باش بەت > ياخشىلار باغچىسى  يوللىغۇچى: ، ۋاقتى:

 قانائەتچان، نۇمۇسچان بولۇش، تۇرمۇشتا ۋە ئىقتىسادتا تىجەشلىك بولۇش، زۆرۈر بولمىسا باشقىلاردىن تىلىمەسلىك توغرىسىدا

ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن:

وَمَا مِن دَآبَّةٍ فِي الأَرْضِ إِلاَّ عَلَى اللّهِ رِزْقُهَا

«يەر يۈزىدىكى ھايۋانلارنىڭ ھەممىسگە رىزىق بېرىشنى ئاللاھ (مەرھەمەت يۈزىسىدىن) ئۈستىگە ئالغان»-(سۈرە ھۇد، 6- ئايەتنىڭ بىر قىسمى).

ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دېگەن:

لِلْفُقَرَاء الَّذِينَ أُحصِرُواْ فِي سَبِيلِ اللّهِ لاَ يَسْتَطِيعُونَ ضَرْبًا فِي الأَرْضِ يَحْسَبُهُمُ الْجَاهِلُ أَغْنِيَاء مِنَ التَّعَفُّفِ تَعْرِفُهُم بِسِيمَاهُمْ لاَ يَسْأَلُونَ النَّاسَ إِلْحَافً

«ئۆزىنى ئاللاھ يولىغا ئاتىغان، (تىرىكچىلىك ئۈچۈن) يىراق جايلارغا بارالمايدىغان يوقسۇللارغا خەير-ئېھسان قىلىنىشى كېرەك، ئەھۋالنى ئۇقمىغانلار، ئۇلارنىڭ نەرسە تىلىمىگەنلىكىگە قاراپ، ئۇلارنى باي گۇمان قىلىدۇ، ئۇلارنىڭ چىرايىدىن تونۇيسەن، ئۇلار كىشىلەرگە چاپلىشىۋېلىپ تىلەمچىلىك قىلمايدۇ»-(سۈرە بەقەرە، 273- ئايەتنىڭ بىر قىسمى).

ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دېگەن:

وَالَّذِينَ إِذَا أَنفَقُوا لَمْ يُسْرِفُوا وَلَمْ يَقْتُرُوا

«ئۇلار (يەنى ئاللاھ ياخشى كۆرىدىغان بەندىلەر) خىراجەت قىلغاندا، ئىسراپچىلىق قىلمايدۇ، بېخىللىقمۇ قىلمايدۇ، ئوتتۇرا ھال خىراجەت قىلىدۇ»-(سۈرە فۇرقان، 67- ئايەتنىڭ بىر قىسمى).

ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دېگەن:

 وَمَا خَلَقْتُ الْجِنَّ وَالْإِنسَ إِلَّا لِيَعْبُدُونِ مَا أُرِيدُ مِنْهُم مِّن رِّزْقٍ وَمَا أُرِيدُ أَن يُطْعِمُونِ

«جىنلارنى، ئىنسانلارنى پەقەت ماڭا ئىبادەت قىلىش ئۈچۈنلا ياراتتىم، ئۇلاردىن مەن رىزىق تىلىمەيمەن ۋە ئۇلارنىڭ مېنى ئوزۇقلاندۇرۇشىنى تىلىمەيمەن»-(سۈرە زارىيات، 56-، 57- ئايەت).

  1. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «پۇل-مالنىڭ كۆپلۈكى بايلىق ئەمەس، ھەقىقىي بايلىق روھىي بايلىقتۇر». — بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
  2. ئابدۇللاھ ئىبن ئەمر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئىمان ئېيتقان، يەتكۈدەك رىزىق بېرىلگەن ۋە ئاللاھ تائالانىڭ بەرگەنلىرىگە قانائەت قىلغان كىشى مۇرادىغا يەتكەن بولىدۇ». — بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: كىشىلەردىن تىلىمەي، ئاللاھ تائالا ئاتا قىلغان رىزىققا ئاز بولسىمۇ قانائەت قىلغان كىشىنىڭ پەزلى.

  1. ھەكىم ئىبن ھىزام رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ئۇ مۇنداق دەيدۇ: مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن بىر نەرسە سورىدىم، ئۇ بەردى. يەنە سورىۋىدىم، يەنە بەردى. يەنە سورىۋىدىم، يەنە بەرگەندىن كېيىن: «ئى ھەكىم! مال-دۇنيا دېگەن يېشىل نەرسىلەرگە ئوخشاش كۆرۈنۈشى چىرايلىق، تەمى شېرىن نەرسە، ئۇنى توقۋازلىق بىلەن ئالغان ئادەمگە ئۇنىڭ بەرىكىتى بولىدۇ. ئاچ كۆزلۈك بىلەن ئالغان ئادەمگە ئۇنىڭ بەرىكىتى بولمايدۇ. بۇنداق ئادەم خۇددى يەپ تويمايدىغان ئادەمدەك بولىدۇ. بەرگەن قول تىلىگەن قولدىن ياخشى»، دېدى. ھەكىم: «ئى رەسۇلۇللاھ! مەن سېنى ھەق پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتكەن ئاللاھ تائالا بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، سەندىن كېيىن تاكى دۇنيادىن ئۆتكۈچە ھېچ ئادەمدىن بىر نەرسە ئالمايمەن»، دېدىم»، دەيدۇ. رەسۇلۇللاھتىن كېيىن ھەزرىتى ئەبۇ بەكرى ھەكىمگە مال بەرسە قوبۇل قىلمىدى. ئاندىن كېيىن ھەزرىتى ئۇمەر مال بەرسىمۇ ئالمىدى. ھەزرىتى ئۇمەر: «ئى مۇسۇلمانلار جامائەسى! ھەكىمنى بەيتۇلمال (دۆلەت خەزىنىسى. — ت)دىن تېگىشلىك ھەققىنى ئېلىشقا تەكلىپ قىلغانىدىم، لېكىن ئۇ بۇنى ئېلىشقا ئۇنىمىدى»، دېدى. دېمەك، ھەكىم پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن كېيىن تاكى دۇنيادىن ئۆتكۈچە ھېچ ئادەمدىن بىر نەرسە ئالمىغان. — بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى:

1) سىخىيلىق بىلەن باشقىلارغا سوۋغا بېرىش، بېخىللىق قىلماسلىق، بولۇپمۇ كىشىلەرنى ئۆزئارا دوستلاشتۇرۇش مەقسىتىدە سوۋغا بېرىشنىڭ ياخشى ئىش ئىكەنلىكى.

2) ھېچقانداق ھاجىتى يوق تۇرۇپ پۇل-مالغا ھېرىسمەن بولۇپ كېتىشنىڭ ئىللەت ئىكەنلىكى، شۇ كىشىگە مەلۇم مەسئۇلىيەتنى يۈكلەپ قويىدىغانلىقى، بۇنىڭ خۇددى تويماس كىشىنى ھەرقانچە تائاممۇ تويدۇرالمىغىنىغا ئوخشاش ئىش ئىكەنلىكى.

3) شەرىئەتكە ئۇيغۇن يول بىلەن پۇل-مال تېپىش ۋە توپلاشنىڭ دۇنياغا بېرىلمەيدىغان زاھىدلىق بىلەن زىت ئەمەسلىكى، چۈنكى دۇنياغا بېرىلمەسلىك دېگەن گەپ سىخىي بولۇش ۋە مال-دۇنياغا كۆڭلىنى بەرمەسلىك دېگەن مەنىدە ئىكەنلىكى.

4) كىشىلەردىن بىرەر نەرسە تىلىمەسلىك، بولۇپمۇ ھاجىتى يوق تۇرۇپ سوراشنىڭ يامان ئىش ئىكەنلىكى.

5) كىشىنىڭ باشقىلاردىن سوراپ تىلىگۈچى ئەمەس، بەرگۈچى بولۇشقا ھېرىسمەن بولۇشنىڭ ياخشى ئىكەنلىكى.

  1. ئەبۇ بۇردە ئەبۇ مۇسا ئەشئەرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، بىز رەسۇلۇللاھ بىلەن غازاتقا چىقتۇق. بىز ئالتە كىشى ئىدۇق، بىزدە بىرلا تۆگە بولۇپ، ئۇنى نۆۋەتلىشىپ مىنەتتۇق. پۇتلىرىمىز قاپىرىپ كەتكەنىدى. مېنىڭمۇ پۇتلىرىم قاپىرىپ، تىرناقلىرىم چۈشۈپ كەتتى. بىز پۇتلىرىمىزغا لاتا ئورۇۋالدۇق. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ غازات «زاتوررىقا» غازىتى دەپ ئاتالدى. ئەبۇ بۇردە مۇنداق دەيدۇ: ئەبۇ مۇسا بۇ ھەدىسىنى سۆزلەپ بولغاندىن كېيىن بۇنى ياقتۇرمىغاندەك: «ئۇنى تىلغا ئېلىپ نېمە قىلاتتىم»، دېدى. بىرەر ئىشنى ئاشكارىلاپ قويغانلىقىنى ياقتۇرمىغاندەك «بۇنى تىلغا ئېلىپ نېمە قىلاتتىم»، دېدى. — بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى:

 1) ساھابىلەرنىڭ مەمنۇنلۇق ۋە چىداملىقلىق بىلەن ئاددىي-ساددا ياشايدىغانلىقى.

2) رىياكار بولۇپ قېلىشتىن ئەنسىرەش يۈزىسىدىن بىرەر ياخشىلىق قىلغان ئادەمنىڭ باشقىلار ئالدىدا ياخشىلىقىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتۈشنىڭ ياخشى ئەمەسلىكى.

  1. ئەمر ئىبن تەغلىب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: رەسۇلۇللاھقا بىر تۈركۈم مال ياكى ئەسىرلەر كەلتۈرۈلدى. رەسۇلۇللاھ ئۇنى تەقسىم قىلىپ بەزى كىشىلەرگە بەردى، بەزى كىشىلەرگە بەرمىدى. رەسۇلۇللاھقا مال بەرمىگەن كىشىلەرنىڭ نارازى بولغانلىق خەۋىرى يەتتى. رەسۇلۇللاھ ئاللاھ تائالاغا ھەمدۇسانا ئېيتقاندىن كېيىن مۇنداق دېدى: «مەقسەتكە كەلسەك، ئاللاھ تائالا بىلەن قەسەمكى، مەن ئەلۋەتتە بەزىلەرگە بېرىپ، بەزىلەرگە بەرمىدىم. بەرگەن كىشىلىرىمدىن بەرمىگەن كىشىلىرىم ماڭا سۆيۈملۈكرەكتۇر، لېكىن مەن دىللىرىدا سەۋرسىزلىك ۋە غەم-قايغۇ بار كىشىلەرگە بەردىم. ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن قەلبلىرىگە بايلىق ۋە ياخشىلىق بېرىلگەن كىشىلەرگە بەرمىدىم. ئەمر ئىبن تەغلىب ئەنە شۇلاردىندۇر»، دېدى. ئەمر ئىبن تەغلىب: «ئاللاھ تائالا بىلەن قەسەمكى، رەسۇلۇللاھنىڭ ماڭا ئېيتقان بىر ئېغىز سۆزى ئەرەبلەر ئارزۇلايدىغان قىزىل تۆگىدىنمۇ سۆيۈملۈكرەكتۇر»، دېدى. — بۇخارى رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى:

 1) پۇل، مال-دۇنيانىڭ ئىنساننىڭ ئىززىتىنى ئۆلچەيدىغان ۋە ئورنىنى كۆرسىتىدىغان ئۆلچەم ئەمەسلىكى.

2) پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قەلبلەرنى دوستلاشتۇرۇش ۋە ئۇنى ھالاكەتتىن ساقلاشتىكى ھېكمىتى.

3) پۇل-مالنى سەرپ قىلىش ۋە باشقىلارغا نەرسە بېرىشتە ئومۇمىي مەنپەئەتنى ئاساس قىلىش كېرەكلىكى.

4) مۇسۇلماننى باشقىلاردىن سورىماي، تەلەپ قىلماي ئۆز ئەمگىكى بىلەن ئېرىشكەن رىزقىغا رازى بولۇشقا رىغبەتلەندۈرۈش.

  1. ھەكىم ئىبن ھىزام رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «بەرگۈچى قول تىلىگۈچى قولدىن ياخشى، سەدىقىنى ئالدى بىلەن سەن تەمىنلەشكە تېگىشلىك ئادەملىرىڭگە بەرگىن (ئاناڭغا، ئاندىن ئاتاڭغا، ئاندىن ئاچا-سىڭلىڭغا، ئاندىن ئاكا-ئۇكاڭغا، ئاندىن دەرىجە بويىچە ساڭا يېقىنلارغا. — ت)، بايلىقتا بېرىلگەن سەدىقە ئەۋزەل سەدىقىدۇر. كىمكى ئاللاھ تائالادىن كىشىلەردىن نەرسە تىلەشتىن ساقلاشنى تىلىسە، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭغا تىلىگىنىنى بېرىدۇ. كىمكى ئاللاھ تائالادىن بايلىقنى تىلىسە، ئاللاھ تائالا ئۇنى باي قىلىدۇ». — بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى:

 1) نەپىقە بېرىشكە ئەڭ تېگىشلىك ئادەم مۇسۇلماننىڭ ئىگىدارچىلىقىدىكى ئۇنىڭغا قاراشلىق كىشىلەر ئىكەنلىكى.

2) باشقىلاردىن سوراشقا مەجبۇر بولۇپ قالماسلىق ئۈچۈن ئۆزى ئېھتىياجلىق ياكى ئىلكىدىكى ھەممە نەرسىنى سەدىقە قىلىۋېتىشنىڭ ياخشى ئەمەسلىكى.

3) كىشىلەردىن ھاجەتمەن بولۇپ تىلىمەسلىك، ئاللاھ تائالادىن تىلەش بىلەن كۇپايىلىنىشنىڭ رىزىقنى كەلتۈرىدىغان ۋە كىشىنىڭ ئىززىتىنى يۇقىرى كۆتۈرىدىغان يول ئىكەنلىكى.

  1. ئەبۇ ئابدۇرەھمان مۇئاۋىيە ئىبن ئەبۇ سۇفيان ئىبن سەخر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كىشىلەرگە چاپلىشىۋېلىپ نەرسە تىلىمەڭلار، ئاللاھ تائالا بىلەن قەسەمكى، سىلەرنىڭ بىرىڭلار مەندىن تۇرۇۋېلىپ بىر نەرسە سورىمىسۇن، ئۇنىڭ سورىشى بىلەن ياقتۇرماي تۇرۇپ بىرەر نەرسە بەرسەم، ئۇنىڭغا بەرگەن نەرسەمدە بەرىكەت بولمايدۇ». — مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى:

 1) باشقىلاردىن بىرەر نەرسە بېرىشنى تەلەپ قىلىپ تۇرۇۋېلىشتىن چەكلەش.

2) كىشىنىڭ رازى بولماي تۇرۇپ مەجبۇرىي ھالدا ياكى ھايا قىلىش يۈزىسىدىن بەرگەن نەرسىسىنىڭ ھارام ئىكەنلىكى.

  1. ئەبۇ ئابدۇرەھمان ئەۋف ئىبن مالىك ئەشجەئى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، رەسۇلۇللاھنىڭ ھوزۇرىدا يەتتە ياكى سەككىز ياكى توققۇز ئادەم بار ئىدۇق. رەسۇلۇللاھ: «ئاللاھ تائالانىڭ رەسۇلىغا بەيئەت قىلمامسىلەر؟»، دېدى. بىز: «بىز ساڭا ئەمدىلا بەيئەت قىلغانىدۇققۇ؟»، دېدۇق. رەسۇلۇللاھ: «ئاللاھ تائالانىڭ رەسۇلىغا بەيئەت قىلمامسىلەر؟»، دېدى، «بىز جەزمەن ساڭا بەيئەت قىلدۇق، ئى رەسۇلۇللاھ! بىز نېمىگە بەيئەت قىلىمىز؟»، دېدۇق. رەسۇلۇللاھ: «ئاللاھ تائالاغا ھېچ نەرسىنى شېرىك كەلتۈرمەي ئىبادەت قىلىشقا، بەش ۋاخ ناماز ئوقۇشقا ۋە ئىتائەت قىلىشقا بەيئەت قىلىڭلار»، دېدى ۋە پەس ئاۋازدا: «كىشىلەردىن بىر نەرسە سورىماڭلار»، دېدى. مەن ئاشۇ كىشىلەرنىڭ بەزىسىنىڭ ئۇلاقتىن قامچىسى يەرگە چۈشۈپ كەتسىمۇ بىرەر كىشىدىن ئۇنى ئېلىپ بېرىشنى سورىمىغانلىقىنى كۆردۈم. — مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى:

 1) مۇئمىننىڭ ئىمانىنىڭ راستلىقى، ئىبادەتتىكى چىن ئىخلاسى ۋە شەرىئەت يولىنى چىڭ تۇتقانلىقىنى ئىپادىلەش يۈزىسىدىن ئاللاھ تائالا بىلەن بولغان ئەھدىنى يېڭىلاپ تۇرۇشىنىڭ ياخشى ئىكەنلىكى.

2) گۈزەل ئەخلاق بىلەن خۇلۇقلىنىشقا رىغبەتلەندۈرۈش، كىشىنىڭ كۆزى توقلۇق، ئېسىل سۈپەت بىلەن باشقىلاردىن نەرسە تىلىمەسلىكى، باشقىلاردىن بىھاجەت بولۇشنىڭ شۇ گۈزەل ئەخلاق جۈملىسىدىن ئىكەنلىكى.

3) مۇسۇلماننىڭ ھەممە ئىشلىرىدا باشقىلارغا يۆلىنىۋالماي، ئۆزىگە تايىنىشىنىڭ ياخشى ئىكەنلىكى.

4) ئاددىي ئىشلاردا بولسۇن باشقىلاردىن بىرەر نەرسە سوراش ۋە تىلەشتىن ساقلىنىش لازىملىقى.

  1. ئابدۇللاھ ئىبن ئۇمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كىشى تىلەمچىلىك قىلىۋەرسە، قىيامەت كۈنى يۈزىدە گۆش دىدارى بولمىغان ھالدا ھازىر بولىدۇ». — بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: باشقىلاردىن نەرسە تىلەش كىشىگە بۇ دۇنيادا خارلىق، ئاخىرەتتە ئازاب ئېلىپ كېلىدىغانلىقى ئۈچۈن مۇنداق قىلمىشتىن ھەزەر ئەيلەش كېرەكلىكى.

  1. ئىبن ئۇمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، رەسۇلۇللاھ مۇنبەر ئۈستىدە تۇرۇپ سەدىقە ئېلىش ۋە تىلەمچىلىك قىلىشتىن ساقلىنىش ئۈستىدە توختىلىپ: «ئۈستۈنكى قول تۆۋەن قولدىن ياخشى، ئۈستۈن قول — بەرگۈچى قولدۇر، ئاستىن قول — سورىغۇچى قولدۇر»، دېدى. — بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
  2. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «مېلىنى كۆپەيتىش ئۈچۈن سورىغان كىشى بىر پارچە چوغ سورىغان بولىدۇ. ئەمدى ئۇ ئادەم قاراپ باقسۇنكى، چوغدىن ئاز تەلەپ قىلامدۇ ياكى كۆپ تەلەپ قىلامدۇ؟» — مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
  3. سەمۇرە ئىبن جۇندۇپ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ھەقىقەتەن تىلەمچىلىك بىر تاتىلىغۇچ بولۇپ، كىشى ئۇنىڭ بىلەن ئۆزىنىڭ يۈزىنى تاتىلايدۇ، لېكىن پادىشاھتىن سوراش ياكى ئىلاجسىزلىقتىن كىشىلەردىن سوراش بۇنىڭ سىرتىدا». — تىرمىزىي رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: پادىشاھتىن سوراش ۋە زۆرۈر ھاجەت ئۈچۈن كىشىلەردىن سوراشنىڭ دۇرۇس ئىكەنلىكى، بۇ ئىككى خىل ھالەتتىن باشقىسىنىڭ چەكلىنىدىغانلىقى.

  1. ئىبن مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كىمكى نامراتلىققا دۇچار بولۇپ، ئۇ بۇنى كىشىلەر ئارقىلىق تۈگەتمەكچى بولسا، ئۇنىڭ نامراتلىقى تۈگىمەيدۇ. كىمكى ئۇنى ئاللاھ تائالادىن تىلەپ تۈگەتمەكچى بولسا، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ نامراتلىقىنى تېز كېلىدىغان ياكى كېيىن كېلىدىغان رىزقى بىلەن ھەل قىلىپ بېرىدۇ». — ئەبۇ داۋۇد ۋە تىرمىزىي رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: بەندىنى ئاللاھ تائالادىن سوراش، قىيىنچىلىق ۋە غەم-قايغۇغا دۇچ كەلگەندە ئاللاھ تائالاغا ئىلتىجا قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈش، چۈنكى ئاللاھ تائالا سورىغاننى بېرىشكە قادىردۇر.

  1. سەۋبان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كىمكى ماڭا كىشىلەردىن بىر نەرسە سورىماسلىققا كېپىللىك قىلسا، مەن ئۇنىڭغا جەننەت بىلەن كېپىللىك قىلىمەن»، دېدى. مەن: «ئى رەسۇلۇللاھ! مانا مەن كىشىلەردىن ھېچ نەرسە سورىمايمەن»، دېدىم (ئۇ ھەقىقەتەن كىشىلەردىن ھېچ نەرسە سورىمايتتى). — ئەبۇ داۋۇد رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى:

 1) بەندىنىڭ ھاجىتىنى ئاللاھتىن سورىشى، كىشىلەردىن تىلىمەسلىكى لازىملىقى.

2) سەۋبان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ پەزىلىتى بايان قىلىنغان. ئىمام ئىبن ماجە مۇنداق يازغان: سەۋبان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۇلاققا مىنگەن چېغىدا قامچىسى يەرگە چۈشۈپ كەتسە بىرەرسىگە قامچامنى ئېلىپ بەر دىمەستىن ئۆزى ئۇلاقتىن چۈشۈپ ئالاتتى.

  1. ئەبۇ بىشىر قەبىسە ئىبن مۇخارىق رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، مەن ماجىرالاشقان ئىككى جامائەنى ئەپلەشتۈرۈپ قويۇش ئۈچۈن مەبلەغ جاۋابكارلىقىنى ئۈستۈمگە ئالغانىدىم. بۇ توغرۇلۇق ياردەم سوراپ رەسۇلۇللاھنىڭ يېنىغا كەلدىم. رەسۇلۇللاھ: «بىزگە سەدىقە كەلگۈچە تۇرۇپ تۇرغىن، شۇ چاغدا ئۇنىڭدىن ساڭا بۇيرۇپ بېرەيلى»، دېدى. ئاندىن: «ئى قەبىسە سوراش پەقەت ئۈچ تۈرلۈك ئادەمگە دۇرۇس بولىدۇ: 1) باشقىلارنىڭ ئىقتىسادىي جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالغان كىشىگە ئاشۇ ئۈستىگە ئالغان نەرسىگە باراۋەر نەرسىنى سوراش ھالال بولىدۇ. ئۇنىڭدىن ئارتۇق سورىماسلىق كېرەك. 2) بىر كىشىنىڭ بىرەر نەرسىسى يوقالغان بولسا، ئۇ ئادەم تۇرمۇشتا زۆرۈر ئېھتىياجىنى قامدىغۇدەك بولغانغا قەدەر بىر نەرسە سورىسا بولىدۇ. 3) بىرەر ئادەمگە نامراتلىق يېتىپ، ئۇنىڭ قەۋمىدىن ئۈچ ئەقىلدار كىشى «ھەقىقەتەن پالانچىغا نامراتلىق يەتتى»، دەپ گۇۋاھلىق بەرسە، ئاندىن ئۇنىڭغا تۇرمۇشىنى قامدىغۇدەك بىر نەرسە سوراش دۇرۇس بولىدۇ. ئى قەبىسە! يۇقىرىقى ئۈچ خىل ھالەتتىن باشقا ھالەتتە كىشىلەردىن سوراپ ئېلىنغان نەرسە ھارام ھېسابلىنىپ، كىشى ئۇنى ھارامدىن يېگەن بولىدۇ»، دېدى. — مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى:

 1) ھەدىستە بايان قىلىنغان سەۋەبلەرنىڭ بىرەرسى تېپىلغان ئەھۋالدا سوراشنىڭ دۇرۇس ئىكەنلىكى.

2) ھەدىستە تىلغا ئېلىنغان كىشىلەرگە زاكاتتىن بىرىشنىڭ دۇرۇس ئىكەنلىكى، چۈنكى ئۇلارنىڭ بىرىنچىسىنىڭ جەرىمانە قويۇلغۇچى، قالغان ئىككىسىنىڭ كەمبەغەل ئىكەنلىكى.

3) باشقىلاردىن نەرسە سوراش دۇرۇس دەپ قارالغان كىشىنىڭمۇ ھاجىتىدىن ئارتۇق نەرسىنى سورىماسلىقى لازىملىقى.

  1. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئىشىكمۇ-ئىشىك يۈرۈپ بىر-ئىككى لوقما ۋە بىر-ئىككى خورما بېرىلىش بىلەن تەلىپى ئورۇنلىنىدىغان ئادەم مىسكىن ئەمەس، ھەقىقىي مىسكىن دېگەن تىلەمچىلىك قىلىشتىن ئۆزىنى تارتقان، نامراتلىقى بىلىنمىگەچكە، ئۇنىڭغا سەدىقىمۇ بېرىلمەيدىغان، كىشىلەردىن تىلەشنى خالىمايدىغان كىشىلەردۇر». — بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ھەدىسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: ئوچۇق-ئاشكارا كىشىلەردىن بىر نەرسە تىلەشتىن ئۆزىنى ساقلايدىغان ۋە سەۋر بىلەن ئۆتىدىغان پىقىر-كەمبەغەللەرگە بېرىشنىڭ ئەڭ ياخشى ئىكەنلىكى.


مۇسۇلمانلار تورى، ئاللاھ، ئاللا، قۇرئان كەرىم، مۇسۇلمان، مۇسۇلمانلار، قۇرئان، ھەدىس، ئىلىم، دىن، ئۇيغۇر، ئۇيغۇرچە، فېترەت، فىترەت، تەبىئەت، ئادەم، پەيغەمبەر، رەسۇل، نەبى، شېئىر، ئۆلىما، مەزھەپ، پەتىۋا، سۇئال، جاۋاب، ئىلمىي، تەتقىقات، ماقالە، يازمىلار، يازما، ئۇلىنىش، ئالاقىلىشىڭ