مۇسۇلمانلار

51- ئۆلۈمنى ياد ئېتىپ تۇرۇش توغرىسىدا

 ئۆلۈمنى ياد ئېتىپ تۇرۇش ۋە يوقىلاڭ ئارزۇنى كۆپ قىلماسلىق توغرىسىدا

ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن:

كُلُّ نَفْسٍ ذَآئِقَةُ الْمَوْتِ وَإِنَّمَا تُوَفَّوْنَ أُجُورَكُمْ يَوْمَ الْقِيَامَةِ فَمَن زُحْزِحَ عَنِ النَّارِ وَأُدْخِلَ الْجَنَّةَ فَقَدْ فَازَ وَما الْحَيَاةُ الدُّنْيَا إِلاَّ مَتَاعُ الْغُرُورِ

«ھەر بىر جان ئىگىسى ئۆلۈمنىڭ تەمىنى تېتىغۇچىدۇر، سىلەرنىڭ ئەجرىڭلار قىيامەت كۈنى تولۇق بېرىلىدۇ. كىمكى دوزاختىن يىراق قىلىنغان ۋە جەننەتكە كىرگۈزۈلگەنىكەن، ئۇ مۇرادىغا يەتكەن بولىدۇ. دۇنيا تىرىكچىلىكى پەقەت ئالدايدىغان مالدىنلا ئىبارەتتۇر (يەنى ئالدايدىغان نەرسە بولۇپ، ئازغىنا بەھرىمەن بولغاندىن كېيىن تۈگەيدۇ)»- (سۈرە ئال ئىمران، 185- ئايەت).

ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دېگەن:

وَمَا تَدْرِي نَفْسٌ مَّاذَا تَكْسِبُ غَدًا وَمَا تَدْرِي نَفْسٌ بِأَيِّ أَرْضٍ تَمُوتُ إِنَّ اللَّهَ عَلِيمٌ خَبِيرٌ

«ھېچ ئادەم ئەتە نېمىلەرنى قىلىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ، ھېچ ئادەم ئۆزىنىڭ قەيەردە ئۆلىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ»-(سۈرە لوقمان، 34- ئايەتنىڭ بىر قىسمى).

ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دېگەن:

فَإِذَا جَاء أَجَلُهُمْ لاَ يَسْتَأْخِرُونَ سَاعَةً وَلاَ يَسْتَقْدِمُونَ

«ئۇلارنىڭ (ھالاك بولۇشى) ۋاقتى كەلگەندە، قىلچە ۋاقتىمۇ كېچىكتۈرۈلمەيدۇ، (ۋاقىت كەلمىسە) قىلچە ۋاقتىمۇ ئىلگىرى سۈرۈلمەيدۇ»-(سۈرە نەھل، 61- ئايەتنىڭ بىر قىسمى).

ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دېگەن:

يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا لَا تُلْهِكُمْ أَمْوَالُكُمْ وَلَا أَوْلَادُكُمْ عَن ذِكْرِ اللَّهِ وَمَن يَفْعَلْ ذَلِكَ فَأُوْلَئِكَ هُمُ الْخَاسِرُونَ وَأَنفِقُوا مِن مَّا رَزَقْنَاكُم مِّن قَبْلِ أَن يَأْتِيَ أَحَدَكُمُ الْمَوْتُ فَيَقُولَ رَبِّ لَوْلَا أَخَّرْتَنِي إِلَى أَجَلٍ قَرِيبٍ فَأَصَّدَّقَ وَأَكُن مِّنَ الصَّالِحِينَ وَلَن يُؤَخِّرَ اللَّهُ نَفْسًا إِذَا جَاء أَجَلُهَا وَاللَّهُ خَبِيرٌ بِمَا تَعْمَلُونَ

«ئى مۇئمىنلەر! ماللىرىڭلار ۋە بالىلىرىڭلار سىلەرنى ئاللاھنىڭ زىكرىدىن غەپلەتتە قالدۇرمىسۇن، كىملەركى شۇنداق قىلىدىكەن، ئۇلار زىيان تارتقۇچىلاردۇر، بىرىڭلارغا ئۆلۈم كېلىپ: «پەرۋەردىگارىم نېمىشقا مېنى (يەنى ئەجىلىمنى) بىر ئاز كېچىكتۈرمىدىڭ، سەدىقە قىلىپ ياخشىلاردىن بولار ئىدىم»، دېيىشتىن بۇرۇن، ئۆزۈڭلارغا رىزىق قىلىپ بېرىلگەن نەرسىلەرنى سەدىقە قىلىڭلار، ئاللاھ ھېچ ئادەمنى ئەجىلى كەلگەندە ھەرگىز كېچىكتۈرمەيدۇ، ئاللاھ قىلىۋاتقان ئىشىڭلاردىن تولۇق خەۋەرداردۇر»-(سۈرە مۇنافىقۇن، 9-11- ئايەتلەر).

ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دېگەن:

حَتَّى إِذَا جَاء أَحَدَهُمُ الْمَوْتُ قَالَ رَبِّ ارْجِعُونِ.  لَعَلِّي أَعْمَلُ صَالِحًا فِيمَا تَرَكْتُ كَلَّا إِنَّهَا كَلِمَةٌ هُوَ قَائِلُهَا وَمِن وَرَائِهِم بَرْزَخٌ إِلَى يَوْمِ يُبْعَثُونَ . فَإِذَا نُفِخَ فِي الصُّورِ فَلَا أَنسَابَ بَيْنَهُمْ يَوْمَئِذٍ وَلَا يَتَسَاءلُونَ…

«ئۇلارنىڭ (كۇففارلارنىڭ) بىرىگە ئۆلۈم كەلسە، ئېيتىدۇكى: «پەرۋەردىگارىم، مېنى (دۇنياغا) قايتۇرغىن، مەن قويۇپ كەلگەن مال-مۈلكۈم بىلەن ياخشىلىق قىلىشىم مۇمكىن». (ئۇنىڭ دۇنياغا قايتىشى) مۇمكىن ئەمەس، ئۇ چوقۇم شۇ سۆزنى قىلغۇچىدۇر. ئۇلار قەبرىلىرىدىن تۇرغۇزۇلغان كۈنگە قەدەر ئۇلارنىڭ ئالدىدا (ئۇلارنى دۇنياغا قايتىشتىن توسىدىغان) بىر توسما بولىدۇ. سۈر چېلىنغان كۈندە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى تۇغقاندارچىلىق مەۋجۇت بولماي قالىدۇ، بىر-بىرىنىڭ (ئەھۋالىنىمۇ) سوراشمايدۇ»- دېگەن ئايەتتىن- (أَفَحَسِبْتُمْ أَنَّمَا خَلَقْنَاكُمْ عَبَثًا وَأَنَّكُمْ إِلَيْنَا لَا تُرْجَعُونَ)– «ئىنسانلار بىزنى سىلەر ئۆزۈڭلارنى بىكار ياراتتى (يەنى سىلەر بىزنى ھايۋانلارنى ياراتقىنىمىزدەك بىز ھېچقانداق ساۋابمۇ بەرمەيدىغان، جازامۇ بەرمەيدىغان قىلىپ ياراتتى) ئۆزۈڭلارنى بىزنىڭ دەرگاھىمىزغا قايتۇرۇلمايمىز، دەپ ئويلامسىلەر؟»-(سۈرە مۇئمىنۇن، 99 — 115- ئايەتلەر) دېگەن ئايەتكىچە.

ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دېگەن:

 أَلَمْ يَأْنِ لِلَّذِينَ آمَنُوا أَن تَخْشَعَ قُلُوبُهُمْ لِذِكْرِ اللَّهِ وَمَا نَزَلَ مِنَ الْحَقِّ وَلَا يَكُونُوا كَالَّذِينَ أُوتُوا الْكِتَابَ مِن قَبْلُ فَطَالَ عَلَيْهِمُ الْأَمَدُ فَقَسَتْ قُلُوبُهُمْ وَكَثِيرٌ مِّنْهُمْ فَاسِقُونَ

«مۇئمىنلەرگە ئۇلارنىڭ دىللىرى ئاللاھنىڭ زىكرىگە ۋە نازىل بولغان ھەقىقەتكە (يەنى قۇرئان ئايەتلىرىگە) ئېرىيدىغان ۋاقىت يەتمىدىمۇ؟ ئىلگىرى كىتاب بېرىلگەنلەر (يەنى يەھۇدىيلار ۋە ناسارالار)دەك بولمىسۇن، (ئۇلار بىلەن پەيغەمبەرلىرىنىڭ ئارىلىقىدىكى) زاماننىڭ ئۇزۇرىشى بىلەن ئۇلارنىڭ دىللىرى قېتىپ كەتتى. ئۇلارنىڭ نۇرغۇنى ئاللاھنىڭ ئىتائىتىدىن چىققۇچىلاردۇر»-(سۈرە ھەدىد، 16- ئايەت).

  1. ئىبن ئۇمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۈرەمنى تۇتۇپ تۇرۇپ: «دۇنيادا خۇددى مۇساپىر ياكى يولۇچىدەك بولغىن»، دېگەنىدى.

ئىبن ئۇمەر مۇنداق دەيتتى: «كەچقۇرۇنلۇقى ئەتىگەنلىكىڭنى كۈتمىگىن، ئەتىگەنلىكى كەچقۇرۇنلۇقىڭنى كۈتمىگىن، ساق ۋاقتىڭنى غەنىيمەت بىلىپ، كېسەل ۋاقتىڭدا قىلالمايدىغان ئىشلىرىڭنى قىلىۋال، ھاياتلىقىڭنى غەنىيمەت بىلىپ، ئۆلگەندىن كېيىن قىلالمايدىغان ئىشلىرىڭنى قىلىۋال». — بۇخارى رىۋايەت قىلغان.

  1. ئىبن ئۇمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ھەر قانداق بىر مۇسۇلماننىڭ ۋەسىيەت قالدۇرغۇدەك بىر نەرسىسى بولۇپ، ئۇنىڭ ۋەسىيەت قالدۇرماي ئىككى كېچىنى ئۆتكۈزۈۋېتىشى توغرا بولمايدۇ». — بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

مۇسلىمنىڭ يەنە بىر رىۋايىتىدە، ئۈچ كېچە دېيىلگەن. ئىبن ئۇمەر مۇنداق دەيدۇ: «مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن مۇشۇ سۆزنى ئاڭلىغاندىن بۇيان ۋەسىيىتىم يېنىمدا بولمىغان بىرەر كېچىمۇ ئۆتمىدى».

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى:

 1) ئالدىنئالا ۋەسىيەت يېزىپ قويۇشنىڭ ياخشى ئىكەنلىكى، چۈنكى ئىنسان ئۆزىنىڭ قاچان ئۆلىدىغانلىقىنى بىلمەيدىغانلىقى. بۇ ئىئانە، ياردەم توغرۇلۇق ۋەسىيەت قىلىشنى نىيەت قىلغان كىشىگە نىسبەتەن ئېيتىلغان، ئەمما قەرزنى ئادا قىلىش ياكى ئامانەتنى قايتۇرۇش توغرىسىدىكى ۋەسىيەت قالدۇرۇش ۋاجىپتۇر.

2) ئالدىنئالا ۋەسىيەت قالدۇرۇشنىڭ پەقەت كېسەل ئادەمگىلا خاس ئەمەسلىكى.

3) مۇئمىننىڭ ئۆلۈمنى دائىم ياد ئېتىپ تۇرۇشى ۋە ئۆلۈمگە تەييارلىنىشى لازىملىقى.

  1. ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر مۇنچە سىزىق سىزىپ مۇنداق دېگەن: «مانا بۇ ئىنساننىڭ ئارزۇلىرى، مانا بۇ ئۇنىڭ ئەجىلى، ئىنسان بىخەۋەر يۈرگەندە يېقىن ئەجەل كېلىپ ئۇنى ئېلىپ كېتىدۇ». — بۇخارى رىۋايەت قىلغان.
  2. ئىبن مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تۆت چاسا كاتەكچە سىزىپ ئۇ كاتەكچىنىڭ ئوتتۇرىسىغا ئۇنىڭدىن چىقىپ كەتكەن بىر سىزىق سىزدى. شۇنىڭ بىلەن يەنە كاتەكچىنىڭ ئوتتۇرىسىغا بىر مۇنچە ئۇششاق سىزىقلارنى سىزدى ۋە: «بۇ ئوتتۇرىدىكى سىزىق ئىنسان، ئۇنى ئوراپ تۇرغۇچى بۇ كاتەكچە بولسا ئۇنىڭ ئەجىلى. كاتەكچىدىن چىقىپ تۇرغىنى بولسا، ئۇنىڭ ئارزۇسى. بۇ كىچىك سىزىقلار بولسا دۇنيادىكى پايدىلىنىدىغان نەرسىلەردۇر. ئەگەر كىشى بىر كىچىك سىزىقتىن قۇتۇلسا، يەنە بىر كىچىك سىزىق چىرمىۋالىدۇ. ئەگەر ئۇنىڭدىنمۇ قۇتۇلسا، يەنە بىرى چىرمىۋالىدۇ»، دېدى. — بۇخارى رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى:

 1) پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ماھىر ئۇستاز ئىكەنلىكى، ساھابىلىرىنىڭ ئاسان چۈشىنىشى ئۈچۈن مەزمۇنىنى ئېنىق مىساللار بىلەن چۈشەندۈرىدىغانلىقى.

2) مۇئمىننىڭ ھاياتنىڭ ئۇزۇنلۇقىغا ئۈمىد باغلىماستىن ياخشى ئەمەللەرنى قىلىشقا ۋە تەۋبىگە ئالدىرىشى لازىملىقى.

  1. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان: «بېشىڭلارغا مۇنداق يەتتە تۈرلۈك ئىش كەلگۈچە ياخشى ئەمەللەرنى قىلىشقا ئالدىراڭلار. سىلەرنى كۈتۈپ تۇرىدىغىنى: ھەممىنى ئۇنتۇلدۇرغۇچى نامراتلىق، يولدىن چىقارغۇچى بايلىق، بەدەننى كاردىن چىقارغۇچى كېسەللىك، ئەقىلنى ئاجىزلاتقۇچى قېرىلىق، تېز كەلگۈچى ئۆلۈم، يولدىن چىقارغۇچى، ئازدۇرغۇچى دەججال ياكى سىلەرنى كۈتۈپ تۇرغۇچى قىيامەتتۇر، قىيامەت بولسا ئەڭ قاتتىق ۋە دەھشەتلىكتۇر». — بۇخارى رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئىنسانغا تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىدىغان نەرسىلەرنى ساناپ، ئىنساننى ئاگاھلاندۇرغان.

  1. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئۆلۈمنى كۆپ ياد ئېتىڭلار». — تىرمىزىي رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: مۇئمىننىڭ مەيلى ساق ياكى كېسەل ۋاقتىدا ئۆلۈمنى قەلبىدە ياد ئىتىپ تۇرۇشى، تىلىدا زىكىر قىلىپ نەزەردە تۇتۇشى ئۇنى گۇناھتىن يىراق، تائەت-ئىبادەتكە تېخىمۇ يېقىن ۋە ھېرىس قىلىدىغانلىقى.

  1. ئۇبەي ئىبن كەئب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كېچىنىڭ ئۈچتىن بىرى ئۆتسە، ئورنىدىن تۇرۇپ: «ئى ئىنسانلار! ئاللاھ تائالانى كۆپ ياد ئېتىڭلار، بىرىنچى سۈر چېلىنىدىغان ۋاقىت يېتىپ كېلىپ قالدى. ئۇنىڭغا ئىككىنچى سۈر ئەگىشىدۇ، ئۆلۈم دەھشەت بىلەن كېلىدۇ. ئۆلۈم دەھشەت بىلەن كېلىدۇ»، دەيتتى. مەن: «ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! مەن ساڭا كۆپ دۇرۇد ئېيتاي دەيمەن، دۇئايىمنىڭ قانچىلىكىنى ساڭا دۇرۇد ئېيتىشقا قاراتسام بولار؟»، دېدىم. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «خالىغىنىڭچە»، دېدى. مەن: «تۆتتىن بىرى بولارمۇ؟»، دېسەم، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «خالىغىنىڭچە»، دېدى. مەن: «يېرىمىنى قىلايمۇ؟»، دېسەم، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «خالىغىنىڭچە»، دېدى. مەن: «ئۈچتىن ئىككىسىنى قىلايمۇ؟»، دېسەم، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «خالىغىنىڭچە قىلغىن، ئەگەر كۆپەيتسەڭ ئۆزۈڭ ئۈچۈن ياخشى»، دېدى. مەن: «بارلىق دۇئالىرىمنى ساڭا دۇرۇد ئوقۇشقا قاراتسامچۇ؟»، دېدىم، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئۇ چاغدا غەم-قايغۇڭنىڭ كۆتۈرۈلىشىگە كۇپايە قىلىدۇ، گۇناھلىرىڭ مەغفىرەت قىلىنىدۇ»، دېدى. — تىرمىزىي رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى:

 1) پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا دۇئا قىلىشنىڭ پەزلى.

2) پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۈممىتىنى ئاللاھ تائالانىڭ رازىلىقىغا ئېلىپ بارىدىغان يولغا باشلاشقا ھېرىس ئىكەنلىكى.

3) بەندىنىڭ بىرەر مەقسەت ئۈچۈن (تەكەببۇرلۇقتىن ساقلىنىشقا ئىشەنچى بولغان ئەھۋال ئاستىدا) ئۆزىنىڭ ياخشى ئەمەللىرىنى تىلغا ئېلىشنىڭ دۇرۇس ئىكەنلىكى.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر