ھەر مۇسۇلمان ئۈچۈن «لازىملىق دىنىي ئىلىملەر» 8.سىن دەرس: «رەۋاتىب سۈننەتلەر ۋە دۇئايى قۇنۇت»

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قەدىرلىك ئوقۇرمەنلىرىمىز،
 
بىر قانچە ئاي بۇرۇن، سىزلەرگە ئۇستاز ئەنەس ئالىمنىڭ «لازىملىق دىنى ئىلىملەر» قۇرئان-ھەدىس پۈتۈنلىگىدە فىقىھ 1-كىتابىنىڭ توركىتاب نۇسخىسىنى ھەقسىز ئورتاقلاشقان ئىدۇق.
 
مانا ئەمدى، سىز قەدىرلىك قەدىرلىك كۆرۈرمەنلىرىمىزگە «قۇرئان نۇرى ئاستىدا كىتاپ ئوقۇش» پىروگراممىمىزدا سۇنۇپ كېلىۋاتقان 1- ۋە 2-كىتابىمىز بولغان «قۇرئان نۇرى ئاستىدا تەرىقەتچىلىككە نەزەر» ۋە «قۇرئان نۇرى ئاستىدا ۋەسىلىچىلىك ۋە شېرىك» تىن كېيىن، 3-كىتابىمىز بولغان «لازىملىق دىنى ئىلىملەر» نىڭ 1-كىتابتىن ‮ھەر مۇسۇلمان ئۈچۈن «لازىملىق دىنىي ئىلىملەر» 8.سىن دەرس « رەۋاتىب سۈننەتلەر ۋە دۇئايى قۇنۇت » پىروگراممىمىزنى ئورتاقلاشتۇق.
  گەرچە پىروگراممىنىڭ ۋاقتى ئاساسەن يېرىم سائەت بولسىمۇ، ئەمما كىتاپنىڭ مەزمۇنى ئۆزگىچە، قۇرئانىي ئىلىم ئارقىلىق، كۈندىلىك تائەت-ئىبادەتلىرىمىزنىڭ قۇرئاندىكى ئورنىنى ئايەتلەر ئارقىلىق دەلىللەپ، نەبىمىزنىڭ سۈننىتى ئارقىلىق ئىسپاتلاشقا تىرىشچانلىق كۆرسىتىلگەن ھەمدە ئوقۇرمەنلەرنىڭ «لازىملىق دىنىي ئىلىملەر» نى تېزلا ئىگەللەپ ئېلىشىغا پايدىلىق ئەسەر بولغاچقا، 2019-يىللىق سوۋغىمىز سۈپىتىدە دەۋرنىڭ ۋە خەلقنىڭ ئېھتىياجىنى كۆزدە تۇتۇپ، سىزلەرگە سىن دەرس شەكلىدە سۇنۇشنى ئۆزىمىزنىڭ بىر بۇرچى دەپ بىلدۇق.
 
بۇ پىروگرام ئارقىلىق، دىنىمىزدىكى كۈندىلىك ئىبادەت ۋە لازىملىق مەلۇماتلار، كىيىم-كېچەك، يېمەك-ئىچمەك، ئىنسانىي مۇناسىۋەت ۋە ھەق-ھوقۇقلار، ھايۋان ھەقلىرى ۋە پايدىلىرى قاتارلىق بىر يۈرۈش مەسىلىلەرگە مۇناسىۋەتلىك ئىلىملەرنى ئايەت ۋە ھەدىسلەرنىڭ نۇرى ئاستىدا ئۆگىنىپ چىقالايمىز.
 
كىتابنىڭ 2-قىسمى يېزىلىۋاتىدۇ. ھەرقانداق سەمىمىي تەلەپ-پىكرىڭلار بولسا، بىزگە مۇسۇلمانلار تورى ياكى باشقا ئىجدىمائىي ئالاقە تورلىرىمىز ئارقىلىق تەخرسىز يەتكۈزىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز.
 
 قەدىرك ئوقۇرمەن ۋە كۆرمەنلىرىمىز، ھەر مۇسۇلمان ئۈچۈن «لازىملىق دىنىي ئىلىملەر» 8.سىن دەرسىمىزدە ئۇستاز ئەنەس ئالىمنىڭ «لازىملىق دىنى ئىلىملەر» 1-كىتابىدىن « رەۋاتىب سۈننەتلەر ۋە دۇئايى قۇنۇت » ھەققىدىكى مەزمۇننى بىرلىكتە ئۆگىنىپ چىقتۇق.
 

ھەر مۇسۇلمان ئۈچۈن «لازىملىق دىنىي ئىلىملەر» 8.سىن دەرس: «رەۋاتىب سۈننەتلەر ۋە دۇئايى قۇنۇت» دەرسىمىزدىكى ئاساسلىق تېمىلار تۆۋەندىكىچە:

 رەۋاتىب سۈننەتلەر

ئا)- كۈننىڭ چىقىشىدىن ئىلگىرى

ئە)- كۈننىڭ پېتىشىدىن ئىلگىرى

ب)- كېچىنىڭ ۋاقىتلىرى

قۇرئانغا كۆرە «12 ۋاخ 24 سائەت» سىخېمىسى

پ)- كۈندۈزنىڭ تەرەپلىرى

  • 1- پېشىننىڭ سۈننىتى
  • 2- ناماز دىگەرنىڭ سۈننىتى
  • 3-، 4- ناماز شامنىڭ ۋە خۇپتەننىڭ سۈننىتى
  • 5- بامداتنىڭ سۈننىتى

ۋىتىر نامىزى

 دۇئايى قۇنۇت

دۇئايى قۇنۇت (1) تەرجىمىسى

دۇئايى قۇنۇت (2) تەرجىمىسى

«لازىملىق دىنىي ئىلىملەر» توركىتابى مۇسۇلمانلار تورىدا www.musulmanlar.com

پىروگراممىنى كۆرۈپ چىققاندىن كېيىن، تەلەپ-پىكىر ئۈچۈن مۇسۇلمانلارwww.musulmanlar.com تورىغا ياكى فېيسبۇك بېتىمىزfb.me/musulmanlar غا قەدەم تەشرىپ قىلىڭ.
يۇتىيۇبتا كۆرۈش: https://youtu.be/j–JPyvg-vg
تەدبىر تور رادىئوسىدىن تىڭشاش: https://anchor.fm/Tedbiryay/episodes/88——e2sfir/a-abo010
مۇسۇلمانلار تورىدا كۆرۈش: https://www.musulmanlar.com/?p=4160
خوشخەۋەر: ئۇستاز ئەنەس ئالىمنىڭ «لازىملىق دىنىي ئىلىملەر» ناملىق توركىتابىنى مۇسۇلمانلار تورىدىن چۈشۈرۈپ ئوقۇڭ! (PDF)
خوشخەۋەر: ئۇستاز ئەنەس ئالىمنىڭ «قۇرئان-سۈننەتتە ناماز» ناملىق توركىتابىنى مۇسۇلمانلار تورىدىن چۈشۈرۈپ ئوقۇڭ! (PDF)
 مۇناسىۋەتلىك رەسىملەر:

مۇسۇلمانلار تورى، ئاللاھ، ئاللا، قۇرئان كەرىم، مۇسۇلمان، مۇسۇلمانلار، قۇرئان، ھەدىس، ئىلىم، دىن، ئۇيغۇر، ئۇيغۇرچە، فېترەت، فىترەت، تەبىئەت، ئادەم، پەيغەمبەر، رەسۇل، نەبى، شېئىر، ئۆلىما، مەزھەپ، پەتىۋا، سۇئال، جاۋاب، ئىلمىي، تەتقىقات، ماقالە، يازمىلار، يازما، ئۇلىنىش، ئالاقىلىشىڭ