مۇسۇلمانلار

49-سىخىيلىق، ياخشىلىق يوللىرىغا مال سەرپ قىلىش توغرىسىدا

 مەردلىك، سىخىيلىق ۋە ئاللاھ تائالاغا ئېتىقاد قىلغان ھالدا ياخشىلىق يوللىرىغا پۇل-مال سەرپ قىلىش توغرىسىدا

ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن:

وَمَا أَنفَقْتُم مِّن شَيْءٍ فَهُوَ يُخْلِفُهُ وَهُوَ خَيْرُ الرَّازِقِينَ

«(ئاللاھنىڭ يولىدا) بەرگەن نەرسەڭلارنىڭ ئورنىنى ئاللاھ تولدۇرۇپ بېرىدۇ»-(سۈرە سەبەئ، 39- ئايەتنىڭ بىر قىسمى).

ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دېگەن:

وَمَا تُنفِقُواْ مِنْ خَيْرٍ فَلأنفُسِكُمْ وَمَا تُنفِقُونَ إِلاَّ ابْتِغَاء وَجْهِ اللّهِ وَمَا تُنفِقُواْ مِنْ خَيْرٍ يُوَفَّ إِلَيْكُمْ وَأَنتُمْ لاَ تُظْلَمُونَ

«مېلىڭلاردىن نېمىنى خەير-ئېھسان قىلماڭلار، ئۇ ئۆزۈڭلارنىڭ پايدىسى ئۈچۈندۇر، سىلەر پەقەت ئاللاھنىڭ رازىلىقى ئۈچۈنلا خەير-ئېھسان قىلىسىلەر، مېلىڭلاردىن نېمىنى خەير-ئېھسان قىلماڭلار، سىلەرگە ئۇنىڭ ساۋابى تولۇق بېرىلىدۇ، سىلەرگە زۇلۇم قىلىنمايدۇ»-(سۈرە بەقەرە، 272- ئايەت).

ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دېگەن:

وَمَا تُنفِقُواْ مِنْ خَيْرٍ فَإِنَّ اللّهَ بِهِ عَلِيمٌ 

«مېلىڭلاردىن نېمىنى خەير-ئېھسان قىلماڭلار، ئاللاھ ئۇنى بىلگۈچىدۇر»-(سۈرە بەقەرە، 273- ئايەتنىڭ بىر قىسمى).

  1. ئابدۇللاھ ئىبن مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان: «مۇنداق ئىككى خىسلىتى بار ئادەملەردىن بولۇشنى ئارزۇ قىلساڭلار بولىدۇ. ئۇلارنىڭ بىرى ئاللاھ تائالا ئاتا قىلغان پۇل-مېلىنىڭ ھەممىسىنى تامامەن ئورۇنلۇق سەرپ قىلغان كىشى، يەنە بىرى، ئاللاھ تائالا بەرگەن قۇرئان ئىلىملىرى بويىچە ھۆكۈم قىلغان ۋە ئۇلارنى باشقىلارغا ئۆگەتكەن كىشى». — بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى:

 1) ئەيىبلىنىدىغان ھەسەتنىڭ خەتەرلىك ئىجتىمائىي كېسەللىك بولۇپ ئۇنىڭدىن ھەزەر ئەيلەش ۋە يىراقلىشىش زۆرۈرلۈكى.

2) ياخشىلىق يوللىرىغا ئىنتىلىش يۈزىسىدىن مەندىمۇ شۇنداق بولسىچۇ دەپ ئارزۇ قىلىشنىڭ ئالدىنقىسىدىن پەرقلىق ھالدا ھەسەت ھېسابلانمايدىغانلىقى.

3) دىننىڭ ئەھكاملىرىنى ئۆگىنىشكە ۋە باشقىلارغا ئۆگىتىشكە رىغبەتلەندۈرگەن.

  1. ئىبن مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «سىلەردىن قايسىڭلار ئۆز مېلىدىن مىراسخورنىڭ مېلىنى ئەڭ ياخشى دەپ قارايدۇ؟»، دېدى. ئۇلار: «ئى رەسۇلۇللاھ! بىزنىڭ ھەر بىرىمىزگە پەقەت ئۆزىمىزنىڭ مېلىلا ياخشىراقتۇر»، دېيىشتى. رەسۇلۇللاھ: «ھەقىقەتەن سەرپ قىلغىنى ئۆزىگە تەۋە بولىدۇ، سەرپ قىلماي قويۇپ قويغىنى ئۆزىگە تەۋە ئەمەستۇر». — بۇخارى رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى:

 1) ئىسلام دىنىنىڭ كىشىلەر ئارىسىدا تارقالغان تۈرلۈك ئۇقۇم-چۈشەنچىلەرنى تۈزىتىشكە ھېرىسمەن ئىكەنلىكى.

2) بەندىنى ئاخىرەتلىك ساۋابنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئىمكانىيىتىنىڭ يېتىشىچە پۇل-ماللىرىنى ياخشىلىق يوللىرىدا سەرپ قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈش.

  1. ئەدىي ئىبن ھاتىم رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «يېرىم تال خورما چاغلىق نەرسىنى سەدىقە قىلىپ بولسىمۇ دوزاختىن ساقلىنىڭلار». — بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: كىشىنى ئاز بولسىمۇ سەدىقە، خەير-ئېھسان قىلىشقارىغبەتلەندۈرۈش.

  1. جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىرەر كىشى بىرەر نەرسە سورىسا، «يوق»، دەپ باققان ئەمەس. — بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىرەر نەرسە سوراپ كەلگەن ئادەمگە يېنىدا بولسىلا بېرەتتى، ئەگەر بولمىسا كېلەر قېتىمدا بېرىشكە ۋەدە قىلىپ تېپىپ بېرەتتى، ھەرگىزمۇ سورىغۇچىنى رەت قىلىپ ياندۇرمايتتى، بۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سىخىيلىقى، كەڭ قوللىقىدەك گۈزەل ئەخلاقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

  1. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كىشىلەرگە ھەر كۈنى ئاسماندىن ئىككى پەرىشتە چۈشۈپ، ئۇلارنىڭ بىرى: ‹ئى ئاللاھ! سىخىي ئادەمگە ئۇنىڭ خەير-ئېھسان قىلىپ بەرگىنىنىڭ ئورنىنى تولدۇرۇپ بەرگىن›، دەيدۇ. يەنە بىرى: ‹ئى ئاللاھ! بېخىلنىڭ مېلىنى تىرپىسىن قىلىۋەتكىن›، دەيدۇ». — بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: تېگىشلىك يەرگە پۇل خەجلەش كېرەكلىكى، ئىمام نەۋەۋى كۆرسىتىپ ئۆتكەندەك تائەت-ئىبادەت ئىشلىرىغا، ئائىلىدىكى نەپىقىگە قاراشلىق كىشىلەرگە، مېھمانلارغا ۋە خەير-ئېھسان يوللىرىغا سەرپ قىلىشنىڭ ئەڭ جايىدا پۇل خەجلەش بولىدىغانلىقى.

  1. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ‹ئى ئادەم بالىسى! ئاللاھ تائالا يولىدا بەرگىن، ساڭىمۇ ئاللاھ تائالا بېرىدۇ›». — بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
  2. ئابدۇللاھ ئىبن ئەمر ئىبن ئاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، بىر ئادەم رەسۇلۇللاھتىن: «ئىسلام دىنىنىڭ ياخشى خىسلەتلىرى نېمە؟»، دەپ سورىدى. رەسۇلۇللاھ: «كىشىلەرگە ئاش-نان بېرىش، تونۇيدىغان ئادەمگىمۇ، تونۇمايدىغان ئادەمگىمۇ سالام قىلىش»، دەپ جاۋاب بەردى. — بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: كىشىلەرنىڭ قەلبىنى دوستلاشتۇرۇش ئۈچۈن مېھماندوست بولۇشقا ۋە باشقىلارغا سالام قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈش.

  1. ئەبۇ ئۇمامە سۇدەي ئىبن ئەجلان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئى ئادەم بالىسى! ئارتۇق مېلىڭنى بېرىۋەتكىنىڭ ياخشىدۇر، ئۇنى بەرمەسلىكىڭ سەن ئۈچۈن ياماندۇر. يېتەرلىك رىزقىڭغا قانائەت قىلساڭ، ئەيىبكە بۇيرۇلمايسەن، خەير-ئېھساننى ئۆزۈڭگە تەۋە كىشىلىرىڭدىن باشلا بەرگۈچى قول ئالغۇچى قولدىن ياخشىدۇر». — مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: بەندىنى ئىشلەش، ئىجتىھاد قىلىش، باشقىلاردىن تىلىمەسلىككە رىغبەتلەندۈرۈش.

  1. ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ھەر قاچان رەسۇلۇللاھتىن ئىسلام ئۈچۈن بىرەر نەرسە سورالسا، ئۇ بەرمەي قويمايتتى. ھەقىقەتەن بىر كىشى رەسۇلۇللاھنىڭ يېنىغا بىر نەرسە سوراپ كېلىۋىدى، رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭغا ئىككى تاغ ئارىسىدىكى بىر توپ قوي پادىسىنى بېرىۋەتتى. ئۇ كىشى مەھەللىسىگە قايتىپ بېرىپ مۇنداق دېدى: «ئى قەۋمىم! مۇسۇلمان بولۇڭلار! ھەقىقەتەن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام نامرات بولۇپ قېلىشىدىن ئەنسىرىمەيدىغان ئادەمدەك بېرىدىكەن». ئاندىن ئەنەس مۇنداق دېدى: «گەرچە بىر كىشى مال-دۇنيا ئۈچۈن مۇسۇلمان بولغان بولسىمۇ، ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئۇ كىشى ئىسلامنى دۇنيا ۋە دۇنيادىكى ھەممە نەرسىدىنمۇ بەكرەك سۆيىدىغان بولۇپ قالاتتى». — مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى:

 1) مۇسۇلمانلارنىڭ قەلبىنى دوستلاشتۇرۇش، ئىسلام دىنىغا بولغان مايىللىقىنى ئاشۇرۇش يۈزىسىدىن زاكات ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ خەزىنىسىدىن پۇل-مال بېرىشنىڭ دۇرۇس ئىكەنلىكى، ئەمما غەيرىي مۇسۇلمانلارغا زاكاتتىن بېرىشنىڭ توغرا ئەمەسلىكى، چۈنكى ئاللاھ تائالانىڭ ئىسلام دىنىگە نۇسرەت ئاتا قىلىپ، ئەزىز قىلغانلىقى.

2) پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قەلب ئىللەتلىرىنى داۋالاشقا ماھىرلىقى، گۈزەل ئەخلاقى ۋە مۇھەببەتلىك تەربىيە بىلەن كىشى قەلبىنى دۇنيانى ياخشى كۆرۈشتىن ئاخىرەتنى ياخشى كۆرۈشكە، مال-دۇنيانى ياخشى كۆرۈشتىن ئىسلام دىنىنى ياخشى كۆرۈشكە بۇرىغانلىقى.

  1. ئۇمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مال تەقسىم قىلدى. مەن: «ئى رەسۇلۇللاھ! بۇ نەرسىلەرگە ئېرىشىشكە بۇلارغا قارىغاندا باشقىلار ئەڭ مۇستەھىق ئىدى»، دېدىم. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئۇلار مەندىن ئەدەبسىزلىك بىلەن سوراپ تۇرۇۋالدى. مەن ئۇلارغا بېرىشىم كېرەك، بەرمىسەم ئۇلار مېنى بېخىل دەيدۇ، مەن بېخىل ئەمەس»، دېدى. — مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى:

 1) پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سەۋرلىك كىشىلەرگە مۇلايىم گۈزەل ئەخلاق ئىگىسى ئىكەنلىكى، ئاللاھ تائالانىڭ بۇيرۇقى بويىچە جاھىللاردىن نېرى بولغانلىقى.

2) كىشىلەرگە ئىماننىڭ لەززىتىنى ھېس قىلدۇرۇش ئۈچۈن ئۇلارنى دوستلاشتۇرۇشنىڭ جائىز ئىكەنلىكى.

  1. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «سەدىقە بېرىش بىلەن مال خوراپ قالمايدۇ. قانداق بىر بەندە ئەپۇچان بولىدىكەن، ئاللاھ تائالا ئۇنى تېخىمۇ ئەزىز قىلىدۇ. كىمكى ئاللاھ تائالا ئۈچۈن كەمتەر بولىدىكەن، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ مەرتىۋىسىنى ئۈستۈن قىلىدۇ». — مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى:

 1) سەدىقىنىڭ مالنى كېمەيتىۋەتمەيدىغانلىقى، چۈنكى ئاللاھ تائالانىڭ ئۇنداق مالغا بەرىكەت بېرىپ، سەدىقىنىڭ ئورنىنى تولدۇرۇپ بېرىدىغانلىقى، سەدىقە ئۈچۈن بېرىلگەن ئەجىر ۋە ساۋابنىڭ ئاخىرەتتە كىشىنىڭ ئەيىبلىرىنى ياپىدىغانلىقى.

2) كەڭ قورساق، ئەپۇچان كىشىنىڭ دۇنيادا ھۆرمەتكە سازاۋەر بولىدىغانلىقى، ئاخىرەتتىمۇ ئورنى ۋە دەرىجىسىنىڭ يۇقىرى بولىدىغانلىقى، ئاللاھ تائالانىڭ كەمتەر ئادەمنى كىشىلەر قەلبىدە بۈيۈك قىلىپ، ئاخىرەتتىكى ئورنىنى يۇقىرى كۆتۈرىدىغانلىقى.

  1. ئەبۇ كەبشە ئەمر ئىبن سەئد ئەنمارى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان: «شۇنداق ئۈچ خىسلەت باركى، مەن ئۇنى سىلەرگە قەسەم قىلىپ سۆزلەپ بېرىمەن، ئېسىڭلاردا چىڭ ساقلاڭلاركى، سەدىقە قىلىش بىلەن بەندىنىڭ مېلى خوراپ قالمايدۇ. زۇلۇمغا ئۇچرىغان بەندە سەۋر قىلسىلا، ئاللاھ تائالا ئۇنى تېخىمۇ ئەزىز قىلىدۇ. بىرەر بەندە نەرسە تىلەشنىڭ ئىشىكىنى ئاچسا، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭغا نامراتلىقنىڭ ئىشىكىنى ئاچىدۇ»، دېدى ياكى مۇشۇنىڭغا ئوخشاپ كېتىدىغان سۆزنى قىلدى: «سىلەرگە شۇنى سۆزلەپ بېرەي ئېسىڭلاردا چىڭ ساقلاڭلار: ھەقىقەتەن دۇنيادا تۆت تۈرلۈك ئادەم بولىدۇ. 1) ئاللاھ تائالا ئۇنىڭغا مال ۋە ئىلىم بەرگەن، بۇ ھەقتە پەرۋەردىگارىدىن قورقىدىغان، سىلە رەھىم قىلىدىغان، مالدا خۇدانىڭ ھەققى بارلىقىنى بىلىدىغان كىشىلەردۇر. مانا بۇنداق ئادەم ئەڭ يۇقىرى ئورۇندا بولىدۇ. 2) يەنە بىر ئادەمگە ئاللاھ تائالا ئىلىم بېرىدۇ، پۇل-مال بەرمەيدۇ، بۇ ئادەمنىڭ نىيىتى توغرا بولۇپ، ‹كاشكى مېنىڭ پۇل-مېلىم بولسىدى، ئەلۋەتتە پالانى قىلغان ياخشى ئىشلارنى مەنمۇ قىلاتتىم›، دەيدۇ. بۇ ئادەمنىڭ نىيىتىگە ساۋاب بېرىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بۇ ئىككى كىشىنىڭ ئېرىشكەن ئەجرى باراۋەر بولىدۇ. 3) يەنە بىر بەندە بولۇپ، مال بېرىلىپ ئىلىم بېرىلمىگەن، ئۇ مېلىنى قالايمىقان تەسەررۇپ قىلىدۇ ۋە بۇ جەھەتتە پەرۋەردىگارىدىن قورقمايدۇ. سىلە رەھىم قىلمايدۇ، ئۇ مالدا ئاللاھ تائالانىڭ ھەققى بار، دەپ تونۇمايدۇ. مانا بۇ ئادەم ئەڭ يامان ئورۇندا بولىدۇ. 4) يەنە بىر بەندە بولۇپ، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭغا پۇل-مالمۇ، ئىلىممۇ بەرمىگەن، ئۇ: ‹كاشكى، مېنىڭمۇ پۇل-مېلىم بولغان بولسا، ئەلۋەتتە پالانى قىلغان ئىشلارنى قىلغان بولاتتىم›، دەيدۇ. بۇنىڭ نىيىتى ئۈچۈن گۇناھ يېزىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن يۇقىرىدىكى ئىككىسىنىڭ گۇناھى ئوخشاش بولىدۇ». — تىرمىزىي رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى:

 1) باي تۇرۇپ، مال-مۈلكىنى تېخىمۇ كۆپەيتىش مەقسىتىدە كىشىلەردىن تىلىگەن ئادەمنى ئاللاھ تائالانىڭ بۇ دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە كەمبەغەللىككە دۇچار قىلىدىغانلىقى.

2) ئىخلاسى بىلەن ئۆگىنىش ۋە ئىشلەشكە رىغبەتلەندۈرۈش.

3) ئىلىمسىزلىك ۋە نادانلارنى ئەيىبلەش، چۈنكى ئىلىمسىزلىكنىڭ كىشىنى ھارام ئىشلارنى قىلىشقا باشلايدىغانلىقى.

  1. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ئۇلار بىر قوي سويغانىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «قويدىن نېمىسى قالدى؟»، دېدى. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا: «قويدىن پەقەت تاغىقىلا قالدى»، دېۋىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «پەقەت تاغىقى ئاخىرەت ئۈچۈن بولماپتۇ»، دېدى. (يەنى، گۆشنىڭ ھەممىسى سەدىقە قىلىنىپ، تاغىقىلا قالغانلىقى ئۈچۈن تاغاقتىن سەدىقىنىڭ ساۋابىنى تاپقىلى بولماپتۇ، دېگەن مەنىدە). — تىرمىزىي رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى:

 1) كىشىنى سەدىقە بېرىشكە رىغبەتلەندۈرۈش.

2) ئىنساننىڭ توغرا نىيەتلىك بولمىغان ھالدا يېمەك-ئىچمەك، كىيىم-كېچەك، تۇرالغۇغا ئوخشاش ئۆزى ئۈچۈن خەجلىگەن پۇلىنىڭ ھېچقانداق ساۋابى بولمايدىغانلىقى.

  1. ئەبۇ بەكرى سىددىق رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ قىزى ئەسما رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ماڭا: «چىڭ سىقىۋالمىغىن، ئۇنداق قىلساڭ ئاللاھ تائالا ساڭا بېرىۋاتقىنىنى ئۈزۈپ قويىدۇ»، دېدى.

يەنە بىر رىۋايەتتە: «ئاللاھ تائالا يولىدا سەرپ قىلغىن، پۇل-مالنى خەجلىمەي ئۇنى چىڭ تۇتۇۋالمىغىن، ئۇنداق قىلساڭ ئاللاھ تائالامۇ رىزقىڭنى سىقىپ قويىدۇ. ئاشقىنىڭنى موھتاجلاردىن ئايىمىغىن، بولمىسا ئاللاھ تائالامۇ ساڭا پەزلى-مەرھەمىتىنى ئاياپ قويىدۇ»، دېيىلگەن. — بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: بەندىنىڭ قىلغان ئەمەلىگە يارىشا جازا ياكى مۇكاپات بېرىش ئاللاھ تائالانىڭ ئادىللىقى جۈملىسىدىن ئىكەنلىكى.

  1. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان: «بېخىل بىلەن سىخىي گويا كۆكرىكىدىن ئوقرىكىگىچە تۆمۈر تون كىيگەن ئىككى ئادەمگە ئوخشايدۇ. سىخىي ئادەم خەير-ئېھسان قىلغانسېرى تۆمۈر تون تېخىمۇ سوزۇلۇپ، بەدىنىنىڭ ئۈستىگە كېڭىيىپ، ئۇنىڭ قولىنىڭ بارماقلىرىنىمۇ قوشۇپ يېپىپ تۇرىدۇ. بەدىنىدە ئىزمۇ قالدۇرمايدۇ. بېخىل ئادەم خەير-ئېھسان قىلماقچى بولسا، بۇ تۆمۈر تون ئۇنىڭ بەدىنىگە پېتىپ تۇرغاچقا، ئۇنى كېڭەيتەي دېسىمۇ كېڭەيمەيدۇ». — بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى:

 1) سەدىقىنىڭ بەندىنىڭ خاتالىقلىرىنى يۇيۇۋېتىدىغانلىقى.

2) ئاللاھ تائالانىڭ سەدىقە بەرگۈچىگە بەرىكەت، ياردەم بېرىشكە، ئۆز پاناھىدا ساقلاشقا ۋە بالا-قازانى كۆتۈرۈۋېتىشكە كېپىللىك قىلىپ ۋەدە بەرگەنلىكى، بېخىلنى بالا-قازاغا دۇچار قىلىدىغانلىقى بىلەن ئاگاھلاندۇرغانلىقى.

3) ئاللاھ يولىدا سەدىقە، خەير-ئېھسان قىلغۇچىنى ئاللاھ تائالا دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ئۈستۈن قىلىدىغانلىقى.

  1. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كىمكى ھالال كەسىپ بىلەن تاپقان مېلىدىن خورما چاغلىق نەرسە بولسىمۇ سەدىقە قىلسا (ئاللاھ تائالا پەقەت ھالالنىلا قوبۇل قىلىدۇ) ئاللاھ تائالا ئۇنى ئوڭ قولى بىلەن قوبۇل قىلىدۇ، ئاندىن شۇ خورما چاغلىق نەرسىسىنى خۇددى سىلەرنىڭ بىرىڭلار ئۆز تايچىقىنى ئوبدان بېقىپ ئۆستۈرگەندەك ئۆستۈرۈپ، سەدىقە قىلغۇچى ئۈچۈن ئۇنىڭ ساۋابىنى تاغدەك زورايتىپ بېرىدۇ». — بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى:

 1) ئاللاھ تائالا پەقەت ھالال يول بىلەن تاپقان پۇل-مالدىن قىلىنغان سەدىقىنى قوبۇل قىلىدۇ، چۈنكى ھارام مالنى ئىشلىتىش چەكلەنگەن.

2) ئاللاھ تائالا مەخلۇقاتقا ئوخشاپ قېلىشتىن پاكتۇر.

 

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر