلەرگە مېۋىلەردىن (خىلمۇخىل مەھسۇلاتلاردىن) رىزىق بەرگىن» دەپ دۇئا قىلغان ئىدى. رەببى: «ئۇلاردىن كافىر بولغانلارنىمۇ ئازراق ۋاقىت مەنپەئەتلەندۈرىمەن، ئاندىن كېيىن ئۇلارنى دوزاخ ئازابىغا ھەيدەيمەن. بۇ ئاقىۋەت نېمىدېگەن يامان!» دېدى»-(2-سۈرە بەقەرە، 126- ئايەت).

شۇنىڭدىن كېيىن ، مەككە دۇنيادىكى ئەڭ بىخەتەر شەھەر بولۇپ كەلدى. ھەج ۋە ئۆمرەگە كەلگەنلەر، قۇربانلىق قىلغان ۋە ئۇ يەردە ئېچىلغان كۆرگەزمە ۋە يەرمەنكىلەرگە قاتناشقانلار ئۇنى ناھايىتى ئاكتىپ شەھەرگە ئايلاندۇرغان ئىدى. بۇمۇ مەككىلىكلەرگە كاتتا  ئېتىبار ئېلىپ كەلگەن ئىدى. مەككىلىكلەر مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاللاھنىڭ ئەلچىسى ئىكەنلىكىنى چۈشەنگەن بولسىمۇ، ئۇنىڭ نۇتۇقلىرى «ئىززەت-ھۆرمىتىمىزنى يوقىتىدۇ» دەپ ئويلىغان ئۇنىڭغا قارشى تۇرغان ئىدى.

بۇنى تۆۋەندىكى ئايەتتىن بىلەلەيمىز:

﴿وَقَالُوا إِن نَّتَّبِعِ الْهُدَى مَعَكَ نُتَخَطَّفْ مِنْ أَرْضِنَا …﴾

«ئۇلار: «بىز سەن بىلەن بىرلىكتە ھىدايەتكە ئەگەشسەك، يۇرتىمىزدىن ھەيدەپ چىقىرىلىمىز» دېدى…»-(‏28-سۈرە قەسەس، 57- ئايەت).

1- مەككىنىڭ قولدىن كېتىدىغانلىقى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرۇش

مۇشرىكلار ئېتىبارىنى يوقىتىشتىن ئەنسىرەپ نەبىمىزدىن ۋە مۇئمىنلەردىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن بېسىمنى ئاشۇرغاندا تۆۋەندىكى ئايەتلەر نازىل بولدى:

﴿وَإِن كَادُواْ لَيَسْتَفِزُّونَكَ مِنَ الأَرْضِ لِيُخْرِجوكَ مِنْهَا وَإِذًا لاَّ يَلْبَثُونَ خِلافَكَ إِلاَّ قَلِيلاً . سُنَّةَ مَن قَدْ أَرْسَلْنَا قَبْلَكَ مِن رُّسُلِنَا وَلاَ تَجِدُ لِسُنَّتِنَا تَحْوِيلاً ﴾

«ئۇلار يېقىندا سېنى يۇرتۇڭدىن چىقىپ كېتىشكە زورلايدۇ. ئۇنداق بولغاندا ئۇلار سەندىن كېيىن ئۇ يەردە بەك ئاز تۇرالايدۇ.‏ بۇ سەندىن ئىلگىرىكى ئەلچىلىرىمىز ئۈچۈن ئادەت بولۇپ كەلگەن قانۇندۇر. سەن بىزنىڭ بۇ قانۇنىمىزنىڭ ئۆزگەرگەنلىكىنى كۆرەلمەيسەن»-(‏17-سۈرە ئىسرا، 76-77- ئايەتلەر).

مەككىدە نازىل بولغان تۆۋەندىكى ئايەتلەردە ئۇ يەرنىڭ، مۇسۇلمانلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا ئۆتىدىغانلىقى ئېلان قىلىندى:

إِنَّ مَا تُوعَدُونَ لآتٍ وَمَا أَنتُم بِمُعْجِزِينَ . قُلْ يَا قَوْمِ اعْمَلُواْ عَلَى مَكَانَتِكُمْ إِنِّي عَامِلٌ فَسَوْفَ تَعْلَمُونَ مَن تَكُونُ لَهُ عَاقِبَةُ الدِّارِ إِنَّهُ لاَ يُفْلِحُ الظَّالِمُونَ

«بېشىڭلارغا كېلىشى ۋەدە قىلىنغان نەرسە چوقۇم كېلىدۇ. سىلەر ئۇنىڭدىن قېچىپ قۇتۇلالمايسىلەر.‏ ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى: «ئى قەۋمىم! قولۇڭلاردىن كەلگەننى قىلىڭلار. مەنمۇ قىلىمەن. بۇ دۇنيا يۇرتىنىڭ ئاقىۋىتى كىمگە پايدىلىق بولىدىغانلىقىنى يېقىندا بىلىسىلەر. زالىملار ھەرگىزمۇ مۇرادىغا يېتەلمەيدۇ»- (6-سۈرە ئەنئام، 134-135- ئايەتلەر).

2 – پارىسلارنىڭ رىملىقلارنى يېڭىشى

بېسىم ئېشىۋاتقان بىر مەزگىلدە پارىسلارنىڭ رىملىقلاردىن غەلبە قىلغانلىق خەۋىرى تارقالدى. ئۇ ۋاقىتتا تۆۋەندىكى ئايەتلەر نازىل بولدى:

ا لم. غُلِبَتِ الرُّوم. فِي أَدْنَى الْأَرْضِ وَهُم مِّن بَعْدِ غَلَبِهِمْ سَيَغْلِبُونَ. فِي بِضْعِ سِنِينَ لِلَّهِ الْأَمْرُ مِن قَبْلُ وَمِن بَعْدُ وَيَوْمَئِذٍ يَفْرَحُ الْمُؤْمِنُونَ. بِنَصْرِ اللَّهِ يَنصُرُ مَن يَشَاء وَهُوَ الْعَزِيزُ الرَّحِيمُ وَعْدَ اللَّهِ لَا يُخْلِفُ اللَّهُ وَعْدَهُ وَلَكِنَّ أَكْثَرَ النَّاسِ لَا يَعْلَمُونَ

« ئەلىف، لام، مىم.‏  رۇملۇقلار مەغلۇب بولدى،‏ ئەڭ يېقىن يەردە. ئۇلار بۇ مەغلۇبىيىتىدىن كېيىن يېقىندا غالىب كېلىدۇ،‏  بىرقانچە يىل ئىچىدە. ئىشلار باشتىن-ئاخىر ئاللاھنىڭ ئەمرى بويىچە بولىدۇ. ئەنە شۇ كۈنى مۇئمىنلارمۇ خۇشال بولىدۇ، ئاللاھنىڭ نۇسرەت ئاتا قىلىشى بىلەن. ئاللاھ خالىغان كىشىگە نۇسرەت ئاتا قىلىدۇ. ئاللاھ ئەزىزدۇر، كۆپ ئىنئام قىلغۇچىدۇر. بۇنى ئاللاھ ۋەدە قىلدى. ئاللاھ ۋەدىسىگە خىلاپلىق قىلمايدۇ. لېكىن ئىنسانلارنىڭ تولىسى بىلمەيدۇ»-(‏30-سۈرە رۇم، 1-6- ئايەتلەر).

بۇ ئايەتلەرنى ئالدىنقى ئايەتلەر بىلەن بىرلىكتە چۈشەنگەندە ئەقىلگە كېلىدىغان تۇنجى ئىش شۇكى، مۇسۇلمانلار بىر قانچە يىل ئىچىدە مەككىنى قولغا ئالىدۇ. بۇ خەۋەرنىڭ مەككىلىكلەرنى ئەندىشىگە سالغىنى ئېنىق. شۇڭلاشقا، ئۇلارنىڭ قىلىدىغان ئىشى مۇسۇلمانلاردىن پۈتۈنلەي قۇتۇلۇشنىڭ يوللىرىنى ئىزدەش.

ئەنئەنىۋى تەقدىر ئېتىقادى، ئىمتىھاننىڭ جىھاد ۋە سەۋر ئىمتىھانى ئىكەنلىكىنى ئۇنۇتتۇرۇپ، زېھىنلەرگە ئۇنى پەقەت بىر «نەزەرىيە» ئىمتىھانىدەك يەرلەشتۈرگەنلىكى ئۈچۈن ئۇنىڭغا ئىشەنگەنلەر، كەلگۈسىدىن خەۋەر بېرىدىغان ئايەتلەرنى، ئۆزلىرىگە دەلىل قىلىشقا تىرىشىدۇ. ھالبۇكى، ئۇ ئايەتلەرنىڭ ھەر بىرى بىرەر ئىمتىھان سۇئالىغا ئوخشايدۇ. تۆۋەندە كۆرىدىغىنىمىزدەك، بەدىر ئۇرۇشىدىكى مۇسۇلمانلار مەككىنى ئالالمىدى، چۈنكى ئۇلار ئاللاھ بەلگىلىگەن ئۇرۇش ئۆلچىمىگە يەنى تەقدىرىگە بويسۇنۇش ئۈچۈن يېتەرلىك سەۋر ۋە تىرىشچانلىق كۆرسەتمىدى. شۇنداق بولسىمۇ ئۇلار پەقەت ئاللاھ ياردەم بېرىشكە ۋەدە بەرگەنلىكى ئۈچۈنلا بۇ ئۇرۇشتا غەلىبە قىلالىدى. بولمىسا مەغلۇپ بولاتتى. يەنى ئۇلار ئۇرۇشتا غەلىبە قىلدى، ئەمما سىناقتا مەغلۇپ بولدى.

3 – ئۇرۇش قانۇنىغا ئائىت ئايەتلەر

مەككە مۇشرىكلىرىنىڭ كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان بېسىمى پەيغەمبىرىمىزنى ۋە ئۇنىڭغا ئىشەنگەنلەرنى مەدىنىگە كۆچۈشكە مەجبۇر قىلدى. ئاللاھ ئۇلارنىڭ مەككىنى قولغا ئېلىشىنى تەلەپ قىلغانلىقى ئۈچۈن مەدىنىدە، ئۇرۇش قانۇنى ھەققىدە تۆۋەندىكى ئايەتلەرنى نازىل قىلدى:

﴿يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُواْ إِذَا لَقِيتُمُ الَّذِينَ كَفَرُواْ زَحْفاً فَلاَ تُوَلُّوهُمُ الأَدْبَارَ.وَمَن يُوَلِّهِمْ يَوْمَئِذٍ دُبُرَهُ إِلاَّ مُتَحَرِّفاً لِّقِتَالٍ أَوْ مُتَحَيِّزاً إِلَى فِئَةٍ فَقَدْ بَاء بِغَضَبٍ مِّنَ اللّهِ وَمَأْوَاهُ جَهَنَّمُ وَبِئْسَ الْمَصِيرُ﴾

«ئى مۇئمىنلار! كافىرلار قوشۇنى بىلەن توقۇنۇشقان چېغىڭلاردا، ئۇلارغا ئارقاڭلارنى قىلماڭلار. كىم ئۇ كۈندە ئۇلارغا ئارقىسىنى قىلسا- ئۇرۇش تاكتىكىسىغا ئاساسەن يەر ئالماشتۇرغۇچى ياكى باشقا بىر قىسىمغا قوشۇلغۇچى بۇنىڭدىن مۇستەسنا-، ئۇ ئەلۋەتتە ئاللاھ تەرىپىدىن غەزەپكە ئۇچرايدۇ. ئۇلارنىڭ ئورنى جەھەننەمدۇر. ئۇ نېمىدېگەن يامان جاي!‏»-(‏8-سۈرە ئەنفال، 15- 16-ئايەتلەر).

﴿فَإِمَّا تَثْقَفَنَّهُمْ فِي الْحَرْبِ فَشَرِّدْ بِهِم مَّنْ خَلْفَهُمْ لَعَلَّهُمْ يَذَّكَّرُونَ﴾

«شۇڭا ئەگەر ئۇلارنى ئۇرۇشتا تۇتۇۋالساڭ، ئۇلارنى ئارقىلىرىدىكىلەر ئۈركۈپ قاچقۇدەك شەكىلدە جازالىغىن، ئويلىنىشى مۇمكىن»-(‏8-سۈرە ئەنفال، 57- ئايەت).

﴿يَا أَيُّهَا النَّبِيُّ حَرِّضِ الْمُؤْمِنِينَ عَلَى الْقِتَالِ إِن يَكُن مِّنكُمْ عِشْرُونَ صَابِرُونَ يَغْلِبُواْ مِئَتَيْنِ وَإِن يَكُن مِّنكُم مِّئَةٌ يَغْلِبُواْ أَلْفًا مِّنَ الَّذِينَ كَفَرُواْ بِأَنَّهُمْ قَوْمٌ لاَّ يَفْقَهُونَ﴾

«ئى نەبىي! مۇئمىنلارنى ئۇرۇش قىلىشقا تەرغىب قىلغىن. ئەگەر سىلەردىن سەۋرلىك يىگىرمە كىشى بولسا، ئىككى يۈز كافىرنى يېڭىدۇ. ئەگەر سىلەردىن يۈز كىشى بولسا، مىڭ كافىرنى يېڭىدۇ. چۈنكى ئۇلار چۈشەنمەيدىغان قەۋمدۇر»-(8-سۈرە ئەنفال، 65- ئايەت).

﴿فَإِذا لَقِيتُمُ الَّذِينَ كَفَرُوا فَضَرْبَ الرِّقَابِ حَتَّى إِذَا أَثْخَنتُمُوهُمْ فَشُدُّوا الْوَثَاقَ فَإِمَّا مَنًّا بَعْدُ وَإِمَّا فِدَاء حَتَّى تَضَعَ الْحَرْبُ أَوْزَارَهَا ذَلِكَ وَلَوْ يَشَاء اللَّهُ لَانتَصَرَ مِنْهُمْ وَلَكِن لِّيَبْلُوَ بَعْضَكُم بِبَعْضٍ وَالَّذِينَ قُتِلُوا فِي سَبِيلِ اللَّهِ فَلَن يُضِلَّ أَعْمَالَهُمْ﴾

«جەڭ مەيدانىدا كافىرلار بىلەن ئۇرۇش قىلغان چېغىڭلاردا ئۇلارنى قىرىپ تاشلاڭلار. ئاخىرى ئۇلارنى يېڭىپ، قارشىلىق كۆرسىتەلمەيدىغان ھالەتكە كەلتۈرگەن چېغىڭلاردا ئۇلارنى ئەسىر ئېلىپ چىڭ تۇتۇڭلار. ئاندىن ئۇلارنى يا بەدەلسىز قويۇپ بېرىڭلار ياكى فىديە ئېلىپ قويۇپ بېرىڭلار. ئۇرۇش ئۆزىنىڭ ئېغىر يۈكلىرىنى تاشلىغانغا قەدەر شۇنداق قىلىڭلار. بۇ ئىش مانا مۇشۇنداقتۇر. ئەگەر ئاللاھ خالىسا ئىدى، ئۇلاردىن ئىنتىقام ئالاتتى. لېكىن ئاللاھ بەزىڭلارنى بەزىڭلار بىلەن سىنايدۇ. ئاللاھ يولىدا ئۆلتۈرۈلگەنلەرگە كەلسەك، ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئەمەللىرىنى ھەرگىزمۇ بىكار قىلىۋەتمەيدۇ»-(47-سۈرە مۇھەممەد، 4- ئايەت).

مانا بۇلارنىڭ ھەممىسى، ئاللاھ ئۇرۇش ئۈچۈن بەلگىلىگەن تەقدىر يەنى قورال (پرىنسىپ)لاردۇر. ئەگەر مۇسۇلمانلار بۈگۈنمۇ بۇ قوراللارغا ئەمەل قىلمىسا، كىرگەن ھەر قانداق ئۇرۇشتا مەغلۇپ بولىدۇ.

4 – بەدىر جېڭىنىڭ ئاياق تىۋىشلىرى

مەككىنىڭ ھۆكۈمرانلىرى بولغان قۇرەيشلەر، تىجارەت ئۈچۈن قىشتا يەمەن ۋە ھەبەشىستانغا، يازدا پەلەستىن، دەمەشىق، مىسىر ۋە ئىراققا باراتتى[1]. ئۇلارنىڭ ئىسمى بىلەن ئاتالغان تۆۋەندىكى سۈرە ئۇلارنىڭ، سودا ۋە باشقا تەرەپلەردە نوپۇزلۇق ئورۇندا ۋە تۇلۇق خاتىرجەملىك ئىچىدە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ:

لِإِيلَافِ قُرَيْشٍ. إِيلَافِهِمْ رِحْلَةَ الشِّتَاء وَالصَّيْفِ. فَلْيَعْبُدُوا رَبَّ هَذَا الْبَيْتِ الَّذِي أَطْعَمَهُم مِّن جُوعٍ وَآمَنَهُم مِّنْ خَوْفٍ 

«قۇرەيش قىزغىن مۇئامىلە كۆرگەنلىكى ئۈچۈن، ئۇلار قىش ۋە ياز سەپەرلىرىدە قىزغىن مۇئامىلە كۆرگەنلىكى ئۈچۈن، شۇ ئۆينىڭ رەببىگە ئىبادەت قىلسۇن، ئۇ ئۇلارغا تاماق بېرىپ ئاچلىقتىن، خاتىرجەم قىلىپ قورقۇنچتىن ساقلىغان زاتتۇر»-(‏106-سۈرە قۇرەيش، 1-4- ئايەتلەر).

قۇرەيش، بىخەتەر ئىدى لېكىن ئەتراپىدا بىخەتەرلىك يوقتى. بۇنىمۇ تۆۋەندىكى ئايەتتىن ئۆگىنەلەيمىز:

﴿أَوَلَمْ يَرَوْا أَنَّا جَعَلْنَا حَرَمًا آمِنًا وَيُتَخَطَّفُ النَّاسُ مِنْ حَوْلِهِمْ أَفَبِالْبَاطِلِ يُؤْمِنُونَ وَبِنِعْمَةِ اللَّهِ يَكْفُرُونَ﴾

«ئۇلار بىزنىڭ مەككىنى ھۆرمەتلىك ۋە بىخەتەر شەھەر قىلغانلىقىمىزنى كۆرمىدىمۇ؟ ھالبۇكى، ئۇلارنىڭ ئەتراپىدا ياشايدىغان ئىنسانلار تۇتۇلۇپ ئەسىر ئېلىنىۋاتىدۇ. ئۇلار يەنىلا باتىلغا ئىشىنىپ، ئاللاھنىڭ نېمەتلىرىگە تۇزكورلۇق قىلامدۇ؟»-(29-سۈرە ئەنكەبۇت، 67- ئايەت).

1000 تۆگىدىن تەركىپ تاپقان قۇرەيشكە تەۋە چوڭ بىر سودا كارۋىنى ئەبۇ سۇفياننىڭ باشچىلىقىدا سۈرىيەدىن كەلگەندە، پارسلار بىلەن رىملىقلارنىڭ ئۇرۇش قىلىدىغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەر تارقالدى[2]. رۇم سۈرىسىنىڭ، 1~6-ئايەتلىرىگە قارىغاندا، رىملىقلار ئۇرۇشتا غەلىبە قىلىدۇ، ئۇ كۈنى مۇسۇلمانلار ئاللاھنىڭ ياردىمى بىلەن خۇشال بولىدۇ. مەككىلىكلەر بولسا، ئۆز تارىخىدا تۇنجى قېتىم غايەت زور بىخەتەرلىك مەسىلىسىگە دۇچ كەلدى. كارۋان، ھەتتا مەككىمۇ ئۇلارنىڭ قولىدىن كېتىشى مۇمكىن ئىدى. خەلقنىڭ ئاۋاز قوشۇشى بىلەن ئۇلار ناھايىتى تېزلا چوڭ قوشۇن تەييارلاپ يولغا سالدى. مۇسۇلمانلارنىڭ بۇ قۇشۇندىن خەۋىرى يوقتى. ئۇلار، ئاللاھنىڭ ئۆزلىرىگە ئۇ كارۋاننى بېرىشىنى ئۈمىد قىلىپ يولغا چىققان ئىدى، ئويلىمىغان يەردىن ئۇ قوشۇن بىلەن ئۇچرىشىپ قالدى. بۇنى تۆۋەندىكى ئايەتتىن ئۆگىنىمىز:

﴿إِذْ أَنتُم بِالْعُدْوَةِ الدُّنْيَا وَهُم بِالْعُدْوَةِ الْقُصْوَى وَالرَّكْبُ أَسْفَلَ مِنكُمْ وَلَوْ تَوَاعَدتَّمْ لاَخْتَلَفْتُمْ فِي الْمِيعَادِ وَلَكِن لِّيَقْضِيَ اللّهُ أَمْراً كَانَ مَفْعُولاً لِّيَهْلِكَ مَنْ هَلَكَ عَن بَيِّنَةٍ وَيَحْيَى مَنْ حَيَّ عَن بَيِّنَةٍ وَإِنَّ اللّهَ لَسَمِيعٌ عَلِيمٌ﴾

«ئۇ كۈنى سىلەر ۋادىنىڭ مەدىنىگە يېقىن بويىدا ئىدىڭلار، ئۇلار يىراق بويىدا ئىدى، سودا كارۋىنى بولسا، تۆۋەن تەرىپىڭلاردا ئىدى. ئەگەر ۋەدىلەشكەن بولساڭلارمۇ، ئۇلار بىلەن بۇ شەكىلدە ئۇچرىشالمايتتىڭلار. لېكىن ئاللاھ قىلىنىشقا تېگىشلىك ئىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن سىلەرنى مۇشۇنداق ئۇچراشتۇردى. بۇ ھالاك بولغان كىشىنىڭ روشەن دەلىلنى كۆرۈپ ھالاك بولۇشى، ھاياتتا قالغان كىشىنىڭمۇ روشەن دەلىلنى كۆرۈپ ھاياتتا قېلىشى ئۈچۈن ئىدى. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، بىلىپ تۇرغۇچىدۇر»-(8-سۈرە ئەنفال، 42- ئايەت).

بەدىر، مەدىنەنىڭ غەربىي جەنۇبىغا 160 كىلومىتىر، قىزىل دېڭىزدىن 30 كىلومىتىر يىراقلىقتا، مەدىنە – مەككە يولىنىڭ سۈرىيە كارۋان يولى بىلەن كېسىشكەن يەرگە جايلاشقان كىچىك بىر شەھەر ئىدى. ئەبۇ سۇفيان كارۋاننىڭ پىستىرمىغا ئۇچراپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، بەدىردىن يىراق ۋە ئاز قوللىنىلىدىغان دېڭىز بويى يولىنى بويلاپ كېتىۋاتاتتى[3].

كارۋاننىڭ، مۇسۇلمانلارنىڭ تۆۋەن تەرىپىدە بولۇشىنىڭ سەۋەبى بۇ ئىدى. ئىككى قوشۇننىڭ بەدىردە ئۇچرىشىشى بولسا، ھەر ئىككىسىنىڭلا سۈرىيەدىن كېلىدىغان سودا كارۋىنى ئۈچۈن يولغا چىققانلىقىنىڭ روشەن دەلىلى.

5 – مۇسۇلمانلار ئۇرۇشنى خالىمىغان

ئاللاھ مۇسۇلمانلارنى ئۇرۇشقا تەييارلىنىشقا بۇيرىدى، ئۇرۇش قانۇنىغا مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەرنى نازىل قىلدى ۋە رۇم سۈرىسىنىڭ 1~6-ئايەتلىرىدە ياردەم بېرىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلغان كۈندە ئۇلارنى مەككە قۇشۇنى بىلەن ئۇچراشتۇرغان ئىدى. بۇ ئەھۋالدا ئاللاھ، يا ۋادىنىڭ يۇقىرى تەرىپىدىكى قوشۇننى مەغلۇپ قىلىپ، ئۇلارغا مەككىنى بېرىدۇ ياكى تۆۋەن تەرەپتىكى كارۋاننى بېرىپ، ئۆزلىرىنى كۆچۈشكە مەجبۇر قىلغان مۇشرىكلاردىن ئىنتىقام ئېلىپ بېرىدۇ. ئاللاھ مۇسۇلمانلارنىڭ جەڭ قىلىپ مەككىنى قولغا ئېلىشىنى خالايتتى. بۇنى تۆۋەندىكى ئايەتتىن كۆرۈۋالالايمىز:

﴿وَإِن كَادُواْ لَيَسْتَفِزُّونَكَ مِنَ الأَرْضِ لِيُخْرِجوكَ مِنْهَا وَإِذًا لاَّ يَلْبَثُونَ خِلافَكَ إِلاَّ قَلِيلاً سُنَّةَ مَن قَدْ أَرْسَلْنَا قَبْلَكَ مِن رُّسُلِنَا وَلاَ تَجِدُ لِسُنَّتِنَا تَحْوِيلاً﴾

«ئۇلار يېقىندا سېنى يۇرتۇڭدىن چىقىپ كېتىشكە زورلايدۇ. ئۇنداق بولغاندا ئۇلار سەندىن كېيىن ئۇ يەردە بەك ئاز تۇرالايدۇ.‏ بۇ سەندىن ئىلگىرىكى ئەلچىلىرىمىز ئۈچۈن ئادەت بولۇپ كەلگەن قانۇندۇر. سەن بىزنىڭ بۇ قانۇنىمىزنىڭ ئۆزگەرگەنلىكىنى كۆرەلمەيسەن»-(17-سۈرە ئىسرا، 76-77- ئايەتلەر).

وَإِذْ يَعِدُكُمُ اللّهُ إِحْدَى الطَّائِفَتِيْنِ أَنَّهَا لَكُمْ وَتَوَدُّونَ أَنَّ غَيْرَ ذَاتِ الشَّوْكَةِ تَكُونُ لَكُمْ وَيُرِيدُ اللّهُ أَن يُحِقَّ الحَقَّ بِكَلِمَاتِهِ وَيَقْطَعَ دَابِرَ الْكَافِرِينَ. لِيُحِقَّ الْحَقَّ وَيُبْطِلَ الْبَاطِلَ وَلَوْ كَرِهَ الْمُجْرِمُونَ. 

«ئاللاھ سىلەرگە ئۇ ئىككى گۇرۇھتىن بىرىنى، «ئۇ چوقۇم سىلەرنىڭ بولىدۇ» دەپ ۋەدە قىلاتتى. سىلەر قورال-ياراغسىز ۋە كۈچ-قۇۋۋەتسىز بولغىنىنىڭ سىلەرنىڭ بولۇشىنى ئارزۇ قىلاتتىڭلار. ئاللاھ سۆزلىرى بىلەن ھەقنى ئۈستۈن قىلىشنى ۋە كافىرلارنىڭ يىلتىزىنى قۇرۇتۇشنى ئىرادە قىلاتتى.‏ بۇ ئاللاھنىڭ گۇناھكارلار خالىمىسىمۇ ھەقنى ئۈستۈن، باتىلنى بەربات قىلىشى ئۈچۈن ئىدى»- (8-سۈرە ئەنفال، 7-8- ئايەتلەر).

ئاللاھ مۇسۇلمانلارنىڭ ئۇرۇشۇپ مەككىنى قولغا ئېلىشىنى ئىرادە قىلدى، ئەمما ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ھەتتا كارۋاننى تەقىب قىلىشتىنمۇ قورقاتتى. بۇنى تۆۋەندىكى ئايەتلەردىن ئۆگىنىمىز:

كَمَا أَخْرَجَكَ رَبُّكَ مِن بَيْتِكَ بِالْحَقِّ وَإِنَّ فَرِيقاً مِّنَ الْمُؤْمِنِينَ لَكَارِهُونَ. يُجَادِلُونَكَ فِي الْحَقِّ بَعْدَمَا تَبَيَّنَ كَأَنَّمَا يُسَاقُونَ إِلَى الْمَوْتِ وَهُمْ يَنظُرُونَ .

«رەببىڭ سېنى ھەق ئۈچۈن ئۆيۈڭدىن چىقارغاندىمۇ ئەھۋال شۇنداق بولغان. ئۇ چاغدىمۇ مۇئمىنلاردىن بىر گۇرۇھ ھېچ مەمنۇن ئەمەس ئىدى. ئۇلار ھەق ئېنىق ئوتتۇرىغا چىققاندىن كېيىن خۇددى كۆرۈپ تۇرۇپ ئۆلۈمگە ھەيدىلىۋاتقاندەك سەن بىلەن ئۇ ھەق توغرىسىدا مۇنازىرىلىشەتتى»- (8-سۈرە ئەنفال، 5-6- ئايەتلەر).

«رەببىڭ سېنى ھەق ئۈچۈن ئۆيۈڭدىن چىقارغاندىمۇ ئەھۋال شۇنداق بولغان…» دېگەن ئىپادە نەبىيمىزنىڭ بەدىر قۇشۇنىنى ئاللاھنىڭ بۇيرۇقى بىلەن تەشكىللەپ، ئۇ يەرگە ئېلىپ بارغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.

كارۋاننى تەقىب قىلىشتىنمۇ قورققان مۇسۇلمانلار،  ئۇرۇش قىلىشنى قوبۇل قىلالمايتتى. شۇڭلاشقا ئاللاھ، ئۇ كۈن بىلەن مۇناسىۋەتلىك ۋەدىسىنىڭ ئەمەلگە ئاشىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن نۇرغۇن ئايەتلەرنى نازىل قىلىپ، مۇئمىنلەرگە جاسارەت بەردى.

6 – ئۇرۇش بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئەمەلدىن قالدۇرۇش

 ئاللاھ مۇسۇلمانلارنىڭ بۇ سولغۇن پوزىتسىيىسىنى كۆرۈپ ئۇلارغا، ئەنفال سۈرىسىنىڭ 65-ئايىتىدە ئوتتۇرىغا قويغان «دۈشمەن ئون ھەسسە كۆپ بولسىمۇ ئۇرۇش قىلىش مەجبۇرىيىتىنى بىكار قىلىپ، ئۇنى ئىككى ھەسسىگە چۈشۈردى. مۇناسىۋەتلىك ئايەت مۇنداق:

الآنَ خَفَّفَ اللّهُ عَنكُمْ وَعَلِمَ أَنَّ فِيكُمْ ضَعْفًا فَإِن يَكُن مِّنكُم مِّئَةٌ صَابِرَةٌ يَغْلِبُواْ مِئَتَيْنِ وَإِن يَكُن مِّنكُمْ أَلْفٌ يَغْلِبُواْ أَلْفَيْنِ بِإِذْنِ اللّهِ وَاللّهُ مَعَ الصَّابِرِينَ

«ئەمدى ئاللاھ يۈكۈڭلارنى يېنىكلەتتى، سىلەردە ئاجىزلىق بارلىقىنى بىلدى. بۇنىڭدىن ئېتىبارەن سىلەردىن سەۋرلىك يۈز كىشى بولسا، ئىككى يۈز كافىرنى يېڭىدۇ. ئەگەر سىلەردىن مىڭ كىشى بولسا، ئاللاھنىڭ رۇخسىتى بىلەن ئىككى مىڭ كافىرنى يېڭىدۇ. ئاللاھ سەۋر قىلغۇچىلار بىلەن بىللىدۇر»-(‏8-سۈرە ئەنفال، 66- ئايەت).

ئىمتىھان، سەۋر ۋە جىھاد ئىمتىھانىدۇر. ئاللاھ 8-سۈرە ئەنفالنىڭ 65-ئايىتىدە مۇنداق دېگەن ئىدى: «…ئەگەر سىلەردىن سەۋرلىك يىگىرمە كىشى بولسا، ئىككى يۈز كافىرنى يېڭىدۇ. ئەگەر سىلەردىن يۈز كىشى بولسا، مىڭ كافىرنى يېڭىدۇ…»-(8-سۈرە ئەنفال، 65-ئايەت).

ئاللاھ مۇسۇلمانلارنىڭ مەككە قوشۇنى ئالدىدا سەۋر-تاقەت كۆرسىتىپ، تاقابىل تۇرالمايدىغانلىقىنى كۆرگەندە، ئۇلارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى يېنىكلىتىدىغان يۇقىرىدىكى ئايەتنى نازىل قىلدى. چۈنكى ئۇنىڭ مەككىدە قىلغان ۋەدىسى بۇ ئۇرۇش ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشاتتى.

ئاللاھ تائالا مۇسۇلمانلارغا بۇنداق ئېتىبار قىلغان بىلەن، مەككە قۇشۇنى يەنىلا ئۇلاردىن ئىككى ھەسسە كۆپ ئىدى. ئاللاھ بۇ قېتىممۇ نەبىيمىزنىڭ چۈشىدە دۈشمەننى ئاز كۆرسەتتى. بۇنى تۆۋەندىكى ئايەتتىن كۆرۈۋالالايمىز:

إِذْ يُرِيكَهُمُ اللّهُ فِي مَنَامِكَ قَلِيلاً وَلَوْ أَرَاكَهُمْ كَثِيرًا لَّفَشِلْتُمْ وَلَتَنَازَعْتُمْ فِي الأَمْرِ وَلَـكِنَّ اللّهَ سَلَّمَ إِنَّهُ عَلِيمٌ بِذَاتِ الصُّدُورِ

«ئۆز ۋاقتىدا ئاللاھ ساڭا ئۇلارنى چۈشۈڭدە ئاز كۆرسەتكەن ئىدى. ئەگەر ئاللاھ ساڭا ئۇلارنى كۆپ كۆرسەتكەن بولسا، ئەلۋەتتە قورقۇپ بوشىشىپ كېتەتتىڭلار ۋە ئەلۋەتتە بۇ ئىش ئۈستىدە دەتالاش قىلاتتىڭلار. لېكىن ئاللاھ ساقلىدى. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ دىللاردىكىنى بىلگۈچىدۇر»-(8-سۈرە ئەنفال، 43- ئايەت).

ئاللاھ <مەككىنىڭ فەتھى بولۇشى> ھەققىدىكى قارارىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن مەككە قوشۇنىنى مۇسۇلمانلارغا، مۇسۇلمانلارنى مەككە قۇشۇنىغا ئاز كۆرسەتتى ۋە ئۇ قارارىنى بەدىر ئۇرۇشى بىلەن ئەمەلگە ئاشۇردى. مۇناسىۋەتلىك ئايەت مۇنداق:

﴿وَإِذْ يُرِيكُمُوهُمْ إِذِ الْتَقَيْتُمْ فِي أَعْيُنِكُمْ قَلِيلاً وَيُقَلِّلُكُمْ فِي أَعْيُنِهِمْ لِيَقْضِيَ اللّهُ أَمْرًا كَانَ مَفْعُولاً وَإِلَى اللّهِ تُرْجَعُ الأمُورُ﴾

«ئاللاھ توقۇنۇشقان چېغىڭلاردا ئۇلارنى سىلەرنىڭ كۆزلىرىڭلارغا ئاز كۆرسەتكەن ئىدى. سىلەرنىمۇ ئۇلارنىڭ كۆزلىرىگە ئاز كۆرسەتكەن ئىدى. بۇ ئاللاھنىڭ قىلىنىشقا تېگىشلىك ئىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشى ئۈچۈن ئىدى. ئىشلار ئاللاھقىلا قايتۇرۇلىدۇ»-(8-سۈرە ئەنفال، 44- ئايەت).

ئاللاھنىڭ مۇشرىك ئارمىيىسىنى مۇسۇلمانلارغا قانچىلىك كۆرسەتكەنلىكىنى بولسا تۆۋەندىكى ئايەتتىن ئۆگىنەلەيمىز:

﴿قَدْ كَانَ لَكُمْ آيَةٌ فِي فِئَتَيْنِ الْتَقَتَا فِئَةٌ تُقَاتِلُ فِي سَبِيلِ اللّهِ وَأُخْرَى كَافِرَةٌ يَرَوْنَهُم مِّثْلَيْهِمْ رَأْيَ الْعَيْنِ وَاللّهُ يُؤَيِّدُ بِنَصْرِهِ مَن يَشَاء إِنَّ فِي ذَلِكَ لَعِبْرَةً لَّأُوْلِي الأَبْصَار﴾

« بەدىر ئۇرۇشىدا توقۇنۇشقان ئىككى گۇرۇھتا سىلەر ئۈچۈن ئايەت بار. بىر گۇرۇھ ئاللاھ يولىدا ئۇرۇشاتتى، يەنە بىرى بولسا كافىر ئىدى. ئۇلار قارشى تەرەپنى ئۆز كۆزلىرى بىلەن ئۆزلىرىنىڭ ئىككى ھەسسىسىدەك كۆرەتتى. ئاللاھ خالىغان كىشىگە نۇسرەت ئاتا قىلىپ قوللايدۇ. ئەنە شۇ ۋەقەدە كۆزلىرى كۆرىدىغان كىشىلەر ئۈچۈن ئىبرەت بار»-(3-سۈرە ئال ئىمران، 13- ئايەت).

ئاللاھنىڭ مەككە قوشۇنىنى مۇسۇلمانلارغا ئىككى ھەسسە كۆپ كۆرسىتىشىدىكى سەۋەب، ئۇلارغا ئۆزلىرىدىن ئىككى ھەسسە كۆپ دۈشمەنگە قارشى ئۇرۇش قىلىش ۋەزىپىسىنى يۈكلىگەنلىكىدۇر. چۈنكى ئۇلار پەقەت مۇشۇ ئۇسۇل بىلەنلا سەۋر ۋە جىھاد ئىمتىھانىغا كىرىشكە جۈرئەت قىلالايتتى. «ئەگەر سىلەردىن مىڭ كىشى بولسا، ئاللاھنىڭ رۇخسىتى بىلەن ئىككى مىڭ كافىرنى يېڭىدۇ. ئاللاھ سەۋر قىلغۇچىلار بىلەن بىللىدۇر»-(‏8-سۈرە ئەنفال، 66- ئايەت). ئۇلارنىڭ ئۇرۇش قىلىشقا بۇيرۇلىشىنىڭ سەۋەبى بۇدۇر. مۇشرىكلارغا مۇسۇلمانلارنى ئاز كۆرسىتشىنىڭ سەۋەبى بولسا، ئۇلارنىڭ ئۇرۇشتىن قاچماسلىقى ئۈچۈن ئىدى. (قاراڭ:8- سۈرە ئەنفال، 44-ئايەت).

7- پەرىشتىلەر بىلەن بېرىلگەن ياردەم

مۇسۇلمانلار ئامالسىز قالغانلىقتىن، ئاللاھقا يالۋۇرۇپ ياردەم سورىدى. ئاللاھ ئۇلارغا ھەم ياردەم قىلدى، ھەم كېچىدە ئۇلارنىڭ راھەت، خاتىرجەم ئۇخلىشىغا كاپالەتلىك قىلدى. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

إِذْ تَسْتَغِيثُونَ رَبَّكُمْ فَاسْتَجَابَ لَكُمْ أَنِّي مُمِدُّكُم بِأَلْفٍ مِّنَ الْمَلآئِكَةِ مُرْدِفِينَ وَمَا جَعَلَهُ اللّهُ إِلاَّ بُشْرَى وَلِتَطْمَئِنَّ بِهِ قُلُوبُكُمْ وَمَا النَّصْرُ إِلاَّ مِنْ عِندِ اللّهِ إِنَّ اللّهَ عَزِيزٌ حَكِيمٌ  إِذْ يُغَشِّيكُمُ النُّعَاسَ أَمَنَةً مِّنْهُ وَيُنَزِّلُ عَلَيْكُم مِّن السَّمَاء مَاء لِّيُطَهِّرَكُم بِهِ وَيُذْهِبَ عَنكُمْ رِجْزَ الشَّيْطَانِ وَلِيَرْبِطَ عَلَى قُلُوبِكُمْ وَيُثَبِّتَ بِهِ الأَقْدَامَ إِذْ يُوحِي رَبُّكَ إِلَى الْمَلآئِكَةِ أَنِّي مَعَكُمْ فَثَبِّتُواْ الَّذِينَ آمَنُواْ سَأُلْقِي فِي قُلُوبِ الَّذِينَ كَفَرُواْ الرَّعْبَ فَاضْرِبُواْ فَوْقَ الأَعْنَاقِ وَاضْرِبُواْ مِنْهُمْ كُلَّ بَنَانٍ ذَلِكَ بِأَنَّهُمْ شَآقُّواْ اللّهَ وَرَسُولَهُ وَمَن يُشَاقِقِ اللّهَ وَرَسُولَهُ فَإِنَّ اللّهَ شَدِيدُ الْعِقَابِ ذَلِكُمْ فَذُوقُوهُ وَأَنَّ لِلْكَافِرِينَ عَذَابَ النَّارِ

« ئۇ چاغدا سىلەر رەببىڭلاردىن ياردەم تىلىگەن ئىدىڭلار، ئۇ: «مەن سىلەرگە ئارقىمۇئارقا كېلىدىغان مىڭ پەرىشتە بىلەن ياردەم قىلىمەن» دەپ دۇئايىڭلارنى ئىجابەت قىلغان ئىدى. ئاللاھ بۇ ياردەمنى خۇش خەۋەر بېرىش ۋە كۆڭلۈڭلارنى خاتىرجەم قىلىش ئۈچۈنلا قىلدى. نۇسرەت پەقەت ئاللاھ تەرىپىدىنلا كېلىدۇ. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ئەزىزدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر. ئۇ چاغدا ئاللاھ سىلەرنى خاتىرجەم قىلىش ئۈچۈن مۈگدەتكەن ئىدى. سىلەرنى پاكلاش، سىلەردىن شەيتاننىڭ مەينىتىنى كەتكۈزۈش، قەلبىڭلارنى پۈتۈنلەش ۋە قەدەملىرىڭلارنى مەزمۇت قىلىش ئۈچۈن ئاسماندىن ئۈستۈڭلارغا سۇ چۈشۈرگەن ئىدى. ئۇ چاغدا رەببىڭ پەرىشتىلەرگە ۋەھىي قىلغان ئىدى: مەن چوقۇم سىلەر بىلەن بىللە. قېنى مۇئمىنلارنى جاسارەتلەندۈرۈڭلار. يېقىندا كافىرلارنىڭ قەلبلىرىگە قورقۇنچ سالىمەن. قېنى ئۇلارنىڭ بويۇنلىرىنىڭ ئۈستىگە ئۇرۇڭلار ۋە ئۇلارنىڭ ھەر بارمىقىغا ئۇرۇڭلار! ‏ بۇنىڭ سەۋەبى شۇكى، ئۇلار ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا قارشىلىق قىلدى. كىم ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا قارشىلىق قىلىدىكەن، بىلىپ قويسۇنكى ئاللاھنىڭ جازاسى قاتتىقتۇر.‏ ئى كافىرلار! ئەنە شۇ سىلەرنىڭ جازايىڭلاردۇر. ھازىرچە ئۇنى تېتىڭلار. كافىرلارغا دوزاخ ئوتىنىڭ ئازابىنىڭمۇ بارلىقىنى بىلىپ قويۇڭلار»-(‏8-سۈرە ئەنفال، 9-14- ئايەت).

مۇشۇنداق بولسىمۇ، مۇسۇلمانلار يەنىلا ئۇرۇش قىلىشقا جۈرئەت قىلالمايۋاتقان ئىدى. ئۇلارنىڭ جاسارىتىنىڭ ئەسلىگە كېلىشى ئۈچۈن ياردەم، مىڭ پەرىشتىدىن ئۈچ مىڭ پەرىشتىگە كۆپەيتىلدى. بۇنى تۆۋەندىكى ئايەتتىن ئۆگىنەلەيمىز:

وَلَقَدْ نَصَرَكُمُ اللّهُ بِبَدْرٍ وَأَنتُمْ أَذِلَّةٌ فَاتَّقُواْ اللّهَ لَعَلَّكُمْ تَشْكُرُونَ إِذْ تَقُولُ لِلْمُؤْمِنِينَ أَلَن يَكْفِيكُمْ أَن يُمِدَّكُمْ رَبُّكُم بِثَلاَثَةِ آلاَفٍ مِّنَ الْمَلآئِكَةِ مُنزَلِينَ بَلَى إِن تَصْبِرُواْ وَتَتَّقُواْ وَيَأْتُوكُم مِّن فَوْرِهِمْ هَـذَا يُمْدِدْكُمْ رَبُّكُم بِخَمْسَةِ آلافٍ مِّنَ الْمَلآئِكَةِ مُسَوِّمِين وَمَا جَعَلَهُ اللّهُ إِلاَّ بُشْرَى لَكُمْ وَلِتَطْمَئِنَّ قُلُوبُكُم بِهِ وَمَا النَّصْرُ إِلاَّ مِنْ عِندِ اللّهِ الْعَزِيزِ الْحَكِيمِ لِيَقْطَعَ طَرَفًا مِّنَ الَّذِينَ كَفَرُواْ أَوْ يَكْبِتَهُمْ فَيَنقَلِبُواْ خَآئِبِينَ

«ئاللاھ سىلەرگە بەدىردە نۇسرەت ئاتا قىلدى. سىلەر ئۇ چاغدا ناھايىتى كۈچسىز ئىدىڭلار. ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىڭلار، شۈكۈر قىلغان بولىسىلەر. سەن ئۇ چاغدا مۇئمىنلارغا: «رەببىڭلارنىڭ ئۈچ مىڭ پەرىشتە چۈشۈرۈپ سىلەرگە ياردەم بېرىشى سىلەر ئۈچۈن يېتەرلىك بولمامدۇ؟» دەيتتىڭ. ئەلۋەتتە يېتىدۇ. ئەگەر سىلەر سەۋر قىلساڭلار، تەقۋادارلىق قىلساڭلار ۋە دۈشمىنىڭلار ئۇشتۇمتۇت ھۇجۇم قىلىپ كەلسە، رەببىڭلار سىلەرگە نىشانلىق بەش مىڭ پەرىشتە بىلەن ياردەم بېرىدۇ. ئاللاھ بۇ ياردەمنى سىلەرگە خۇش خەۋەر بېرىش ۋە كۆڭلۈڭلارنى خاتىرجەم قىلىش ئۈچۈنلا قىلدى. نۇسرەت پەقەت ئەزىز ۋە ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچى ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدىندۇر. بۇ، ئاللاھنىڭ كافىرلاردىن بىر تەرەپنى كېسىشى ياكى ئۇلارنى مەغلۇپ قىلىپ ئۈمىدسىز ھالدا قايتۇرۇشى ئۈچۈندۇر»-(‏3-سۈرە ئال ئىمران، 123-127- ئايەتلەر).

ئايەتتىكى « سەۋر قىلساڭلار، تەقۋادارلىق قىلساڭلار» ئىپادىسى، ئۇ غەلبىنىڭ سەۋرچانلىق بىلەن ھەرىكەت قىلىشقا ۋە مەيداندا مۇستەھەم تۇرۇپ ئۇرۇشنى داۋاملاشتۇرۇشقا باغلىق ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ. چۈنكى پەرىشتىلەر بولسا، پەقەت مەنىۋى ياردەم بېرىدۇ. بۇلارنىڭ ھېچقايسىسى ئەزەلدىن ئايان بولىدىغان ئىشلار ئەمەس.

داۋامى بار…

[1]  ئەھمەد تۇران يۈكسەل – نەبى بوزكۇرت، «كەرۋان»، دىيانەت ئىسلام ئېنسىكلوپىدىيىسى (ئەنقەرە: دىيانەت ۋەقفى نەشرىياتى، 2002)، 25: 298- 299.  

[2] ئەھمەد تۇران يۈكسەل – نەبى بوزكۇرت، «كەرۋان»، دىيانەت ئىسلام ئېنسىكلوپىدىيىسى (ئەنقەرە: دىيانەت ۋەقفى نەشرىياتى، 2002)، 25: 298- 299. 

[3]  مۇستافا فايدا، «بەدىر غازىتى»، دىيانەت ئىسلام ئېنسىكلوپىدىيىسى (ئىستانبۇل: دىيانەت ۋەقفى نەشرىياتى، 1992)، 5: 325-327.


مۇسۇلمانلار تورى، ئاللاھ، ئاللا، قۇرئان كەرىم، مۇسۇلمان، مۇسۇلمانلار، قۇرئان، ھەدىس، ئىلىم، دىن، ئۇيغۇر، ئۇيغۇرچە، فېترەت، فىترەت، تەبىئەت، ئادەم، پەيغەمبەر، رەسۇل، نەبى، شېئىر، ئۆلىما، مەزھەپ، پەتىۋا، سۇئال، جاۋاب، ئىلمىي، تەتقىقات، ماقالە، يازمىلار، يازما، ئۇلىنىش، ئالاقىلىشىڭ